مۇتەۋاتىر ھەدىس

ئورنى Wikipedia

مۇتەۋاتىر ھەدىس (الحديث المتواتر): لۇغەت مەنىسى «ئارقىمۇئارقا ئۈزۈلمەي كېلىش» دېمەك بولۇپ، ھەدىس ئىلمىدە: سەنەدنىڭ بېشىدىن ئاخىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئارىلىرىدا يالغان ئېيتىشقا كېلىشىۋېلىش ئېھتىماللىقى يوق ھالەتتىكى كۆپ ساندىكى راۋىيلارنىڭ ئوخشاش ھالەتتىكى كۆپ سانلىق راۋىيلاردىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسنى كۆرسىتىدۇ. مۇتەۋاتىر ھەدىس: «لەۋزى مۇتەۋاتىر»، «مەنىسى مۇتەۋاتىر» دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.