ھەدىس قۇدۇسىي

ئورنى Wikipedia

ھەدىس قۇدۇسىي (الحديث القدسي): پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قۇرئان كەرىم» سىرتىدا ئاللاھ تائالادىن رىۋايەت قىلغان ۋەھىينى كۆرسىتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رىۋايەت قىلغانلىقتىن «ھەدىس» دەپ ئاتالسا، ئۇلۇغ زات پەرۋەردىگارغا نىسبەت بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن «قۇدۇسىي» دەپ ئاتالغان. لۇغەت مەنىسى «پاكلىق، مۇقەددەسلىك، نۇقسانسىزلىق» دېگەن مەنىدىكى «قۇدۇس» تومۇرىدىن ئىسمى مەنسۇپ «قۇدۇسىي» كەلىمىسى «ھەرقانداق نۇقساندىن خالىي ئۇلۇغ بىر مەۋجۇدلۇققا خاس نەرسە» دېگەنلىكتۇر. «ھەدىس قۇدۇسىي» مەنەن چۈش ياكى ۋەھىي ئارقىلىق ئاللاھدىن، ئىبارىلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەن ھەدىس دېمەكتۇر.