نەفلە

ئورنى Wikipedia

نەپلە (النفل): «ئارتۇق، زىيادە، ھەدىيە» دېگەندەك مەنىلەردە بولۇپ، پەرز ۋە ۋاجىپتىن باشقا مۇستەھەپ، سۈننەت قاتارلىق تەرغىب قىلىنغان ئىبادەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: بۇ سۆز نامازغا قارىتا ئېيتىلغاندا «پەرز ۋە ۋاجىپ نامازلاردىن سىرتقى ئارتۇق ناماز» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. زاكاتقا قارىتا ئېيتىلغاندا بولسا پەرز زاكاتتىن سىرتقى سەدىقىلەرنى كۆرسىتىدۇ. رامىزانغا قارىتا ئېيتىلسا، پەرز ۋە ۋاجىپ روزىدىن سىرت تۇتقان روزىلارنى كۆرسىتىدۇ.