ۋاجىپ

ئورنى Wikipedia

ۋاجىپ ياكى ۋاجىب (الواجب): كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزىرىدە ھەجدىن باشقا ئىبادەتلەردە ۋاجىپ بىلەن پەرزنىڭ پەرقى يوقتۇر. ھەنەفىي مەزھەب پەرز بىلەن ۋاجىپنى پەرقلەندۈرۈپ: «پەرز پەقەت كەسكىن، ئېنىق، ‹مۇتەۋاتىر› دەرىجىسىگە يەتكەن دەلىللەر بىلەنلا ئىسپاتلىنىدۇ. ۋاجىپ بولسا، كەسكىن، ‹مۇتەۋاتىر› دەرىجىسىگە يەتمىگەن دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ» دەيدۇ. لېكىن، بارلىق ئالىملارنىڭ نەزىرىدە ئەمەل قىلىش نۇقتىسىدىن پەرز بىلەن ۋاجىپنىڭ پەرقى يوق. چۈنكى ھەر ئىككىسى چوقۇم ئورۇنداشنى كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇنى ئادا قىلسا ساۋاب تاپىدۇ، ئادا قىلمىسا جازاغا ئۇچرايدۇ.