سۈنەنۇ ئىبنى ماجە

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى سۇنەنى ئىبنى ماجە)

سۇنەنۇ ئىبنى ماجە (سنن ابن ماجە)، «كۇتۇبۇ سىتتە» (ئالتە كىتاب) نىڭ ئالتىنچىسى دەپ قوبۇل قىلىنغان ئەسەر، مەشھۇر ھەدىسشۇناس ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى يەزىد ئىبنى ماجە ئەلقەزۋىنىي (ھ. 209 – 273 / م. 824 - 886) نىڭ قەلىمىگە ئائىت بولۇپ، بەزى ئالىملار تەرىپىدىن بابلارنىڭ فىقھىي نۇقتىدىن ياخشى تىزىلغانلىقى ۋە ئىچىدە قايتىلانغان ھەدىس بولمىغانلىقى سەۋەبلىك «باشقا ھەدىس كىتابلىرىدىن تېخىمۇ قوللىنىلىشچان» دەپ قارالغان ئەسەردۇر.

مۇھەممەد فۇئاد ئابدۇلباقىي نەشرىدە 37 بۆلۈم، 1513 باب ۋە تۈرلۈك دەرىجىلەردىكى 4341 ھەدىستۇر (مۇستافا ئەلئەزەمىي نەشرىدە 32 بۆلۈم، 1515 باب ۋە 4397 ھەدىستىن تەشكىل تاپقان). تەتقىقاتچىلار بۇلارنىڭ «سەھىھ» ۋە «ھەسەن» بولغىنى 3519، «زەئىف»لىرى 800 ۋە «مەۋزۇﺋ»لىرى 44 ئەتراپىدا، دەپ يەكۈنلىگەن.

بۇلاردىن 3002 ھەدىس «ئالتە كىتاب»نىڭ قالغان بەشىدە كەلگەن، ئىبنى ماجە ئۇلاردىن ئارتۇقچە 1339 ھەدىس كەلتۈرگەن.

ئىمام شىھابۇددىن ئەھمەد بۇسايرىي (ھ. 762 – 840 / م. 1360 – 1436) ئىبنى ماجە بەش كىتابتىن ئارتۇقچە كەلتۈرگەن (بىر نەشرىدە 1476) ھەدىسلەرنى ئايرىم بىر كىتابتا جەملەپ سەنەدلىرىگە باھا بەرگەن ۋە ئەسىرىنى «مىسباھۇززۇجاجە (مصباح الزجاجة في زوائد ابن ماجه)» دەپ ئاتىغان. كېيىن جەلالۇددىن ئابدۇرراھمان ئەسسۇيۇتىي (ھ. 849 – 911 / م. 1445 – 1505) مۇ ئوخشاش نامدا ۋە مەزمۇندا بىر ئەسەر يازغان.