سەھىھۇ ئىبنى خۇزەيمە

ئورنى Wikipedia

سەھىھۇ ئىبنى خۇزەيمە (مختصر المختصر من المسند الصحيح عن النبي صلى الله عليه وسلم)» مۇھەددىس ۋە فەقىھ ئەبۇبەكر مۇھەممەد ئىبنى ئىسھاق ئىبنى خۇزەيمە نىشاپۇرىي (ھ. 223 – 311 / م. 838 – 924) نىڭ مۇھىم ئەسەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، «سەھىھەين»دىن قالسا، ئەڭ ئىشەنچلىك سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدۇر.

ئەسلىدە بۈيۈك بىر ئەسەر بولمىش «ئەلمۇسنەدۇلكەبىر»نىڭ مۇختەسەرى (قىسقارتمىسى) بولغان بۇ ئەسىرىنى فىقھىي تەرتىپ بويىچە بۆلۈم ۋە بابلارغا ئايرىغان ئىبنى خۇزەيمە قەيت قىلىنغان ۋە ئۆزى سەھىھ دەپ قارىغان ھەدىسلەرنىڭ ئېرىشىلگەن بارچە سەنەدلىرىنى قاتارغا تىزغان، زۆرۈر تۇغۇلغاندا رىجال (رىۋايەت قىلغۇچىلار) ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن، لەۋز پەرقلىرىگە ئىشارە قىلىپ زىتلىق باردەك ھېس قىلغان ھەدىسلەرنى كېلىشتۈرۈشكە تىرىشقان.

رەسۇلۇللاھتىن سەھىھ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلىنىپ تۇرۇپ بىر - بىرىگە زىت ئىككى ھەدىسمۇ يوق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان ئىبنى خۇزەيمە «ئىختىلافۇل ھەدىس» باشتا ھەممە ھەدىس ئىلىملىرى ھەققىدە دېگۈدەك ئۇچۇر بېرىدۇ.

بولۇپمۇ ئەسىرىنىڭ باب ماۋزۇلىرىدا فىقھىي قاراشلىرى ۋە ھەدىسلەردە كۆرۈلگەن ئىختىلاپلارغا ئالاقىدار ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىغا ئورۇن بەرگەن. كۈنىمىزگە پەقەت 4/1 ى (3079 ھەدىس) يېتىپ كېلەلىگەن ئەسەر مۇھەممەد مۇستافا ئەلئەزەمىي تەرىپىدىن «سەھىھۇ ئىبنى خۇزەيمە» نامى بىلەن 4 جىلدتا 1975 - يىلى بېيرۇتتا نەشر قىلىنغان. كېيىن 2009 - يىلى دوكتور ماھىر ئەلفەھل تەرىپىدىن تېخىمۇ سۈپەتلىك نەشر قىلىنغان.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]