ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

ئىمام ھەنبەلى، تولۇق ئىسمى:  ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ھەنبەلى ئەبۇ ئابدۇللا ئەل شەيبانى، ھىجىرىيە  164 ( مىلادى 780)- يىلى ئىراقنىڭ باغدات شەھىرىگە يېقىن رايۇندا تۇغۇلغان.  ئەمما يەنە بىر تارىخى رىۋايەتتە قەدىمقى خوراسان (ھازىرىقى ئافغانىستان باشلىق مەركىزى ئاسىيا كۆزدە تۇتۇلىدۇ) دەپ ئاتالغان ھازىرىقى تۈركمەنىستان دۆلىتنىڭ مەرۋ شەھىرىدە ئۇتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈپ بارغان ئەرەب ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئىمام ئەھمەدنىڭ دادىسى مۇھەممەد مەرۋ شەھىرىدە ئەسكەر بۇلۇپ ئىمام ئەھمەد دادسنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئىلىم  ئىگەللەش ئۈچۈن باغدادقا كۈچۈپ بارغان دېيىلىدۇ. 

شەيخۇلئىسلام ئىمام ئەھمەدنىڭ (ئاللاھ ئۇنىڭىدىن رازى بولسۇن) جەمەتى باغدادتا ئابباسىيە خەلىپىلىگىگە خىزمەت قىلاتتى. ئىمام ئەھمەد ئىمام شافىئىينى ئۇستاز تۇتقان ئىدى.

شەيخۇلئىسلام ئىمام ئەھمەد ئائىلىسىدىن ھايالىق بولۇش ، قەيسەر بولۇش، ئىرادىلىك بولۇش، چىداملىق بولۇش، مۇستەھكەم ئىمان ۋە سەۋرچان بولۇش  قاتارلىق سۈپەتلەرنى مىراس ئالغان، ئۇ ئۆسۈپ چوڭ بولغانسىرى بۇ سۈپەتلەر ئۇنىڭدا تېخىمۇ تولۇقلىنىشقا باشلىغان، ھەرتۈرلۈك ۋەقە – ھادىسىلەرگە يولۇققانسىرى تەجرىبىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ بۇ سۈپەتلەر تېخىمۇ ئېنىق گەۋدىلىنىشكە باشلىغان، ئۇ ئاتىسىدىن كىچىك قالغاچقا، ئۇنى ئانىسى ۋە باشقا تۇغقانلىرى تەربىيىلەپ ئۆستۈرگەن.

ئاتىسى ئۇنىڭغا بىر ئۆي ۋە بىر پارچە تېرىيدىغان يەر مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، بۇ يەردىن ھاياتىنى قامداشقا ئارانلا يەتكۈدەك ھوسۇل چىقاتتى، بۇ ئاز مەھسۇل بىلەن ئىمام ئەھمەد باشقىلارغا ھاجەتمەن بولماي ياشاش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.

جانابى ئاللاھ  شەيخۇلئىسلام ئىمام ئەھمەدكە بۇ ئىسىل نەسەب بىلەن بىرگە بەش خىسلەت ئاتا قىلغان، بۇ بەش خىسلەت قانداق بىر كىشىدە بولىدىكەن ئۇ كىشى كىچىك ۋە بىمەنە ئىشلاردىن يىراقلىشىپ ئۈستۈنلۈككە ۋە چوڭ ئىشلارغا يۈزلىنىدۇ، بۇ بەش خىسلەت تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

1-     شەرەپلىك ئېسىل نەسەب.

2-     كىچىكىدىن ئۆزىگە تايىنىپ ياشاشقا ئۈگەتكەن يىتىملىق.

3-   نورمال كەمبەغەللىك. شۇڭا ئۇ بايلارنىڭ ھاكاۋۇرلىقىدىن، نامراتلارنىڭ خارلىقىدىن خالىي بولغان.

4-  قانائەت. پەقەت بىر ئاللاھتىنلا قورقۇپ، باشقا ھېچقانداق كۈچكە پەرۋا قىلماسلىق، ئىلمىي ئۈستۈنلۈككە ئىنتىلىش.

5-   ئەقىلىنىڭ ئۆتكۈرلىگى ۋە چىچەن، ھۇشيارلىقى.

تەربىيىسى[تەھرىرلەش]

كىچىك يىتىم قالغان ئىمام ئەھمەد ئانىسىنىڭ ياردىمىدە قۇرئان كەرىمنى تۇللۇق يادقا ئىلىپ بولغان. ئۇنىڭ زىرەكلىكى ۋە تەقۋالىق  سۈپەتلىرى  ئۆز دېمەتلىكلىرى ئىچىدە ئالاھىدە گەۋدىلەنگەن ئىدى. ئۇ قۇرئان كەرىمنى يادقا ئېلىپ تىل ـ ئەدەبىيات بىلىملىرىنى ئىگەللىگەندىن كېيىن يېزىقچىلىق ۋە تەھرىرلەش بىلىملىرىنى ئىگەللەش ئۈچۈن دىۋانغا كىرگەن. ئۇ دىۋاندا ئەسكەرلەرنىڭ ئائىلىسىگە ئەۋەتىدىغان خەتلىرىنى يېزىپ بەرگەن، ئۇنىڭ دۇرۇستلىقى ۋە ئەدەب – ئەخلاقىنىڭ ئۈستۈن بولغانلىقى ئۈچۈن ئاتا – ئانىلار ئىمام ئەھمەدتەك بىر بالىسى بولىشىنى ئۈمىد قىلىشاتتى.

 شەيخۇلئىسلام ئىمام ئەھمەدنىڭ ئۆسمۇرلىك دەۋرىدە ئۆلىمالارنىڭ دىققىتىنى تارتقان تەرىپى كاتتا ئادەمنىڭ ئۇرۇغى بولغانلىقى ئەمەس، بەلكى ئېسىل سۈپەتلەرگە ئىگە بولغانلىقى ئىدى. ئەينى زامانلاردا باغداد شۇ ئەسىرنىڭ بارلىق ئىلىم – پەنلىرى بىلەن تولغان ئىدى، ئىمام ئەھمەد دىنىي بىلىملەرگە مايىل بولغاچقا، ئالدى بىلەن تىل ۋە لۇغەت بىلىملىرىنى ئۆگەندى، چۈنكى بۇ بىلىملەر دىنىي بىلىملەرنىڭ قورالى ئىدى. تىل بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن ئىمام ئەھمەدنىڭ ئالدىدا ئىككى يولدىن بىرىنى تاللاش بار ئىدى، بۇ ئىككى يول فىقىھلەر(قانۇنشۇناسلىق)يولى بىلەن ھەدىسىشۇناسلىق يولى ئىدى. دەسلەپتە ئىمام ئەھمەد شەيخۇلئىسلام ئىمام شافىيدىن فىقىھى ئىلمىنى ئۆگەندى. كىيىن دوستى ۋە ئوقۇغۇچىسى ئىمام ئەبۇ يۈسۈپ  بىلەن باشقا ھەدىسشۇناسلارغا يۈزلىنىپ، باغدادتا ھەدىس ئۆگىنىش بىلەن  يەتتە يىلنى ئۆتكۈزدى.

بىلىم ئېلىش يولىدا چەككەن رىيازەتلىرى[تەھرىرلەش]

شەيخۇلئىسلام ئىمام ئەھمەد ھىجىرىيە 186- يىلىدىن تارتىپ ھەدىس ئۈگىنىش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلانغان، ئۇ بەسرە، كۇفە، ھىجاز ۋە يەمەن قاتارلىق يۇرتلارغا سەپەرقىلىپ ھەدىس ئالىملىرىنىڭ ئۆز ئاغزىدىن دەرس ئاڭلاپ ھەدىس ئۆگەنگەن، بەسرىگە بەش قېتىم، ھىجازغىمۇ بەش قېتىم سەپەر قىلغان، ھىجازدا ئىمام شافىئىي بىلەن ئۇچراشقان ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن باغدادتا ئىككىنچى قېتىم ئۇچرۇشۇپ ئىمام شافىئىيدىن فىقھى(قانۇنچىلىق) ئۇسۇللىرىنى ئۈگەنگەن، ئۇندىن كېيىن ئىمام شافىئىي بىلەن مىسىردا كۆرۈشۈشكە ۋەدىلەشكەن بولسىمۇ ماددىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن مىسىرغا سەپەر قىلالمىغان.

شەيخۇلئىسلام ئىمام ئەھمەد ھىجازغا ئۈچ قېتىم پىيادە مېڭىپ بارغان، ئۇ ئىلىم تەلەپ قىلىشتا جاپا – مۇشەققەتكە بەرداشلىق بېرىشنى مۇھىم دەپ قارايتتى، چۈنكى ئاسانلا قولغا كېلىپ قالغان نەرسە ئاسانلا ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھەدىس ئىلمىنى ئۆگىنىش يولىدا ھىجرەت نىيىتى بىلەن سەپەرگە چىقاتتى.

شەيخۇلئىسلام ئىمام ئەھمەد ئىلمىي جەھەتتىن يېتىشىپ بولغاندىن كېيىنمۇ ئىلىم يولىدا سەپەرگە چىقىشنى توختۇتۇپ قويمىغان، ئۇ ھەدىس ئىزدەپ كىتابلىرىنى دۈمبىسىگە يۈدۈپ ئىسلام ئەللىرىنى كېزىپ يۈرگەن، ئۇ كۆپ ئىلمى بىلەن كۇپايە قىلىپ توختاپ قالمىغان، ھەتتاكى ئۇ ئىماملىق مەرتىبىسىگە يەتكەندىن كېيىنمۇ ھەدىس ئىزدەشكە بولغان جىددىي تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرغان، بىر كۆنى ئۇنىڭ دەرس ئاڭلاپ يېزىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگەن بىرسى ئۇنىڭغا: "سىز مۇسۇلمانلارنىڭ شۇنچە يۇقىرى مەرتىۋىلىك ئىمامى تۇرۇقلۇق، دەرس ئاڭلاپ يېزىپ ئولتۇرامسىز؟" دەپ سورىغاندا ئۇ : "قەلەم بىلەن قەبرىگىچە" دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ مۇنداق دەيتتى: "تاكى مەن قەبرىگە كىرگىچە ئىلىم تەلەپ قىلىمەن". ئۇ ئىلىم ئىگەللەشتە يادلاشقىلا تايانمايتتى، بەلكى ئاڭلىغان ھەرقانداق دەرسنى يېزىپ ساقلايتتى.

شەيخۇلئىسلام ئىمام ئەھمەدنىڭ فىقھى مەسىلىلەردە ھەدىسكە تايىنىدىغانلىقى[تەھرىرلەش]

ئىمام ئەھمەد ھەدىس رىۋايەت قىلىش ئىلمى بىلەن فىقھى (قانۇنشۇناسلىق) ۋە ھۆكۈم چىقىرىش ئىلمىنىمۇ بىرگە ئوقۇغان. ئۇ ئىراق فەقىھلىرىنىڭ (قانۇنشۇناسلىرىنىڭ) كىتابلىرىدا ئىلمىي تەشنالىقىنى قاندۇرالمىغان بولسىمۇ، ياكى بەزى فەقىھلەرنىڭ تۇتقان يولىنى ياقتۇرمىغان بولسىمۇ، يەنىلا فىقھى ئىلمىنى ئوقۇشقا ئەستايىدىل كۆڭۈل بۆلەتتى. ئۇ ھەدىس ئوقۇشتا يادلاش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي ھەدىسنىڭ غايىلىرىنى ۋە فىقھى مەنىلىرىنى چۈشىنىپ ئوقۇغان، ئۇ ساھابىلارنىڭ پەتىۋالىرىنى ۋە فىقھى ھۆكۈملىرىنى تەتقىق قىلغان، شۇنداق قىلىپ ھەدىس ئىلمى بىلەن فىقھى ئىلمى ئىمام ئەھمەدتە بىردەك جەم بولغان، بۇنىڭغا ئاساسەن ئىمام ئەھمەدنى خۇددى ئىمام مالىك (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) قا ئوخشاشلا بىرلا ۋاقىتتا ھەم مۇھەددىس ھەم فەقىھ دېيىشكە بولىدۇ، ئەمما ئىمام مالىك فىقھى جەھەتتىن تېخىمۇ گەۋدىلىكرەك كۆرىنىدۇ.

ئۇ ئۆز دەۋرىدىكى خاۋارىج، شىيئە، جەھمىيە ۋە موئتەزىلە قاتارلىق ھەرخىل ئېقىملارنىڭ كۆز قاراش، پىرىنسىپلىرىدىن تۇلۇق خەۋەردار ئىدى.

 شەيخۇلئىسلام ئىمام ئەھمەد ھەدىس ئىلمىنى ئۆز ئەسرىدىكى بارلىق مەنبەلەردىن ئۈگەنگەن بولۇپ، فىكرىي جەھەتتىن ئۆز ئەسرىگە لايىق يىتىشىپ چىققان. ئىسلامغا مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل بىلىملەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ، بەزى بىلىملەردە چوڭقۇرلاپ ئىختىساس ھاسىل قىلغاندىن كېيىن ئاندىن مېۋە بېرىشكە باشلىغان، ئۇ قىرىق ياشقا كىرگەندىن كېيىن دەرس ئوقۇتۇش ۋە پەتىۋا بېرىشكە ئولتۇرغان، كىشىلەر ئارىسىدا كەمتەرلىكى، زاھىدلىقى، تەقۋالىقى ۋە شۆھرەتتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەيدىغانلىقى بىلەن مەشھۇر بولۇپ كەتكەن، ئۇ نام - ئاتاقتىن قانچە قاچقانسىرى شان – شەرەپ ئۇنى شۇنچە قوغلاشقا باشلىغان.

مەشھۇر تۆت مەزھەبنىڭ بىرىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان شەيخۇلئىسلام ئىمام ئەھمەد (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) ھىجرىيە 241( مىلادى 855)- يىلى باھار ئايلىرىدا باغدادتا ۋاپات بولغان، جىنازىسىغا سەككىز يۈز مىڭكىشىدىن  بىر مىليون ئۈچ يۈز مىڭ كىشى ئەتراپىدا قاتناشقان دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ. ئاللاھ ئۇ زاتقا كەڭ رەھمەت قىلغاي.[1]

قاراڭ[تەھرىرلەش]

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە

ئىمام شافىئىي

ئىمام ھەنبەلىي

ئىمام مالىك

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. 2016- يىل 23- نويابىر ئۇلانمىسىhttp://uyghurmuslim.com/news/6/www.kalbsadasi.com