شەيخۇلئىسلام

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

شەيخۇلئىسلام (ئەرەبچە: شَيْخُ الإسْلام)، دىنىي خۇسۇسلاردا ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئىلىم ۋە ھوقۇققا ئىگە بولغان كىشى دېگەن مەنىدە. بۇ ماقام تۇنجى قېتىم ھىجرى 4. ئەسردە بۈيۈك خۇراساندا كۆرۈلگەن.

ئوسمانلى دۆلىتى دەۋرىدە شەيخۇلئىسلام دىنى خۇسۇسدا ئەڭ ئالىي ماقامغا ساھىب دۆلەت ئەربابى ئىدى. ئىھتىياچ توغۇلغاندا دىنى مەسىلىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك قاراشلىرىنى پەتۋا شەكلىدە ئېلان قىلىشتۇر. بۇ پەتۋالار قانۇن ھۆكمىگە ئىگە ئىدى. 1920- يىلى ئەنقەرەدە قۇرۇلغان مەجلىس ھۆكمىتىدە بۇ ماقام شەرىيە ۋە ئەۋقاف ۋاكالەتى نامى بىلەن "مىنىستېرلىق" سۈپىتىدە يەر ئالغان. 1923- يىلى تۈركىيەدە جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىنغاندىن قىسقا بىر مۇددەت كېيىن، 1924- يىلى ھاكىمىيەت بىلەن دىن ئايرىلغاندىن كېيىن بۇ مىنىستېرلىك ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ئورنىغا دىيانەت ئىشلىرى مىنىستېرلىكى قۇرۇلغان.

1424- يىلى موللا فەنارىيگە بۇ ئۇنۋان بېرىلگەندىن تارتىب، ئاخىرىقى ئوسمانلى شەيخۇلئىسلامى مەدەنىي نۇرى ئەپەندىنىڭ 1922- يىلى ئەزالىرى بىلەن بىللە ئىستىفا بېرىشىغا قەدەر 498 يىل داۋام قىلغان. بۇ 498 يىل ئىچىدە 131 شەيخۇلئىسلام 175 قېتىم مەقامغا تەئيىن قىلىنغان. ئەبۇ سۇئۇد ئەپەندى 29 يىل بىلەن ئەڭ ئۇزۇن، مەمىكزادە مۇستافا ئەپەندى بولسا 13 سائەت بىلەن ئەڭ ئاز ماقامدا قالغان شەيخۇلئىسلام ئېرۇر.

131 شەيخۇلئىسلامنىڭ 9 ى تۈرك ئەمەس بولۇپ، ئەرەب، بوشناق، گۈرجۈ، چېركەس، ئالبان قاتارلىقلاردىن بولغان.