ئابباسىيلار

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى ئابباسىيلار خاندانلىقى)
ئابباسىيلارغا تەۋە توپراقلار

ئابباسىيلار ياكى ئابباسىي خاندانلىقى (ئەرەبچە: العبّاسيّون؛ خەنزۇچە: 阿拔斯王朝) ئەمەۋىي خاندانلىقى سوڭرە ھاكىمىيەتكە كەلگەن ئىسلام دۆلىتىنىڭ باشقۇرۇشىنى ۋە خەلىڧىلىكنى بەش ئەسردىن ئۇزۇن بىر مۇددەت قولىدا تۇتقان مۇسۇلمان ئەرەب خانەدانلىقى.

تارىخچە[تەھرىر]

جۇڭگو تارىخلىرىدا قارا يەكتەكلىك تارجىيىكلار دەپ خاتىرلەنگەن. غەرب تارىخىدا شەرقى ساراسىن ئىمپىرىيسى دەپ خاتىرلەنگەن.

مىلادى 750-يىلى ئەبۇل ئابباس سەڧڧاھ (724-754) ئەمەۋىي خاندانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كىيىن ئابباسىيلار خاندانلىقىنى قۇرغان. ئەبۇل ئابباس مەككىدىكى قۇرەيىش قەبىلىسىنىڭ ھاشىم جەمەتىدىن ئابباس بىن ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ (ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى) ئەۋلادى بولغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئىمپىرىيە تازا گۈللەنگەن مەزگىلدەئاسىيا ،ياۋرۇپا ۋە ئافرىقادىن ئىبارەت ئۇچ قىتئەگە كېڭەيگەن. Ⅸئەسىرنىڭ ئوتتۇرىدىنⅨ نىڭ ئالدىنقى يېرىمىگىچە خەلىپە مەنسۇر، ھارۇن، مەئمۇر قاتارلىقلار تەخىتتە ئولتۇرغان بولۇپ خاندانلىق تازا گۈللەنگەن. پايتەختى باغدات ئاۋاتلىشىپ سودا- سانائەت مەركىزىگە ئايلانغان. لىكىن ھۆكۇمران سىنىپنىڭ زۇمبورلىقى تۇپەيلى خەلىق قوزغىلاڭ كۆتۇرگەن،يەرلىك باش ۋالىيلار پۇرسەتتىن پايدىلنىپ جايلارنى بۆلۈشىۋىلىپ يەرلىك فىئودال خانلىقلارنى قۇرغان،Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتورلىرىدىن باشلاپ تۇرك مۇھاپىزەتچى ئارمىىيسىنىڭ كۇچى زورىيىپ خەلىپىنى كونتىرول قىلىشقا باشلىغان،945-يىلى شىئە مەزھىپىىىگە ئىتقات قىلىدىغان بۇئى خاندانلىقىنىڭ ھۆكۇمرانلىرى باغداتقا بىسىپ كىرىپ خەلىپىنى سىياسىي ھوقوقىدىن مەھروم قىلىپ ئۇنىڭ دىنىي رەھبەرلىك ھوقوقىنىلا ساقلاپ قالغان.

1055-يىلى ئوتتورا ئاسىيادىكى سالچۇق تۇركلىرى باغداتنى ئىشخال قۇرغان.1258-يىلى موڭغۇللار بىسىپ كىرىپ خەلىپىنى بىكار قىلغان ھەمدە ئۆلتۇرگەن،ئابباس خاندانلىقى مۇنقەرىز بولغان.

ئابباسىي سەنئەتى[تەھرىر]

ئابباسىيلار دەۋرىدە ئەرەبلەرنىڭ پەن-مەدەنىيىتى ناھايىتى گۈللەنگەن ۋە تەرەققىي قىلغان. تەبەرى ( 838−923- يىلىغىچە ياشىغان)، مەسئۇد (؟−957- يىلىغىچە ياشىغان)، ئىبنى ئەشئەرى قاتارلىق ئۈچ تارىخشۇناس تارىخ تەتقىقاتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى تارىخ تەتقىقاتىدىكى قورال كىتابقا ئايلاندى. ئۇنىڭدىن باشقا تەرجىمە، جۇغراپىيە، ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، مېدىتسىنا، پەلسەپە، ئەدەبىيات، شېئىرىيەت، رەسساملىق، مىمارچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىمۇ نۇرغۇن نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى، ئەھلى ئىلىملەرنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، سىياسىي، دىن تەرەققىياتىنى يۈكسەك پەللىگە كۆتۈردى ھەمدە ياۋروپاغا تەسىر كۆرسەتتى. بۇ دەۋردىكى خەتتاتلىقتىمۇ رەڭگارەڭ گۈللىنىش مەنزىرىسى بارلىققا كېلىپ، خەتتۇل تەۋقى (تەۋقى خەت نۇسخىسى)، خەتتۇل ئىجازەت (ئىجازەت خەت نۇسخىسى)، خەتتۇل مۇسەلسىل (مۇسەلسىل خەت نۇسخىسى)، خەتتۇل رۇقئى (رۇقئى خەت نۇسخىسى) قاتارلىق خىلمۇخىل يېڭى خەت نۇسخىلىرى بارلىققا كەلدى.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ دەۋردە ئىبن مۇقلە (885−939)، ئىبنى بەۋۋاب ( 961−1023) ۋە ياقۇت مۇستەقىم (1144−1221) قاتارلىق ئەرەب تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئۈچ خەتتات مەيدانغا كەلدى. ئالدىنقى ئىككى خەتتات سۇلۇس خەت نۇسخىسى بىلەن نەسخ خەت نۇسخىسىنى يېزىشنىڭ ئۆلچەم-قائىدىلىرىنى بېكىتىپ چىقتى، بۇ دەۋردە دائىم ئىشلىتىلىدىغان يەتتە خىل خەت نۇسخىسى ئاساسەن مۇقىملاشتى.

خەتتاتلار بىردەك ئابباسىيلار سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۈچ مەشھۇر خەتتاتنىڭ ئەرەب خەتتاتلىقىنىڭ كاتتا پېشۋالىرى ئىكەنلىكىنى، ئىبنى مۇغەيرەنىڭ تۇنجى بولۇپ كۇفى خەت نۇسخىسىدىن پايدىلىنىپ نەسخ ۋە سۇلۇس خەت نۇسخىلىرىنى ئىجاد قىلغانلىقىنى، ئىبنى بەۋابنىڭ يېزىش قائىدىلىرى ۋە ئۆلچەملىرىنى بېكىتكەنلىكىنى، ياقۇت مۇستەئسىمنىڭ بۇ خەتلەرنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.

ياقۇت مۇستەئسىمنىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇزەر جامالىدىن ياقۇت ئىبنى ئابدۇللا بولۇپ، ئۇ ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى خەلىپىسى مۇستەئسىم بىللا دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئەدىب ۋە خەتتات. خەلىپىنىڭ ئىسمى مۇستەئسىم بولغاچقا، كېيىنكىلەر ئۇنى ياقۇت مۇستەئسىم دەپ ئاتىغان. ئۇ ئابباسىيلار سۇلالىسى خەلىپە مەدرىسەسىنى تەسىس قىلىپ، ئۇنىۋېرسال ئىلىم، سەنئەت، تىلشۇناسلىق، شەرىئەت قاتارلىق دەرسلەرنى ئاچقان. ياقۇت مۇستەئسىم ھاياتىنى خەتتاتلىق تەتقىقاتى ۋە ئۇنى ئۆگىنىشكە بېغىشلىغان بولۇپ، ئىبنى بەۋابنىڭ خەتتاتلىق جەۋھەرلىرىنى قوبۇل قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەكرار مەشىق قىلىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرگەن، يازغان ھۆسنخەتلىرى جۇشقۇن، مەردانە، ئۆلچەملىك، چاسا ۋە يۇمىلاق ھەرپلىرى دەل جايىدا. ئۇ ئۆمرىدە قۇرئان كەرىمنى مىڭ نۇسخا كۆچۈرگەن بولۇپ، نۇرغۇن نۇسخىلىرى ئىستانبۇل مۇزېيىدا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە. ئۇ يەنە ياقۇت خەت نۇسخىسى دەيدىغان يېڭى ھۆسنخەت شەكلىنى ئىجاد قىلغان.  كېيىنكىلەر ئۇنى ھۆرمەتلەپ ”ئەرەب خەتتاتلىقىنىڭ پېشۋاسى“ دەپ ئاتىغان.

دەۋلەت تەشكىلاتى[تەھرىر]

چۆكۈشى[تەھرىر]

چېگىزخاننىڭ نەۋرىسى ھولاگۇخاننىڭ خىتاي گېنىرالى گوكەن 1258 - يىلى 29 - يانۋار ئابباسىيلار خىلافىتنىڭ پايتەختى باغدادنى مۇھاسىرىگە ئالغان ئىدى.

1258 - يىلى 10 - فېۋرال باغداد بويسۇندۇرلدى .

مۇڭغۇل قوشۇنلىرى 1258 - يىلى 13 - فېۋرال باغداتقا باستۇرۇپ كىرىپ بىر ھەپتە ئۆلتۈرۈش ، چىقىش ، باسقۇنچىلىق قىلىش ۋە كىتابلارنى كۆيدۈرۈشتەك جىنايى قىلمىشلار شۇغۇللانغان ئىدى. تېكرىت دەرياسىدىن سۇ ئەمەس بەلكى كىتابلاردىن چىققان سىياھ ئاققان ئىدى.

مەنبە[تەھرىر]