ھاشىمىيلەر

ئورنى Wikipedia

ھاشىمىيلەر ياكى ھاشىم ئوغۇللارى (ئەرەبچە: هاشمي)، بەنى ھاشىم قەبىلەسىگە باغلىق بىر قۇرەيش ئۇرۇقى. شۇنداقلا قان باغى ۋە قەبىلە ئىتتىپاقى يولى بىلەن قىزىل دېڭىز ساھىللىرى بويىچە قۇرۇلغان خانەدانلارنىڭ ساھىبى بولغان قەبىلە. بۇ سۇلالە ئىسمىنى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ چوڭ بوۋىلىرىدىن ھاشىم بىن ئابدىمەناڧتىن كەلمەكتە. ھاشىمىيلەر 1. دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىنگىلىزلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە قارشى ئىسيان قىلىپ ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ كونترولىنى قولغا كىرگۈزگەن، لېكىن بىر نەچچە يىل سوڭرە سەئۇدىي ئائىلىسگە يەنە بىر ئىسيان بىلەن يېڭىلگەن.[1]

ئۆتمۈش[تەھرىرلەش]

ھاشىمىيلەردىن بولغان ئىئوردانىيە قرالىيەت بەلگىسى

ھاشىمىيلەرنىڭ جەددى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ چوڭ بوۋىلىرىدىن ھاشىم بىن ئابدىمەناڧا بېرىپ تاقىلىدۇ. ھەزرىتى مۇھەممەد س.ئە نىڭ ۋاڧاتىدىن سوڭرە خەلىپىلىكنى قولغا كىرگۈزمەك ئۈچۈن ئەمەۋىيلەر بىلەن ئۇزاققا سوزۇلغان بىر مۇجادىلەگە كىرگەن. ئەمەۋىيلەر، بەنى ھاشىم بىلەن بىر قەبىلىدىن بولسىمۇ ئوخشىمىغان بىر ئۇرۇققا تەۋەدۇر. ئەمەۋىيلەرنىڭ چۆكۈشىدىن سوڭرە، يىلتىزى ھز. مۇھەممەد س.ئە نىڭ تاغىسى ئابباس بىن ئابدۇلمۇتتەلىبكە تۇتاشقان ئابباسىيلەرنى ھاشىمىيلەرنىڭ تەمسىلچىسى دەپ قارىلىدۇ. [2]

I. دۇنيا ئۇرۇشى ئەسناسىدا ۋە كېيىن[تەھرىرلەش]

مەككە ئەمىرى ھۇسەيىن بىن ئەلى 1908- يىلى ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە قارشى ئەرەب ئىسيانلىرىنى باشلاتتى.[3] 1917 ۋە 1924 يىللار ئارىسى مۇستەقىللىقىنى قازانغان ھىجاز رايونىنى باشقۇردى ۋە بۈيۈك بېرىتانىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىكىدىن كەلگەن ياردەم بىلەن بىرلىكتە ئۆزىنى قرال ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى بەئزىدە شەرىڧىيان دەپ ئاتالدى. رەقىبى ئابدۇلئەزىز ئەل سەئۇد 1925- يىلى ھىجازنى ئۆز توپراقلىرىغا قاتتى. ئۆز ئوغلى ڧايسال بىن ئابدۇلئەزىزنى بولسا ۋالىي تەئيىن ئەتتى. بۇ رايون كېيىنچە بۇگۈنكى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى توپراقلىرىغا داخىل قىلىنغاندۇر.

ھۇسەيىن بىن ئەلىنىڭ 5 ئوغلى بار ئىدى:

  • ھىجاز تەختىگە سەئۇدىلەر قولىغا ئۆتۈپ كەتكۈنگە قەدەر ئولتۇرۇغان ئەلى بىن ھۇسەيىن
  • ئىئوردان قرالى ئابدۇللاھ I.
  • ئاۋۋال سۇرىيە، كېيىن ئىراق قرالى بولغان ڧايسال بىن ھۈسەيىن.
  • ئىئوردانىيىگە ڧايسال II نىڭ يېنىڭ بارغان شاھزادە زەيىد.
  • ياش ۋاقتىدىلا ئۆلگەن ھاسان.

بۇگۈنكى ھاشىمىيلەر[تەھرىرلەش]

نۇرغۇن مۇسۇلمان دۆلىتىدە ھاكىمىيەت تۇتقان ھاشىمىيلەر بۇگۈن ئوتتۇرا شەرقتىكى نۇرغۇن دۆلەتتە ياشىماقتا. كۆپىنچىسىنىڭ ئۇنۋانى سەيىد ئېرۇر. بەنۇ ھاشىم پۇشتىدىن كەلگەنلەر يۈزدە يۈز ئەرەب قانلىق بولۇپ دۇنيانىڭ نۇرغۇن ئەللىرىدە ھەم ياشىماقتا. ئەمما مەلۇم بىر تىزىملىككە تابىئى ئەمەستۇر. ماراكەش خان جەمەتى ئۆزىنى ئەلى بىن ئەبى تالىبقا باغلايدۇ، ئەمما خانەدان ئىسمىدە ھاشىمىي ئىبارەسى قوللىنىلمايۋاتماقتا.

ئائىلە مەنسۇبلارى[تەھرىرلەش]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. http://www.kinghussein.gov.jo/hashemites.html
  2. Time-Life Books, What Life Was Like: In the Land of the Prophet, p. 17
  3. T. E. Lawrence (1926), Seven Pillars of Wisdom, reprinted 2000 Penguin classics, p. 53

باغلىنىش[تەھرىرلەش]