ھاسان بىن ئەلى

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

ھەسەن بىن ئەلى بىن ئەبۇ تالىب ياكى ھەسەن ئەل مۇجتەبا (ئەرەبچە:الحسن بن علي بن أﺑﻲ طالب، پارسچە:حسن ابن علی، 624 - 669)، ھەزرىتى ئەلى ۋە ھەزرىتى ڧاتىمەتۇززەھرانىڭ چوڭ ئوغلى ۋە ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇنجى نەبىرەسىدۇر. شىئەلەر ئەكسەرىيەت بىلەن ئىماملارنىڭ ئىككىنچىسى دەپ قارىلىدۇ. ئىنتايىن كىچىك بىر پىرقە شىئەرلەر بولسا ھەزرىتى ھۈسەيىننى ئىككىنچى ئىمام دەپ قارايدۇ.

ھەم سۈننىي، ھەم شىئە ۋە باشقا ئىسلام مەزھەبلىرىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭ ھەزرىتى پەيغەمبەرنىڭ ئەھلى بەيتى ئىكەنلىكى ھەققىدە شۈبھە يوقتۇر. ئاتاسى ھەزرىتى ئەلى بىلەن 37 يىل، بوۋىسى ھەزىرىتى پەيغەمبەر بىلەن 8 يىل بىرگە ياشىغان. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا شەرىڧ دېيىلىدۇ.