ھەسەن ئىبنى ئەلى
ھەزرىتى ھەسەن بىن ئەلى بىن ئەبۇ تالىب ياكى ھەسەن ئەل مۇجتەبا (ئەرەبچە: الحسن بن علي بن أﺑﻲ طالب، پارسچە: حسن ابن علی، ھ. 3 – ھ. 50 / م. 624 - 669) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئەلھەسەن ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب ئەلھاشىمىي ئەلقۇرەشىي (ئەبۇ مۇھەممەد)[1]. ھەزرىتى ئەلى ۋە ھەزرىتى ڧاتىمەتۇززەھرانىڭ چوڭ ئوغلى ۋە ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇنجى نەبىرەسى، «جەننەت ئەھلى يىگىتلىرىنىڭ خواجەسى»، سۇننىلەر ئۈچۈن خەلىپىلەرنىڭ بەشىنچىسىدۇر[1]. شىئەلەر ئەكسەرىيەت بىلەن ئىماملارنىڭ ئىككىنچىسى دەپ قارىلىدۇ. ئىنتايىن كىچىك بىر پىرقە شىئەرلەر بولسا ھەزرىتى ھۈسەيىننى ئىككىنچى ئىمام دەپ قارايدۇ.
ھەزرىتى مۇئاۋىيە بىلەن سۈلھى تۈزۈپ قان تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئالغان زات[1].
ھەم سۈننىي، ھەم شىئە ۋە باشقا ئىسلام مەزھەبلىرىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭ ھەزرىتى پەيغەمبەرنىڭ ئەھلى بەيتى ئىكەنلىكى ھەققىدە شۈبھە يوقتۇر. ئاتاسى ھەزرىتى ئەلى بىلەن 37 يىل، بوۋىسى ھەزىرىتى پەيغەمبەر بىلەن 8 يىل بىرگە ياشىغان. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا شەرىڧ دېيىلىدۇ.