ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ كاشغەرىي تەرىپىدىن 2016 - يىلى 1 - يانۋار كۈنى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان، ئۇيغۇرلار ئىچىدە نوپۇزلۇق ئىسلام تەتقىقات مەركىزىدۇر.

قۇرۇلۇش مەقسىدى ۋە جەريانى[تەھرىرلەش]

ئىسلام ئۈممىتى ئۆزىنىڭ يەر يۈزىدىكى پاسىبانلىق، رەھبەرلىك ۋە يېتەكچىلىك رولىنى يوقىتىشقا، رىسالەت قۇياشىنىڭ پارلاق نۇرى يەر يۈزىدىن ئاجىزلاشقا قاراپ يۈزلەنگەن بىر قانچە يۈز يىللىق تارىخى جەرياندا دۇچ كەلگەن تۈرلۈك سىناقلار، ئازاب ئوقۇبەتلەر، غالىبلىق شەربىتىدىن كۆپرەك، ئاچچىق مەغلۇبىيەت شاركرابىنى سۈمۈرگەن. جۈملىدىن، ئىسلامى يىتەكچىلىك رولىنى يوقاتقان، قولدىن بەرگەن، ئاللاھنىڭ ئامانىتىنى جايىدا قوغدىيالمىغان مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ ئېغىر بەدەل تۆلىگەن ئۇيغۇر مىللىتىمۇ ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇلاردىن چەتتە قالمىغان. مەسىلىگە ئاللاھنىڭ "ئۆزىنى ئۆزگەرتىشكە يۈزلەنمىگەن مىللەتنىڭ ھالى ھېچقاچان ئۆزلىكىدىن ئۆزگىرىپ قالمايدىغانلىق" قانۇنىيىتى بويىچە قارىغاندا، ئىسلام ئۈممىتى، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقى نۆۋەتتە غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغۇنۇشقا، ئورنىدىن دەس تۇرغۇزىدىغان مەنىۋى قۇۋۋەتكە ئېھتىياجلىق، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بۇ قۇۋۋەتتىن ئالىدىغان نىسىۋېسىنىڭ كىشىنى ئېچىندۈرىدىغان دەرىجىدە تۆۋەنلەۋاتقانلىقى، ماددى جەھەتتىكى ئاجىزلىقىغا قارىغاندا مەنىۋى جەھەتتىكى يوقسۇللۇقىنىڭ ئەپسۇسلىنارلىق ھالەتتە ئىكەنلىكىنى، تۆلىنىۋاتقان پۈتۈن ئۈنۈمسىز بەدەللەرنىڭ، ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەتلەرنىڭ مەنبەسى ۋە ئۇلىنى تىپىپ چىقىپ ئۇنى ھەل قىلىشنى، شۇنداقلا بۇ مەجبۇرىيەت شەرئى نۇقتىدىن ھەر بىر مۇسۇلمان ئۇيغۇر ئۈچۈن پەرز ئەينگە، مۇسۇلمانلىق ۋە ئۇيغۇرلۇق بۇرۇچقا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، مەزكۇر ئېھتىياجنى قامداش، بوشلۇقنى تولدۇرۇش ۋە يېڭى بىر مەرىپەت ئويغۇنىشىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى ئۆزىگە بۇرچ دەپ بىلگەن فىقىھشۇناس ئۇستاز، دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ يېتەكچىلىكىدە ئەزھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جاي جايلىرىدا ئىلىم تەھسىل قىلغان، شۇنداقلا ھەر قايسى دىنى ئىلىم ساھەلىرىدە ئاكادېمىك ئىلمى تەتقىقات ئىلىپ بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بىلىم ئادەملىرى ۋە ئىلمى خادىملارنىڭ كۈچ چىقىرىشى ئاساسىدا[1] 2016 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى رەسمى قۇرۇلغان.

ئىلمى تەتقىقات پروگراممىسى[تەھرىرلەش]

1 تەتقىقات مېتودىدا ئاكادېمىك سەۋىيىدە بولۇش، ئىلمىيلىككە، تەتقىقات سۈپىتىگە ئالاھىدە رىئايە قىلىش؛

2 تەتقىقات ئوبېكتى ئىسلام بىلىملىرى ۋە ھەرساھە ئىسلام پەنلىرى؛

3 تەتقىقات مەزمۇنى چوقۇم ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە يۆنىلىشى دائىرىسىدە بولۇش؛

4 تەتقىقات يۆنىلىشى چوقۇم ئىسلامنىڭ ئوتتوراھاللىق پرىنسىپىغا ئۇيغۇن، ئاشقۇنلۇق ۋە پاسسىپلىقتىن مۇستەسنا بولۇش.[2]

نۆۋەتتىكى ئىلمى تەتقىقات تۈرلىرى:[تەھرىرلەش]

ئەقىدە تەتقىقاتى:[تەھرىرلەش]

مەزكۇر تۈر "بۈيۈك قۇرۇلۇش" خاراكتېرىنى ئالغان ئۇيغۇر تارىخىدىكى ۋەزنى ئېغىر، ھەجىمى چوڭ، ئاكادېمىك ۋە ئىلمىي تەتقىقات تۈرى بولۇپ، مەزكۇر تەتقىقات تۈرىدە ئىسلام دىنىنىڭ تۈپ

ئاساسى تەلىماتى ۋە ئانا بىلىملىرى سانالغان ئىسلام ئەقىدىسىنى ھازىرقى دەۋىر ئەقلىيىتى تەلىپىگە ئۇيغۇن، ئورۇنسىز ئىختىلاپ ۋە ياۋا قاراشلاردىن خالىي، ساپ ۋە سۈزۈك شەكلىدە مۇپەسسەل شەرھلەپ چىقىش ئاساسى پىلان قىلىنغان.

مەزكۇر تەتقىقات تۈرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى، ئەقىل ۋە ۋە نەقىل ھەقىقەتلىرىنىڭ بىردەكلىكىنى نامايەن قىلىشتۇر. يەنى دىن ۋە دىنى ئەقىدە بىلەن ئەقىل ۋە ئۇنىڭ مەھسۇلى بولغان ئىلىم پەن ئارىسىدا توقۇنۇشنىڭ ئەسلا مەۋجۇد بولمايدىغانلىقىنى، ساپ ۋە سۈزۈك ئەقىدىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەر بويىچە ئىنسان ئۈچۈن ئۇنىڭ ھاياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان زۆرۈرىيەتلەر ئىكەنلىكى ئىلمى دەلىللەر ئاساسىدا ئىزاھلاپ چىقىلىدۇ.

مىڭ يىل مابەينىدە ئىسلام مەدەنىيىتىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا چوڭقۇر ئىزنالارنى، ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قالدۇرغان بىر مىللەتنىڭ يۇرت ماكانلىرىدا ئاتىزىم مائارىپىنىڭ كەڭ ئومۇملىشىپ كېتىشى ماھىيەتتە دىندار بىر مىللەتنىڭ ئالىم ئۆلىمالىرى بولۇش سالاھىيىتى بارلارنىڭ مەزكۇر مەسىلىگە جىددى قارىشى كېرەكلىكىگە قىلىنغان چوڭ سىگىنالدۇر. ھالبۇكى، شۇنچە يىللىق تارىخقا ئىگە مەدەنىيەتلىك ۋە دىندار بىر مىللەتنىڭ ئىدېئولوگىيە سېستىمىسىنى ئۆز ئانا تىلىدا يورۇتۇپ ئىزاھلانغان بىرەر مۇپەسسەل قامۇس خاراكتىرلىك ئەسىرىنىڭ بولماسلىقىدەك بۇ چوڭ بوشلۇق، يەنە كېلىپ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرنىڭ مىللىيىتى ۋە دىنى ئەقىدىسى ھەمدە مەدەنىيىتىگە قاتتىق خىرىس ۋە تەھدىد ئىلىپ كېلىۋاتقان ئاتېزىملىقتىن ئىبارەت بۇ ۋابانىڭ قاتتىق يامرىشى مەسىلىنى جىددى ئوپراتسىيە قىلىشقا، بوشلۇقلار تولدۇرۇلۇپ، ۋاباغا قارىتا پۇختا تەدبىر ئىلىنىشقا مۇھتاج. [3]

نۆۋەتتە مەزكۇر تۈر ئاللىقاچان پائالىيەتكە ئۆتكەن ۋە «ئىسلام ئەقىدىسى ئېنسىكلوپېدىيىسى»نىڭ 1 – تومى «يېگانە ياراتقۇچى» ناملىق يىرىك ئەسەر تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. ئېنسىكلوپېدىيەنىڭ داۋامى تەييارلانماقتا.

فىقھى تەتقىقات:[تەھرىرلەش]

مەزكۇر تەتقىقات تۈرىدە ئىسلام شەرىئىتى قانۇنىنى قەدىمقى ۋە ھازىرقى دەۋىر بايان ئۇسلۇبى بىرلەشتۈرۈلگەن ئاساستا ئىسلام شەرىئىتى قانۇن نىزاملىرى، قائىدە ئەھكاملىرىنى كەڭ دائىرىدە شەرھىلەپ چىقىش پىلان قىلىنغان.

فىقھى بابلار قەدىمقى فىقھى كىتابلار تىزىسى بويىچە تۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئىسلام فىقھىسىنىڭ تۇنجى ئەمەلىي شۇئارى بولغان ھەرىكەت ۋە پائالىيەتتىكى پاكلىق ۋە پاكىزلىق تېمىلىرىدىن باشلاپ ئىبادەت، ئەھكام مەسلىلىرىغىچە، ئائىلە تۈزۈمىدىن تارتىپ پۇل مۇئامىلە تۈزۈمى، ئىقتىساد ۋە دۆۋلەت تۈزۈمىگە قەدەر بارلىق ئەمەلىي نەزەرىيەلىرى، قانۇن قائىدىلىرى كەڭ دائىرىدە شەرھلىنىدۇ.[4]

ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزىنىڭ فىقھى تەتقىقات خىزمىتى ئىزچىل تۈردە داۋاملىشىپ، دوكتور يۈسۈپ قەرەداۋىينىڭ «ئىسلامدا ھالال ۋە ھارام» ناملىق ئەسىرى 2012 - يىلىدىكى تولۇقلانغان نۇسخىسىغا ئاساسەن 2020 - يىلى قايتا نەشرگە تەييارلاندى.

پەتۋا خىزمىتى:[تەھرىرلەش]

بۇ تۈردە ئۇيغۇر قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئىتىقاد، شەرىئەت ۋە ئەخلاق جەھەتتە دۇچ كېلىۋاتقان دىنى مەسىلىلىرىگە، قەدىمدە مەۋجۇت ئەمەس ئەمما بۇ دەۋىردە يېڭىدىن دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى يېڭى مەسىلىلەرگە جاۋاب بىرىش، پەتۋالارنى ئىخچام بايان ھالىتىدىن ئىلمى ھالىتىگە كۆتۈرۈپ يازما خاراكتىرىدە جاۋابلاش ۋە بۇنى يېغىپ توپلاشتۇر. فىقھى ۋە دەۋەت مېتودى بىرلەشتۈرۈلگەن بۇ تۈردە پەتىۋالارنىڭ دەلىللىك، ئىلمى ۋە ئوتتۇراھال چىقىشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ. ئاشقۇنلۇق ياكى سەل قاراشقا، پاسسىپلىق ياكى مۇتەئەسسىپلىككە يول قويۇلمايدۇ.[5]

مەزكۇر تۈر دائىرىسىدە دەۋرگە ماس ھالدا يېڭىدىن توغۇلغان بەزى زۆرۈر مەسىلىلەر، جەمئىيەتتىن كەلگەن سۇئاللار قاتارلىقلارغا ۋاقتىدا جاۋاپلار تەييارلىنىپ 2014 - يىلى قۇرۇلغان ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورىدا ئېلان قىلىنىۋاتماقتا. بۇ تۈر ئىلمىيلىك ۋە سۈپەت جەھەتتىن يەنىمۇ مۇكەممەللىشىشكە قاراپ يۈزلەنمەكتە.

ھەدىس تەتقىقاتى:[تەھرىرلەش]

مەزكۇر تۈردە نۆۋەتتە تاللانغان تۈرلەر ئېچىدە "سەھىھۇلبۇخارى ھەدىسلەر توپلىمى" نى تەرجىمە قىلىش خىزمىتى رەسمى ئىشقا كىرىشكەن بولۇپ، مەزكۇر تۈر دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھنىڭ نەچچە يىللىق تىنىمسىز ئىزدىنىشى ۋە قان تەر سىڭدۈرۈشى بىلەن روياپقا چىقىش ھارپىسىدا تۇرماقتا. نۆۋەتتىكى پىلاندا مەزكۇر ئىلمى ئەمگەك تەتقىقات مەركىزىمىزنىڭ ئىلمى خادىملىرى تەرىپىدىن بىر قۇر كۆزدىن كەچۈرۈلىشى ۋە دوكتور ئابدۇلئەزىزنىڭ بىر قوللۇق يېتەكچىلىكىدە تەھرىرلىنىشگە قاراشلىق. مەزكۇر تۈر روياپقا چىقىشى بىلەن ھەدىس تەتقىقاتى ھەققىدە يەنە باشقا تۈرلەرنىمۇ قوشۇش، ھەدىس بىلىملىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش، ھەدىس كىتابلىرىدىن نوپۇزلۇق ئەسەرلەرنى شەرھلەپ چىقىش قاتارلىق... بىر قاتار تۈرلەرنى كۈن تەرتىپكە كىرگۈزۈش ھەيئەت تەرىپىدىن ئويلىشىلماقتا.

نۆۋەتتە، تەتقىقات قوشۇنىنىڭ كۆپىيىشى ۋە سەرخىللىشىشى، پىلاندىكى ئىلمى خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلى روياپقا چىقىش ئەھۋالى قاتارلىق ئەمەلى شارائىت ۋە باشقا ماددى قوللاش ئەھۋالىغا قاراپ

تەتقىقات تۈرى يەنىمۇ كۈپەيتىلىشى، ئىسلام ئەخلاقى، ئىسلام تارىخى، ئىسلام مەدەنىيتىگە دائىر مەخسۇس تەتقىقات تۈرلەرگىمۇ مەخسۇس كۈچ ئاجىرتىلىشى مۇمكىن.[6]

ئىلمى خىزمەت نىشانى:[تەھرىرلەش]

  • ئىسلامنىڭ ئالەمشۇمۇل بىر دىن ئىكەنلىكى ۋە بۇ دىن ھەقىقەتلىرىنىڭ ئىلمى ئاساس ۋە مەزمۇت ئۇلغا ئىگە ئىكەنلىكى قاتارلىق ئۇل بىلىم ۋە نەزەرىيەلەر تونۇشتۇرۇلغان ئىلمىيلىكى يۇقىرى ئەسەرلەرنى ئانا تىلدا روياپقا چىقىرىش.
  • قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ ئىنسان ھاياتىنىڭ ئەقلى، روھى، ئەمەلى، شەخسى ۋە ئىجتىمائى ھاياتىنىڭ بارلىق تەرەپلىرىدە توغرا يول كۆرسەتكۈچى ئىلاھى ۋە ھەق دىن ئىكەنلىكىنى خەلقنىڭ قايتا سەمىگە سېلىش ۋە تونۇشتۇرۇش.
  • ئىسلام ئەقىدىسى، ئىسلام شەرئىتى، ئىسلام ئەخلاقىدىن ئىبارەت دىننىڭ ئۈچ چوڭ كاتېگورىيسىنى بۈگۈنكى دەۋر ئەقلىيتىگە مۇناسىپ يۆنىلىشتە، ئىلمى ۋە ئاكادىمى شەكىلدە ئەتراپلىق شەرھلەپ چىقىش.
  • ئىنسانىيەتنى بەختكە، ھۆرلۈككە ئىرىشتۈرۈش نامى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ئاتېزىم مائارىپى ۋە باشقا ئىسلام مەدىنىيتىگە يات ھەر تۈرلۈك ئېتىقات ۋە ئىدىيەلەرنىڭ ئەسلى ماھىيتىنى ئېچىپ بېرىش.
  • ئەقىدىدىكى خوراپاتلىق، ئىبادەتتىكى بىدئەت، ئەخلاقتىكى چۈشكۈنلۈكلەرنى يوقۇتۇپ ئىسلام دىنىنىڭ يەر يۈزىدىكى ئۇلۇغۋار نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قولدىن كېلىشچە خىزمەت قىلىش.
  • ئىسلام ئۈممىتىنىڭ دىنى ۋە مەدەنىي مىراسلىرىنى قايتا گۈللەندۈرۈش.
  • ئەقىل بىلەن ۋەھىي ھەقىقەتلىرىنىڭ بىردەكلىكىنى نامايان قىلىش.
  • ئىلمى دەۋەت يۆنىلىشىنى نوقۇل تەرجىمىگە تايىنىش باسقۇچىدىن ھالقىتىپ، مۇستەقىل تەتقىقات ۋە ئىلمىيلىك سۈپىتى يۇقىرى ئەسەرلەرنى يېزىش ۋە تەھقىقلاش باسقۇچىغا كۆتۈرۈش.
  • خەلقنىڭ دىنى ئېڭى ۋە ساپاسىنى يۈكسەلدۈرۈش.
  • ئاللاھنىڭ ئۈستىمىزگە يۈكلىگەن مۇقەددەس ئامانىتىنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە ئۇنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش.[7]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. «"ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى" نىڭ نۆۋەتتىكى ئىلمى تەتقىقات لايىھەسى»، 2016 - يىل 1 - يانۋار، 1 - 2 - بەتلەر.
  2. «"ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى" نىڭ نۆۋەتتىكى ئىلمى تەتقىقات لايىھەسى»، 2016 - يىل 1 - يانۋار، 2 - بەت.
  3. «"ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى" نىڭ نۆۋەتتىكى ئىلمى تەتقىقات لايىھەسى»، 2016 - يىل 1 - يانۋار، 3 - بەت.
  4. «"ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى" نىڭ نۆۋەتتىكى ئىلمى تەتقىقات لايىھەسى»، 2016 - يىل 1 - يانۋار، 4 - بەت.
  5. «"ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى" نىڭ نۆۋەتتىكى ئىلمى تەتقىقات لايىھەسى»، 2016 - يىل 1 - يانۋار، 4 - بەت.
  6. «"ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى" نىڭ نۆۋەتتىكى ئىلمى تەتقىقات لايىھەسى»، 2016 - يىل 1 - يانۋار، 4 - 5 - بەتلەر.
  7. «"ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى" نىڭ نۆۋەتتىكى ئىلمى تەتقىقات لايىھەسى»، 2016 - يىل 1 - يانۋار، 5 - 6 - بەتلەر