دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ كاشغەرىي

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ)
ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ كاشغەرىي

ABDULAZİZ KAŞGARLI

عبد العزيز رحمة الله الكاشغري
تۇغۇلغان ۋاقتى25 - دېكابىر 1971
يۇرتىقەشقەر، شەرقىي تۈركىستان
ھازىرقى ئورنىئىستانبۇل، تۈركىيە
مىللىتىئۇيغۇر
مائارىپ سەۋىيىسىدوكتورانت
كەسپىتەتقىقاتچى
ئەسەر(لىرى)پەتىۋالار مەجمۇئەسى 1، 2

مۆتىۋەر ھەدىس توپلاملىرىدىن

«ئەلمۇۋەتتا»نىڭ ئاۋازلىق دەرسى.
ئىلمىي ئۇنۋانىدوكتور
خىزمىتىدىنىي بىلىملەردە ماگىستىرلىق ۋە

دوكتۇرلۇق باسقۇچىدا ئوقۇۋاتقانلارغا
تېما تاللاش ۋە يېزىش جەريانىدا ئىلمىي
جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش ۋە

يېتەكچىلىك قىلىش.
تور بەتhttp://www.sajiya.biz


ئۇستاز دوكتۇر ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ كاشغەرىي، ئۇيغۇر، ھازىرقى زامان ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىمى، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە مەسئۇلى. پائال تەتقىقاتچى ۋە تەرجىمان. ئانا تىلى ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا، ئەرەبچە، تۈركچە قاتارلىق تىللارنى بىلمەكتە. دوكتور ئابدۇلئەزىز تۈركىيە پۇقراسى بولۇپ، بەش پەرزەنتى ۋە ئائىلىسى بىلەن ھازىر تۈركىيەدە ئىستىقامەت قىلماقتا.

ھاياتى[تەھرىرلەش]

1971 - يىلى 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى خوتەن شەھرىدە بىر مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاتىسىنىڭ ئىسمى رەھمەتۇللاھ مۇھەممەد ئەلى، ئانىسىنىڭ ئىسمى مەيمۇنە خانىم. دوكتۇرنىڭ ئائىلىسى ئەسلىدە قەشقەر شەھىرى ياغ بازىرىدىن بولۇپ، ئەينى يىللاردىكى شەھەر ئاھالىلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشتا خوتەن شەھرىگە كۆچۈپ بارغان.

1976 - يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئەسلى يۇرتى قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن ۋە باشلانغۇچ تەھسىلىنى قەشقەر شەھەرلىك 2 - باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان.

1984 - يىلى دادىسى ھەج قىلىش ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتا قەشقەر شەھىرى 3- ئوتتۇرىدا تولۇقسىز 1- يىللىقنى تۈگەتكەن ئابدۇلئەزىز ۋە ئاكىسىنى ئېلىپ سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ، ھەج قىلىپ قايتىشىدا ئاكا - ئۇكا ئىككەيلەننى مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيتىگە ئېلىپ كېلىپ، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى تارمىقىدىكى ئەرەب تىل تەييارلىق مەكتىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ كېتىدۇ. دوكتور ئۇ يەردە بىر يىل ئەرەب تىلى ئۆگەنگەندىن كېيىن 1986 - يىلى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى تارمىقىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇيدۇ.

1989 - يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، شۇ يىلى 9 - ئايدا ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئەرەب - ئىسلام تەتقىقاتى فاكۇلتىتىغا كىرىپ ئوقۇيدۇ. 1993 - يىلى مەزكۇر فاكۇلتېتنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن.

1994 - يىلى شۇ فاكۇلتېتنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنىدۇ. 1997 - يىلى ماگىستىر تەييارلىق ئوقۇشىنى تاماملاپ، ۋەتەنگە قايتىپ تۇرمۇش قۇرۇپ، بىرمەزگىل ۋەتەندە تۇرۇپ قالىدۇ.

2001 - يىلى شۇ چاغدىكى ماگىستىر يېتەكچىسى دوكتۇر سەئىد مۇھەممەدنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىمام قۇدۇرىنىڭ «ئەتتەجرىد» ناملىق كىتابىنىڭ «ئىسلام جىنايى ئىشلار قانۇنى بابى ھەققىدە تەتقىقات ۋە تەھقىقات» ناملىق ئىلمى ماقالىسى بىلەن ماگىستىرلىق ئىلمى ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. ئاندىن ئىمام قۇدۇرى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ مەزكۇر «ئەتتەجرىيد» ناملىق قوليازما فىقھى كىتابىنى تولۇق تەھقىقلەپ ئىشلەپ چىقىش ئۈچۈن قاھىرەدىكى "فىقھى ۋە ئىقتىسادى تەتقىقاتلار مەركىزى" تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنىپ باشقا ئون دوكتور ۋە پروفېسسورلار بىلەن بىللە بىر يىل ئەتراپىدا ئىشلەپ ئاخىرى ئۇ كىتابنى 12 توم قىلىپ (ئىسلام سېلىشتۇرما فىقھى ئېنسىكلوپېدىيىسى-ئەتتەجريد) دېگەن نام بىلەن قاھىرە دارۇسسالام نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدۇ.

2002 - يىلى 3 - ئايدا دوكتورلۇق ئىمتىھانىدىن ئۆتۇپ، ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغان. شۇ يىلى تۇغقان يوقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ، ۋەتەندە ئۈچ يىل تۇرۇپ قالغان.

بۇ جەرياندا دوكتۇرنىڭ دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئائىلىنىڭ تىجارەت ئىشلىرىنى ئاكىلىرىغا تاشلاپ قويۇپ 2005 - يىلى 10 - ئايدا ئەزھەردىكى دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن مىسىرغا ئۈچىنچى قېتىم كېلىدۇ. ئۈچ يىل جاپالىق ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات نەتىجىسىدە ئاخىرى دوكتۇر يېتەكچىسى ئابدۇللاھ مۇھەممەد سەئىد ۋە ياردەمچى دوكتۇر يېتەكچىسى سابىر ئابدۇلئەزىز ئىمرانلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە «ئىسلام قانۇنشۇناسى ئەبۇ لەيىس سەمەرقەندى ۋە ئۇنىڭ فىقھى كۆز قاراشلىرى» ناملىق دوكتۇرلۇق رىسالىسىنى يېزىپ 2008 - يىلى 1 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئىسلام شەرىئىتى، سېلىشتۇرما فىقھى كەسپىدە 1 - دەرىجىلىك دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ.

ئىلمىي خىزمەتلىرى[تەھرىرلەش]

دوكتور ئابدۇلئەزىزنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەن ساھەلىرىدىن بىرى دىنىي مائارىپنى قانداق قىلغاندا مۇشۇ دەۋر ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن شەكىلدە قۇرۇپ چىقىش، دىنىي بىلىم ئىگىلەش ئىستىگىدە بولغانلارغا بۇ ئىلىمنى قايسى ئۇسۇل ۋە قانداق يۆنىلىشتە يەتكۈزۈشتۇر. شۇڭا، ئۇ شارائىت ۋە ئىمكاننىڭ يار بېرىشىچە بۇ ھەقتىكى خىزمەتلەرنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. خۇسۇسەن، ئۇ قۇرغان «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى» بۈگۈنكى دەۋر ئۇچۇر تەرەققىياتى ئارقىلىق ئىلمى ۋە ئەمەلىي خىزمەت ئېلىپ بېرىش، شۇنداقلا دىنى ئىلىم ئۆگەنگۈچىلەر، تەتقىقاتچىلار بولۇپ ھەرساھە ئىلىم ئاشىنالىرىنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن قىممەتلىك ۋە مۇھىم كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىماقتا.

بولۇپمۇ بۇ يەردە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دىنىي بىلىمگە ئىشتىياقى كۈچلۈك ئەمما تېگىشلىك ئىمكانىيەت تاپالمايۋاتقانلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك ساھەدىكىلەرنىڭ دەرس ۋەياكى ئىزدىنىشلىرىگە پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن ئۇ يولغا قويغان «ئاۋازلىق دەرسلەر پروگراممىسى» ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەردۇر. ئۇ يولغا قويغان ئاۋازلىق دەرسلىكلەر قاتارىدا تۆۋەندىكىلەرنى نەمۇنە سۈپىتىدە ساناپ ئۆتۈش مۇمكىن:

1. سېلىشتۇرما فىقھى ساھەسىدىكى مۆتىۋەر ئەسەر «بىدايەتۇلمۇجتەھىد» نىڭ ئاۋازلىق دەرسى.

2. ھەنەفى مەزھەپ فىقھىسىدىكى مۆتىۋەر ئەسەر «ئەلئىختىيار» نىڭ ئاۋازلىق دەرسى.

3. ئەرەب ئەدەبىياتى «ئەلمۇتالەئەتۇل ئەزھەرىييە» يۈرۈشلۈك قىسىملىرى ئاۋازلىق دەرسى.

4. مۆتىۋەر تەپسىرلەردىن «تەپسىرى نەسەفىي»نىڭ ئاۋازلىق دەرسى ۋە باشقىلار…

ئىلمىي ئەمگەكلىرى[تەھرىرلەش]

دوكتور ئابدۇلئەزىز مەيلى ئوقۇش دەۋرىدە بولسۇن ياكى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى ئىلمى خىزمەت داۋامىدا بولسۇن، ئىلمىي خىزمەتنى توختىتىپ قويغان ئەمەس. بۇ ئورۇندا ئۇنىڭ ئۆز ئىجتىھادى ۋە ئىلمى ئىستېداتىنىڭ سەمەرىسى بولغان «پەتىۋالار مەجمۇئەسى» يۈرۈشلۈك ئەسىرىنى ئۇنىڭ ئۇيغۇر تارىخىدىكى پەتىۋا خىزمىتى ساھەسىدە مەيدانغا كەلگەن بۆسۈش خاراكتېرىدىكى يېڭىلىقلار قاتارىدا تىلغا ئېلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

ئۇنىڭ تەرجىمە ساھاسىدىكى ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى تىلغا ئىلىشقا توغرا كەلسە، تۆۋەندىكىلەرنى تىلغا ئىلىش مۇمكىن:

1. دوكتور يۈسۈپ قەرەداۋىينىڭ نادىر ئەسەرلىرىدىن بىرى بولغان ھەمدە دۇنيادىكى 100 دىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنىش شەرىپىگە نائىل بولغان مەشھۇر فىقھى ئەسەر: «ئىسلامدا ھالال ۋە ھارام» ناملىق كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى 2003 - يىلى بىر قېتىم ۋە 2012 - يىلىدىكى ئەرەبچە تولۇقلانغان نۇسخىسىغا ئاساسەن 2019 - يىلى ئىككىنچى قېتىم تولۇقلاپ تەرجىمە قىلىپ چىققان.

2. بىرقانچە دىنىي زىيالىيلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن روياپقا چىققان «مۇختەسەرى تەفسىرى ئىبنى كەسىر» ناملىق ھەجىملىك ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى.

3. قۇرئاندىن قالسا سەھىھلىك دەرىجىسى 2 – ئورۇندا تۇرىدىغان مەشھۇر «سەھىھۇلبۇخارى» ھەدىسلەر توپلىمىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى. (نۆۋەتتە بۇ ئەسەر دوكتورنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا تەھرىرلىنىش باسقۇچىدا كېتىۋاتىدۇ).

ئۇنىڭ فىقھى، ئىلمى تەتقىقاتىغا دائىر ئەسەرلىرى ۋە ئاكادېمىك تەتقىقات سۈپىتىدىكى رىسالىلىرى قاتارىدا تۆۋەندىكىلەرنى تىلغا ئېلىشىمىز مۇمكىن:

1. ئاللاھنىڭ ئېيى بۇ رامىزان. (مۇبارەك رامىزان ئېيىدىكى ئالاھىدىلىكلەر ۋە ئەھكاملار).

2. ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشقا دائىر ئەھكاملار.

3. شەرىئەتتە قەرز ئەھكاملىرى.

4. شەرىئەتتە قۇربانلىق ئەھكاملىرى.

5. شەرىئەتتىكى مۇزارەبە شىركىتى تۈزۈمى.

6. ئەقىقە ئەھكاملىرى.

7. سەدىقە پىترى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملار.

ئىلمىي تەتقىقات پىلانى[تەھرىرلەش]

دوكتور ئابدۇلئەزىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئەمەلىي خىزمەت پىلانلىرى ئىلگىرىلەش ئىچىدە بولۇپ، پەقەت بۇيەردە ئۇ ئۆز يېتەكچىلىكى ۋە بىۋاسىتە ئىشتىراك قىلىشى بىلەن داۋاملىشىۋاتقان قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئىلمىي تەتقىقات تۈرىدىكى خىزمەتلەر ئىچىدە تۆۋەندىكىلەرنى تىلغا ئىلىش مۇمكىن:

ئەقىدە تەتقىقاتى[تەھرىرلەش]

مەزكۇر تەتقىقات تۈرى بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر خەلقىگە ئىسلام ئەقىدىسىنى ساپ ۋە ساغلام ھالىتى بىلەن تەقدىم قىلىشنى نىشان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر تەتقىقات تۈرى ئىلمىيلىكى كۈچلۈك، بىر قەدەر مۇپەسسەل ۋە ئاكادېمىك تەتقىقات يۆنىلىشىگە ئۇيغۇن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. مەزكۇر تەتقىقات لايىھىسى شانلىق تارىخقا ئىگە بۇ ئەقىدىلىك مىللەتكە ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئەقىدىسىنى ئۆز ئانا تىلىدا بىۋاسىتە ۋە ئەتراپلىق تونۇشۇپ چىقىش ئىمكانىيىتى ھازىرلاشنى ئاساسى ئورۇنغا قويىدۇ.

فىقھى تەتقىقاتى[تەھرىرلەش]

مەزكۇر تەتقىقات لايىھىسى ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئىبادەت ۋە مۇئامىلە قىسمىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ كاتېگورىيىسى بويىچە ئاممىباب، ئىلمىي ۋە ئوتتۇراھال يۆنىلىشتە شەرھلەپ چىقىش ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شەرىئەت ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرىغا دائىر مەلۇماتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئىسلاھ قىلىش، شۇنداقلا ئۇلاردا شەرىئەت روھىنى بەرپا قىلىش ھەمدە ئۇلارغا شەرىئەت كۆرسەتمىلىرى ۋە ئىلاھىي قانۇن بويىچە ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە زۆرۈرىيىتىنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىقلارنى نىشان قىلىدۇ.

پەتىۋا خىزمىتى[تەھرىرلەش]

بۇ تۈر دىيارىمىز مۇسۇلمانلىرى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئېتىقاد، شەرىئەت ۋە ئەخلاق جەھەتلەردىكى ھەرخىل مەسىلىلەرگە پەتىۋا بېرىش، بولۇپمۇ قەدىمدە مەۋجۇت بولمىغان، ئەمما دەۋرىمىزدە يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان يېڭى – يېڭى مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىش، پەتىۋا يۆنىلىشىنى ئەسلىدىكى ئىخچام جاۋابلاش ھالىتىدىن ئىلمىي ئىزاھلاش ھالىتىگە كۆتۈرۈش ۋە بېرىلگەن پەتىۋالارنى يىغىپ توپلاشنى ئاساس قىلىدۇ. مەزكۇر تۈر «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى» قۇرۇلغاندىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتىكى ئىلمىي لايىھىدە بۇ تۈرنى ئىلمىيلىك ۋە سۈپەت جەھەتلەردە يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، كۈچەيتىش پىلانلانماقتا.[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. يوقىرىقى مەزمۇنلار دوكتور ئابدۇلئەزىزنىڭ ئۆزى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلار ۋە ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورىدىن ئېلىندى. http://www.sajiya.biz/?page_id=784 ئۇلىنىش تارىخى: 2020 - يىل 18 - ئۆكتەبىر،