سەھىھۇل بۇخارى

ئورنى Wikipedia
سەھىھۇل بۇخارى

صحيح البخاري

الجامع المسند الصحيح المختصر من أُمور رسول الله صلى الله عليه وسلّم وسننه وأيامه
مۇئەللىڧ



ئەسەر تىلى

يۇرتى

تۈرى

مۇھەممەد بىن ئىسمائىل ئەلبۇخارىي

(ھ. 194 - ھ. 254)

ئەرەبچە

بۇخارالىق
كۇتۇبى سىتتە

سەھىھۇل بۇخارى (ئەرەبچە: صحيح البخاري) تولۇق ئىسمى ئەل جامىئۇسسەھىھ بولۇپ، مۇئەللىڧنىڭ ئاتىغا (ئىمام بۇخارىي) نىسبەت بىلەن "بۇخارى"، "بۇخارى شەرىڧ" دېگەندەك ئىسىملار بىلەن يادلىنىدىغان ھەدىس كىتابىنىڭ ئەڭ مەشھۇر ئىسمىدۇر.

ئەھلى سۇننە ۋەلجامائە تەرىپىدىن ئەڭ ئىشەنچىلىك ھەدىس كىتابى دەپ قەبۇل قىلىنىدۇ.

ئىمام بۇخارىي بۇ كىتابى ئۈچۈن: "سەھىھ بولغانلاردىن باشقىسىنى يازمىدىم. كىتاب ئۇزۇراپ كەتمىسۇن ئۈچۈن تاشلاپ قويۇلغان سەھىھلەر يازغانلىرىمدىن جىقتۇر." دېگىنىدەك: "بۇلارنى 600 مىڭ ھەدىس ئىچىدىن تەخرىج ۋە ئىنتىھاب ئەيلىدىم. ۋە تەسنىڧىنى ئون ئالتە سەنەدە ئىكمال قىلائالدىم. ئۇنى ئۆزەم بىلەن ئاللاھ ئاراسىندا ھۈججەت ئىتتىھاز قىلۇرمەن." دېگەن.

سەھىھۇل بۇخارىي (صحيح البخاري)». مەشھۇر ھەدىس ئالىمى. ھەدىس ئىلمىدە «ھەدىس ئىللەتلىرىنىڭ دوختۇرى»، «ئەمىرىلمۇئمىنىن» دەپ نام ئالغان مۇھەددىسلەر سەردارى ئىمام بۇخارىي (ھ. 194 – 256 / م. 810 – 870) نىڭ «سەھىھۇل بۇخارىي» نامى بىلەن مەشھۇر ئەڭ ئىشەنچلىك ئىككى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى بولغان «سەھىھەين»نىڭ بىرىنچىسى «ئەلجامىئۇسسەھىھ (الجامع المسند الصحيح المختصر من أمور رسول الله صلى الله عليه وسلم وسننه وأيامه)». جىمى ئالىملار ئاللاھنىڭ كىتابى «قۇرئان كەرىم»دىن قالسا، ئەڭ سەھىھ كىتاب «سەھىھەين»، «سەھىھەين»نىڭ ئەڭ سەھىھى «سەھىھۇل بۇخارىي» ئىكەنلىكىدە بىردەك قاراشتا بولغان[1].

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

مۇئەللىڧ[تەھرىرلەش]

ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبن ئىسمائىل ئىبن ئىبراھىم ئىبن ئەل مۇغىرە ئىبن مەردەزبىھ ئەل جۇڧى ئەل بۇخارى، مىلادى 810- يىلى شەھرى بۇخارادا توغۇلغان. خۇراسان، ئىراق، ھىجاز ۋە باشقا يەرلەرگە سەپەر قىلغان ۋە ھەدىس توپلىغان. بۇخارىي 869- يىلى سەمەرقەندتە ۋاپات بولغان. مۇسلىم ئىبنى ھەججاج، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، نەسائى، ۋ.ب ئالىملەر ئۇنىڭدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

ئەسەر[تەھرىرلەش]

ئىمام بۇخارىي 16 يىلدا (ھ. 216 – 232 / م. 831 – 846) تاماملىغان بۇ كىتابىدا ئەقىدە، ئەھكام، تەفسىر، تارىخ، جىھاد، ئەدەب - قائىدە ۋە پەزىلەتلەرگە ئالاقىدار ئەڭ سەھىھ ھەدىسلەرنى 600 مىڭغا يېقىن ھەدىستىن سۈزۈپ توپلىغان. ئىمام بۇخارىي بۇ كىتابىغا تاللىغان سەھىھ ھەدىسلەرگە قاتتىق شەرتلەرنى قويغان ۋە ھەربىر ھەدىس ئۈچۈن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ ئىستىخارە سېلىپ ھەدىسنىڭ سەھىھلىكىنى جەزم قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇنى كىتابىغا كىرگۈزگەن. ئۇنىڭدىكى سەنەدلىك ھەدىسلەرنىڭ سانى تەكرارلىرىنى ھېسابلىمىغاندا 2602، تەكرارلىرى بىلەن 7563، جەمئىي سەنەدلىكلىرى 9082، بەزى جايدا سەنەدلىك كەلگەن بولسىمۇ ئومۇم مۇئەللەقاتلىرى (سەنەدسىزلىرى) 1341، پەقەت سەنەدسىزلىرى 159 ھەدىس بولۇپ، جەمئىي 98 بۆلۈم، 3450 بابقا بۆلۈنگەن[1].

شەرھلەر[تەھرىرلەش]

  • "شەرھى سەھىھۇل بۇخارى"، ئەبۇل ھاسان ئەلى ئىبن خەلەڧ ئىبن ئابدۇلمەلىك ئەل قۇرتۇبى ئەل مەلىكى (ئىبنى باتتال) (ھ. ؟-449)
  • "ئەتتەلۋىھ ڧى شەرھۇل جامىئۇس سەھىھ"، ئالائەددىن ماغلۇتاي ئىبن قەلىج ئەتتۈركىي ئەل مىسرى ئەل ھەنەڧى (ھ. ؟-762)
  • "ئەل كەۋكەب ئەددەرارى ڧى شەرھ سەھىھۇل بۇخارى"، شەمسىددىن مۇھەممەد ئىبن يۇسىڧ ئىبن سە ئەلى سەيد ئەل كەرمەنى (ھ. ؟-786)
  • "ڧەتھۇل بارى شەرھى سەھىھۇل بۇخارى"، ئەبۇل ڧازىل ئەھمەد ئىبن ئەلى ئىبن ھەجەر ئەل ئەسقەلانى ئەش شەرڧى (ھ.؟-852)
  • "ئۇمدەتۇل قارى ڧى شەرھىل بۇخارى"، بەدرىددىن مەھمۇد ئىبن ئەھمەد ئەل ئەينى ئەل ھەنەڧى (ھ. ؟-855)
  • "ئەتتوۋىش شەرھۇل جامىئۇس سەھىھ"، جەلالەددىن ئەس سۇيۇتى (ھ. ؟-911)
  • ئىرشادۇس سەرى ئىلە شەرھ سەھىھۇل بۇخارىي"، شاھابۇددىن ئەھمەد ئىبن مۇھەممەد ئەل خاتىب ئەل قەستەلانى ئەل قاھىرى ئەش شاڧى (ھ. ؟-923)
  • ئىمام نەسرىددىن ئەلى ئىبن مۇھەممەد ئىبن ئەل مۇنىر ئەل ئىسكەندەرىنىڭ شەرھى
  • "ڧەيزۇل بارى شەرھ سەھىھۇل بۇخارىي"، مۇھەممەد ئەنۋەر شاھ كەشمىرى

نەشرلەرى[تەھرىرلەش]

مەزكۇر كىتاب ئەرەبچە بىر نەچچە قېتىم نەشر قىلىنغان:

  • مۇھەممەد بىن ئىسمائىل ئەل بۇخارىي، ئەل جامىئۇس سەھىھ، «مەكتەبى ئەس سەلەڧىييە»، قاھىرە، 1400\1980؛ مۇتەھقىق: مۇھىبۇددىن ئەل خەتىب ۋە مۇھەممەد ڧۇئاد ئابدۇلباقى.
  • مۇھەممەد بىن ئىسمائىل ئەل بۇخارىي، ئەل جامىئۇس سەھىھ، «دارۇل ڧىكىر»، بېيرۇت، 1401\1981
  • مۇھەممەد بىن ئىسمائىل ئەل بۇخارىي، ئەل جامىئۇس سەھىھ، «دارۇس سالام»، ئەر رىياد، 1997
  • مۇھەممەد بىن ئىسمائىل ئەل بۇخارىي، ئەل جامىئۇس سەھىھ، «بەيتۇل ئەڧكار ئەد دەۋلىييە لىل نەشر»، ئەر رىياد، 1419\1998، مۇتەھقىق: ئەبۇ سۇھەيب ئەل كەرمى
  • مۇھەممەد بىن ئىسمائىل ئەل بۇخارىي، ئەل جامىئۇس سەھىھ،
  • مۇھەممەد بىن ئىسمائىل ئەل بۇخارىي، ئەل جامىئۇس سەھىھ، «دارۇتتەقۋا ئەنناجە» بېيرۇت، 1422\2002، مۇتەھقىق: مۇھەممەد زۇھەير ئىبن ناسىر
  • مۇھەممەد بىن ئىسمائىل ئەل بۇخارىي، ئەل جامىئۇس سەھىھ، «دار ئىبنى كەسىر»، دەمەشىق\بېيرۇت، 1423\2002
  • مۇھەممەد بىن ئىسمائىل ئەل بۇخارىي، ئەل جامىئۇس سەھىھ، «دارۇررۇشد» ئەر رىياد، 1427\2006، مۇتەھقىق: ئابدۇسسالام ئىبن مۇھەممەد ئۆمەر ئاللۇش

بۇ كىتاب يەنە تۈركىي تىللىق خەلقلەردە مۇختەسەر شەكلىدە نەشر قىلىنغان:

  • "سەھىھۇل بۇخارى ۋە قەستەلانى شەرھى"، تەرج: مۇھەممەد سالىھ داموللا، 1980 (ئۇيغۇرچە)
  • "سەھىھۇل بۇخارى (مۇختەسەر)، تەرج: ئەلىخان مۇسايېۋ، باكۇ، «شەرق غەرب» باكۇ، 2009، 973 بەت. (ئازەرىچە)
  • مۇھەممەد بىن ئىسمائىل ئەل بۇخارىي، ئەل جامىئۇس سەھىھ، "سەھىھۇل بۇخارى ۋە تەرجىمسى"، تەرج: مەھمەد سوڧۇئوغلۇ، «ئۆتۈكەن» نەشرىياتى (تۈركچە)
  • "ھەدىس (ئەل جامىئ ئەس سەھىھ)"، تاشكەند، 1997
  1. 1.0 1.1 ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى