Jump to content

ئىمام مالىك

ئورنى Wikipedia
ئىمام مالىك
تۇغۇلۇشھ. 93 / م. 712
ۋاپاتىھ. 179 / م. 795


ئىمام مالىك (الإمَامُ مَالك بن أنس بن مَالك الأصبحي الْمَدَنِيّ): مالىك ئىبنى ئەنەس ئىبنى مالىك ئەلئەسبەھىي ئەلمەدەنىي (ئەبۇ ئابدۇللاھ). (ھ. 93 – 179 / م. 712 – 795) مەدىنەدە ياشاپ ئۆتكەن بۈيۈك مۇھەددىس، تەبەئۇتتابىئىندىن. مەشھۇر تۆت مەزھەپنىڭ بىرى بولغان مالىكىي مەزھىبىنىڭ ئىمامى. «ئەلمۇۋەتتا» ئاتلىق مەشھۇر ھەدىس كىتابى باردۇر[1]. بۈيۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ  شەھىرى مەدىنىدە، ئەسلى شەجەرىيەسى يەمەنگە تۇتۇشىدىغان بىر ئەرەب ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئىمام مالىكنىڭ  بوۋىسى، يەمەندىكى بەزى ۋالىيلاردىن شىكايەت قىلىپ مەدىنەگە كېلىپ، ئولتۇراقلىشىپ قالغان.

ئىلىم سەپىرى ۋە ئۇستازلىرى

[تەھرىرلەش]

مالىك تۇغۇلغان زاماندا، مەدىنە شەرىئەتنىڭ مەنبەسى، ئالىملارنىڭ چىرىقى ئىدى. مالىك ئائىلىسى مەدىنىگە كېلىپلا ئىلىم بېغىغا قەدەم قويۇشقا باشلىغان، بۇۋىسى ئەڭ چوڭ تابىئىى ۋە ھەدىس رىۋايەتچىلىرىدىن بىرى ئىدى. ئىمام مالىكنىڭ تاغىسى ئەبۇ سۇھەيىل نافئى بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئارىسىدا ھەدىس ئىلمىغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەنلەردىن ھېسابلىنىدۇ.

مالىك، بۇ ئىلىم بىلەن نەفەسلىنىدىغان جەمئىيەتتە ئىلىم دۇنياسىغا قەدەم تاشلايدۇ. بىرىنچى بولۇپ، قۇرئاننى يادىلاش بىلەن باشلايدۇ. ئۇ ئائىلىسىگە، تاغىسىغا ئوخشاش ئۆلىمالارنىڭ دەرىسخانلىرىغا قاتنىشىشنى تەلەپ قويىدۇ، بۇ ئىشنى ئائىلىسى خۇرسەنلىك بىلەن قوللايدۇ، بۇ ئىشقا ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەن كىشى ئانىسى (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) بولىدۇ. ئىمام مالىك، ئانىسىغا ئۆلىمالارنىڭ مەجلىسىگە بېرىپ ئۆگىنىش رىغبىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەندە، ئانىسى ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشى كىيملەرنى كىيدۈرۈپ، بېشىغا سەللە ئوراپ: "ھازىر بېرىپ يېزىشنى باشلىغىن" دەپ ئىلىم دەرۋازىسىنى ئېچىپ بىرىدۇ. بۇ بۈيۈك ئانا ئىمام مالىكنىڭ شەكلىگىلا كۆڭۈل بۆلمەستىن، بەلكى قايسى ئالىمنىڭ يېنىغا بېرىپ ئوقۇشنى، نېمە ئوقۇشى لازىملىقىنى دەپ بالىسىغا كۆرسەتمە بېرىپ تۇرىدۇ. 

ئۇ شۇنداق قىلىپ، ئۆلىمالارنىڭ دەرىسخانلىرىدا، قۇشقا ئوخشاش، بىر دەرەختىن يەنە بىر دەرەخكە قۇنۇپ، خالىغان مېۋىلەرنى تاللاپ ئېلىپ، ئىلىم تەھسىل قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ ھەدىس شوناس ئابدۇرراخمان ئىبنى ھورموزنى (ھىجريە 117ـ يىلى ۋاپات بولغان) ئۆزىگە ئەڭ يېقىن ئۇستاز تۇتىدۇ. ئىمام مالىك ھەدىس ئىلمىنى نافئى مەۋلە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر، ئەبىززىناد ۋە ئىبنى شىھاب ئەززۇھەرىلاردا ئۆگەنگەن بولسا، فىقھى ئىلمىنى رابىئە ۋە يەھيا ئىبنى سەئىدتە ئۆگەنگەن. ئىمام مالىك، ئىلىم ئېلىش يولىدا قاتتىق تىرىشچان بولغان بولۇپ، بو يولدا ھېچقانداق نەرسىنى ئاياپ قالمىغان، ھەتتا قىسىقچىلىق زامانلىرىدا ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىنى سېتىپ بولسىمۇ ئىلىم تەھسىل قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان. ئىمام مالىك ئىلىم يولىدا ئۇستازلارنىڭ قاتتىقلىقىنى كۆتۈرىدۇ، بۇ توغرىدا ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "مەن تىك چۈشتە، نافئىنىڭ نىڭ ئۆيىگە كېلەتتىم، مېنى  قاقىرام ئىسسىقلىقتىن ساقلايدىغان بىرەر دەرەخ يوق ئېدى، نافىئنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇراتتىم، ئۇ ئۆيىدىن چىققان تەقدىرمۇ، ئۇنى كۆرمەسلىككە سېلىپ، يەنە بىرەر سائەتكىچە ساقلايىتتم، ئاندىن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كېلىپ سالام بېرىپ، بىرەر ھەدىس توغرىسىدا سوئال سورايىتتىم، ئۇ جاۋاب بېرەتتى. ئۇنىڭدا چوسلۇق بار ئىدى".

ئىمام مالىك ئىلىم تەھسىل قىلىشنى، ھەدىسنى رىۋايەت قىلىش ئىلمى، ۋە ساھابىلارنىڭ پەىۋالىرىنى ئۆگىنىشتىن باشلاپ، شەرىئەت ئىلمىگە ئالاقىدار بولغان بارلىق ئىلىملارنى ئۆگىنىشكە قەدەم قويغان.

سۈپەتلىرى

[تەھرىرلەش]

1ـ تۇتۇۋىلىش قابىلىيىتى: ئاللاھ  تائالا ئىمام مالىكقا ئادەتتىن تاشقىرى تۇتۇۋىلىش قابىلىيىتى ئاتا قىلغان بولۇپ، بىر كۈنى ھەدىس ئالىمى ئىبنى شىھاب ئەززۇھەرىدىن يېزىۋالماستىن، 31 ھەدىس ئاڭلاپ، بىر ئازدىن كېيىن ئۇستازىغا بىرەر ھەدىسنىمۇ قالدۇرۇپ قويماي دەپ بەرگەن.

2ـ ئىمام مالىكنىڭ قەلبىنى ھېكمەت نۇرى بىلەن يورۇتقان ئىخلاس ۋە تەقۋالىق: ئۇ ئىلىمنى ئاللاھ  ئۈچۈنلا ئۈگەنگەن بولۇپ، ئۆزىنى شەخسىي غەرەزلەردىن، ھاۋايى ـ ھەۋەسلەردىن ساقلاپ، پەقەتلا ئۆزىنى ھەقىقەتكە يىتىش ئۈچۈنلا ئاتىغان.

ئىمام مالىك، بىرەر پەتىۋا بېرىشتە ، ئالدىراپ جاۋاب بەرمەيىتتى. ئەگەر بىر كىشى بىرەر مەسىلە توغرىسىدا سوئال سوراپ كەلسە، ئۇنىڭغا: ھازىر كېتىپ تۇرۇڭ، بۇ مەسلىگە قاراپ جاۋاب بىرەي دەپ ئۇ كىشىنى قايتۇراتتى. ئۇنىڭدىن رىۋايەت قىلىنپ مۇنداق كېلىدۇ: ئۇ بىر كۈنى 30 مەسىلىدە سوئال سورلۇپ، بېرسىگە جاۋاب بېرىپ 39 غا بىلمەيمەن دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئىمام مالىكنىڭ بىردىنبىر كىتاۋبى "مۇۋەتتا": بۇ كىتاب، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى جۇغلىغان بىرىنچى كىتاب بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئىمام مالىك كىتاۋبنى ئۇمەۋىيە خەلىپىلىكى دەۋرىدە، ئەبۇ جەئفەر ئىبنى مەنسۇرنىڭ زامانىدا  يېزىشقا باشلاپ، ھارون ئەل راشىدنىڭ  واقتىدا تاماملىغان. ھارون ئەل راشىد خەلىپىلىكتىكى بارلىق يەرلەرگە، ئىمام مالىكنىڭ بۇ كىتاۋبىنى بىر تۇتاش يۈرگۈزۈشنى ۋە كەبە شەرىفكە ئېسىپ قويۇشنى ئىمام مالىكقا دېگەندە؛ ئىمام مالىك، ئىسلام زېمىنىنىڭ كېڭىيىپ كەتكەنلىكىنى، ھەممە يەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆرپـ ئادەتلىرى بارلىقىنى، بۇنداق قىلغاندا كىشىلەرگە تەسلىك بۇلۇپ قالىدىغانلىقىنى دەپ، بۇ ئىشقا رازى بولمىغان.

"مۇۋەتتا" نى ئىمام مالىك قىرىق يىل ئىچىدە يېزىپ پۈتتۈرگەن. بۇ كىتاب ھەدىس كىتابى بولۇپ، ئىمام مالىك ئۇنى فىقھى تەرتىپى بىلەن رەتلەپ چىققان، شۇنىڭ ئۈچۈن "مۇۋەتتا" ھەدىس ۋە فىقھى كىتابى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مالىكى مەزھىپىنىڭ تارقىلىشى

[تەھرىرلەش]

مالىكى مەزھىپى، ئىمام مالىكنىڭ تالىپلىرىنىڭ ھارماي تېرىشچانلىق قىلىشلىرى، ۋە ئىمام مالىكنىڭ كىتاۋبى "مۇئەتت" نىڭ تەسىرى بىلەن گۈللەنگەن.

مالىكى مەزھىپى بىرىنچى بولۇپ ۋۇجۇتقا كەلگەن يېرى، ھىجاز زېمىنىدا تارقالغان. شۇنىڭدەك، ئىمام مالىكنىڭ ھايات واقتىدا مىسىردىمۇ تارقالغان. ھازىر بولسا شىمالى ئافرىقىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرى، تۇنىس، ئالجىرىيە ۋە ماراكەش، ۋە كۆپىنچە ئافرىقا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەزھىپى مالىكى ھېسابلىنىدۇ.

ۋاپاتى

[تەھرىرلەش]

ھىجرەت دىيارىنىڭ ئىمامى ئىمام مالىك، دۇنياغا ئىلىم نۇرىنى چېچېپ، بىزنىڭ شەرىئەت فىقھىمىزنىڭ ئەڭ بۈيۈك بىر تۈۋرىكىنى تۇرغۇزۇپ بېرىپ، ھىجرىيەنىڭ 179 ( مىلادى 795)ـ يىلى بۇ ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئاللاھ ئىمام مالىكتىن رازى بولسۇن، ۋە رەھمىتى ئاستغا ئالسۇن. ئامىن

قاراڭ

[تەھرىرلەش]



مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]