ئىمام شافىئىي

ئورنى Wikipedia
ئىمام شافىئىي
تۇغۇلۇشھ. 150 / م. 767، غەززە
توغۇلغان يەرغەززە
ۋاپاتىھ. 204 / م. 820، مىسىر
ۋاپات بولغان يەرمىسىر
مىللىتىئەرەب


ئىمام شافىئىي (الإمَامُ مُحَمَّدُ بْنُ إِدْرِيسَ بن الْعَبَّاس بن عُثْمَان بن الشافع الشَّافِعِيُّ المُطَّلِبِيُّ): مۇھەممەد ئىبنى ئىدرىس ئىبنى ئەلئابباس ئەششافىئىي ئەلمۇتتەلىبىي (ئەبۇ ئابدۇللاھ). (ھ. 150 / م. 767، غەززە – ھ. 204 / م. 820، مىسىر) مەشھۇر «تۆت مەزھەب»نىڭ بىرى بولغان «شافىئىي مەزھىبى»نىڭ ئىمامى. بۈيۈك مۇجتەھىد ئالىم. «ئەلئۇم»، «ئەررىسالە»، «ئەھكامۇل قۇرئان»، «جىمائۇل ئىلىم» ۋە «ئىختىلافۇل ھەدىس» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار[1].

ئىمام شافىئىي (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) يېتىم ھالەتتە ئۆسۈپ يېتىلدى. ئانىسى ئۇنى قۇرەيش قەبىلىسىدىكى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ياشتىكى بالىلار يېتىلىۋاتقان مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلسۇن، دەپ ئۇ ئىككى ياشقا كىرگەندە پەلەستىندىن مەككىگە ئېلىپ كەلدى. ئۇ چاغدا مەككە فىقھى ۋە ھەدىس ئالىملىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ يېشى تېخى يەتتە ياشتىن ئاشمايلا قۇرئاننى يادا ئېلىپ بولۇپ ئىلىم سورۇنلىرىغا كېلىپ ـ كېتىشكە باشلايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئىلىم ئاتا قىلدى ۋە ئىلىم ئۆگىنىش ئىشتىياقىنى سالدى.

ئىمام شافىئىي (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) بىر تەەرەپتىن ئىلىم ئۆگەنگەچ ۋە ھەدىس يادا ئالغاچ يەنە بىر تەرەپتىن تىلىنى كۆندۈرۈش، تىلىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېزىدىكى بەزى ئەرەب قەبىلىرىنىڭ ئارىسىغا دائىم دېگىدەك بېرىپ تۇرىدۇ.

ئۇ مەزگىللەر دەل ئىمام مالىكنىڭ شۆھرىتى پۈتكۈل مەدىنە تەۋەسىگە پۇركەتكەن ۋە كىشىلەر ئۇنىڭ "مۇئەتتا" ئىسىملىك كىتابىنى قولدىن قولغا ئېلىشىپ ئوقۇيدىغان بىر مەزگىل ئىدى. شۇڭا ئىمام شافىئىي مەدىنىگە بېرىپ ئىمام مالىكنىك يېنىدا تۇرۇپ ئۇنىڭدا ئوقۇماقچى بولىدۇ. لېكىن، ئۇ مەككىدىن ئايرىلىپ ئىمام مالىكنىڭ يېنىغا بېرىشتىن ئىىلگىرى ئۇنىڭ "مۇئەتتا" ئىسىملىك كىتابىنى يادا ئېلىش قارارىغا كېلىپ ئۇ كىتابنى يادا ئېلىپ بولىدۇ. ئىمام شافىئىي (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) مەدىنىگە بېرىپ ئىمام مالىكتىن دەرس ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان ۋاقتىدا، ئىمام مالىكقا ئۇنىڭ "مۇئەتتا" ئىسىملىك كىتابىنى يادقا ئوقۇپ بېرىدۇ. ئىمام مالىك (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) شافىئىينىڭ ئۆزىنىڭ كىتابىنى يادقا ئوقۇغانلىقىدىن ۋە ئۇنىڭ تىلىنىڭ ناھايىتى راۋانلىقىدىن ھەيران قالىدۇ. بۇ ۋاقتىدا ئىمام شافىئىي ئەمدىلا 13 ياشقا كىرگەن ۋاقىت ئىدى. ئىمام شافىئىي شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ تاكى ئىمام مالىك (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) ھىجرىيەنىڭ 179 ـ يىلى (مىلادىيە 796 -يىلى) ۋاپات تاپقانغا قەدەر ئىمام مالىكنىڭ يېنىدا 16 يىل ئىلىم تەھسىل قىلدى. ئىمام شافىئىي بۇ جەريانىدا يەنە ئىبراھىم ئىبنى سەئد ئەنسارىي، ئابدۇلئەزىز ئىبنى مۇھەممەد ئەددىراۋۇردىى ۋە مۇھەممەد ئىبنى سەئىد ئىبنى ئەبى فۇدەيك (ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن!) قاتارلىق ئىماملاردىنمۇ ئىلىم تەھسىل قىلدى.

ئىمام شافىئىي ئۇستازى ئىمام مالىك ۋاپات تېپىپ بىر مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن شۇ ۋاقىتتىكى ئىسلام خىلاپىتىنىڭ مەركىزى بولغان باغدادقا كەلدى. ئۇ باغدادتا ئىمام ئەبۇھەنىيفە (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) نىڭ شاگىرتى ئىمام مۇھەممەد ئەششەيبانىي بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇدى ۋە بىر مۇددەت ئىمام مۇھەممەد ئەششەيبانىينىڭ (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) يېنىدا تۇرۇپ ئۇنىڭدىن ئىلىم ئالدى. شۇنىڭ بىلەن ئىمام شافىئىيدا ھىجازنىڭ ئىلمىي بىلەن ئىراقنىڭ ئىلمى مۇجەسسەملەشتى. كېيىن ئىمام شافىئىي مەككىگە قايتىپ كېلىپ بۇ يەردە ئىلىم سورۇنى قۇردى. شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر يىلى ھەج مەۋسۈمىدە ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ئالىملارئۇنىڭ دەرىسلىرىگە قاتناشتى. ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقان ئالىملارنىڭ ئارىسىدا ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلمۇ بار ئىدى. ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) ھەج مەۋسۈمىدە ئىمام شافىئىي بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇنىڭ شاگىرتى بولۇپ قالدى. مەككىدە ئىمام شافىئىينىڭ شەخسىيىتى ۋە ھىجازنىڭ ئىلمى بىلەن ئىراقنىڭ ئىلمىنىڭ يۇغۇرۇلمىسىدىن كېلىپ چىققان ئىجتىھاد قىلىشتىكى يىڭى يولى قەد  كۈتۈرۈشكە باشلىدى.

ئىمام شافىئىي (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) مەككىدە توققۇز يىل تۇرغاندىن كېيىن ھىجرىيەنىڭ 195 ـ يىلى (مىلادىيە 810 ـ يىلى) ئىككىنچى قېتىم باغدادقا كەلدى. ئۇ بۇ يەرگە ئىككى يىل تۇرۇپ ئۆزىنىڭ مەزھىپىنى تارقاتتى ۋە ئۇسۇلى فىقھى ئىلمىنىڭ ئۇلۇنى قۇرۇش ئاساسىدا يېزىلغان "ئەل رىسالە" ئىسىملىك كىتابىنى يېزىپ چىقتى. باغدادتىمۇ ئىمام شافىئىينىڭ كاتتا شاگىرتلىرىدىن ھېسابلىنىدىغان ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، ئەبۇسەۋر، زەئپىرانىي ۋە كىرابىسىي قاتارلىقلار ئىمام شافىئىينىڭ يېنىدىن ئايرىلمىدى. كېيىن ئىمام شافىئىي (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) باغدادتىن مەككىگە قايتىپ كېلىپ مەككىدە ئاز بىر مۇددەت تۇرغاندىن كېيىن ھىجرىيەنىڭ  198- يىلى (مىلادىيەنىڭ 813- يىلى) يەنە باغدادقا قايتىپ كەلدى. بۇ ئىمام شافىئىينىڭ باغدادقا ئۈچىنچى قېتىم شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كېلىشى بولۇپ قالدى . ئىمام شافىئىي بۇ قېتىم باغدادتا قىسقا بىر مۇددەتلا تۇرۇپ ئۇ يەردىن مىسىرغا كېتىپ قالىدۇ.

ئىمام شافىئىي (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) مىسىرغا كېلىپ ئەمرى ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مەسچىتىدە ئوقۇغۇچىلارغا دەرىس بېرىشنى باشلايدۇ. ئاۋام خەلق ۋە ئالىملار ئۇنىڭ ئىززىتىنى ۋە ھۆرمىتىنى قىلىدۇ. قىسقا بىر مۇددەت ئىچىدە ئۇنىڭ ئەتراپىغا ھەرخىل ئىلىم ساھالىرىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر توپلىنىدۇ.

ئىمام شافىئى تۆۋەندىكى كىتابلارنى يىزىپ قالدۇرغان ئىدى.

1 ـ ئەل رىسالە؛ 2 ـ كىتابۇل ئۇم؛ 3 ئىجما ۋە قىياس؛ 4.مۇسنەد ئەششافئى

ئىمام شافىئىي ھىجرىيەنىڭ 204  (مىلادىيەنىڭ 820 ) - يىلى 54 يېشىدا مىسىردا ۋاپات بولۇپ ئەل فۇستات قەبىرستانلىقىغا دەپنە قىلىندى. ئاللاھ ئۇنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلسۇن!

قاراڭ[تەھرىرلەش]

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە

ئىمام شافىئىي

ئەھمەد ھەنبەلى

ئىمام مالىك

  1. ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى