سۈنەنۇ ئەبى داۋۇد
سۈنەنۇ ئەبى داۋۇد (سنن أبي داود)، مۇھەددىس ئەبۇ داۋۇد سۇلايمان ئىبنى ئەلئەشئەس سىجىستانىي (ھ. 202 – 275 / م. 817 – 888) ئۆمۈر بويى توپلىغان 500 مىڭ ھەدىس ئارىسىدىن سەنەدىدە ئۈزۈكلۈك بولمىغان ۋە راۋىيلىرىنىڭ زەئىفلىكى ھەققىدە بىردەكلىك بولمىغان ئەھكامغا دائىر 4800 (مۇئەللىف ھېسابلىمىغاننى قوشقاندا 5274) ھەدىسنى تاللاپ تۈزگەن ئەسەر بولۇپ، «كۇتۇبۇ سىتتە» (ئالتە كىتاب) ئىچىدىكى «تۆت سۈنەن»نىڭ بىرىدۇر.
35 بۆلۈم، 1871 بابقا بۆلۈنگەن «مەرفۇﺋ»، «مەۋقۇف» ۋە «مەقتۇﺋ» ھەدىسلەرنىڭ كۆپ قىسمى «سەھىھ» ۋە «ھەسەن» بولۇپ، ئاز بىر قىسمى «مۇرسەل»، ناھايىتى ئاز بىر قىسمى بەكلا «زەئىف»تۇر. ئىمام ئەبۇ داۋۇد بەزى «زەئىف» ھەدىسلەرنى كەلتۈرگەندە كۆپ ئەھۋاللاردا ئۇنىڭ زەئىفلىكىنى بايان قىلىپ ماڭغان، يەنە بىر قىسىم ھەدىسلەرنىڭ دەرىجىسى ھەققىدە بولسا ئۇ مەزمۇندا باشقا سەھىھ ھەدىس بولمىغاچقا ھەم «زەئىف» ھەدىسنى قىياسنىڭ ئالدىغا قويىدىغان بولغاچقا، بىرنەرسە دېمىگەن. ئومۇمەن، بۇ ئەسەر ئەھكام ھەدىسلىرى ھەققىدە «سەھىھەين»دىن قالسا ئەڭ مۇھىم ئەسل مەنبە ھېسابلىنىدۇ. شەيخ ناسىرۇددىن ئالبانىي «سۈنەنۇ ئەبى داۋۇد»تىكى ھەدىسلەرنى «سەھىھۇ سۈنەنى ئەبى داۋۇد» ۋە «زەئىفۇ سۈنەنى ئەبى داۋۇد» نامىدا يىرىك ھەجىملىك ئىككى كىتابتا 2734 «سەھىھ» ۋە 561 «زەئىف»كە ئايرىغان ۋە بۇ ئىككى ئەسەردە سەنەد ۋە راۋىيلار ھەققىدە تەپسىلىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان.
سۇننىي ھەدىس ئەدەبىياتى | |
---|---|
كۇتۇبى سىتتە | سەھىھۇل بۇخارىي - سەھىھۇ مۇسلىم - سۇنەنى نەسائى - سۇنەنى تىرمىزى - سۇنەنى ئەبۇ داۋۇد - سۇنەنى ئىبنى ماجە |
مۇھەددىسلەر | ئىمام بۇخارىي - ئىمام مۇسلىم - ئىمام نەسائى - ئىمام تىرمىزى - ئەبۇ داۋۇد - ئىبنى ماجە - ئىمام مالىك - ئىمام ھەنبەلى - ئابدۇررەززاق سەنئانىي - ئىبنى جۇرەيج |
باشقا ھەدىس كىتابلار | مۇۋەتتا - سۇنەنى دارىمى - مۇسنەدى ئەھمەد بىن ھەنبەل - ئەلمۇستەدرەك - سەھىھۇ ئىبنى خۇزەيمە - سەھىھۇ ئىبنى ھىببان - مۇسەنناڧۇ ئابدۇرراززاق سانانى - مۇسەنناڧۇ ئىبنى جۇرەيج - زىيازۇسسالىھىن |
باشقا مۇھەددىسلەر | ئىمام مالىك - ئىمام ھەنبەلى - ئابدۇلرەززاق سانانى - ئىبنى جۇرەيج - ھاكىم ئەننىشابۇرى - |
قۇرئان كەرىم - ھەدىس شەرىڧ - ڧىقھ |