سۈنەنۇ ئەبى داۋۇد

ئورنى Wikipedia

سۈنەنۇ ئەبى داۋۇد (سنن أبي داود)، مۇھەددىس ئەبۇ داۋۇد سۇلايمان ئىبنى ئەلئەشئەس سىجىستانىي (ھ. 202 – 275 / م. 817 – 888) ئۆمۈر بويى توپلىغان 500 مىڭ ھەدىس ئارىسىدىن سەنەدىدە ئۈزۈكلۈك بولمىغان ۋە راۋىيلىرىنىڭ زەئىفلىكى ھەققىدە بىردەكلىك بولمىغان ئەھكامغا دائىر 4800 (مۇئەللىف ھېسابلىمىغاننى قوشقاندا 5274) ھەدىسنى تاللاپ تۈزگەن ئەسەر بولۇپ، «كۇتۇبۇ سىتتە» (ئالتە كىتاب) ئىچىدىكى «تۆت سۈنەن»نىڭ بىرىدۇر.

35 بۆلۈم، 1871 بابقا بۆلۈنگەن «مەرفۇﺋ»، «مەۋقۇف» ۋە «مەقتۇﺋ» ھەدىسلەرنىڭ كۆپ قىسمى «سەھىھ» ۋە «ھەسەن» بولۇپ، ئاز بىر قىسمى «مۇرسەل»، ناھايىتى ئاز بىر قىسمى بەكلا «زەئىف»تۇر. ئىمام ئەبۇ داۋۇد بەزى «زەئىف» ھەدىسلەرنى كەلتۈرگەندە كۆپ ئەھۋاللاردا ئۇنىڭ زەئىفلىكىنى بايان قىلىپ ماڭغان، يەنە بىر قىسىم ھەدىسلەرنىڭ دەرىجىسى ھەققىدە بولسا ئۇ مەزمۇندا باشقا سەھىھ ھەدىس بولمىغاچقا ھەم «زەئىف» ھەدىسنى قىياسنىڭ ئالدىغا قويىدىغان بولغاچقا، بىرنەرسە دېمىگەن. ئومۇمەن، بۇ ئەسەر ئەھكام ھەدىسلىرى ھەققىدە «سەھىھەين»دىن قالسا ئەڭ مۇھىم ئەسل مەنبە ھېسابلىنىدۇ. شەيخ ناسىرۇددىن ئالبانىي «سۈنەنۇ ئەبى داۋۇد»تىكى ھەدىسلەرنى «سەھىھۇ سۈنەنى ئەبى داۋۇد» ۋە «زەئىفۇ سۈنەنى ئەبى داۋۇد» نامىدا يىرىك ھەجىملىك ئىككى كىتابتا 2734 «سەھىھ» ۋە 561 «زەئىف»كە ئايرىغان ۋە بۇ ئىككى ئەسەردە سەنەد ۋە راۋىيلار ھەققىدە تەپسىلىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان.