Jump to content

ئەلى بىن ئەبى تالىب

ئورنى Wikipedia

ئەلى بىن ئەبى تالىب

علي بن أﺑﻲ طالب
ھۆسنخەت بىلەن ئەلى تەسۋىرى، ئىستانبۇل - ئاياسوفىيا
خەلىپىلىكى دەۋرىدىكى ئىسلام دۆلىتى
خەلىپىلىك دەۋرى 656-661
تەۋەللۇت


ئەلى بىن ئەبا تالىب مەركەدى

599- يىل 17. باھار، مەككە، ئەرەبىستان


ۋەڧاتى 661- يىل 28- قەھرىتان(62 ياش، كۇفە)
ئالدىنقىسى


ئوسمان، (سۇننىلەرگە كۆرە)،

مۇھەممەد (شىئەگە كۆرە)


كېيىنكىسى
ھاسان بىن ئەلى
دىنى ئىسلام
نەسەبى ئەرەب - بەنى ھاشىم
ئاتا: ئەبۇ تالىب

ئانا: فاتىمە
رەپىقە(لەر):فاتىمەتۇززەھرا
ھاۋلەت بىنت جەئفەر
ئۇمەييەھ بىنت زەينەب
ئۇممۇل بەنىن
لەيلا بىنت مەسئۇد
ئەل-سەبھا بىنت رەبىئاھ
ئوغۇل(لار): ھاسان بىن ئەلى
ھۈسەيىن بىن ئەلى
مۇھسىن بىن ئەلى
ئابباس بىن ئەلى
مۇھەممەد بىن ھەنەفىيە
ھىلال بىن ئەلى
ئابدۇللاھ بىن ئەلى
جەئفەر بىن ئەلى
ئوسمان بىن ئەلى
ئۇبەيدۇللاھ بىن ئەلى
ئەبۇ بەكر بىن ئەلى
ئۆمەر بىن ئەلى
مۇھەممەد بىن ئەبۇ بەكر (بېقىۋالغان)
قىزلارى: زەينەب بىنت ئەلى
رۇقىيە بىنت ئەلى
ئۇممۇ گۈلسۈم بىنت ئەلى
رەملەھ بىنت ئەلى
ئەقرابا(لار):مۇھەممەد ئە.س، ئەھلى بەيت


ئەلى بىن ئەبى تالىب (ئەرەبچە: علي بن أﺑﻲ طالب، ت. 599 مەككە - ئۆ. 661. كۇڧە)[1][2]، ئىسلام دۆلىتىنىڭ 656-661 يىللار ئارىسىدىكى خەلىپىسى. ئىسلام پەيغەمبەرى ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ھەم جىيەنى ھەم كۈيئوغلى بولغان ئەلىنىڭ دادىسى ئەبۇ تالىب بولۇب، ئانىسىنىڭ ئىسمى ڧاتىمە بىنت ئەسەد ئىدى. ئەلى ئىبن ئەبۇ تالىب بولسا ھەزرىتى مۇھەممەد ئە.س نىڭ ئىسلامغا دەئۋىتىنى قەبۇل قىلغان تۇنجى ئەر كىشىدۇر[3][4]. سۇننىي ئىسلامغا كۆرە ئەلى ر.ئە.، تۆرت خەلىپىنىڭ ئاخىرىقىسى، شىئە ئىسلامغا كۆرە ئىماملارنىڭ تۇنجىسى ۋە مۇھەممەد ئە.س نىڭ ھەق ۋارىسىدۇر. شىئە ۋە سۇننىي ئىسلام ئارىسىدىكى پەرقنىڭ باش سەبەبى ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ھەقىيقى ۋارىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكى ھەققىدىكى كۆرۈش پەرقىدىن كېلىپ چىقماقتا.[5]

ئەبۇ تالىب ۋە ڧاتىمە بىنت ئەسەدنىڭ ئەۋلادى بولغان ئەلى، كەئبەدە توغۇلغان بىردىنبىر كىشى بولۇپ[5]، ئىسلام پەيغەمبەرى ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ھىمايەسىدە چوڭ بولغان،[5] مۇھەممەد س.ئە ۋەھىي كەلگىنىدە بولسا، ئۇنىڭ دەئۋىتىنى قەبۇل قىلغان تۇنجى ئەركىشى بولغان ئەلى، ھاياتىنى ئىسلامغا ئاتىغان.[6][7][2] پەيغەمبەرنىڭ ئەمىرى بىلەن ھىجرەت كېچىسى ئۇنىڭ ئورنىغا ياتقان ۋە ئامانەتلەرنى ئىگىلىرىگە تاپشۇرغان، قىسقا بىر ۋاقىتتىن كېيىن پەيغەمبەرنىڭ ئارقىسىدىن مەدىنەگە كەتكەن. مەدىنە شەھرىدە ئاللاھنىڭ ئەمىرى بىلەن ھەزرىتى ڧاتىمە بىلەن توي قىلغان. مەدىنە دەۋرىدە باشلانغان دەستلەپكى تۇنجى كىچىك دائىرىلىك ئۇرۇشلاردىن تارتىب پۈتۈن ئۇرۇشلار قاتناشقانلىقى بائىس، جەڭگىۋارلىقى ۋە جاسارىتى بىلەن نام چىقارغان ئەلى ر.ئە، ئۈچىنچى خەلىپە ئوسمان بىننى ئەففاننىڭ ئۆلتۈرىلىشىدىن سوڭرە خەلق تەرىپىدىن خەلىپە سايلانغان.[8][9]

ئىسلام مەدەنىيەتىدە ھەزرىتى ئەلى ر.ئە بولۇپمۇ ئىلمى، جاسارەتى، راسگۇيلىقى، ئۆزىنى بېغىشلىشى، سادىقلىقى، مەردلىكى ۋە شەڧقەتى بىلەن تونۇلۇپ ياد ئېتىلمەكتە بولۇپ، سۇڧى ئەنئەنەدە ئەڭ مۇھىم كىشىلەردىندۇر. بولۇپمۇ تەڧسىر، ڧىقىھ ۋە دىنىي ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى ئۈستۈنلىكى قەبۇل كۆرۈلىدۇ.

ئەلىنىڭ ئۆلىمى

[تەھرىرلەش]

نەھرەۋان ئۇرۇشىدا رەقىبلىرىنى ئاغىر مەغلۇب قىلغان. بۇ ئۇرۇشتىن سوڭرە خارىجىيلەردىن ئۈچ كىشى مەككەدە مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسىي ئەھۋالى ھەققىدە بەئزى مۇزاكەرەلەر قىلغاندىن سوڭرە خەلىپە ئەلىنى ئۆلتۈرۈش قارارى ئالدى. بۇ ئۈچ كىشىدىن ئابدۇرراھمان ئىبنى مۇلجەم، ئەلىنى ئۆلتۈرۈشنى ئۈستىگە ئالدى ۋە كۇڧەگە يول ئالدى. كۇڧەدە بىر مەسجىدتە ناماز ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا[10] ئابدۇرراھمان ئىبنى مۇلجەم بىر زەھەرلىك قىلىچ بىلەن ھەزرىتى ئەلىنى يارلاندۇردى. بۇ ھۇجۇمنىڭ مەقسىدى نەھرەېان ئۇرۇشىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالماق ئىدى.[11]

خەلىپە ئەلى بىن ئەبى تالىب، ئابدۇرراھمان ئىبنى مۇلجەم قىلىچ سالغاندىن كېيىن شۇنداق دېدى: كەئبەنىڭ رەببىگە قەسەمكى، قۇتۇلدىغان بولدۇم!" ئىككى كۈن ئۆيىدە ياتقاندىن سوڭرە، ھىجرەتنىڭ 40. يىلى رامىزان ئېيىنىڭ 21. كۈنى پانىي ئالەمدىن باقىي ئالەمگە رىھلەت قىلدى (مىلادى 661). دەڧن قىلىنغان يەرنى ئۇزۇن بىر مۇددەت پەقەتلا ئەڭ يېقىنلىرى بىلگەن ۋە بىر ئەسردىن كېيىن ئىمام جەئڧەر ئەس سادىق ئۇنىڭ مازارىنىڭ نەجەڧتە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

ھەزرىتى ئەلى ئۆلگەندىن كېيىن ئىسلام دۆلىتى ۋە خلاپەت، ئۇزۇن يىللىق رەقىبى مۇئاۋىيەنىڭ قولىغا ئۆتتى، مۇئاۋىيە 20 يىل خەلىپە بولدى.

قاراڭ

[تەھرىرلەش]

قاراڭ

[تەھرىرلەش]












مەنبە

[تەھرىرلەش]
  1. http://www.tebyan.net/index.aspx?pid=50877
  2. 2.0 2.1 "Alī ibn Abu Talib"Encyclopædia Iranica. 2007-11-07 كۈندىكى مەنبە. 2010-12-16
  3. Kelen 2001, s. 29
  4. Watt 1953, s. xii
  5. 5.0 5.1 5.2 Nasr, Seyyed Hossein. "Ali"Encyclopædia Britannica Online. Encyclopædia Britannica, Inc.. October 18, 2007
  6. قېلىپ:Harvnb
  7. قېلىپ:Cite encyclopedia
  8. Madelung(1997) ss. 141-155
  9. Ashraf(2005) 2.Cilt ss. 119-120
  10. Encyclopædia Britannica. Encyclopædia Britannica Online. Encyclopædia Britannica Inc.
  11. Encyclopædia Britannica. Encyclopædia Britannica Online. Encyclopædia Britannica Inc.