ئىسلام دۆلىتى

ئورنى Wikipedia
خەلقنىڭ كۆپچىلىكى مۇسۇلمان بولغان ئەللەر ئاراسىدا: ئىسلام دەۋلەتلەرى (قېنىق يېشىل)، ئىسلام رەسمىي دىن بولغان ئەللەر (ئوچۇق يېشىل)، ئەكسەرى مۇسۇلمان بولغان لائىك دۆلەتلەر (كۆك) ۋە باشقالار (تۇرۇنج)

ئىسلام دۆلىتى ياكى ئىسلامىي دەۋلەت، ئىسلامىي قانۇنلار (شەرىئەت) گە تايانغان دۆلەت شەكلىدۇر. ئىسلامىيەتنىڭ دەستلەپكى يىللىرىدىن ئېتىبارەن ئىسلام دۆلىتى دەپ ئاتالغان دەۋلەتلەر بولغاندۇر. بۇلارنىڭ تۇنجى ۋە ئەڭ مۇھىمى پەيغەمبەرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تامانىدىن قۇرۇلغان ۋە ۋاڧاتىدىن سوڭرە خەلىڧەلەر تامانىدىن باشقۇرۇلغان خىلاڧەت دەۋلەتىدۇر.

20. ئەسردە ئىسلام دەۋلەتى ئىڧادەسى يەنە بىر مەنا قازانغاندۇر. زامانەۋىي بىر ئىسلام دەۋلەتى ڧىكرى جامالىددىن ئاڧغانى، سەييىد ئەبۇل ئەئلا ئەل مەۋدۇدى، ئايەتۇللاھ رۇھۇللاھ ھۇمەينى، سەييىد قۇتۇب قاتارلىق ئىدېئولوگلار تامانىدىن ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋە تەشۋىق قىلىنغاندۇر.

تارىخچە[تەھرىرلەش]

تۇنجى ئىسلام دۆلىتى، مەدىنە كېلىشىمى بويىچە، ھەزرىتى مۇھەممەد س.ئە.ۋ باشقۇرۇشىدىكى مەدىنە شەھەر دەۋلەتىدۇر. ھەزرەت پەيغەمبەرنىڭ ۋاڧاتىدىن سوڭرە ئورنىغا دەسسىگەن خەلىڧەلەر دەۋلەنى باشقۇرۇشقا باشلىغان، ئىسلامنىڭ تارقىلىشى نەتىجەسىدە كەڭ رايونغا تارقالغاندۇر. 632-661 ئارىسىدىكى خۇلەڧائى راشىددىن تامانىدىن باشقۇرۇلغان دەۋلەت، 661-750 ئاراسىندا ئەمەۋىي خەلىڧەلىكى، 750-1258 ئاراسىندا ئىسە ئابباسىي خەلىڧىلىكى قاتارلىقلار بىردىن ئسلام دۆلىتىدۇر.

تۇنجى تۈركىي ئىسلام دەۋلەتى ئىسە قاراخانىيلار خانلىقى بولۇپ، تۈركلەر تارىختا نۇرغۇن چوڭ كىچىك شەرىئەت دۆلىتى قۇرغاندۇر. خارەزىمشاھلار دۆلىتى، غەزنەۋىيلەر دۆلىتى، دېھلى سۇلتانلىقى، بابۇر ئىمپېرىيسى، سەئىدىيە خانلىقى قاتارلقىلار.

كۈنىمىز[تەھرىرلەش]

ئىسلام دۆلىتى ئوقۇمى 20. ئەسردىن بۇرۇن قوللىنىلمىغان بولۇپ،[1][2] بۇ ئوقۇمنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى پاكىستانلىق يازغۇچى ئەبۇل ئەئلا ئەل مەۋدۇدى تامانىدىن دەپ قارىلىدۇ. بولۇپمۇ غەربكە ۋە مۇستەملىكەچىلىككە قارشى تۇيغۇنىڭ بۇ پىكىرلەر ئايەتۇللاھ ھۇمەينىنى ۋە باشقا ئىسلامى ئىنقىلابچىلارنى تەئسىر ئاستىغا ئالىدۇ.

زامانەۋىي ئىسلام دەۋلەتلەرىنىڭ باشقۇرۇش شەكلى مۇنارخىيە ياكى جۇمھۇرىيەت بولىشى مۇمكىن. 1933- يىلى 12- نويابىر قەشقەردە تۇنجى ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان بولۇپ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتالغان. 86 كۈن مەۋجۇت قالغاندىن سوڭرە، تۇنگانلارنىڭ ھۇجۇملىرى بىلەن مۇنقەرز بولغان. بۇگۈن بەش دۆلەت (ئافغانىستان، پاكىستان، ماۋرىتانىيە، ئىران، گامبىيە) رەسمىي شەكىلدە دۆلەت نامىدا ئىسلام جۇمھۇرىيەتى دەپ ئاتالماقتا (م: ئاڧغانىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى). بۇنىڭغا قارشى، برۇنېي، قاتار، ئۇممان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئىسلامىي مونارخىيلەرگە ئۈلگە سۈپىتىدە كۆرسىتلىدۇ.

قاراڭ[تەھرىرلەش]

  • ئىسلام ئەللەرى

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. Khan, Qamaruddin. 1982. Political Concepts in the Quran. Lahore: Islamic Book Foundation, p. 74
  2. Eickelman, D. F., & Piscatori, J. (1996). Muslim politics. Princeton: Princeton University Press, p. 53.