شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search
' 'شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى
Emblem of East Turkestan.svg
Kokbayraq flag.svg
گېرب كۆكبايراق
ئومۇمىي ئەھۋال
پايتەخت قەشقەر
رەسمىي تىللار ئۇيغۇرچە
دىن ئىسلام
پرېزىدېنت خوجىنىياز ھاجى
سابىت داموللا
تارىخى قۇرۇلۇش: 1933-يىلى 12-نويابىر
يىمىرلىش: 1934-يىلى 16-ئاپرىل

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Sheqiy Türkistan Islam Jumhuriyiti)بولسا 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتنى كۆرسىتىدۇ. مۇسۇلمانلار 1933-يىلى 12-نويابىر قەشقەرنى پايتەخت قىلىپ قۇرغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇردى. مۇسۇلمان شەرقىي تۈركىستان خەلقى دەسلەپتە 1931-يىلى قۇمۇلدا كېيىن 1932-يىلى تۇرپاندا كۈرەش باشلاتتى. خوتەندە 1933-يىلى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ قوماندانلىقىدا كۈرەشكە ئاتلانغان جەڭچىلەر خىتاي ئەمەلدارلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ خوتەننى ئالغاندىن كېيىن يەكەن ۋە يېڭىسارغىچە ئىلگىرىلەپ كەلدى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىدىن تازىلىدى. قۇمۇل ۋە تۇرپاندىن كەلگەن كۈچلەر بىلەن بىرلىكتە 1933-يىلى 12-نويابىر مۇستەقىل دۆلەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تارىخى[تەھرىرلەش]

زامانىۋى دۇنيادا ئىسلامىي جۇمھۇرىيەت نامىدا دەل 80 يىل ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيىسىدە تۇنجى ئىسلام جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى. ئىسلامنى ئاساسى قانۇن قىلىپ قۇرۇلدى. پۇل بېسىش، پۇقرالىرىغا پاسپورت تارقىتىش قاتارلىق ئادەتتە بىر دۆلەتتە بولۇشقا تېگىشلىك ھەر تۈرلۈك شەرتلىرىنى ئورۇندىغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قارشى زامانىۋى دەۋردىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ قانداق دۆلەت قۇرالايدىغانلىقىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىسى بولدى. تۈركلەرنىڭ ئاتا يۇرتى شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيىسىدىكى مۇسۇلمانلار زامانىۋى دۇنياغا مەۋجۇتلۇقىنى ئۆزلىرى قۇرغان دۆلەت بىلەن ئېتىراپ قىلدۇردى. بۇنىڭدىن دەل 80 يىل ئىلگىرى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئۈممىۋىيىلەر، ئابباسىيلار ۋە ئوسمانلى ئىمپېراتۇرلۇقىدىن ئىبارەت ھاكىمىيەتلەردىن كېيىن قۇرۇلغان تۇنجى ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بولدى.

قۇرۇلۇشى[تەھرىرلەش]

مەجلىس شۇ كۈنى كەچكىچە داۋام قىلدى. لايىھىنى ئەمىللىلەشتۈرۈش ئەتىسىگە قالدى. ئەتىسى ئوردىغا ئەسكىرى بويىچە شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى قۇرۇشقا قۇشۇلغان قەلەمدار ۋە ئەلەمدارلار قوشۇلغانلىقىغا دائىر ئىمزالىرىنى قويۇشتى. تامغا- مۆھۈرلەر بېسىلدى. دۆلەتنىڭ يوقىرى دەرىجىلىك قوماندان، ئوپىتسىرلىرىنىڭ سانى 35 كىشىگە يەتتى. بۇلار قائىدە بويىچە قەسەم ئىچىشلىرى لازىم ئىدى. بۇنىڭ ئىجراسى ئۈچۈن نەدىمبەگ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئوتتۇرىغا كېلىپ، شىرە ئۈستىدە تۇرغان قۇرئان كەرىمنى قولىغا ئېلىپ،«ئۇشبۇ قۇرئان كەرىمنىڭ ھەققى- ھۆرمىتى ئۈچۈن دۆلەتكە خىزمەت قىلىمەن، ۋەتىنىمگە، دىنىمگە خىزمەت قىلىمەن. ھۆكۈمىتىمگە خىيانەت قىلماسلىق ئۈچۈن قەسەمياد قالىمەن» دەپ قۇرئان كەرىمنى سۆيۈپ بېشىغا قويدى. ئۇنىدىن كېيىن جەرخىل ساھىپ باشلىق بارچە قوماندان ۋە ئوفىتسېرلار مەھمۇد نېدىم بەگنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە مېنىڭ تەرجىمانلىق قىلىشىم بىلەن ھەممىسى بولۇپ 35 كىشى ئايرىم- ئايرىم ھالدا شىرە ئالدىغا كېلىپ، قۇرئان تۇتۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىشقا، دىنىگە، ۋەتىنىگە خىزمەت قىلىشقا قەسەمياد قىلىشتى. ئاخىردا ھەممەيلەن بىر- بىرىگە مۇبارەك بولسۇن دېيىشىپ ھۆكۈمەتنى تەبرىكلەشتى.

قەشقەردە نامايىش كۆنى ئەتىسى (1933- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى) سائەت ئونلاردا ھەربى قوماندانلار ، مۈلكىي ئەمەلدارلار ، يۇرت نامايەندىلىرى، دۆلەت رەھبەرلىرى باشلىق ئىستىقلال جەمئىيىتى، نەشرىيات، مائارىپ جەمئىيىتى، ھىلال ئەھمەر جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەتلىرى دارىلمۇئەللىمىن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مىللى مارىشىنى ئوقۇپ، مىللەتنىڭ دەرتلىك كۆڭلىنى ئېرىتىپ رەتلىك مېڭىپ تۈمەن بويىغا، يىغىن مەيدانىغا يىغىلدى. بۇ نامايىشقا ئەسكەردىن يەتتە مىڭ كىشى، خەلقتىن ئون ئۈچمىڭ كىشى بولۇپ يىگىرمە مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. نامايىشنىڭ ھەيئەت رىياسىتى تەرىپىدىن شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇشبۇ باياننامىسى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. [1]


ئاساسىي قانۇنى[تەھرىرلەش]

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى توغرىسىدا كىتاب يازغان دوكتور ئالىمجان بۇغدا، بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قەشقەردىكى مەجلىسى قۇرئان ئوقۇش ۋە دۇئا قىلىش بىلەن ئېچىلدى. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللەت ۋەكىللىرى قۇرئان كەرىمىنى سۆيۈپ قەسەم قىلدى. يەكشەنبە كۈنى بولسا ئەسكەر ۋە قوماندانلار، دۆلەت ئەربابلىرى ياۋاغدىكى تاش كۆۋرۈك ئالدىغا توپلاندى ۋە 41 پاي توپ ئاتتى. ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق دۆلەتنىڭ رەسمىي بايرىقى بولدى، ئىسلام ۋە مىللىي مەدەنىيەتنىڭ قوغدىلىشى مەقسەتتە شەرقىي تۈركىستان ھاياتى نامدا گېزىت نەشر قىلىندى. مۇستەقىللىق بەلگىسى سۈپىتىدە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى نامىدا پۇل باستۇرۇلدى ۋە رايوندا خىتاي پۇللىرىنى ئىشلىتىش چەكلەندى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شەرىئەتنى ئاساس قىلغان مەھكىمە قۇرۇلدى ۋە 30 ماددىلىق ئاساس قانۇننى ھازىرلىدى.

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى توغرىسىدا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇممۇ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ئەينى زاماندىكى ئىنقىلابنىڭ تىز غەلىبە قىلىشىنىڭ سەۋەبى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: بىرىنچىدىن، شۇ دەۋردىكى خەلقنىڭ گەرچە ئىسلامى تەلىم-تەربىيەدىن يىراق بولسىمۇ ئىخلاسمەن ۋە دىندار ئىكەنلىكىنى، خەلق دىندار بولغانلىقى. ئىككىنچىدىن، خەلق ئۆزىنىڭ غۇرۇر، ئەقىدە ۋە ۋىجدان بىلەن ياشاپ كەلگەنلىكى. ئۈچىنچىدىن، خەلقنىڭ تارتىۋاتقان زۇلۇم ئېغىر ئىدى، خىتاي خەلقنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ تارتىۋالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كۈرەش ئومۇميۈزلۈك خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە غەلىبىگە ئېرىشتى. [2]

رەھبەرلىكى[تەھرىرلەش]

Hoja-Niyaz.jpg
شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتى
خوجىنىياز ھاجى كۆكبايراق نىڭ ئالدىدا

شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دۆلەت قۇرۇلۇشىنىڭ باياننامىسى [3]

ئاللاھ نىڭ ياردىمى ۋە مىھرىبانلىقىغا ۋە رەئىسى مۇئەززەم خوجانىياز ھاجى ئىبنى ئەمىن نىياز ھاجىم ۋە ھەزرەتلىرىنىڭ لاياقەتلىك ۋە سالاھىيەتلىك ۋەكىللىرى نىڭ ئىتتىڧاقىگە ۋە پۈتۈن لەشكىرى ئىسلام باشلىقلىرى، قۇماندانلىرىنىڭ ۋە بارچە پۇقرا (رەئىيەت) نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە سۆيۈنۈپ مۇستەقىل دۆلىتىمىز شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇۋەققەت ھۆكۈمىتى تۆۋەندە بايان قىلىنغان تەرىقىدە قۇرۇلدى.

  • باش ۋەكىل (باش مىنىستىر): سابىت ئابدۇلباقى.
  • ئىچكى ئىشلار نازىرى (مىنىستىرى): يۇنۇسبەگ سەئىيدزادە.
  • تاشقى ئىشلار نازىرى: مەئارىڧ نازىرى.
  • مەئارىڧ نازىرى: ئورازبەگ.
  • ئەڧقاڧ نازىرى: شەمسۇددىن تۇردى ھاجى.
  • ئەدلىيە نازىرى: زەرىيىڧ قارى ھاجى.
  • مالىيە نازىرى: ئەلى ئاخۇنباي.
  • دىخانچىلىق، سودا نازىرى: ئەبۇل ھەسەن ھاجى.
  • سەھىيە نازىرى: ئابدۇللاھ خانىي.
  • مۇپەتتىش: ھاجى ئەئىلەم ئاخۇنۇم. ...

يىمىرلىش سەۋەبى[تەھرىرلەش]

«يېڭى ئاكت» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە يەنە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانداق ئاغدۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: ئۇ دەۋردە تۇرپاننى ئىشغال قىلىۋالغان ما جوڭيىڭ تۇڭگان قوشۇنلىرىغا قارشى ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ ئۆلكە ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئەسكەر ۋە قورال ياردەم تەلەپ قىلدى ۋە بۇنىڭ بىلەن 1934-يىلى قىزىل ئارمىيىنىڭ ئىككى تۈمەنگە يېقىن ئەسكىرى ئۈرۈمچىگە كىردى. قىزىل ئارمىيىدىن قاچقان ما جوڭيىڭ قوشۇنلىرى قەشقەر ۋە خوتەنگە ھۇجۇم قىلىپ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەسكەرلىرىنى قەتلى قىلدى شۇنداق قىلىپ 1934-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاغدۇرۇلدى.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇممۇ ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ قېتىلىق ئىنقىلابىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى سەۋەب-ئامىللارنىڭ ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكى، چۈنكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز چېگرىسى يېنىدا مۇستەقىل مۇسۇلمان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەھدىت ئۆزىگە نىسبەتەن زور ھېسابلايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.[4] شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى يىقىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا 1934-يىلى يانۋاردا چۆچەك ۋە ئالتاي چېگراسىدىن بېسىپ كىرگەن سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى ئۈرۈمچى ئەتراپىدا ما جۇڭيىڭنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىتىپ، قەشقەرگە قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. بۇ ئارىلىقتا، ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە كەلگەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باش ئەلچىسى ئافرېسوف خوجا نىياز ھاجى بىلەن كۆرۈشۈپ، ھۆكۈمىتىنى تارقىتىپ، شېڭ شىسەي بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تەكلىپ قىلىدۇ. بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان خوجا نىياز ھاجى ئافرېسوف بىلەن بىرلىكتە قەشقەردىن ئايرىلىپ، ئۈرۈمچىدە مۇئاۋىن ئۆلكە رەئىسى بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى» ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۆشۈكىدىلا يىقىلىدۇ.

1938 – يىلى سېنتەبىردە شېڭ شىسەي سىتالىننىڭ ئالاھىدە مېھمىنى سۈپىتىدە موسكوۋاغا بېرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولىدۇ. 1937- يىلى ئاپرېلدا كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭ باستۇرۇلغاندىن كېيىن، خوجا نىياز ھاجى قولغا ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن شېرىپ خان تۆرە ۋە باشقا مۇجاھىتلار قاتتىق قىيىن-قىستاق بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ. شۇ يىلى بارىكۆل خەلقى 4 قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. 1940-يىلى فېۋرالدا، 1941-يىلى ئىيۇندا ئالتاي خەلقى قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. تولىمۇ ئەپسۇسكى، بۇ قوزغىلاڭلارنىڭ ھەممىسى قانلىق شەكىلدە باستۇرۇلىدۇ . شېڭ شىسەي بىر تەرەپتىن رۇسيە بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ يۈرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي بىلەن مەخپىي تىل بىرىكتۈرىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا، پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەن شېڭ شىسەي خىتاينىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان چېگراسىغا ئاللىبۇرۇن قارارگاھ قۇرۇپ پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغان خىتاي گومىنداڭ ئارمىيەسى شەرقىي تۈركىستانغا بېسىپ كىرىدۇ. سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى بولسا، شەرقىي تۈركىستاندىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تۇنجى قېتىم شەرقىي تۈركىستانغا قوشۇن ئەۋەتكەن بولىدۇ. خەلق خىتاي گومىنداڭ ئىشغالىيىتىگە جان-جەھلى بىلەن قارشى تۇرىدۇ. رۇسيەمۇ خەلق قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمىنى ئاستىرتتىن قوللايدۇ.[5]

مىللىي ئارمىيە[تەھرىرلەش]

ئۇرۇشلار[تەھرىرلەش]

باشقىلار[تەھرىرلەش]

قارالسۇن[تەھرىرلەش]

جۇمھۇرىيەتلەر:

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]