| يەتتىشەھەر خانلىقى
یته شهر خانلیگی (چاغاتايچە)
كاشغەر ئەمىرلىكى |
| 1864—1877 |
كاشغەر ئەمىرلىكى بايرىقى (1873—1877) |
| ھەققىدە |
| سالاھىيىتى |
مۇستەقىل دۆلەت (1864—1873)؛
ئوسمانلىغا قاراشلىق ئەمىرلىك (1873—1877) |
| پايتەخت |
كاشغەر |
| تىلى |
ئۇيغۇرچە، چاغاتايچە |
| دىنى |
ئىسلام |
| ھۆكۈمەت شەكلى |
مۇتلەق مۇنارخىيە، شەرىئەتى ئىسلامىيە ھۆكۈمىتى |
| قۇرۇلۇشى |
1864 |
| يىقىلىشى |
1877 |
|
1862-77 تۇڭگان قوزغىلىڭى ۋە يەتتىشەھەر خەرىتىسى |
| ئالدىدىكى |
مۇسۇلمان دىيارى، مەنچىڭ |
|
يەتتىشەھەر خانلىقى (چاغاتايچە: یته شهر خانلیگی؛ لاتىن: Yettisheher Khanliqi؛ كرىل: ЙәттиШәһәр) كاشغەرىيە ۋە كاشغەر ئەمىرلىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ياقۇب بەگ تەرىپىدىن قۇرۇلغان ۋە قەشقەر مەركەزلىك 1864—1877 - يىللار ئارىسىدا بار بولغان مۇستەقىل دۆلەت.
1873 - يىلى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىگە بەيئەت قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ياقۇب بەگ سۇلتان ئابدۇلئەزىز تەرىپىدىن كاشغەر ئەمىرى ئېتىراپ قىلىنغان. بۇ دىياردا ئوسمانلى بايرىقى 1873 — 1877 - يىللار ئارىسى لەپىلدىگەن.
1877 - يىلى 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، چىڭ سۇلالىسى ئارمىيىسى قەشقەرگە كىرىپ دۆلەتنى مۇنقەرز قىلغان.
قەشقەردىن باشقا خوتەن، ياركەند، يېڭىسار، ئاقسۇ، كۇچا ۋە كورلا قاتارلىق 6 شەھەر بىلەن قوشۇپ يەتتىشەھەر دەپ ئاتالغان.
| شەرقىي تۈركىستان زېمىنىغا مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر |
|
|