سەئىدىيە خانلىقى

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search
row 1, cell 1
دۆلەت گىمىنى
row 1, cell 1
ۋاقىت[[]]
پايتەختى[[]]
ئەڭ چوڭ شەھرى[[]]
رەسمى تىلى [[]]
ئېتنىك گۇرۇپلار
سىياسى سېستىمىسى
يەر مەيدانى
ھۆكۇمدارلار

سەئىدىيە خانلىقى

(1514-1694)

ئىستىلاچى چىڭگىزخان ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى 1225-يىلى ئاستانە قارا قۇرۇمدا داغدۇغىلىق قۇرۇلتاي چاقىرىپ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايغا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭنى مىراس سۈپىتىدە بۆلۈپ بەردى، چاغاتاي ئىلىدىكى ئوردىسىدا سەلتەنەت تاجىنى كىيدى.چاغاتاي موڭغۇل خانلىقىدىكى ھۆكۈمالار ، دۆلەت خادىملىرى ۋە ئەسكەرلەر ئاساسەن موڭغۇللار بولۇپ، ئوردا قائىدىسى، تەشكىلى، ھەرخىل مۇراسىملىرى موڭغۇل ئەنئەنىسىگە سادىق ئىدى.تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋاپاتىدىن كېيىن ئەمىر تۆمۈر كوراگان تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئوغۇللىرى خىزىر خوجا بىلەن ئىلياس خوجىنى كۆزگە ئىلماي ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتتى، شۇ كۈندىن باشلاپ چاغاتاي خانلىقى پارچىلىنىشقا يۈز تۇتتى.ئىچكى ئىختىلاپ كۈچەيدى، خان، بەگزادىلەر ئوتتۇرىسىدا تەخت ھوقۇق، زېمىن ماجىراسى بېسىقمىدى، ئەلدە ئەنسىزلىك، ۋەيرانچىلىق ئەۋج ئالدى.بۇ سورۇقچىلىقتىن قەشقەردىكى زېمندار مىرزا ئابابەكرى پايدىلىنىشقا باشلاپ قەشقەر يەكەنلەردە نوپۇز تىكلەپ، ئۆز ئالدىغا قوشۇن قۇردى.ئەھمەدخان چاغاتاي خانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆپ جاپا چەكتى، لېكىن مۇرادىنى ھاسىل قىلالماي ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى، مەھمۇدخاننڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئىككى ئوغلى مەنسۇرخان بىلەن سەئىدخانمۇ پېتىشمىدى، سەلتەنەت تالىشىپ ئۆز ئارا سوقۇشتى ، سەئىدخان مىززا ئابابەكرى بىلەن مەنسۇرخاننىڭ ئورتاق ھۇجۇمىغا تەڭ كېلەلمەي تاغىسى بابۇر شاھتىن ياردەم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ھىندىستانغا يول ئالدى، شۇندىن كېيىن مىرزا ئابابەكرى ئالتە شەھەرنىڭ رەسىمى ھۆكۈمدارى بولدى، ئۆز ئىنتايىن زالىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆز خاھىشى بويىچە جاھان سوراپ خەلقنى قاتتىق ئەزدى، سەئىدخاننىڭ قارارگاھى ئاقسۇ بولغاچقا ئاقسۇ خەلقىنى دەھشەتلىك باستۇردى، ئاقسۇ شەھىرى 16 يىلغىچە قاغا-قۇزغۇنلارنىڭ ماكانىغا ئايلىنىپ، بىرمۇ ئادىمىزات ئاياق بېسىپ باقمىدى. سەئىدخان ھىندىستانغا بارماقنى نىيەت قىلىپ ئاۋال پەرغانىگە يول ئالدى، بۇنىڭ ۋەجى دادىسى ئەھمەدخان پەرغانە تەرەپتىن باش كۆتۈرۈپ چىقىپ ئۆزىگە تەھدىت سېلىۋاتقان ئۆزبېك شەيبانىخان بىلەن كۆپ سوقۇشقان ئىدى، بۇ ئۇرۇشقا ئامراق ئوغلى سەئىدخانمۇ قاتناشقان ئىدى، بۇ ئۇرۇشتا ئەھمەدخان يارلىنىپ ئەسىرىگە چۈشتى ، كېيىن شاھبەگ خان ئەھمەدخاننى ئەسىردىن بوشىتىپ ئاقسۇغا چىرايلىق يولغا سېلىپ قويدى، لېكىن سەئىدخان نەمەنگاندا بىر يىلدىن ئارتۇق زىنداندا ياتتى، كېيىنكى يىلى ئەندجانغا جانبەگ سۇلتان ۋە ئۆزبېكلەر خان بولغاندىن كېيىن سەئىدخاننى زىنداندىن بوشىتىپ نازارەت ئاستىغا ئالدى، ياش سەئىدخاننىڭ جاسارىتى ۋە شىجائىتىدىن تەسىرلەنگەن يەرلىك بەگلەر ئۇنىڭغايوشۇرۇنچە ھىسداشلىق قىلدى ۋە 18 ئادىمى بىلەن قاچۇرۋەتتى، سەئىدخان قېچىپ ئىسسىقكۆل ھۆكۈمرانى مۇھەممەدخاننىڭ ھوزۇرىغا باردى، لېكىن سەئىدخان مۇھەممەدخاننىڭ چېرىكلىكىدىن بىزار بولۇپ ئۇنى ئاغدۇرماقنى نىيەت قىلدى، لېكىن سېزىلىپ قالغاچقا 200دەك ئادىمى بىلەن مۇھەممەدخاننىڭ ئادەملىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ يارىلنىپ ئەسىرگە چۈشتى، سەئىدخان بۇ يەردە ئىككى يىل زىنداندا ياتقاندىن كېيىن 1507-يىلى يەتتە سۇغا قېچىپ باردى، ھەم ئىنىسى خېلىل سۇلتان بىلەن بىرلىشىپ ئۆنى يەتتە سۇ خانى دەپ جاكارلىدى، كېيىن مۇھەممەدخاننى ئاغدۇرۇپ زېمىنىنى ئىسسقكۆلگىچە كېڭەيىتتى، ئاكىسى مەنسۇرخان سەئىدخاننى بۆشۈكىدە ئوجۇقتۇرۇش ئۈچۈن يەتتە سۇغا زور قوشۇن تارتىپ سەئىدخاننىڭ قوشۇنىنى تېرىپىرەن قىلدى، بارلىق قوشۇنلىرىدىن مەھرۇم قالغان سەئىدخان چۆل-باياۋاندا جېنىنى جان ئېتىشكە مەجبۇر بولدى، ئىنىسى خېلىل سۇلتان جانبەگ ھۇزۇرىغا بېرىپ پاناھلاندى، لېكىن جانبەگ سۇلتان ھوزۇرىدىكى مەنسۇرخاننىڭ يېقىنلىرىنىڭ قەستىگە ئۇچىراپ باقى دۇنيا بىلەن خوشلاشتى، سەئىدخان نارىن جاڭگاللىقىدىن ئۆتۈپ تارىم دەرياسى بويىدىكى دولانلىقلار ئارىسىغا يوشۇرۇندى ۋە دولانلىقلاردىن كۈچ توپلاپ مىرزا ئابابەكرى بىلەن قارىشىلىشىشىنى مەقسەت قىلدى، لېكىن دولانلىقلار سەئىدخانغا ۋاپا قىلمىدى، ئەكىسچە ئادەملىرىنى ئۆلتۈردى، سەئىدخان بۇ يەردىنمۇ قېچىپ نارىن جاڭگاللىقىغا قايىتتى ۋە جاڭگالدا پاناھلىنىپ يۈرگەن خوتۇن-باللىلىرىنى يايلاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن پەرغانىدىكى جانبەگ سۇلتان ھوزۇرىدىكى ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغان بەگلەرنى پاناھ تارتىپ، ھىندىستانغا بېرىش ئۈچۈن پەرغانىگە يول ئالدى، سەئىدخان پەرغانىدىكى يېقىلىرىنىڭ ياردىمىدە ئامان-ئېسەن ئەندىجانغا بېرىۋالدى ، ئەندىجاندا جانبەگ سۇلتان تەيىنلىگەن ھاكىم خوجا باتۇر سەئىدخاننى ئىززەت -ئېكىرام بىلەن كۈتىۋالدى ۋە بەدەخشانغا يولغا سېلىپ قويدى، بەدەخشان خانى سەئىدخاننى پايتەخىت زوپەردە بىر نەچچە كۈن پاناھلاندۇرغاندىن كېيىن كابۇلغا يولغا سالدى، 1510-يىلى سەئىدخان كابۇلدا تاغىسى بابۇر شاھ بىلەن ئاخىرى دىدارلاشتى.

سەئىدخان بابۇر شاھنىڭ ھوزۇرىغا بارغاندىن كېيىن بابۇر شاھ بۇ باتۇر، قەيسەر، جەسۇر سەئىدخاندىن تولىمۇ ئېھتىيات قىلدى ۋە پايلاقچى قويۇپ نازارەت قىلدى، سەئىدخان كابۇلدا ئىككى يىلدەك تۇرۇپ كۈچ توپلىدى، پەرغانە ۋە ئالتە شەھەردىكى يېقىن-تەرەپدارلىرى بىلەن يوشۇرۇن ئالاقە قىلىپ تۇردى، ئۆز ۋاقتىدا مىرزا ئابابەكرىنىڭ سۈيقەستىدىن قوتۇلدۇرۇپ قاچۇرۋەتكەن يېقىنلىرى سەئىدىخانغا تۇشمۇ-تۇشتىن ياردەم قىلىشقا باشىلىدى، مىرزا ئابابەكرىنىڭ زۇلىمىدىن قېچىپ پەرغانىگە كەلگەنلەرمۇ سەئىدخاننىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىشىنى ئۇمىد قىلدى، بابۇرشاھ ئوتتۇرا ئاسىياغا ھوجۇم قىلغاندا سەئىدخانمۇ ھەمدەم بولدى، ئىككەيلەن ئۆزبېكلەرگە قارشى دەھشەتلىك ئۇرۇشلارنى قىلغان بولسىمۇ غەلبە قىلالمىدى، بابۇرشاھ نائىلاج كابۇلغا قايىتتى، سەئىدخانمۇ باشقا ئۈمىدلىرىدىن ئامالسىز ۋاز كېچىپ بابۇر شاھتىن زور ئەسكىرى كۈچ ئېلىپ 1514-يىلى نارىنغا كەلدى، قوشۇنلىرنى تەرتىپكە سالغاندىن كېيىن 10 مىڭ كىشلىك قوشۇن بىلەن قەشقەرگە يۈرۈش قىلدى.

مىرزا ئابابەكرى سەئىدخاننىڭ ھەربىي يۈرۈشىدىن خەۋەر تېپىپ قەشقەرنى قاتتىق مۇداپىئە قىلدى، لېكىن سەئىدخان قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىشى بىلەن مىرزا ئابابەكرىنىڭ زۇلىمىدىن جاق تويغان قەشقەر خەلقى قوزغىلىپ سەئىدخان تەرەپكە ئۆتتى، مىرزا ئابابەكرى ئىچكى، تاشقى ھۇجۇمدا تېزلا ھالىدىن كەتتى ، قوشۇنلىرى بىرلا ھۇجۇم بىلەن تىرىپىرەن بولۇپ چېچىلىپ كەتتى، مىزرا ئابابەكرى تىبەتكە قاراپ قاچتى ۋە چۆلدە ھالاك بولدى.سەئىدخان يەكەنگە كىرگەندىن كېيىن 1514-يىلى 3-ئاينىڭ30-كۈنى قۇرۇلتاي چاقىردى، قۇرۇلتايدا سەئىدخان خانلىق تاجىنى كىيىدى، دۆلەتنىڭ نامىنى «سەئىدىيە دۆلىتى» دەپ ئاتىدى، يەكەن شەھىرى دۆلەتنىڭ دائىمى پايتەختى قىلىپ بېكىتىلدى، دۆلەت بايرىقىنىڭ شەكىلى نۇقۇت رەڭ ئۈچ بۈرجەكلىك بايراققا ئۆزگەرتىلىپ بايراقنىڭ ئوڭ تەرىپىگە«لائىلەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلىللە» دىگەن ئايەت ئالتۇن ھەل بىلەن يېزىلدى، سول تەرىپىگە دۆلەتنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى يېزىلدى. سەئىدىيە خانلىقى پارس تىلىنى دۆلەت تىلى قىلىپ بېكىتتى، ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلدى، مەدىرسلەردە 70% دەرسىلك پارس تىلىدا ئۆتۈلدى، يەتتە سۇ، ئىسسىق كۆل ۋە ئالتە شەھەرگىچە بولغان كەڭ زېمىن سەئىدىيە خانلىقىغا مەنسۇپ بولدى، لېكىن شىمالى شىنجاڭ ئاكىسى مەنسۇرخاننىڭ قولىدا بولغاچقا، سەئىدخان ئاكىسىغا تىنچ بىرلىشىش ئارزۇسىنى بىلدۈرۈپ مەكتۈپ ئەۋەتتى، سەئىدخان مەكتۇبىدا «دۆلەت قۇرۇشتىكى مەقسەت:زېمىن ئىگىلەپ، تاج كىيىپ، شەخسى ئارزۇنى قاندۇرۇش ئەمەس، بەلكى، ئۇزۇندىن بېرى راھەت كۆرمىگەن خەلقنى راھەتكە چىقىرىشتۇر» دىگەن، سەئىدخان تەقۋادار، رەھىمدىل، خەلقچىل نسان بولغاچقا تەخىتكە ئولتۇرۇپلا باجنى 10 يىلغىچە كەچۈرۈم قىلغان، مىرزا ئابابەكرى بۇلاپ توپلىغان بايلىقىنى خەلقكە ئۈلەشتۈرۈپ بەرگەن، ئۇرۇشنى خوپ كۆرمىگەن.سەئىدخان ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەپ كۈچەيگەندىن كېيىمۇ ئاكسى مەنسۇرخانغا دۈشمەنلىك قىلمىدى، ئەكىسىچە داۋاملىق ئەلچى ئەۋەتىپ ئۆز سەمىمىيىتىنى بىلدۈردى، مەنسۇرخان سەئىدخاننىڭ سەمىمىيىتى، جاسارىتىدىن تەسىرىلىنىپ ئاخىرى بەيئەت قىلدى. نەتىجىدە سەئىدىيە خانىلىقى كۈندىن كۈنىگە زورىيىپ نوپۇزلۇق، كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندى، زېمىنى يەتتەسۇ، توقماق، تىبەت، كەشمىر، قۇمۇل، بەدەخشانغىچە كېڭەيدى.دۆلەت بىرىككە كېلىپ خەلق ئەمىن تاپتى، ئىگىلىك گۈللىنىپ دۆلەت روناق تاپتى، خەلق باياشات ئىچىدە ئۆتتى، شۇڭا بۇ دەۋردە كىشلەر قۇمۇلدىن بەدەخشانغىچە سەپەرگە چىقسا ئوزۇق تۈلۈك ئالماي ئۆيدىن ئۆيگە كىرىپ مېھمان بولۇپ بارار ئىكەن.سۇلتان سەئىدخان تىبەتكە قوشۇن تارتىپ تىبەتنى بويسۇندۇرۇپ قايتاشىدا كېسەل تېگىپ 1533-يىلى 47 يېشىدا ۋاپات بولدى.مىيىتى يەكەندىكى ئالتۇنلۇق مازارغا دەپنە قىلىندى.سۇلتان سەئىدخان 16 يېشىدىن باشلاپ 47 يېشىغىچە قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ زېمىنى كەڭ، قۇدىرەتلىك، باي سەئىدىيە خانلىقىنى قۇردى ۋە مۇستەھكەملىدى، 19 يىل سەلتەنەت سۈردى.

سەئىدخاننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن سەئىدخاننىڭ چوڭ ئوغلى-ئاقسۇ ۋالىيسى ئابدۇرەشىدخان دادىسىنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ تەجىتكە ئولتۇردى، ئابدۇرەشىدخان دادىسىغا ئوخشاش قابىل، زېرەك، پاراسەتلىك، غەيۇر سەركەردە ئىدى، دادىسى بىلەن بىللە نۇرغۇن جەڭلەرگە قاتنىشىپ خانلىقنىڭ تىكلىنىشى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى.

ئابدۇرەشىدخان تەخىتكە ئولتۇرغاندىن كېيىن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئىلم-مەرىپەت، ئەدەبىيات، سەنەت، يېزا ئىگىلىك، سۇ نشائاتى، بىناكارلق ئىشلىرى مىسلىز گۈللەندى، ئابدۇرەشىدخان پارس تىلىدا سۆزلىشىش، پارس تىلىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇلىنىشنى تەتىرجى ئازلىتىپ ئورنىغا ئۇيغۇر تىلىنى دەسسەتتى، مەھكىمىدىن ئىدارىلارغىچە پارسچە قائىدە-يوسۇنلارنى، پارس يېزىقىدا خەت-ئالاقە قىلىشنى بىكار قىلىپ ئۇيغۇرچە قائىدە-يوسۇن ئىشلىتىشنى، ئۇيغۇر يېزىقىدا خەت-ئالاقە قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى، مەخسۇس تەرجىمە ئىدارلىرىنى تەسس قىلىپ نۇرغۇنلىغان ئەرەبچە، پارسچە، ئوردۇچە كىتاپلارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدۇردى، ئابدۇرەشىدخان يېزا ئىگىلىك ۋە سۇ نشائاتىنى راۋاجلاندۇرغان، قەشقەر بەشكېرەمگە سۇ تەمىنلەيدىغان ئۆستەك تاغ گۈمۈرۈلۈپ تىنىپ قالغاچقا، مىرزا ھەيدار كورگان قايتا ئۆستەڭ چاپتۇرۇپ بۇ جايدىكى قۇرغاقچىلىققا خاتىمە بەرگەن، ئابدۇرەشىدخان بىناكارلىق، مېمارلىق، نەققاشلىقنى گۈللەندۈردى، قەشقەر ۋە يەركەندە مەدرىس، خانقا، مەسجىد، جامە بىنا قىلدى، باغ، ئېرىق-ئۆستەك، كۆۋرۈك، كۆل ۋە بوستانلىق ئەھيا قىلدى، جاي-جايدىكى مەدرسىنڭ سانىنى 2263 كە، مەكتەپنى 1533 كە يەتكۈزۈپ، چوڭ شەھەرلەردىن باشقا ناھىيە ۋە يېزا-قىشلاقلاردا مەھەللە مەدرسى قۇردى، نۇرغۇن يەر، دۇكان، مېھمانساراي.تۈگمەنلەرنى ۋەخپە قىلىپ بېرىپ كىرىمىنى مەدرس، مەكتەپلەرنىڭ خىراجىتى ئۈچۈن ئىشلەتتى، خانلىق مەدرسلەرنىڭ چىقىمىنى ئوردا غەزىنىسىدىن ھەل قىلدى، يەكەندىكى رەشىدىيە مەدىرىسى، يېشىل مەدرس، جامە مەدىرسى، قەشقەردىكى خانلىق مەدرسى، ساقىيە مەدرسىلىرىنىڭ نامى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتە داڭق چىقاردى،

نۇرغۇنلىغان چەتەللىك تالىپلار قەشقەر، يەكەنگە كېلىپ ئىلم تەھسىل قىلىپ قايىتتى، ئىلم ھېرىسمەلىرى ئىستانبۇل، باغداد، تېھران، كابۇل، دېھلى، قازان، بۇخاراغا بېرىپ ئاۋارە بولمىسىمۇ يەكەن بىلەن قەشقەردە ئىلم نەپىسىنى قاندۇرالايدىغان بولۇشتى، شۇڭا قەشقەر ئىلم-پەن مەركىزىگە ئايلىنىپ «سانى بۇخارا»(ئىككىنچى بۇخارا)دىگەن نام بىلەن شۆھرەت قازاندى. بۇ دەۋردە ئۇيغۇر ئەدىبلىرىدىن نۆۋبىتى، زەلىلى، نازارى، خىرقتى، غېرىبى، سوبۇرى قاتارلىقلار يېتىشىپ چىقتى، خانىش ئاماننىسخان ئابدۇرەشىدخاننىڭ ھىمايىسىدە ئون ئىككى مۇقامنى رەتلەپ چىقتى، ئابدۇرەشىدخان ئىلمخۇمار كىشى بولغاچقا ئىلىملىك كىشلەرنى ھۆرمەتلەيىتتى ۋە قەدىرلەيىتتى، شۇڭا جاھاننىڭ ئۇ قېتىدىكى نۇرغۇنلىغان مەرىپەتپەرۋەر كىئىشلەر ئابدۇرەشىدخاننىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ سەئىدىيەگە كېلىپ ئىلم-مەرىپەت بىلەن شۇغۇللانغان، ئاتاقلىق، ئالىم، ئەدىب، سىياسىيونلاردىن مىرزا ھەيدەر كوراگانى، مىرزا ھۈسىيىنلەر سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئالىي دۆلەت ئىشلىرىنى بېجىرگەن، ئىراقتىن كەلگەن قۇتىبىدىن خوجام كىشى قورغان يېزىسدا سوپى-ئىشانلىق قىلىپ ئالەمدىن ئۆتكەن، سەمەرقەنىتتىن كەلگەن خوجا مۇھەممەد شېرىپ يەكەندە تەرىقەت بىلەن شۇغۇللىنىپ شۆھرەت قازانغان.ئابدۇرەشىدخان دىن بىلەن سىياسىنى ئايرىۋەتكەن، ھەرقايسى ئىلىم ساھەلىرى بىر بىرگە بېقىنماي، مۇستەققىل تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان، دىننى مەدەنىيەت، سەنئەت ساھەسىگە ئارلاشتۇرمىغان، دىنمۇ ئۆز مەقسەت-مۇدداسى بىلەن تەرەققى قىلغان.)

سۇلتان ئابدۇرەشىدخان 27 يىل سەلتەنەت سۈرۈپ 1560-يىلى ۋاپات بولدى ۋە يەكەن ئالتۇنلۇق مازارغا دەپنە قىلىندى. سۇلتان ئابدۇرەشىدخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئوغلى ئابدۇكېرىمخان تەخىتكە ئولتۇردى، سۇلتان ئابدۇكېرىمخانمۇ ئەلنى دادىسىغا ئوخشاش ئادالەت بىلەن سورىدى ۋە 33 يىل سەلتەنەت سۈرۈپ ھىجىرىيىنىڭ 1000-يىلى ۋاپات بولدى.

سۇلتان ئابدۇكېرىمخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئوغلى مۇھەممەدخان سۇلتان بولدى، بۇ كىشى زاھىد، سىياسەتتىن خەۋىرى يوق بەغەم كىشى بولغاچقا دۆلەتكە ھىچقانداق ئىش قىلىپ بېرەلمىدى، ئىگىلىك بىر ئىزىدا توختاپ قالدى، بۇ خىل تۇرغۇنلۇق 18 يىل داۋام قىلغاندىن كېيىن مۇھەممەدخان ھىجىرىيىنىڭ 1018 - يىلى ۋاپات بولدى، ئورنىغا ئەھمەدخان سۇلتان بولدى، بۇ كىشىمۇ دەرۋىش مىجەز، بىخۇت كىشى بولغاچقا ھىجىرىيىنىڭ 1024-يىلى ئوردىدىكى مۇناپىق خىزمەتچىلەر تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۋېتىلدى. ئورنىغا ئوغلى ئابدۇلېتىپخان سۇلتان بولدى. ئابدۇلېتىپخان مەرد، خەلقپەرۋەر ، بىلمخۇمار كىشى بولغاچقا ئىلم-پەن، مائارىپ، دىننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقاردى، قەشقەر، يەكەندىكى بىلم يۇرتىلىرىنى ئاۋاتلاشتۇرۇشتىن باشقا يەنەيېڭىسار، قاغىلىقتىمۇ مۇدەرس، خانقا بىنا قىلدۇردى، يۇرتنى ئادىللىق بىلەن سوراپ، ئىلم-پەننى راۋاجاندۇردى، ئەلنى بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈردى، ئابدۇلېتىپخان 12 يىل ھۆكۈم سۈرگەندىن كېيىن ئوردىغا سوقۇنۇپ كىرۋالغان قارا نىيەت خىزمەتچىلەر تەرىپىدىن قەستكە ئۇچىراپ ۋاپات بولدى.سۇلتان ئابدۇلېتىپخان ۋاپاتىدىن كېيىن ئالتە شەھەردە پەرىشانلىق قايتىدىن باش كۆتۈردى، مەنسەپ، سەلتەنەت جېدىلى پەلەككە يەتتى، زامان زورنىڭ، تاماشا كورنىڭ بولدى، قاتىللىق، بۇلاڭچىلىق ئەۋج ئالدى، بۇ پەرىشانلىقتىن خەۋەر تاپقان شىمالى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئەمىر ئابدۇللاخان قوشۇن باشلاپ يۇرتنى ئىلكىگە ئالدى-دە 1638-يىلى يەكەندە ئۆزىنى سەئىدىيەنىڭ سۇلتانى دەپ ئېلان قىلدى، ئابدۇلاخان سۇلتان بولغاندىن كېيىن دۆلەت قايتىدىن گۈللنىپ روناق تاپتى، قۇدىرىتى، نوپوزى ئاشتى، ھەربى كۈچى زورايدى.سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ ھەربىي يۈرۈشىدىن خەۋەر تاپان قوقەنىد، تاشكەنىت خانلىرى ئابدۇللاخانغا ئىتائەت قىلىدىغانلىقىنى، يەركەنگە ئولپان تاشۇرۇدىغانلقىنى بىلدۇرۇشتى، شۇنداق قىلىپ غەربىي تۈركىستان سەئىدىيە خانلىقىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولدى.سۇلتان ئابدۇللاخان ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىدا بۇزۇلغان يول، مەدرسلەرنى قايتىدىن ياسىدى، بۇرۇنقى باياشادلق، ئەمىنلىكنى ئەسلىگە كەلتۈردى، كېرىيە بىلەن چېرىيەدە چوڭ ئۆستەڭ ئەھيا قىلدۇردى، ئابدۇللاخان دەۋردە موڭغۇللار تېز كۈچىيىپ قازاقلارنى مەغلۇپ قىلدى، 1659-يىلى سەئىدىيە خانلىقىغا ھوجۇم قىلىپ شىمالى شىنجاڭنى بېسىۋالدى، غەربى تۇركىستاندىكى ئۇششاق خانلىقلارمۇ ئۇرۇش قىلىپ تىنىچسىزلىق، قالايمىقانچىلىق ھۆكۈم سۈردى، شۇنىڭ بىلەن سەئىدىيەنىڭ كۈچى ئاجىزلىشىپ زېمىنى ئالتە شەھەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالدى.غەربى تۇركىستان خەلىقى ئۇرۇش ۋەيراچىلىقىدىن قېچىپ شىنجاڭغا سەلدەك ئاقتى، بۇلارنىڭ ئىچىدە خوجىلارمۇ بار ئىدى، ئابدۇللاخان سەرسانلارغا، خوجىلارغا شەپقەت قىلىپ يەر، سۇ بەردى، ئابدۇللاخان خوجىلارنى ھەددىن زىيادە ئىززەتلەپ بېشىدا كۆتۈردى، تامام دۆلەت ئەربابلىرى ئۇلارغا مۇرت بولدى، ئاۋام خەلق ئۇلارغا قارىغۇلارچە ئەقىدە قىلدى، خوجىلارنىڭ نوپۇزى ئابدۇللاخاننىڭ شۆھرىتىنى بېسىپ چۈشتى.ئابدۇللاخان زالىم ئوغلى يولۋاسخاننى قەشقەرنىڭ ۋالىيلىق مەنسىپىدىن قالدۇرغاندا يولۋاسخان دادىسىغا قارشى ئىسيان كۆتۈردى، 1667-يىلىدا دادىسىغا قارشى قوشۇن تارتتى ، ئابدۇللاخان ئۇرۇشتا يېڭىلدى ۋە بالىسىنىڭ ۋاپاسىزلىقى ئېغىر كېلىپ كىچىك ئوغلى ئابدۇلمۆمنخاننى ئورنىغا ئولتۇرغۇزۇپ ئۆئى ھىندىستانغا كەتتى، يولۋاسخان ئابدۇلمۆمنخاننى ئۆلتۇرۇپ سەئىدىيە خانلىقىغا ئىككى يىل سۇلتان بولدى، ئۆزى زالىم بولغاچقا خەلق قوزغىلىپ ئۇنى 1670 -يىلى ئۆلتۈردى، يولۋاسخان ئۆلگەندىن كېيىن خەلقنىڭ كېڭىشىگە ئاساسەن ئىسمايىلخان سەئىدىيە خانلىقىنىڭ سۇلتانى بولدى.

ىدايىتۇللا خوجا(ئاپاق خوجا)سەئىدىيە خانلىقىغا كېلىپ ياستۇقىنى قىرلاپ ياتقۇدەك جايغا ئېرىشكەندىن كېيىن ، تەرەپ-تەرەپتىن مۇرت توپلاپ ئىسمايىلخاننىڭ ئورنىغا خان بولۇش نيىتىگە كەلدى، خوجىلار نادان خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ جاھاننىڭ ئەركىللىرىگەئايلاندى .ئىسمايىخان بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ھىدايىتۇللا خوجىنىڭ ئەل ئىچىدىكى تەسىرىدىن قورقۇپ قول سېلىشقا جۈرەت قىلالمىدى ۋە ئالداپ بۇ يۇرتتىن چىقىرىۋېتىشنى قارار قىلدى-دە ھىدايىتۇللا خوجىغا نۇرغۇن سوۋغا-سالام ھازىرلاپ، قۇمۇلدا بوۋىللىرىمىنىڭ مازىرىنى ياساتماقچى ئىدۇق، ئۈسىتىدە تۇرۇپ بەرسىلە، دەپ قۇمۇلغا يولغاسالدى.ئىسمايىخان ھىدايىتۇللا خوجىنىڭ كۇچاغىچە ئۇزىشى بىلەن ھىدايىتۇللا خوجىنىڭ سوپى-ئىشان، ئەۋلىيا-ماشايىقلىرىدىن باج ئېئىشقا باشلىدى، بويسۇنمىغانلىرىنى قاتتىق جازالىدى، ھىدايىتۇللا خوجا ئورنىغا قويۇپ قويغان موللا فەقى قەشقەردىن قېچىپ چىقىپ بۇ ئەھۋالنىڭ ھەممىسىنى ھىدايىتۇللا خوجىغا مەلۇم قىلدى.ھىدايىتۇللا خوجا شۇئان غەزەپ دېڭىزىغا غەرق بولۇپ تەخىتنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن قەشقەرگە قايىتتى، ئىسمايىلخان ھىدايىتۇللا خوجىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىگە دەرغەزەپ بولۇپ ئۇنى بارلىق مۇرتلىرى بىلەن قوشۇپ1672-يىلى چېگىرىدىن قوغلاپ چىقاردى. ھىدايىتۇللا خوجا سەمەرقەنىت، خۇراسان، پەرغانە، بۇخارا قاتارلىق جايلاردا بەش يىل سەرگەردان بولۇپ پۇت تىققۇدەك جاي، يۆلەنگۈدەك باشپاناھ تاپالماي كەشمىرگە كېلىپ پادىشاھ مۇھەممەد راجاغا ئىچ-قارنىنى تۆكتى، پادىشاھ ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ ئۆزنىڭ ياردەم بېرەلىگۈدەك كۈچىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتىپ تىبەتكە بېرىپ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىشنى، ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن مىجەزى كېلىشمىگەچكە چوقۇم ياردەم بېرىدىغانلىقىنى، لاساغا بارغاندا چوقۇم راھىبچە كىيىنىش لازىملىقىنى جېكىلىدى، ھىدايىتۇللا خوجا ئۈچ كۈن ئويلانغاندىن كېيىن بۇ ئىشنى خوپ كۆرۈپ 21 كۈندىن كېيىن لاساغا يېتىپ باردى.ئۇ مۇھەممەد راجانىڭ جېكىلىشى بويىچە لاسا شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قوڭغۇراقنى ئۇرۇپ بۇتخانىغا كىرىشكە مۇۋەپپەق بولدى، بۇتخانىدا 90 كۈن تۇرۇپ راھىپلار نېمە دېسە شۇنى قىلدى، ھەممە ئىشنى شەرتسىز بەجا كەلتۈردى، 90-كۈنى دىنى بايرامغا توغرا كەلگەچكە دالاي لاما بۇ بۇتخانىغا كېلىپ مۇراسىمغا قاتناشتى، ئارىدا بىر راھىپ بۇتخانىغا يېڭى راھىپنىڭ كەلگەنلىكىنى، ئېتىقادىنىڭ قالتىس چىڭلىقىنى ئېيتىپ ھىدايىتۇللا خوجىنى تونۇشتۇردى، ھىدايىتۇللا خوجا دالاي لاماغا يىغلاپ تۇرۇپ ئۆزىنڭ خان ئىكەنلىكى، دۆلىتىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى ئېيىتتى ۋە ياردەم تەلەپ قىلدى. دالاي لاما ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ ھىدايىتۇللا خوجنىڭ قولىغا مەكتۈپ تۇتقۇزۇپ جۇڭغارلارنىڭ قۇنتەيجىسىنىڭ ھوزۇرىغا يولغا سالدى، ھىدايىتۇللا خوجا 91 كۈندىن كېيىن ئىلىغا كېلىپ مەكتۈپنى قۇنتەجىگە سۇندى، مەكتۈپ بېيجىڭنى بېسىۋالىمىز دەپ قۇتىراپ تۇرغان قۇنتەيجىنىڭ ئاغزىنى قۇلىقىغا يەتكۈزدى ۋە شۇنى بانا قىلىپ 1678-يىلى 12 مىڭ كىشلىك موڭغۇل قوشۇنى بىلەن ئالتە شەھەرگە ھۇجۇم قىلدى، ئىسمايىلخان دەھشەتلىك جەڭلەرنى قىلىپ موڭغۇللارنى ئارقىغا چېكىندۈردى، شەھەر سېپىلىنى چىڭ ساقلىدى، ھىدايىتۇللا خوجا شەھەر ئىچىدىكى نادان سوپى-ئىشانلارنى كۈشكۈرتتى، جاھىل، بىلمسىز سوپىلار موڭغۇللارغا ماسلىشىپ شەھەر ئىچىدە ئالا توپىلاڭ كۆتۈرۈپ ئاشلىق، قورال-ياراق، ئوزۇق-تۈلۈك ئامبارلىرىغا ئوت قويدى.ئوغرى-قاراقچىلارنى قۇتىرىتىپ مالىماتاڭچىلىق چىقاردى، شۇنداقتىمۇ ئىمايىلخان17 كېچە-كۈندۈز ئۇرۇشۇپ موڭغۇللارنى سېپىلغا يېقىن كەلتۈرمىدى، لېكىن سوپىلارنىڭ ئىچكى جەھەتتە ماسلىشىشى، ئوزۇق-تۈلۈكنىڭ قىسلىقى تۈپەيلىدىن بىگۇناھ خەلق ئازاپ -ئوقۇبەتكە دۇچار بولدى.ئىسمايىلخان نائىلاج قۇۋۇقنى ئېچىپ بەردى، موڭغۇللار شەھەر ئىچىگە كىرىپلا بۇلاڭ-تالاڭنى باشلىۋەتتى.ئىسمايىلخان ۋە 70 دىن ئارتۇق ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى ئەسىر ئالدى.18-كۈنى قەشقەر بىلەن يەركەن قولدىن كەتتى، ئىسمايىلخان ئەسكەرلىردىن 8300 كىشى شېھىد بولدى، بۇلاڭ-تالاڭ قىرغىنچىلىقتا 74مىڭدىن ئارتۇق پۇقرا ئۆلدى، يېتىم-يسىر بالىلار ئاتلارنىڭ تۇياقلىرى ئاستىدا چەيلەندى. شۇنداق قىلىپ 170 يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرۈپ پارلاق، ئۆچمەس مەدەنىيەت ياراتقان سەئىدىيە خانلىقى ئۆز سەلتەنەتىگە خاتىمە بەردى.