شەرقىي تۈركىستان دۆلەت گېربى

ئورنى Wikipedia
شەرقىي تۈركىستان دۆلەت گېربى
شەرقىي تۈركىستان دۆلەت گېربى(1933-يىل)
ئومۇمىي ئەھۋال
ئىشلەتكەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى
قوبۇل قىلىنغان 1933-يىلى 12-نويابىر
بىرلىكلىرى بەسمەلە، ئاي، يۇلتۇز، گۈمبەز

شەرقىي تۈركىستان دۆلەت گېربى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Sherqiy Türkistan Dölet Gérbi) بولسا 1933-يىلى 12-نويابىر قەشقەر شەھىرى دە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن دۆلەت گېرىبى دەپ قوبۇل قىلىنغان.

تارىخى[تەھرىرلەش]

1933-يىلى 12-نويابىر قەشقەر شەھىرى دە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن دۆلەت گېرىبى دەپ قوبۇل قىلىنغان.

قۇرۇلمىسى[تەھرىرلەش]

بەسمەلە[تەھرىرلەش]

دۆلەت گېرىبىدىكى ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا بەسمەلە( بِسْمِ اللهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيْمِ ) ناھيىتى گۈزەل ھۆسۈن خەت بىلەن ئېلىنغان.

ئاي[تەھرىرلەش]

تراكيا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروڧ دوكتور سۇلتان ماھمۇت قەشقەرلى ئاي ئىسلامىيەتكە، يۇلتۇر مىللىي مۇستەقىللىق ۋە ئىستىقلالغا سىمۇۋول قىلىنىدۇ دەپ كۆرسەتكەن.

ئۈچ يۇلتۇز[تەھرىرلەش]

ئۈچ يۇلتۇز تۈركىستان زېمىنىدا قۇرۇلغان ئۈچ بۈيۈك دۆلەتكە ۋەكىللىق قىلىدۇ

18نوقتا[تەھرىرلەش]

ئىككى تەرىپىدە توققۇزدىن جەمئىي 18 دانە نوقتا بار، مەھمۇد كاشغەرىي تۈركلەرنىڭ قەۋملىرى ھەققىدە توختۇلۇپ تۈركلەرنىڭ 20 قەۋمى بار، ئەمما بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىملىرى 18 قەۋم دەپ كۆرسەتكەن:

  • 1.پەچىنەك
  • 2.قىپچاق
  • 3.ئوغۇز
  • 4.باسمىل؛
  • 5.قاي
  • 6.ياباقۇ؛
  • 7.تاتار؛
  • 8.قىرغىز؛
  • 9.چىگىل؛
  • 1.توقسى؛
  • 2.ياغما؛
  • 3.ئوغراق
  • 4.چارۇق؛
  • 5.چۇمۇل؛
  • 6.ئۇيغۇر؛
  • 7.تاڭغۇت؛
  • 8.قىتان؛
  • 9.تاۋغاچ؛

باشقا ئىككى قەۋم بولسا يەمەك ۋە باشقىرتلار.

باشقىلار[تەھرىرلەش]

قارالسۇن[تەھرىرلەش]

جۇمھۇرىيەتلەر:

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]