مەھمۇد كاشغەرىي

ئورنى Wikipedia

مەھمۇد كاشغەرىي (محمود الكشغرى) مىلادى 11-ئەسىرلەردە ياشيغان بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى،ئىسىكىپىلۇدىك،ئۇنيڭ دۇنياغا مەشھۇر بولغان ئەسىرى «دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك» (تۈركىي تىللار دىۋانى) دۇرلەر.مەھمۇد كاشغەرىي مىلادى 1008-يىلى بۇگۈنكى قەشقەر شەھرى ئوپال يېزىسى ئازىغ كەنتىدە تۇغۇلغان بولۇپ، قاراخانىيلار خان جەمەتى ئەۋلادىدۇر. ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان بۈيۈك ئالىم، ئەدىب، دۇنيا سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقىنىڭ ئاساسچىسى. تەقرىبەن مىلادى 1008-يىلى توغۇلۇپ 1105-يىلى 97 يېشىدا ۋافات بولغان. ھاياتىدا نۇرغۇن تالىپ ۋە شاگىرت يېتىشتۈرۈپ چىققان. مىلادى 1072-1074- يىللار ئارىسىدا ئابباسىيلار خەلىپىلىگى پايتەختى باغداد سەھرىدە دۇنياۋىي بۈيۈك ئەسىرى دىۋانۇ لۇغەت تۈركنى تاماملىغان. « بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى »، قىسقارتىلىپ، ب د ت تەرىپىدىن 2008- يىلى دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى قىلىپ بېكىتىلگەن.

نەسەبى[تەھرىرلەش]

مەھمۇد قەشقەرىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرۇلۇق قولىمىزدىكى دىۋانۇ لۇغاتتىن تۈركنىڭ بەزى يەرلىرىدىكى ئۆزى تەرىپىدىن بېرىلگەن چەكلىك مەلۇماتلاردىن باشقا بىر نەرسە يوق [1].بۇ مەلۇماتلارغا قارىغاندا مەھمۇدنىڭ « ئۆز قەۋمىنىڭ ( يەنە تۈركلەرنىڭ ) ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىسىگە مەنسۇب »[2]ئىكەنلىكى ، دادىلىرىنىڭ يەنى ئەجدادىنىڭ[3] تۈرك ئەللىرىنى سامانى ئوغۇللىرىدىن ئالغان ” [4]لىقى ۋە ئاخىرىدا دادىسى ھۆسەيىن بىن مۇھەممەتنىڭ ئىسسىق كۆلنىڭ شەرقىي – جەنۇبىي ساھىلىدا تېپىلغان بارىسخان شەھەرى بىلەن يېقىن باغلىنىشى بار ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈلگەن .[5] بۇلارغا قارىغاندا مەھمۇد قەشقەرىنىڭ قاراخانىلار سۇلالىسىغا مەنسۇب ئىكەنلىكى ۋە ئەجدادىنىڭ بۇ سۇلالىنىڭ بىر مەشھۇر ئەزاسى ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ . بۇ ئەجداد كىم ؟ بۇ يەردە مەھمۇدنىڭ ئەجدادى دەپ مۇزاكىرە قىلىشقا بولىدىغان ئىككىلا شەخس بار . بۇلار ماۋەرا ئۇننەھرى دەستلەپ بويسۇندۇرغان ، ئۇنۋانى بۇغراخان دەپ ئاتالغان ۋە ھېجىرىيە 382 – يىلى ( 992 م) سامانى ئوغۇللىرىنىڭ پايتەختى بۇخارانى ئالغان ھارۇن ( ھاسان ) بىن سۇلايمان ياكى بولمىسا ئۇنۋانى ئارسلان ئىلىگ دەپ ئاتالغان ۋە ھېجىرىيە 389 – يىلى ( 999 م) غەزنەۋىلىك مەھمۇد بىلەن بىرلىكتە سامانى دۆلىتىنى ئاياقلاشتۇرۇشقا سەۋەبچى بولغان ناسىر بىن ئەلى[6]. ھالبۇكى ناسىربىن ئەلىنىڭ سۇلالىنىڭ غەربىي تارمىغىدىن ئىكەنلىكى ۋە مەھمۇد قەشقەرى تەرىپىدىن بايان قىلىنغان قەشقەرنىڭ ھامان سۇلالىنىڭ شەرقىي تارمىقىغا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈلسە ، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئەجدادى دەپ يالغۇز ھارۇن بىن سۇلايماننى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ.[7] [8]

بىر تەسادىپىي ئېسىل يالداما ئورنىدا قولىمىزدا بارىسخاندا بېسىلغان ھېجىرىيە 5 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىغا ( تەخمىنەن 1048 – 1058 ) تەۋە بەزى تەڭگىلەر ساقلانماقتا[9]. ئەپسۇسكى بۇ تەڭگىلەردىكى يەزىقلاردا شۇ دەۋردىكى بارىسخان ئەمىرلىرىنىڭ يالغۇز ئىسلامى لەقەملىرى ۋە تۈركىئۇنۋانلىرىلا ئەكس ئېتىلگەن : شەمسىد دۆلە ئارسلان ئىلىگ . بۇ يەردە مەشھۇر قادىرخان بىن ھارۇننىڭ ئوغلى ۋە ماۋەرا ئۇننەھرنىڭ دەسلەپكى بويسۇندۇرغۇچىسى ھارۇن بىن سۇلايماننىڭ نەۋرىسى « بۇغراخان » مۇھەممەت بىن يۈسۈپنىڭ ھۆكۈمدار ئىكەنلىكى كۆرۈلىدۇ ( يۇقىرىغا قاراڭ ) . قاراخانىلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتىدا ئارسلان ئىلىگ ئۇنۋانى ( بۇغراخان ئۇنۋانى بىلەن ) قاغانلىق ئورتاقلىغىدا بىر قەدەم تۆۋەندە تۇرىدىغان ئادەملەرگە بېرىلەتتى[10] . ئىبن ئەسىرىدىن بىلىشىمىزچە مۇھاممەت يۈسۈپنىڭ يېنىدا چوڭ ئوغلى ھۈسەيىن بىن مۇھەممەت ( ھېجىرىيە 444 – يىلىدىن يەنى 1056 -1057_ يىللىرىدا ھۈسەيىن بىن مۇھاممەتنىنب ئارسلان ئىلىگ بولۇپ بارىسخاندا ھۆكۈم سۈرگەنلىكىنى تەخمىنەن قىلىشقا بولىدۇ . شۇنداق بولغاندا ، ماۋەرا ئۇننەھرنىڭ دەسلەپكى بويسۇندۇرغۇچىسىنىڭ نەۋرىسى بولغان بارسخان ئەمرى ھۈسەيىن بىن مۇھەممەتنىڭ مەھمۇد قەشقىرىنىڭ دادىسى ھۈسەيىن بىر مۇھەممەتتىن باشقا كىشى ئەمەسلىكى ئېنىق . بۇ شەخس بارىسخان بىلەن ناھايىتى زىچ ئالاقىدار ۋە ماۋەرا ئۇننەھرنى بويسۇندۇرغۇچىنىڭ سۇلالىسىگە مەنسۇپ ئىدى .[11]

دادىسى ھۈسەيىن بىننى مۇھەممەد قاراخانىيلارنىڭ خان جەمەتىدىن بولۇپ،بارسقان شەھىرىنىڭ ھاكىمى بولغان . ئەمما مىلادىيە 1058-يىلى ئوردىدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق سىياسى مالىمانچىلىقتا دادىسى ئۆلتۈرۈلگەن . ئالىم 11- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى ئەتراپىدا باغداتتىن قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ ئاخىرقى ئۆمرىنى ئوپالدا ئۆتكۈزگەن . ئوپالدا مەدرىسە مەھمۇدىيە ناملىق بىر مەدرىسىنى بىنا قىلىپ ئۆزى مۇددەرىسلىك قىلغان . 96-97 يېشىدا ئوپالدا ۋاپات بولغان . ئالىمنىڭ << تۈركىي تىللار دىۋانى >> ناملىق ئەسىرى باغداتتا مىلادىيە 1072-يىلدىن 1074-يىلغىچە يېزىپ تاماملانغان . 1076-يىلى ئالىم ئۇنى قايتا تۈزىتىپ ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ 27- خەلىپىسى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا بىننى مۇھەممەدىل مۇقتەدى بىئەمرۇللاغا تەقدىم قىلغان. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرۇلۇق قولىمىزدىكى دىۋانۇ لۇغاتتىن تۈركنىڭ بەزى يەرلىرىدىكى ئۆزى تەرىپىدىن بېرىلگەن چەكلىك مەلۇماتلاردىن باشقا بىر نەرسە يوق.[12] بۇ مەلۇماتلارغا قارىغاندا مەھمۇدنىڭ « ئۆز قەۋمىنىڭ ( يەنە تۈركلەرنىڭ ) ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىسىگە مەنسۇب »[13] ئىكەنلىكى ، دادىلىرىنىڭ يەنى ئەجدادىنىڭ[14] تۈرك ئەللىرىنى سامانى ئوغۇللىرىدىن ئالغان”[15] لىقى ۋە ئاخىرىدا دادىسى ھۆسەيىن بىن مۇھەممەتنىڭ ئىسسىق كۆلنىڭ شەرقىي – جەنۇبىي ساھىلىدا تېپىلغان بارىسخان[16] شەھەرى بىلەن يېقىن باغلىنىشى بار ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈلگەن.[17] بۇلارغا قارىغاندا مەھمۇد قەشقەرىنىڭ قاراخانىيلار سۇلالىسىغا مەنسۇب ئىكەنلىكى ۋە ئەجدادىنىڭ بۇ سۇلالىنىڭ بىر مەشھۇر ئەزاسى ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ . بۇ ئەجداد كىم ؟ بۇ يەردە مەھمۇدنىڭ ئەجدادى دەپ مۇزاكىرە قىلىشقا بولىدىغان ئىككىلا شەخس بار . بۇلار ماۋەرا ئۇننەھرى دەستلەپ بويسۇندۇرغان ، ئۇنۋانى بۇغراخان دەپ ئاتالغان ۋە ھېجىرىيە 382 – يىلى ( 992 م) سامانى ئوغۇللىرىنىڭ پايتەختى بۇخارانى ئالغان ھارۇن ( ھاسان ) بىن سۇلايمان ياكى بولمىسا ئۇنۋانى ئارسلان ئىلىگ دەپ ئاتالغان ۋە ھېجىرىيە 389 – يىلى ( 999 م) غەزنەۋىلىك مەھمۇد بىلەن بىرلىكتە سامانى دۆلىتىنى ئاياقلاشتۇرۇشقا سەۋەبچى بولغان ناسىر بىن ئەلى.[18] ھالبۇكى ناسىربىن ئەلىنىڭ سۇلالىنىڭ غەربىي تارمىغىدىن ئىكەنلىكى ۋە مەھمۇد قەشقەرى تەرىپىدىن بايان قىلىنغان قەشقەرنىڭ ھامان سۇلالىنىڭ شەرقىي تارمىقىغا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈلسە ، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئەجدادى دەپ يالغۇز ھارۇن بىن سۇلايماننى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ.[19] بىر تەسادىپىي ئېسىل يالداما ئورنىدا قولىمىزدا بارىسخاندا بېسىلغان ھېجىرىيە 5 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىغا ( تەخمىنەن 1048 – 1058 ) تەۋە بەزى تەڭگىلەر ساقلانماقتا.[20] ئەپسۇسكى بۇ تەڭگىلەردىكى يەزىقلاردا شۇ دەۋردىكى بارىسخان ئەمىرلىرىنىڭ يالغۇز ئىسلامى لەقەملىرى ۋە تۈركى ئۇنۋانلىرىلا ئەكس ئېتىلگەن : شەمسىد دۆلە ئارسلان ئىلىگ . بۇ يەردە مەشھۇر قادىرخان بىن ھارۇننىڭ ئوغلى ۋە ماۋەرا ئۇننەھرنىڭ دەسلەپكى بويسۇندۇرغۇچىسى ھارۇن بىن سۇلايماننىڭ نەۋرىسى « بۇغراخان » مۇھەممەت بىن يۈسۈپنىڭ ھۆكۈمدار ئىكەنلىكى كۆرۈلىدۇ.[20]

11-ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر تۈركىي تىلشۇناس، ئېنىسكلوپېدىك ئالىم، تۇلۇق ئىسمى مەھمۇد ئىبنى ھۈسەيىن ئىبنى مۇھەممەد كاشغەرىي، ئالەمشۇمۇل كاتتا ئەسەر «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا پۈتۈلىشىچە، ئۇ 11-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ھازىرقى قەشقەر توققۇزاق ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان ئوپال يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئەمما ئۆلۈپ كەتكەن كونكرېت ۋاقتى ئېنىقسىز، مەھمۇد كاشغەرىي ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرى توغرۇلۇق «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ مۇقەددىمىسىدە ئۆزىنى «ئاتام ھۈسەيىن، بوۋام مۇھەممەد، مەن قاراخانىيلارنىڭ خان جەمەتىدىن، ياخشى تەربىيە كۆرگەن شاھزادىمەن» دەپ بايان قىلغان. ئۇ ئۆزىنى «تۈركلەر ئىچىدە تىلىم ئەڭ پاساھەتلىك، بايانلىرىم چۈشىنىشلىك، مۇكەممەل تەربىيە كۆردۈم. ئېسىل نەسەبتىنمەن، نەيزە ئېتىشقا ماھىر، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان قەبىلىلەرنىڭ شەھەر-بازارلىرى ۋە رايۇنلىرىدا بولدۇم» دەپ تۇنۇشتۇرغان. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئاتىسى ھۈسەيىن بارسخان (ھازىرقى قىرغىزىستان ئىسسىقكۆلنىڭ جەنۇبى) نىڭ ھۆكۈمرانى ئىدى. ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەھمۇد كاشغەرىيىنىڭ ئانىسى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ مەشھۇر ئالىمى غوجا سەيپىدىن بۇزرۇكۋارنىڭ قىزى بۈۋى رابىيە بولۇپ، بۈۋى رابىيە كىچىكىدىن باشلاپلا ئاتىسىدىن ياخشى تەلىم ئالغان. ئۇ خېلىلا بىلىملىك بولۇپ، مەھمۇد كاشغەرىيىنىڭ ئۈسۈپ -يېتىلىشىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مەدەنىيەت بىلىملىرىگە قىزغىن ئىشتىياق باغلىشى، ئېسىل ئەخلاق-پەزىلەت يىتىلدۈرۈشىگە تۈرتكە بولغان. بۈۋى رابىيە ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئوپالغا توتىشىدېغان يول بويىدىكى يىكچى (ھازىرقى توققۇزاق ناھىيەسىنىڭ ئوپال يېزىسى تەۋەسىدە) دېگەن جايغا دەپنە قىلىنغان، ئۇنىڭ قەبرىسى ھېلىمۇ شۇ يەردە، قەشقەر ئاياللىرى بۇ ھۆرمەتلىك ئانىغا ھېلىمۇ ئىززەت-ئىكرام بىلدۈرىدۇ. ئۇنى «ئۇلۇغ موما» دەپ ئاتىشىدۇ. ھەر خىل دىنىي پائالىيەتلەردە ئۇنىڭدىن شاپائەت، ئامانلىق تىلەيدۇ.

مەھمۇد كاشغەرىي ئۆسمۈرلۈك دەۋرىنى ئوپالدا ئۆتكۈزگەن ۋە سارايغا يېقىن جايدىكى مەدرىسەدە ئوقۇغان، كېيىن سۇتۇق بۇغراخان زامانىسىدا ئېچىلغان قەشقەر مەدرىسەسىگە ئۇقۇشقا كىرىپ، شۇ زامانلاردىكى مەشھۇر ئۆلىما، مۇدەررىس ھۈسەيىن ئىبى خەلەف كاشغەرىيدىن تەلىم ئالغان. ئىلىم-مەرىپەت تىلى دەپ قارالغان ئەرەب تىلى، پارس تىلىنى پىششىق ئىگىلىگەن.

مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بوۋسىسى، قارخانىيلار سۇلالىسىنىڭ خانى مۇھەممەد بۇغراخان 15 ئاي ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن، تەختنى چوڭ ئوغلى ھۈسەيىنگە قالدۇرىدىغانلىقىنى قارار قىلغان. بىراق، مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ توقال خانىشىدىنمۇ ئىبراھىم دەيدىغان بىر ئوغلى بار ئىدى. بۇ توقال خانىش تەختنىڭ ھۈسەيىنگە قېلىشىغا جان-جەھلى بىلەن قارشى بولغانلىقى ئۈچۈن، ھۈسەيىن تەختكە ئولتۇرىدىغان مۇراسىم كۈنى سۈيقەست ئىشلىتىپ، قانلىق سىياسى ئۆزگۈرۈش قوزغىغان. ئۇ قولچوماقلىرىنى تاماققا زەھەر سېلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان، ئاقىۋەتتە ئۇنىڭ ئېرى بولمىش مۇھەممەد بۇغراخاننى ئۆزئىىچىگە ئالغان خان ئوردىسى ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى زەھەرلىنىپ ئۆلگەن. ئارقىدىنلا ئۇ ئايال يەنە تاغىسى سۇلايماننى بۇغۇپ ئۆلتۈرگۈزگەن. ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلماي، ئېرى ۋە قېيىنئىنىسىنىڭ نۇرغۇن ئۇرۇق-توغقانلىرىنىمۇ ئۆلتۈرگۈزۋەتكەن. سۈيىقەستى ئىشقا ئېشىپ سىياسى ئۆزگۈرىشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئوغلى ئىبراھىمنى تەختكە ئولتۇرغان.

مەھمۇد ئاتىسى تەختكە ئولتۇرۇپ، ئۆزى شاھزادە بولۇش ئالدىدا تۇرغاندا، يەنى مۇراسىم كۈنى پاجىئە يۈز بېرىپ، پۈتكۈل ئائىلىسىدىكىلەر پاجىئەدە قازا قىلىپ، تىكەندەك يالغۇز قالغان ۋە سىياسىي ئۆزگۈرۈشتىن كېيىن يۇرتىدىن دەرھال بېشىنى ئېلىپ، ياقا يۇرتلارغا سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كەتكەن ۋە شۇ كۈندىن ئېتىبارەن 15 يىللىق ئىلىم تەھسىل قىلىش سەپىرىنى باشتىن كەچۈرگەن.

مىسال-نەمۇنىلىرى تولۇق، مەزمۇن تەپسىلىي لۇغەت تۈزۈپ چىقىپ، شۇ زامانلاردا ياشىغان تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ تىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن، كەڭ دائىرىلىك ماتېرىيال توپلاشقا، شۇ دەۋردىكى شارائىتتتا بۇ خىزمەتنى تاماملاش ئۈچۈن نۇرغۇن يىل تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلەتتى. شۇلارغا ئاساسەن جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، مەھمۇد كاشغەرىي بۇ ۋەقەدىن كېيىن ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، ئەتراپتىكى تۈركىي قەبىلىلەرنى كېزىشنى باشلىۋەتكەن. نەتىجىدە شۇ قەبىلىلەرنىڭ شېۋىلىرىنى پىششىق ئىگىلەش بىلەن بىللە، نۇرغۇن ماتېرىيال توپلىغان. ئەلۋەتتە، مەھمۇد كاشغەرىي ئەلگە تىل جەھەتتىكى بىلىملەرنىلا سۇنۇپ قالماستىن، يەنە تېخى تۈركىي قەبىلىلەرنىمۇ تەپسىلىي تۇنۇشتۇرۇپ چىققان. دېمەك، بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ بۇ رايۇننىڭ ئىجتىمائىي، جۇغراپىيەۋى مۇھىتىنى پىششىق بىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

قەشقەردىن ئايرىلىش[تەھرىرلەش]

ھاياتى ناھايىتى خۇپىيانە توختالغان مەھمۇد قەشقەرى ئۆزىنىڭ باغدادقا قانداق سەۋەبلەر بىلەن كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى ئوچۇق دېمەيدۇ . تۈرك ئەللىرىدە كۆزگە بىرمۇنچە ساياھەتلىرىنىڭ سەۋەبىنىمۇ سۆزلىمەيدۇ . ئەگەر كېلىپ چىقىشىى توغرىسىدىكى تەخمىنىلىرىمىز توغرا بولغان تەقدىردە مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ساياھەتلىرىنىڭ سەۋەبلىرىمۇ مەيدانغا چىقىدۇ . ئۇ روشەنكى بىر سىياسىي قاچقۇن ( پاناچى ) ئىدى . شەرقىي قاراخانىلار دۆلىتىدە ھېجىرىيىنىڭ 448 – 449 يىللىرىدا ( 1056-1057 _ 1057-1058 ) قورقۇنۇچلۇق ھادىسىلەر پەيدا بولدى . ئالدى بىلەن چوڭ خاقان ( ئارسلان خان ) سۇلايمان بىن يۈسۈپ ئىنىسى ۋە خاقانلىق ھەمرىيى ( بۇغراخان ) مۇھاممەت بىن يۈسۈپكە قارشى ھەرىكەت قوزغايدۇ ۋە “ دۆلىتىنى ئىشغال قىلىدۇ . ئېلىپ بېرىلغان جەڭدە ئارسلانخان سۇلايمان بىن يۈسۈپ يېڭىلىپ قالىدۇ . بۇغراخان مۇھەممەت بىن يۈسۈپ ئۇنى زىندانغا تاشلاپ دۆلىتىنى ئىشغال قىلىدۇ ”[21] .

ئىبىن ئەسىرى يەنە خاب ئائىلىسىنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى ئېچىنىشلىق تەقدىرى ھەققىدە مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ : « دۆلىتىنى چوڭ ئوغلى ھۈسەيىن چاغرى تېكىن1گە بېرىدۇ[22] ۋە ئۇنى ۋەلى ئەھد دەپ ئېلان قىلىدۇ . بىراق بۇغراخاننىڭ ( يەنى ھازىرقى ئارسلانخان مۇھاممەت بىن يۈسۈپنىڭ ) ئىككىنچى بىر خوتۇنى بار ئىدى ۋە بۇ خوتۇنىدىن چوڭ ئوغلىدىن باشقا يەنە بىر كىچىك ئوغلى بولغان . خوتۇن ھۈسەيىننىڭ تەيىنلىشى بىلەن تۇغۇلغان نەپرەت بىلەن بۇغراخان ( سۇلايمان بىن يۈسۈپ) غا يېقىنلىشىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ بىرمۇنچە ئازالىرىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرىدۇ ؛ ئۇنىڭ ئىنىسى قادىرخاننىڭ ئوغلى ئارىسلانخان ( سۇلايمان بىن يۈسۈپ) مۇ ئۆلتۈرىلىدۇ »[23] .

تەخمىنلىرىمىز توغرا بولسا مۇھەممەت بىن ھۈسەيىن يەنى مەھمۇد قەشقەرى، بۇ چوڭ قىرغىندىن قانداقتۇر بىر ئۇسۇلدا قۇتۇلۇشقا مۇۋەپپەق بولغان بىر نەچچە كىشىنىڭ بىرى ۋە قېچىشقا مەجبۇر بولغان. ئالدى بىلەن، ئېھتىمال خوشنا تۈرك ئەللىرىگە بارغان، ئون يىل قەدەر ئايلانغاندىن كېيىن ئاخىرى باغداتقا كەلگەن ۋە بۇ يەردە سىياسىي قاچقۇن ( پاناچى) بولۇپ تۇرۇپ قالغان. مەھمۇد قەشقەرى بۇ ئۇزۇن مۇساپە داۋامىدا تۈرك دۇنياسى بىلەن كوپ يېقىندىن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان، بۇ چاغدا (1057\447) سالچۇقلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان باغداتتا تۈركلەرنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىزاھلىغان بىر ئەسەرگە ئېھتىياج ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ، مەشھۇر ئەسىرىنى يېزىشقا كىرىشكەن ۋە ئۇنى شۇ زاماندىكى ئابباسىلار خەلىپىسىگە (مۇقتەدى بىللا 1075-1094\467-487 ) تەقدىم قىلغان . بۇنداق بىر تەشەببۇسنىڭ ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاشقا ياردىمى بولۇشى ئېنىق گەپ .قانلىق سىياسى ئۆزگىرىشكە تايىنىپ تەختنى تارتىۋالغان ئىبراھىم تەختتە ئالاھازەل بىر يىلچە ئولتۇرالىغان. ئانىسىنىڭ قۇترىتىشى بىلەن ئىبراھىم ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى ئېتراپ قىلىشقا ئۇنىمىغان بارسخان ئەمىرى ئىنال تېكىنگە ھوجۇم قىلغان ۋە ئۇرۇشتا يېڭىلىپ ئۆلگەن. مەھمۇد كاشغەرىي پۈتكۈل جەمەتىنى خاراب قىلغان رەقىبى ئۆلگەندىن كېيىنمۇ تەخت تالىشىشقا قاتناشماي، ھەتتا يۇرتىغىمۇ قايتىپ كەلمەي، پۈتكۈل روھى ۋە زېھنىنى تۈركىي تىللارنى تەتقىق قىلىشقا ئاتىغان. ئۇ ئىلمىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن تىلغا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى شۇ زامانلاردىكى ئەڭ ئىلغار ئۇسۇلدا تەتقىق قىلغان. بۇ دىۋاننى تۈزۈپ چىقىشتىن ئىلگىرى، پارس ۋە ئەرەب تىللىرىدا يېزىلغان تىلشۇناسلىققا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك ئەسەرلەرنى تولۇق كۆرۈپ چىققان. ئەرەب تارىخىنى، بولۇپمۇ ئىسلام دىنى تارىخىنى، ئىسلامىيەت پەلسەپىسىنى ، «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس»نى ئىنتايىن سېستىمىلىق ئۆگەنگەن. تەخمىنەن 1072-يىلدىن ئىلگىرى شۇ چاغدىكى ئىسلامىيەتنىڭ پايتەختى باغداتقا بارغان.

باغدات قەدىمىي ھەم ھەشەمەتلىك شەھەر بولۇپ، ئىلگىرى ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ پايتەختى بولغان. شۇ دەۋردىكى ئىسلامىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ مەدەنىيەت مەركىزى ئىدى. بىراق، 1055-يىلى غەربكە كۆچكەن سەلجۇق تۈركلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. مالىك شاھ سەلجۇقىلارنىڭ سۇلتانى بولغان (1072-يىلىدىن 1092-يىلىغىچە) دەۋرىدە ئاجايىپ گۈللەنگەن. مەھمۇد كاشغەرىي دەل قاراخانىيلار خان جەمەتىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن، سۇلتان مالىك شاھنىڭ توقال خانىشى تۈركەن خاتوننىڭ ياردىمىدە باغداتتا تۇرۇپ قالغان ھەمدە «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى يېزىش خىزمىتىنى شۇ جايدا تاماملىغان. بەزى ئالىملار؛ شۇ چاغدىكى باغدات ئەرەبلەر بىلەن تۈركلەر ئىقتىساد، سىياسەت، مەدەنىيەت جەھەتلەردە ئارىلىشىپ ياشىغان جاي، يەنە كېلىپ ھاكىمىيەت ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان تۈركلەرنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن، ئەرەب تىلىدا سۆزلىشىدىغانلار تەبىئىي يۇسۇندا تۈرك تىلىنى ئۆگەنگەن، دەپ قارايدۇ. مەھمۇد كاشغەرىي تۈرك تىلى ۋە ئەرەب تىلىغا پىششىق ئالىم بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەرەبلەر ۋە تۈرۈكلەر ئوتتۇرىسىدىكى تىل پەرقىنى يوقىتىپ، نىزانى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىپ يەتكەن. يەنە بىر تەرەپتىن، مەھمۇد كاشغەرىي «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى يېزىشتا، تۈرك تىلىنىڭ ئىشلىتىلىش قىممىتى، يەنى ئىجتىمائىي قىممىتى ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىدا ئىلىم-پەن تىلى» دەپ ئاتالغان ئەرەب تىلىدىن قىلىشمايدىغانلىقىنى پاكىتلىق چۈشەندۈرۈپ ئىسپاتلاشنى مەقسەت قىلغان. ئۇنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى «دىۋان»نىڭ مۇقەددىمىسىدە: «تۈرك تىلى بىلەن ئەرەب تىلىنىڭ بەيگىگە چۈشكەن بىرجۈپ ئات كەبى بىر-بىرىدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى جاھان ئەھلىگە كۆرسىتىپ قۇيۇشنى مەقسەت قىلدىم» دېگەن جۈملە بىلەن نامايەن قىلىنغان. مەھمۇد كاشغەرىي بۇ بۈيۈك ئەسىرىنى مىلادىيە 1072-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى يېزىشقا باشلاپ، تۆت قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق، مىلادىيە 1074-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى تاماملىغان ۋە ئابباسىيلارنىڭ خەلىپىسى ئوبۇل قاسىم ئابدۇللا مۇقتەدى بىئەمرۇللانىڭ ھوزورىغا سۇنغان.

قاراخانىلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتىدا ئارسلان ئىلىگ ئۇنۋانى ( بۇغراخان ئۇنۋانى بىلەن ) قاغانلىق ئورتاقلىغىدا بىر قەدەم تۆۋەندە تۇرىدىغان ئادەملەرگە بېرىلەتتى.[24] ئىبن ئەسىرىدىن بىلىشىمىزچە مۇھاممەت يۈسۈپنىڭ يېنىدا چوڭ ئوغلى ھۈسەيىن بىن مۇھەممەت ( ھېجىرىيە 444 – يىلىدىن يەنى 1056 -1057_ يىللىرىدا ھۈسەيىن بىن مۇھاممەتنىنب ئارسلان ئىلىگ بولۇپ بارىسخاندا ھۆكۈم سۈرگەنلىكىنى تەخمىنەن قىلىشقا بولىدۇ . شۇنداق بولغاندا ، ماۋەرا ئۇننەھرنىڭ دەسلەپكى بويسۇندۇرغۇچىسىنىڭ نەۋرىسى بولغان بارسخان ئەمرى ھۈسەيىن بىن مۇھەممەتنىڭ مەھمۇد قەشقىرىنىڭ دادىسى ھۈسەيىن بىر مۇھەممەتتىن باشقا كىشى ئەمەسلىكى ئېنىق . بۇ شەخس بارىسخان بىلەن ناھايىتى زىچ ئالاقىدار ۋە ماۋەرا ئۇننەھرنى بويسۇندۇرغۇچىنىڭ سۇلالىسىگە مەنسۇپ ئىدى. ھاياتى ناھايىتى خۇپىيانە توختالغان مەھمۇد قەشقەرى ئۆزىنىڭ باغدادقا قانداق سەۋەبلەر بىلەن كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى ئوچۇق دېمەيدۇ . تۈرك ئەللىرىدە كۆزگە بىرمۇنچە ساياھەتلىرىنىڭ سەۋەبىنىمۇ سۆزلىمەيدۇ. ئەگەر كېلىپ چىقىشىى توغرىسىدىكى تەخمىنىلىرىمىز توغرا بولغان تەقدىردە مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ساياھەتلىرىنىڭ سەۋەبلىرىمۇ مەيدانغا چىقىدۇ.[25] ئۇ روشەنكى بىر سىياسىي قاچقۇن ( پاناچى ) ئىدى . شەرقىي قاراخانىلار دۆلىتىدە ھېجىرىيىنىڭ 448 – 449 يىللىرىدا ( 1056-1057 _ 1057-1058 ) قورقۇنۇچلۇق ھادىسىلەر پەيدا بولدى . ئالدى بىلەن چوڭ خاقان ( ئارسلان خان ) سۇلايمان بىن يۈسۈپ ئىنىسى ۋە خاقانلىق ھەمرىيى (بۇغراخان) مۇھەممەد بىن يۈسۈپكە قارشى ھەرىكەت قوزغايدۇ ۋە “ دۆلىتىنى ئىشغال قىلىدۇ . ئېلىپ بېرىلغان جەڭدە ئارسلانخان سۇلايمان بىن يۈسۈپ يېڭىلىپ قالىدۇ . بۇغراخان مۇھەممەت بىن يۈسۈپ ئۇنى زىندانغا تاشلاپ دۆلىتىنى ئىشغال قىلىدۇ ”.[26] ئىبىن ئەسىرى يەنە خان جەمەتىنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى ئېچىنىشلىق تەقدىرى ھەققىدە مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ : « دۆلىتىنى چوڭ ئوغلى ھۈسەيىن چاغرى تېكىن1گە بېرىدۇ[27] ۋە ئۇنى ۋەلى ئەھد دەپ ئېلان قىلىدۇ . بىراق بۇغراخاننىڭ ( يەنى ھازىرقى ئارسلانخان مۇھاممەت بىن يۈسۈپنىڭ ) ئىككىنچى بىر خوتۇنى بار ئىدى ۋە بۇ خوتۇنىدىن چوڭ ئوغلىدىن باشقا يەنە بىر كىچىك ئوغلى بولغان . خوتۇن ھۈسەيىننىڭ تەيىنلىشى بىلەن تۇغۇلغان نەپرەت بىلەن بۇغراخان ( سۇلايمان بىن يۈسۈپ) غا يېقىنلىشىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ بىرمۇنچە ئازالىرىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرىدۇ ؛ ئۇنىڭ ئىنىسى قادىرخاننىڭ ئوغلى ئارىسلانخان ( سۇلايمان بىن يۈسۈپ) مۇ ئۆلتۈرىلىدۇ ».[28] تەخمىنىلىرىمىز توغرا بولسا مۇھەممەت بىن ھۈسەيىن يەنى مەھمۇد قەشقەرى ، بۇ چوڭ قىرغىندىن قانداقتۇر بىر ئۇسۇلدا قۇتۇلۇشقا مۇۋەپپەق بولغان بىر نەچچە كىشىنىڭ بىرى ۋە قېچىشقا مەجبۇر بولغان . ئالدى بىلەن ، ئېھتىمال خوشنا تۈرك ئەللىرىگە بارغان ، ئون يىل قەدەر ئايلانغاندىن كېيىن ئاخىرى باغداتقا كەلگەن ۋە بۇ يەردە سىياسىي قاچقۇن ( پاناچى) بولۇپ تۇرۇپ قالغان . مەھمۇد قەشقەرى بۇ ئۇزۇن مۇساپە داۋامىدا تۈرك دۇنياسى بىلەن كوپ يېقىندىن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان ، بۇ چاغدا ( 1057-447) سالچۇقلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان باغداتتا تۈركلەرنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىزاھلىغان بىر ئەسەرگە ئېھتىياج ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ، مەشھۇر ئەسىرىنى يېزىشقا كىرىشكەن ۋە ئۇنى شۇ زاماندىكى ئابباسىلار خەلىپىسىگە (مۇقتەدى بىللا 1075-1094 ، 467-487 ) تەقدىم قىلغان . بۇنداق بىر تەشەببۇسنىڭ ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاشقا ياردىمى بولۇشى ئېنىق گەپ . ئېچىنىشلىق ئائىلە پاجىئەلىرىگە باغلىماسلىق ئۈچۈن ئۇ ئەسىرىدە ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىنى تىلغا ئالمايدۇ . شۇ تەرىزىدە بۇ سۇلالىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئۆز دەۋرىدە ھوكۇم سۈرگەن قاراخانىلار ھۆكۈمدارلىرى ۋە شۇ دەۋرىدە يۈز بەرگەن ھادىسىلەر ھەققىدە مەلۇمات بەرمەسلىكى چۈشۈنىشلىك . بىزنىڭ تەخمىنىلىرىمىز مۇشۇلاردىن ئىبارەت . ئاخىرىدا تىلغا ئېلىنغان شەخسلەرنىڭ يېشىنى تەتقىق قىلىش زۆرۈر . ھارۇن (ھاسان ) بىن سۇلايمان ھېجىرىيە 382 – يىلى ( 992) ئۆلگەن ؛ ئوغلى يۈسۈپ «قادىرخان» بۇ چاغدا ھېچ بولمىغاندا 20 ياشتا بولىشى كېرەك ؛ يۈسۈپ باشلىق بىر ئادەم بولۇپ ھېجىرىيە 423 – يىلى (1032 ) ئۆلگەن . ئۆزىنى 60 ياشلاردا ئۆلگەن دەپ ھېسابلىساق تۇغۇلغان ۋاقتى 360 – يىللار ( 971- 980 ) بولۇشى لازىم . بۇنىڭدىن باشقا ، ئۇنىڭ ئۇزۇن جەڭلەردىن كېيىن ئەڭ ئاخىرى دىگەندە ھېجىرىيە 396 – يىلى ( 1005 – 1006 ) خوتەننى ئىشغال قىلغانلىقىنى بىلىمىز؛[29] ئۇ قەشقەردە ناسىر دولە قادىرخان دېگەن ئاتاق بىلەن تەخمىنەن ھەجىرىيە 396 – يىلىدىن ( 1005 – 1006) ئېتىبارەن ھوكۇم سۈرگەن.[30] چوڭ ئوغلى سۇلايمان بىن يۈسۈپ تەخمىنەن ھېجىرىيە 407 – يىلىدىن ( 1016 – 1017 ) ئېتىبارەن يەركەنتتە ھوكۇم سۈرگەن.[27] ئىككىنچى ئوغلى مۇھاممەت بىن يۈسۈپ ئېنىقكى سۇلايمان بىن يۈسۈپتىن كۆپ كىچىك ئەمەس ئىدى . يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك ، مۇھەممەت بىن يۈسۈپ ھېجىرىيە ، 449 – يىلى ( 1057 – 1058 ) چوڭ ئوغلى ئۈچۈن تەختتىن چۈشمەكچى بولغان. بۇ بىر نوقتىدىن مۇھەممەت بىن يۈسۈپنىڭ 380 – يىللاردا (991 – 999) تۇغۇلغانلىقىنى قوبۇل قىلالايمىز . بۇنىڭغا قارىغاندا ، ھۈسەيىن ھېجىرىيە 400 – يىللاردا ( 1010 – 1019 ) دۇنياغا كەلگەن بولۇشى مۈمكىن . مۇشۇنداق بولغاندا ھۈسەيىن بىن مۇھەممەتنىڭ ئوغلى مەھمۇت قەشقەرىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى دەپ ھېجىرىيە 420 – يىللارنى ( 1029 – 1038 ) بىر تەخمىن دەپ ئېلىشقا بولىدۇ . شۇنداق بولغاندا مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ھېجىرىيە 470 – 464 يىللاردا (1072 – 1078)[12] مەشھۇر ئەسىرىنى يازغان ۋاقىتلاردا قىرىق ياكى ئەللىك ياشلاردىكى ۋاقتى بولۇپ ، بۇ ئېھتىمالغا بەك يېقىن كېلىدۇ.

قەشقەرگە قايتىش[تەھرىرلەش]

رىۋايەت قىلىنىشىچە، مەھمۇد كاشغەرىي باغدادتىن مىلادىيە 1080-يىلى يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، قەشقەرگە يېقىن جايدىكى ئوپال يېزىسىدا ئولتۇراقلاشقان ۋە يېزىدا ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان «مەدرىسەئى مەھمۇدىيە»نى ئېچىپ، بۇ مەدرىسەدە 10 يىل مۇدەررىسلىك قىلىپ، ئىلىم تارقاتقان. مىلادىيە 1090-يىلى 97 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئوپال يېزىسىنىڭ ئازىخ كەنتىگە يېقىن جايدىكى مەنزىرىسى ناھايىتى چىرايىلىق تاغ ئېتىگە دەپنە قىلىنغان. ئۇنىڭ قەبرىسى ھۆرمەت بىلەن «ھەزرىتى موللام مازارى» دەپ ئاتىلىپ ۋە قەشقەر خەلقى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد تاۋاپ قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

ئەسەرلىرى[تەھرىرلەش]

قاراخانىلار سۇلالىسى دەۋرىدە، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت تېز تەرەققىي قىلغان بولۇپ ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› ۋە ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ روياپقا چىقىشى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.

‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› قاراخانىلار دەۋرىدە قەشقەرلىك مەھمۇد كاشغەرىي ئەرەب تىلىدا يېزىپ چىققان بولۇپ، تارىخشۇناسلىق، تىلشۇناسلىق، ئەدەبىياتشۇناسلىق قاتارلىق ساھەلەرنىڭ بىباھا گۆھىرى ھېسابلىنىدۇ.

مەھمۇد كاشغەرىي قەشقەرلىك بولۇپ، قاراخانىلارنىڭ خان جەمەتىدىن بولغاچقا، سىستېمىلىق مەدەنىيەت تەربىيەسىگە ئىگە بىر ئۆلىما. مەھمۇد كاشغەرىي ئەرەب تىلىنىڭ ئەينى دەۋردە قاراخانىلار زېمىنىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، تۈركىي تىلىنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە، ئەرەب تىلىدا ئىزاھلانغان تۈركچە لۇغەت تۈزۈپ چىقىش قارارىغا كەلگەن. شۇڭا ئۇ غەربىي يۇرت ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي قەۋملەر زېمىنىدا ئون نەچچە يىل قىدىرىپ تەكشۈرۈش قىلىپ، بىرىنچى قول ماتېرىيال ۋە ئۇچۇرلارنى تولۇق ئىگىلەپ، 1074 – يىلى باغدادتا ‹‹دىۋان لۇغاتىت تۈرك›› دىن ئىبارەت سەككىز بۆلەكلىك بۇ بۈيۈك ئەسەرنى تاماملىغان. ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› دا خاتىرىلەنگەن سۆز 7500 دىن ئارتۇق بولۇپ، شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قەدىمكى تارىخى، جۇغراپىيەسى، مىللىتى، مەدەنىيىتىگە ئائىت مول مەزمۇنلار تىلغا ئېلىنغان. مەزكۇر ئەسەردىكى ھەربىر سۆز ئەرەب تىلىدا ئىزاھلانغان بولۇپ، قاراخانىلار دەۋرىدىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان بۈيۈك قامۇستۇر. (مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ھازىرغىچە تېپىلغىنى يوق، ئۇنىڭ ئەڭ بۇرۇن كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى ئىرانلىق مۇھەممەد ئىبنى ئەبۇ بەكرى تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن، ھازىر تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى دۆلەتلىك كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتىدۇ) بۇ ئەسەرنىڭ بىردىنبىر نۇسخىسى تۈركىيەدە جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشكەن بولۇپ، 1914 – 1916 – يىللىرى نەشر قىلىنغان. كېيىن ئۇنىڭ مىخ مەتبە نۇسخىسى، فاكسىمىلى، نېمىسچە ئىندىكىسى، تۈركچە، ئۆزبېكچە تەرجىمە نۇسخىلىرى نەشر قىلىنغان. ھازىر بۇ ئەسەر كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى. 1981 – يىلى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئۈچ توملۇق قىلىپ نەشر قىلغان.

مەھمۇد كاشغەرىينىڭ پۈتۈكلىرىدىن قارىغاندا، ئۇ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىن باشقا، يەنە «تۈركىي تىللار گىرامماتىكىسىنىڭ تۈپ مەنىسى» دەيدىغان تۈرك تىلى گىرامماتىكىسىنىمۇ تۈزگەنلىكى مەلۇم، ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ ئەسەر دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن.

قاراڭ[تەھرىرلەش]

مەھمۇت قەشقىرى مازىرى ۋە ئۇنىڭ بىناكارلىق سەنئىتى

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. مەھمۇت قەشقەرى ھەققىدە ئەڭ مۇھىم بولغان تەتقىقاتلار: ۋ.ۋ. بار تولد: «ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك تارىخىي ھەققىدە دەسلەر»، (تۈركچە)، 1927- يىلى، 85- 83- بەتلەر؛ (گېرمانچە)، 1935- يىلى، 95- 92- بەتلەر. فۇئات كۆپرۈلۈ:» دىۋان لۇغاتىت تۈرك» (تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى ھەققىدە تەتقىقاتلار)، ئىستانبۇل، 1934- يىلى، 34- 33- بەتلەر، (تۈركچە). ئەخمەت زەكى ۋەلىدى تۇغان: «دىۋان لۇغاتىت تۈركنىڭ يېزىلغان يىلى ھەققىدە» (ئاتسىز مەجمۇئە)، 16- سان، 1932- يىلى، 78- 77- بەتلەر؛ «مەھمۇت قەشقەرىگە ئائىت نوتلار»، (ئاتسىز مەجمۇئە)، 17- سان، 1932- يىلى، 136- 133- بەتلەر، (تۈركچە). رىفات بىلگە كىلىسلى: «دىۋان لۇغاتىت تۈرۈكنىڭ يېزىلىش تارىخىي»، (تۈركىيات مەجمۇئەسى)، 6- سان، 39-1938- يىللىق، ئىستانبۇل، 1939- يىلى، 360- 358- بەتلەر(تۈرۈكچە). بېسىم ئاتالاي:«دىۋان لوغاتىت تۈرك ۋە تەرجىمىسى ئۈستىدە نوتلار- كىتابنى يازغان شەخىس؛ كىتابنىڭ يېزىلغان تارىخى؛ كىتاب نەدە يېزىلغان» (دىۋان لوغاتىت تۈرۈك تەرجىمىسى)، 1- توم، ئەنقەرە 1939- يىلى، 16- 11- بەتلەر، (تۈرۈكچە). ئەخمەت جاپەر ئوغلى: «تۈرۈك تىلى تارىخى نوتلىرى»، 1- بۈلۈم. ئىستانبۇل، 1943- يىلى، 43- 42- بەتلەر، (تۈرۈكچە). م. شاكىر ئۈلكۈتاشىر: «بۈيۈك تۈرك تىلچىسى مەھمۇت قەشقەرى»، ئىستانبۇل، 1946- يىلى، (تۈرۈكچە).
  2. «كىتاب دىۋان لوغاتىت تۈرك» كىلىسلى مۇئەللىم رىفات بىلگە باسمىسى، I، ئىستانبۇل، 1334(1917). 3= فاكسىمىلى: بېسىم ئاتالاي: «دىۋان لوغاتىت تۈرك فاكسىمىلى» ئەنقەرە، 1941- يىلى.
  3. قارالسۇن: بارتولد: 94- بەت، توغان: (ئاتسىز مەجمۇئە)، 17- سان. 136- 133 بەتلەر.
  4. دىۋان، تۈركچە تەرجىمە 1- توم، 101- بەت= فاكسىمىلى 69- بەت.
  5. بارسخاننىڭ ئورنى ھەققىدىكى شەخسى تەتقىقاتى: ئا.ن.بېرنىشىتام: «شىمالىي قىرغىزىستان ئارخىلوگىيەسىگە كىرىش»، فرۇنزى، 1941- يىلى، 82- 80- بەتلەر، (روسچە).
  6. دىۋان III توم، ئىستانبۇل، 1335 (1919)، 312- بەت = فاكسىمىلى، 62- بەت.
  7. سۇلايمان ئوغلى ھارۇن ۋە ئەلىي ئوغلى ناسىر ھەققىدە: ۋ. بار تولد: «مۇڭغۇل ئىستىلاسىدىكى تۈركستان» 1928- يىلى، لوندۇن، 266- 257، 274- 271، (ئېنگىلىزچە). ۋ. ئى. بىلايىۋ: «13- 11 ئەسىردىكى تۈركمەن ۋە تۈركمەن تارىخىغا دائىر ئەرەپچە مەنبەلەر»، (تۈركمەن ۋە تۈركمەن تارىخىغا دائىر ماتىرىياللار، 1- توم، موسكۇۋا لېلىنگراد، 1939- يىلى، 81- بەت، روسچە)، ئاپتۇر ماقالىسىدا قەشقەرىنى ئۆز ئىپادىسىگە ئاساسەن (4- نوتقا قاراڭ) ناسىر بىن ئەلىنىڭ نەۋرىسى دەپ ھېسابلايدۇ.
  8. ھىجىرىيە 5- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىن ئېتىبارەن ئىككى تارماق ئارىسىدا شەكىللەنگەن ھاڭنىڭ نەتىجىسىدە «غەربىي قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ شەرق قىسمىدا خاتىرجەم ياشاش ئانچىۋالا مۇمكىن ئەمەس بۇلۇپ قالغان ئىدى. بۇ خۇسۇسىدا مىنىڭ ئېسلا ئېنىسكلوپىدىيىسىگە ئاتاپ يازغان ماقالەمگە قاراڭ.
  9. رىچارد ۋاسمىر: «قاراخانىلار تەڭگىللىرى»، بېرلىن، 1930- يىلى (گېرمانچە) بۇ تەنگىلەردىكى ۋاقىتلارنىڭ ئاخىرقى رەقەملىرى كۆپ ئۇپرىغان. پەرق ئېتىشكە بولىدىغان يەرلەردە سەككىز رەقىمى كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇنىڭغا قارىغاندا بۇ تەڭگىلەرنىڭ 448- يىلى (7/1056) يۈسەيىن بىن مۇھەممەدنىڭ ۋەل ئەھىدلىككە چىقىرىلغان يىلدا بېسىلغانلىقىنى قۇبۇل قىلىشقا بولىدۇ.
  10. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپرەك مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن مىنىڭ «قارىخانىلار تەتقىقاتى» (ئارگىنال) ئاتلىق ئەسىرىمنىڭ «قاراخانىلاردىكى دەرىجە پەرقلىرى ھەققىدە» دىگەن قىسمىغا قاراڭ.
  11. س. ج. تورنبېرگ نەشىرى، 11-، لېيدىن، 1963- يىلى، 211- بەت.
  12. 12.0 12.1 مەھمۇت قەشقەرى ھەققىدە ئەڭ مۇھىم بولغان تەتقىقاتلار: ۋ.ۋ. بار تولد: «ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك تارىخىي ھەققىدە دەسلەر»، (تۈركچە)، 1927- يىلى، 85- 83- بەتلەر؛ (گېرمانچە)، 1935- يىلى، 95- 92- بەتلەر. فۇئات كۆپرۈلۈ:» دىۋان لۇغاتىت تۈرك» (تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى ھەققىدە تەتقىقاتلار)، ئىستانبۇل، 1934- يىلى، 34- 33- بەتلەر، (تۈركچە). ئەخمەت زەكى ۋەلىدى تۇغان: «دىۋان لۇغاتىت تۈركنىڭ يېزىلغان يىلى ھەققىدە» (ئاتسىز مەجمۇئە)، 16- سان، 1932- يىلى، 78- 77- بەتلەر؛ «مەھمۇت قەشقەرىگە ئائىت نوتلار»، (ئاتسىز مەجمۇئە)، 17- سان، 1932- يىلى، 136- 133- بەتلەر، (تۈركچە). رىفات بىلگە كىلىسلى: «دىۋان لۇغاتىت تۈرۈكنىڭ يېزىلىش تارىخىي»، (تۈركىيات مەجمۇئەسى)، 6- سان، 39-1938- يىللىق، ئىستانبۇل، 1939- يىلى، 360- 358- بەتلەر(تۈرۈكچە). بېسىم ئاتالاي:«دىۋان لوغاتىت تۈرك ۋە تەرجىمىسى ئۈستىدە نوتلار- كىتابنى يازغان شەخىس؛ كىتابنىڭ يېزىلغان تارىخى؛ كىتاب نەدە يېزىلغان» (دىۋان لوغاتىت تۈرۈك تەرجىمىسى)، 1- توم، ئەنقەرە 1939- يىلى، 16- 11- بەتلەر، (تۈرۈكچە). ئەخمەت جاپەر ئوغلى: «تۈرۈك تىلى تارىخى نوتلىرى»، 1- بۈلۈم. ئىستانبۇل، 1943- يىلى، 43- 42- بەتلەر، (تۈرۈكچە). . شاكىر ئۈلكۈتاشىر: «بۈيۈك تۈرك تىلچىسى مەھمۇت قەشقەرى»، ئىستانبۇل، 1946- يىلى، (تۈرۈكچە).
  13. «كىتاب دىۋان لوغاتىت تۈرك» كىلىسلى مۇئەللىم رىفات بىلگە باسمىسى، I، ئىستانبۇل، 1334(1917). 3= فاكسىمىلى: بېسىم ئاتالاي: «دىۋان لوغاتىت تۈرك فاكسىمىلى» ئەنقەرە، 1941- يىلى.
  14. بارتولد: 94- بەت، توغان: (ئاتسىز مەجمۇئە)، 17- سان. 136- 133 بەتلەر.
  15. دىۋان، تۈركچە تەرجىمە 1- توم، 101- بەت= فاكسىمىلى 69- بەت.
  16. بارسخاننىڭ ئورنى ھەققىدىكى شەخسى تەتقىقاتى: ئا.ن.بېرنىشىتام: «شىمالىي قىرغىزىستان ئارخىلوگىيەسىگە كىرىش»، فرۇنزى، 1941- يىلى، 82- 80- بەتلەر، (روسچە).
  17. دىۋان III توم، ئىستانبۇل، 1335 (1919)، 312- بەت = فاكسىمىلى، 62- بەت.
  18. سۇلايمان ئوغلى ھارۇن ۋە ئەلىي ئوغلى ناسىر ھەققىدە: ۋ. بار تولد: «مۇڭغۇل ئىستىلاسىدىكى تۈركستان» 1928- يىلى، لوندۇن، 266- 257، 274- 271، (ئېنگىلىزچە). ۋ. ئى. بىلايىۋ: «13- 11 ئەسىردىكى تۈركمەن ۋە تۈركمەن تارىخىغا دائىر ئەرەپچە مەنبەلەر»، (تۈركمەن ۋە تۈركمەن تارىخىغا دائىر ماتىرىياللار، 1- توم، موسكۇۋا لېلىنگراد، 1939- يىلى، 81- بەت، روسچە)، ئاپتۇر ماقالىسىدا قەشقەرىنى ئۆز ئىپادىسىگە ئاساسەن (4- نوتقا قاراڭ) ناسىر بىن ئەلىنىڭ نەۋرىسى دەپ ھېسابلايدۇ.
  19. ھىجىرىيە 5- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىن ئېتىبارەن ئىككى تارماق ئارىسىدا شەكىللەنگەن ھاڭنىڭ نەتىجىسىدە «غەربىي قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ شەرق قىسمىدا خاتىرجەم ياشاش ئانچىۋالا مۇمكىن ئەمەس بۇلۇپ قالغان ئىدى. قاراڭ: ئېسلا ئېنىسكلوپىدىيىسى مۇناسىۋەتلىك ماقالە.
  20. 20.0 20.1 رىچارد ۋاسمىر: «قاراخانىلار تەڭگىللىرى»، بېرلىن، 1930- يىلى (گېرمانچە) بۇ تەنگىلەردىكى ۋاقىتلارنىڭ ئاخىرقى رەقەملىرى كۆپ ئۇپرىغان. پەرق ئېتىشكە بولىدىغان يەرلەردە سەككىز رەقىمى كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇنىڭغا قارىغاندا بۇ تەڭگىلەرنىڭ 448- يىلى (7/1056) يۈسەيىن بىن مۇھەممەدنىڭ ۋەل ئەھىدلىككە چىقىرىلغان يىلدا بېسىلغانلىقىنى قۇبۇل قىلىشقا بولىدۇ.
  21. ئىبىن ئەسىر، 9-، 211- بەت.
  22. قاغانلارنىڭ چوڭ كىچىكلىرى يىرتقۇچ ھايۋان ئاتلىرىنى ئۇنۋان قىلىشتىن ئاۋۋال يىرتقۇچ قۇشلارنىڭ ئاتلىرىنى قوللىناتتى، مەسىلەن، چاغرى تىگىن. بۇ ھەقتە قاراڭ: 1- يۈسۈپ قادىرخاننىڭ چوڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ 412- 407 يىللاردا (1021- 1016) يەركەنتتە باستۇرغان تەڭگىلىرى؛ ئا. ك. ماركوۋ: «ئېرمىتاژ موزىيىدىكى مۇسۇلمان تەڭگىلىرىنىڭ كاتالوگى»، پىتر بورگ، 1904- 1893 يىل، 195- 193 بەتلەر، 7- نۇمۇر. (40- 30)؛ 2- ھاسان بىن سۇلايماننىڭ چوڭ ئوغلى ھارۇن (ئەھمەت). بۇ توغرۇلۇق بار تولد نەشىر قىلدۇرغان (?) 474=(?) 1082- يىلىغا ئائىت يەركەنت ۋەسىقىسىگە قاراڭ: ۋ. ۋ. بارتولد: «قۇتادغۇ بىلىگتە تىلغا ئېلىنغان بۇغراخان»، III BsOs، (25- 1923)، 156- بەت، (ئېنگىلىزچە). بۇنىڭ تۈركچە تەرجىمىسى؛ راغىپ خولوسى: (تۈركيات مەجمۇئەسى)، 1- توم، ئىسانبۇل، 224- 223 بەتلەر. بۇنىڭدىن باشقا قۇلىمىزدا چاغرىتىگىن ئۇنۋانىدا ئاتالغان يۈسەيىن بىن مۇھەممەتنىڭ ×44 يىللىرىغا ئائىت بىر تەڭگىسىمۇ بار. (يۈزى ئۇپرىغان، قاراڭ: ماركوۋ، كاتالوگ، 429- نۇمۇر، 261- 260 بەتلەر).
  23. ئىبىن ئەسىر، 9-، 211- بەت.
  24. قاراڭ: «قاراخانىلاردىكى دەرىجە پەرقلىرى ھەققىدە»، «قاراخانىيلار تەتقىقاتى» (ئارگىنال).
  25. س. ج. تورنبېرگ نەشىرى، 11-، لېيدىن، 1963- يىلى، 211- بەت.
  26. ئىبىن ئەسىر، 9-، 211- بەت.
  27. 27.0 27.1 قاغانلارنىڭ چوڭ كىچىكلىرى يىرتقۇچ ھايۋان ئاتلىرىنى ئۇنۋان قىلىشتىن ئاۋۋال يىرتقۇچ قۇشلارنىڭ ئاتلىرىنى قوللىناتتى، مەسىلەن، چاغرى تىگىن. بۇ ھەقتە قاراڭ: 1- يۈسۈپ قادىرخاننىڭ چوڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ 412- 407 يىللاردا (1021- 1016) يەركەنتتە باستۇرغان تەڭگىلىرى؛ ئا. ك. ماركوۋ: «ئېرمىتاژ موزىيىدىكى مۇسۇلمان تەڭگىلىرىنىڭ كاتالوگى»، پىتر بورگ، 1904- 1893 يىل، 195- 193 بەتلەر، 7- نۇمۇر. (40- 30)؛ 2- ھاسان بىن سۇلايماننىڭ چوڭ ئوغلى ھارۇن (ئەھمەت). بۇ توغرۇلۇق بار تولد نەشىر قىلدۇرغان (?) 474=(?) 1082- يىلىغا ئائىت يەركەنت ۋەسىقىسىگە قاراڭ: ۋ. ۋ. بارتولد: «قۇتادغۇ بىلىگتە تىلغا ئېلىنغان بۇغراخان»، III BsOs، (25- 1923)، 156- بەت، (ئېنگىلىزچە). بۇنىڭ تۈركچە تەرجىمىسى؛ راغىپ خولوسى: (تۈركيات مەجمۇئەسى)، 1- توم، ئىسانبۇل، 224- 223 بەتلەر. بۇنىڭدىن باشقا قۇلىمىزدا چاغرىتىگىن ئۇنۋانىدا ئاتالغان يۈسەيىن بىن مۇھەممەتنىڭ ×44 يىللىرىغا ئائىت بىر تەڭگىسىمۇ بار. (يۈزى ئۇپرىغان، قاراڭ: ماركوۋ، كاتالوگ، 429- نۇمۇر، 261- 260 بەتلەر).
  28. ئىبىن ئەسىر، 9-، 211- بەت.
  29. «قارلۇقلاردىن قاراخانىلارغىچە» (ZDMG، 101، ۋىسبادىن، 2951- يىلى 295- بەت ۋە 3- نۇمۇر)
  30. رىچارد ۋاسمىر، 93- بەت.