تىلشۇناسلىق

ئورنى Wikipedia
مەشھۇر تىلشۇناس نوم چومسكى
مەشھۇر تىلشۇناس نوم چومسكى

تىلشۇناسلىق تىللارنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. بىر تىلشۇناس ئادەتتە مۇئەييەن بىرنەچچە تىللارنى تەتقىق قىلىدۇ، ئەمما ئىلمىي تەتقىقات ئوبيېكتى تىلنىڭ ئومۇمىي خۇسۇسىيىتىنى ئۆگىنىش. تىلشۇناسلار تەتقىق قىلىدىغان سوئاللارنىڭ ئىچىدە:

  • ئىنسانلار تىلىنىڭ ھايۋانات ئالاقە سىستېمىلىرىدىن قانداق پەرقى بار؟
  • ئىنسانلار تىللىرىنىڭ ئارىسىدا قانداق ئورتاق نوقتىلار بار؟
  • جانلىق تىل، يازما تىل ۋە  ئىشارەت تىلىنىڭ مۇناسىۋەتلىرى قانداق؟
  • تىل ئىنساننىڭ باشقا قىلىقلىرىغا قانداق تەسىر قىلىدۇ؟

باشقا پەنلەردەك، تىلشۇناسلىقنىڭ ۋەزىپىسى دۇنيا تۇغرۇلۇق مەلۇمات يىغىش. تىل ھەممە كىشىلەر تەرىپىدىن ئىشلىتىلىدۇ ۋە ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسى بولىدۇ. شۇڭا تىلشۇناسلاردىن ئېلىنغان مەلۇماتلاردا نۇرغۇن ئەمەلىي قوللىنىش بولىدۇ. مەسىلەن:

  • ھازىرغىچە تەتقىق قىلىنمىغان تىللار قانداق ئانالىز قىلىنىپ يېزىلسا بولىدۇ؟
  • چەت ئەللىك تىللار قانداق ئوقۇتۇلسا بولىدۇ؟
  • قانداق قىلساق كومپيۇتېر ئىنسانلارنىڭ تىلىنى چۈشىنەنەلەيدۇ ۋە ئۇلارنىڭ تىلىدا سۆزلىيەلەيدۇ؟
  • گاچا ياكى كېكەش ئادەم قانداق داۋالانسا بولىدۇ؟
  • تىل تۇغرىسىدىكى قانۇنىي ئىشلار قانداق ھەل قىلىنسا بولىدۇ؟

تىلشۇناسلىقنىڭ بۆلەكلىرى\قىسىملىرى[تەھرىرلەش]

تىل مۇرەككەپ ھادىسە، شۇڭا تىلشۇناسلىقتا بىرنەچچە بۆلەكلەر بار.

فونېتىكا[تەھرىرلەش]

تاۋۇشلارنى تەتقىق قىلىدىغان تارماق. ئۇ تىلنىڭ ئاۋاز تەركىبى ۋە ئاساسىي ئاۋاز جەريانلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ. فونېتىكا مۇتەخەسسىسلىرى ئىنسان ئورگانلىرىدىن تاۋۇشلارنىڭ چىقىشى،ئۇلارنىڭ ئاۋاز چىقىرىشى ۋە تاۋۇشلارنىڭ قانداق ھېس قىلىنىشىنى تەتقىق قىلىدۇ.

فونولوگىيە[تەھرىرلەش]

تىللارنىڭ تاۋۇش سىستېمىلىرىنى تەتقىق قىلىدىىغان تارماق. فونولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى تىلدا تاۋۇشلارنىڭ پەرق قىلىنىشى (مەسىلەن، ئۇيغۇر تىلىدا «ۈ» ۋە «ۇ» دېگەن تاۋۇشلار پەرق قىلىنىدۇ، لېكىن ئىنگلىز تىلىدا بۇ تاۋۇشلار پەرق قىلىنمايدۇ)، تاۋۇشلارنىڭ قانداق سۆزلەرگە بىرلىشىشى (مەسىلەن ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەرنىڭ بىرىنچى تاۋۇشى «ڭ» بولالمايدۇ، ئەمما ۋېيتنام تىلىدا بولىدۇ) قاتارلىق ئىشلارنى تەتقىق قىلىدۇ.

مورفولوگىيە[تەھرىرلەش]

سۆزلەرنىڭ تۈزۈلمىسىنى تەتقىق قىلىدىغان تارماق. سۆزلەر قانداق كىچىكرەك بۆلەكلەردىن قورۇلىدۇ؟ مەسىلەن، نېمىشقا ئۇيغۇر تىلىدا «يېيىلىدۇ» ۋە «يېيەلەيدۇ» دېگەن سۆزلەر بار، ئەمما «يېيىلەلەيدۇ» دېگەن سۆز يوق؟

سىنتاكسىس[تەھرىرلەش]

جۈملىلەرنىڭ تۈزۈلمىسىنى تەتقىق قىلىدىغان تارماق. جۈملە قانداق سۆزلەر بىلەن قۇرۇلىدۇ؟ سىنتاكسىس مۇتەخەسسىسلىرى سۆزلىگۈچىنىڭ قانداق قىلىپ مەلۇم سۆزلەرنى ئىشلىتىپ جۈملىلەرنى ھاسىل قىلىشى، نېمىشقا بىر جۈملىنىڭ كۆپ مەنىسى بولىشى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىدۇ.

سېمانتىكا[تەھرىرلەش]

سۆزلەر ۋە  جۈملىلەرنىڭ مەنىسىنى تەتقىق قىلىدىغان تارماق. سېمانتىكا مۇتەخەسسىسلىرى جۈملە بۆلەكلىرىنىڭ مەنىلىرى ۋە ئورنىغا ئاساسەن ياسالغانلىقىنى تەتقىق قىلىدۇ.