خوجىنىياز ھاجى

ئورنى Wikipedia
خوجانىياز ھاجى ئىمىننىياز ئوغلى
ھۆججەت:Hojiniyaz haji.jpg
تۇغۇلۇش1889، قۇمۇل
ۋاپاتى1938، ئۈرۈمچى
مىللىتىئۇيغۇر


خوجىنىياز ھاجى (چاغاتايچە: خواجە نياز حاجى)، (1889- قۇمۇل/1938 -ئۈرۈمچى) 1930-يىللىرى شەرقىي تۈركىستاندا خوجىنىياز ھاجىم رەھبەرلىكىدە قۇمۇل دېھقانلىرىنىڭ مىللىي-ئازادلىق قوزغىلىڭى يۈز بېرىپ، ئۇنىڭ ئارقىسىدا مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى مەيدانغا كەلگەن ئىدى.

ھاياتى[تەھرىرلەش]

خوجا نىياز ھاجى ئېمىننىياز ھاجى ئوغلى: ئۇيغۇر، 1889 - يىلى قومۇل شارلار تېغىدا توغۇلغان. 1912- يىلىدىكى تۆمۈر خەلىپە يېغىلىقىغا قاتناشقانلىق جىنايىتى بىلەن شامەقسۇد ۋاڭ تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىدۇ. قومۇلدىن قېچىپ چىقىپ تۇرپان، ئالتاي، چۆچەك تەرەپلەردە بىر نەچچە يىل تۇرغاندىن كېيىن ئۆكتەبىر ئىنقىلابى ھارپىسىدا يەتتەسۇغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن مەككەگە ھەجگە بارىدۇ ۋە بىر نەچچە يىل تۇرغاندىن كېيىن ئاۋۋال رۇسىيەگە كېيىن 1923 - يىلى ۋەتەنگە قايتىدۇ. باشتا ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ قومۇلنىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرىدۇ. 1928 - يىلى 16 - مايدا شامەقسۇد ۋاڭ ئۆلگەندىن كېيىن قومۇلغا قايتىدۇ. كىچىكىدىن مەدرىسەدە تەھسىل ئالغان ۋە كېيىن يۇرت كېزىپ دۇنيا كۆرگەن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن قومۇل خەلقى ئىچىدە دىندارلىقى، پىكىرلىرى ۋە خەلقچىللىقى بىلەن تونۇلىدۇ. ئۆتمۈشتىكى قوزغىلاڭ ۋە جەھانكەزدى تەجرىبىلىرى بىلەن 1931 - يىلى باشباھاردا باشلىغان قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ. قۇمۇلدىن باشلىغان ئىنقىلاب تۇرپان، كورلا، قاراشەھەر ۋە ئاقسۇلارغىچە يېيىلىپ، 1933 - يىلى كاشغەردە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» ئېلان قىلىنىپ، خوجا نىياز ھاجى جۇمھۇرىيەتنىڭ رەئىسى قوبۇل قىلىنىدۇ. خوجا نىياز ھاجى رەئىسى جۇمھۇرلۇق سالاھىيىتى بىلەن ئەنگىلىيە، تۈركىيە قاتارلىق ئەللەرگە رەسمىي مەكتۇبلار يازىدۇ. 86 كۈن مەۋجۇد بولغان بۇ جۇمھۇرىيەت ئىچكى نىزالار ۋە تۇنگانلارنىڭ توختاۋسىز پاراكەندىچىلىكى، رۇسلارنىڭ بېسىمى ۋە شېڭ شىسەينىڭ ھىيلە - نەيرەڭلىرى نەتىجىسىدە 1934 - يىلى فېۋرالدا شېڭ شىسەي بىلەن كېلىشىم تۈزۈلۈپ، تارىختا تۇنجى قېتىم قۇرۇلغان «ئىسلام جۇمھۇرىيىتى»، ئاساسىي قانۇن، ھەربىي ۋە مەمۇرىي سېستىمىغا ئىگە، پاسپورت تارقىتىپ پۇل باستۇرغان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى تارقىلىپ كېتىدۇ. خوجا نىياز ھاجى ئاتالمىش شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە جەنۇبىي تۈركىستان ھەربىي قۇماندانى ئۇنۋانى بىلەن 1934 - يىلى ئاۋغۇستتا ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ. 1937 - يىلى 12 - ئۆكتەبىر كۈنى ئاتالمىش «ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ قۇيرۇقى» دېگەن تۆھمەت بىلەن شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قاماققا تاشلىنىدۇ. بىر يىل تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن 1938 - يىلى كۈزدە سوراققا تارتىلىپ، شۇ قاتاردا سالىھ دورغا، يۇنۇسبەگ قاتارلىق 108 كىشى بوغۇپ ئۆلتۈرۈلۈپ، سايئوپۇنىڭ غەربىدىكى تاغقا كۆمۈلىدۇ. 1947 - يىلى 4 - ئايدا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار قاتناشقان تەزىيە مۇراسىمى بىلەن خوجا نىياز ھاجى ۋە شەرىپخان تۆرىلەرنىڭ جەسەدلىرى شامالباغدىكى شېھىدلىككە دەفىن قىلىنىدۇ.

خواجە نياز حاجى 1889- يىلى قۇمۇلدا قۇل دورغا ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، دادىسى ئىمىن نىياز ئۇنى قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن 17 يىشىدا ساۋۇراخۇن دېگەن قۇلنىڭ قىزىغا ئۆيلەپ قويىدۇ. 1907-يىلى ئالۋاڭغا ئىشلەپ قايتىشىدا 20 نەپەر گەنسۇ چىرىكلىرىگە تۇتۇلۇپ, بىر ئاي ھاشارغا ئىشلەيدۇ .بۇ چاغدا تورپاقلار قوزغىلىڭىنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ قېچىپ قورايغا بارىدۇ ۋە ئاممىغا قوشۇلۇپ ۋاڭغا قارشى قوزغىلاڭغا قاتنىشىدۇ,قوزغىلاڭنىڭ مۇھىم ئادەملىرى قاتارىغا ئۆتىدۇ .قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ۋاڭ ئۇنى تۇتالماي, دادىسىنى زىندانغا تاشلايدۇ.ھاجىم ئانىسىنىڭ ياردىمىدە ھەج سەپىرىگە كېتىدۇ .1912-يىلى قايتىپ كېلىدۇ.

1912- يىلى شاھ مەخسۇت ۋاڭ تۆمۈر خەلپە قاتارلىق <خەتەرلىك> دېگەن ئادەملەرنى چىرىكلىككە ئېلىپ ئۈرۈمچىگە پالايدۇ.ئۇلار يولدا تۆمۈر خەلپە باشچىلىقىدا قوزغۇلاڭ كۆتۈرۈپ قۇمۇلغا قايتىدۇ . ھاجىم دەل مۇشۇ چاغدا قايتقان بولۇپ قوشۇنغا قوشۇلۇپ پىدائىي بولىدۇ.قوزغىلاڭ سۇلھى بىلەن تىنىچلانغاندىن كېيىن ھاجىم يۇرتىغا قايتىپ, تاغدىكى قوشۇنلارغا باش بولۇپ, بىر مەزگىل ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇردۇ.ۋاڭ بارلىق چارە- ئاماللار بىلەن ھاجىمنى تۇتۇشقا كىرىشىدۇ. 1913-يىلى 9- ئاينىڭ 6- كۈنى تۆمۈر خەلپە ئۆلتۇرۇلىدۇ.ھاجىم ئىسمىنى ئىسھاق دەپ ئۆزگەرتىپ ئالتاي تەرەپكە كېتىدۇ.ئۇ يەردىمۇ سېزىلىپ قېلىپ چۆچەككە كېتىپ مامۇتباي دېگەن قازاقنىڭ ئوۋچىسى بولۇپ نۇرغۇن قۇرال ياراق توپلايدۇ.ۋاڭ ھاجىمنىڭ چۆچەكتە ئىكەنلىگىنى بېلىپ, توخسۇنلۇق نىيازنى تۇتۇپ كېلىشكە ئەۋەتىدۇ.ھاجىم بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ رۇسىيەگە كېتىدۇ ۋە ئۇ يەردە ھەربىي تەلىمنى قوبۇل قېلىدۇ ،1923-يىلى ئېلىغا قايتىپ كېلىدۇ ،بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۈرۈمچىگە قايتىدۇ ،1927-يىلى مەخسۇت مۇھىتى ۋە [[مەھمۇت مۇھىتى| بىلەن بىرلىشىپ قۇمۇل تۇرپانلاردا قوزغىلاڭ كۆتۈرۇشنى پىلانلايدۇ.نۇرغۇن ئۆزگۈرۈشلەردىن كېيىن قۇمۇلدا ھاجىمنىڭ ساۋاقدىشى بېشىر ۋاڭ ئۇنى ئوردىغا ئەكىلىۋالىدۇ،بېشەر ۋاڭ جىن شۇرىننىڭ ئۆلكىگە بويسۇنۇش تەكلىپىنى رەت قىلىش بىلەن بىرگە ھاجىمغا ئەسكەر مەشىقلەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى بېرىدۇ ،1931-يىلى پىلان بويىچە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ ئاراتۈركنى ئىشغال قىلىدۇ .

1931-يىلى جىن شۇرىننىڭ ئارا تۈرك باج ئىدارىسىدىكى تۇققىنى جاڭگۇخۇا قورال كۇچىگە تايىنىپ بىر ئۇيغۇر قىزى بىلەن مەجبۇرى توي قىلىدۇ.غەزەپلەنگەن خەلق توي كۈنى پىلانلىق ھالدا قوزغۇلاڭ كۆتۈرىدۇ ۋە تېزلا ئارا تۇرۇكنى ئىشغال قىلىدۇ .شۇ يىلى 2-ئايدا جىن شۇرىن قۇمۇل گارنىزونى ئارقىلىق يولۋاس باشچىلىقىدا باستۇرما قوشۇن ئەۋەتىدۇ ،ھاجىملار ئۇلارنى تىرە -پىرەڭ قېلىۋىتىدۇ ،بىر نەچچە قېتىم چاقىرىلغان قوشۇنلار قوزغۇلاڭچىلار تەرىپىدىن كۈچلۈك زەربە يەيدۇ ،دەل شۇ چاغدا گەنسۇ ،چىڭخەيدە مابۇفاڭدىن قېچىپ يۈرگەن ماجوڭيىڭ 200دەك ئاتلىق ئەسكىرى بىلەن قۇمۇلغا كىېلىدۇ ۋە ھاجىملارغا قوشۇلۇپ جەڭ قىلىدۇ. ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى بىلگەن جىن شۇرىن شىڭ شىسەينى قوماندان قىلىپ بىر باتالىيون ئەسكەر بىلەن قۇمۇلغا ئەۋەتىدۇ ،3 كۈنلۈك جەڭدىن كېيىن ماجۇڭيىڭ گەنسۇغا چىكىنىدۇ .ھاجىم ئادەملىرىنى باشلاپ تاراتۇغا كېتىدۇ . شىڭ شىسەي ھاجىمنى سۆھبەتكە تەكلىپ قىلىدۇ ،سۇلھى دە كىلىشەلمەي تاراتۇدا جەڭ قىلىپ 100 دىن ئارتۇق چىرىكنى ئۆلتۇرىدۇ، بۇنى كۆرگەن شىڭ شىسەي تىكىۋېتىدۇ. 1931-يىلى ھاجىم ئەسكەرلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ موڭغۇلىيە چىگرىسىغا مىنگاڭ دېگەن يەرگە كېلىپ موڭغۇل ھۆكۇمىتى بىلەن ئىتتىپاق تۈزىدۇ ھەم ئۆز-ئارا زىيارەت قىلىش پۇرسىتىدە قورال ياراق ۋە ھەربىي كىيىم -كېچەك سىتىۋالىدۇ،ئۆزقىسىملىرىدىن ئادەم تاللاپ شوپۇرلۇق ،ھەربىي قۇرال -ياراق تېخنىكىسى ،دوختۇرلۇق ،ھەربىي ئالاقە تېخنىكىسى ،ھەربىي قانۇن ،رازۋېت قاتارلىق ساھەلەرگە ئوقۇشقا ئەۋەتىدۇ ،قالغان قىسىملارنى داۋاملىق مەشىقلەندۇرىدۇ ،يېرىم يىلدىن كېيىن يۇرتى تاراتۇغا كېلىدۇ ،1932-يىلى 6- ئايدا قۇرۇلتاي ئېچىلىپ ھاجىم قوزغىلاڭچىلارغا باش قوماندان بولۇپ سايلىنىدۇ .مۇڭغۇلىيىنىڭ ياردىمى بىلەن ھەربىي تەييارلىقلار تاماملىنىدۇ .1932-يىلى پىچان ئۇرۇشى ،1933-يىلى توخسۇن ئۇرۇشى پارتىلايدۇ ،ھاجىم تۇرپان لۇكچۇنگە كېلىپ شىڭ شىسەينىڭ ئاق ئورۇس چىرىكلىرى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىپ ئىلگىرلەپ جىمىسارغا كەلگەندە 2-قېتىم شىنجاڭغا چىققان ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى بىلەن تىركىشىپ قالىدۇ ،1933-يىلى 6-ئايلاردا سوۋېتلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ كېلىۋاتقان ھاجىم سوۋېتنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلىنىڭ مۇرەسسەسى بىلەن شېڭ شىسەي بىلەن دوستلۇق كېلىشىمى تۈزىدۇ ،بۇ ۋاقىت شىڭ شىسەي ئۆلكە ھاكىمىيىتىنى ئىگىلىۋالغان ،سوۋېتلەر بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان چاغ ئىدى .

شۇ ئىشلاردىن كىيىن، ھاجىم [[قەشقەر شەھرىگە قاراپ يولغا چىقىدۇ ،ئۇششەقتالدا ئالدىنى توسقان ما شىمىن قىسىملىرىنى تىرە -پىرەڭ قىلىپ ،ئاقسۇغا يىتىپ كىلىدۇ .

ھاجىم ئاقسۇدا تۇرغان مەزگىلىدە خەلق يىغىنى ئېچىپ ،پەن -مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ،مەكتەپ ئېچىش ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەيدۇ ،بۇنىڭ تەسىرىدە پۈتۈن شىنجاڭدا مىللي مائارىپ يولغا قويۇلۇپ ،شەھەر ،يېزا ،قىشلاقلاردا ،كەنىتلەردىمۇ مەكتەپ سېلىش باشلىنىپ كېتىدۇ ، 1934-يىلدىن 1944-يىلغىچە شىنجاڭدا قۇرۇلغان مەكتەپلەرنىڭ نۇرغۇنى ھاجىمنىڭ تەشەببۇسىنىڭ مەھسۇلى ئىدى .ئارقىدىن ھاجىم قەشقەر ،يەكەنلەردا نۇرغۇن جەڭلەرنى قېلىپ ،ئاقسۇغا قايتىپ گارنىزۇن قۇماندانى بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە ئۆلكە رەئىسى بولغانلىق ئۇقتۇرشىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ ،لىكىن ھاجىم بارغىلى ئۇنىمايدۇ ،بۇ چاغدا سوۋېتلەر ئارىغا چۈشۈپ كىپىل بولۇپ ئۇچ خىل يىزىقتا توختام تۈزۈپ 1934-يىلى 8- ئايدا ھاجىمنى ئۈرۈمچىگە ئەكىلىدۇ ، < ئەسكەرسىز قۇماندان ،ھوقۇقسىز ئەمەلدار >بولۇپ قالغان ھاجىم ئاخىرى <ياپون جاھانگەرلىرىنىڭ قۇيرۇقى> دېگەن تۆھمەت بىلەن 1937- يىلى 10- ئايدا قولغا ئېلىنىپ سوراق قىلىنىدۇ 1938-يىلى كۈزدە ھاجىم باشلىق 108 سەركەردىلەر شىڭ شىسەي تەرىپىدىن ئۆلتۈرلۈپ ،سايۇپونىڭ غەربىدىكى تاققا كۆمۈلىدۇ .

مەنبە[تەھرىرلەش]