مۇئاۋىيە بىن ئەبۇ سۇڧيان

ئورنى Wikipedia

مۇئاۋىيە بىن ئەبۇ سۇڧيان (ئەرەبچە: مُعَاوِيَةُ بنُ أَبِي سُفْيَانَ صَخْرِ بنِ حَرْبٍ الأُمَوِيُّ القُرَشِيُّ) (ت. 602 - ئۆ. 680- يىل 5- ئاينىڭ 6- كۈنى)، ئىسلام دۆلىتىنىڭ ھەزرەتى ئەلىدىن كېيىنكى خەلىپىسى ۋە ئەمەۋىي خانەدانىنىڭ قۇرغۇچىسى، تارىختا مۇئاۋىيە I دەپ ئاتالغان.

مۇسۇلمان بولۇشتىن ئەۋۋەل ئۇھۇد ئۇرۇشىدا ۋە خەندەك ئۇرۇشىدا مەككەلىك مۇشرىكلەرنىڭ قۇماندانى سۈپىتىدە ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قۇماندانلىقىدىكى مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇشقان ئەبۇ سۇڧيان بىن ھاربنىڭ ئوغلىدۇر. ئاناسى قۇرەيىش كاتتالارىدىن بولمىش ئۇتبە بىن رەبىئانىڭ قىزى ھىنت بىنت ئۇتبە ئېرۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەھىي يازىدىغان كاتىپلىرىدىن بىرى، خەلىپە ئوسمان تەرىپىدىن شامغا ۋالىي قىلىپ تەيىنلەنگەن.

ئەلى بىلەن ئۇرۇشقان، مىسىرنى قولغا كىرگۈزدى ۋە ئەلى ر.ئە 661- يىلى سۇئىقەست نەتىجەسىدە ئۆلگەندىن سوڭرە خەلىپىلىكنى ھاساندىن ئېلىپ ئۆزىنى خەلىپە ئېلان قىلدى. 661 - يىلدىن 680 - يىلغىچە ئىسلام دۆلىتىنى باشقۇردى.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]