سەھىھۇ مۇسلىم

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى سەھىھ مۇسلىم)

سەھىھۇ مۇسلىم (صحيح مسلم)؛ ئاتاقلىق ھەدىس ئالىمى ئىمام مۇسلىم ئىبنى ئەلھەججاج ئىبنى مۇسلىم نىشاپۇرىي (ھ. 206 – 261 / م. 821 – 875) نىڭ «سەھىھۇ مۇسلىم» نامى بىلەن مەشھۇر ئەڭ ئىشەنچلىك ئىككى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى بولغان «سەھىھەين»نىڭ ئىككىنچىسى «ئەلمۇسنەدۇسسەھىھ (المسند الصحيح المختصر من السنن بنقل العدل عن العدل عن رسول الله صلى الله عليه وسلم)».[1]

ئىمام مۇسلىم 15 يىلدا (ھ. 235 – 250 / م. 849 – 864) تاماملىغان بۇ كىتابىغا ھەدىس ئىلمىدە ئىنتايىن قىممەتلىك بىر مۇقەددىمە يازغان.

ھەدىسلەرنى تەكشۈرۈش، راۋىيلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ۋە رىۋايەتلەرنى سېلىشتۇرۇشتا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان ۋە بۇ ھەدىس توپلىمىنى 300 مىڭ ھەدىستىن سۈزۈپ ئالغان. ئاندىن پەقەت سەھىھ ھەدىسنىلا بايان قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ساھابە ۋە تابىئىنلاردىن كەلگەن بايانلارنى ئارىلاشتۇرمىغان. بىر مەزمۇنغا ئالاقىدار ھەدىسلەرنى بىر يەرگە جەملىگەن. بۇ جەھەتتىن ئالاھىدىلىكى كۆپ.

مەزمۇنى[تەھرىرلەش]

مۇھەددىسلەرنىڭ نەزىرىدە ئىمام مۇسلىم كىتابىدىكى ھەدىسلەرنى راۋىيلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىگە بىنائەن ئىككى قىسىمغا بۆلگەن:

بىرى، ئەڭ پىشقان راۋىيلار رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەر «ئاساسلىق ھەدىسلەر»دۇر.

ئىككىنچىسى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك راۋىيلار رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەر «مۇتەبەئات (باشقا ساھابىدىن ئوخشاش مەزمۇندا رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەر)» بولۇپ، بۇ تۈرلۈك ھەدىسلەردە بىرىنچى تۈردىكىدەك قاتتىق ئۆلچەملەر شەرت قىلىنمايدۇ.

ئەسەردىكى سەنەدلىك ھەدىسلەرنىڭ سانى تەكرارلىرىنى ھېسابلىمىغاندا 3333 (4000 دېگەنلەرمۇ بار)، تەكرارلىرى بىلەن جەمئىي 7275 (8000 ياكى 12 مىڭ دېگەنلەرمۇ بار)، جەمئىي 54 بۆلۈم، 3450 بابقا (بابلار ئىمام نەۋەۋىي تەرىپىدىن قويۇلغان) بۆلۈنگەن.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى