مەدىنە

ئورنى Wikipedia

UYGHURCHE, [[{{{2}}}|УЙҒУРЧӘ]]


مەدىنە
المَدينة المُنَوَّرة
يەسرىب
يَثْرِب
كۆھنە مەدىنە

كوردىنات’28°24 شىمال،’36°39 شەرق

ھەققىدە
ئىسمى شەرىڧى مەدىنەتۇل مۇنەۋۋەرە (نۇرلۇق شەھەر)
تەۋەلىكى
مىنتىقە\رايون
سەئۇدىيە
مەدىنە ئۆلكىسى
باشقۇرۇرش
شەھەر باشلىقى ئابدۇلئەزىز بىن ماجىت
زېمىن ۋە نۇڧۇس
يەر مەيدانى 589 كلومتر2
نۇڧۇس(2010)
- توپلام
- زىچلىقى

1,300,000
2,410\كلومتر2
ۋاقت رايونى ئەۋر (UTC +3)
خەلقئارالىق رايون نومرى (12)966+
تور بەت http://www.amana-md.gov.sa

مەدىنە (ئەرەبچە: المَدينة) ياكى مەدىنە مۇنەۋۋەرە (ئەرەبچە: المَدينة المُنَوَّرة) شەھرى بۇگۈنكى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ غەربىي شىمالىغا، ھىجاز رايونىغا، مەككە شەھرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان مۇھىم شەھەر. كۆھنە ئاتى يەسرىب (يثرب) ئېرۇر. مەدىنەگە مەدىررا، مەدىركە، مەددىنە، مەززىنە ھەم دېيىلگەن. ھەم ئىسلام دىنىنىڭ ئىككىنچى مۇھىم يېرى جاي ئالغان يەر ھەم ئىسلام دىنىنىڭ مەركىزى ھەم ھەزرەتى مۇھەممەد س.ئە.ۋ قۇرغان ئىسلام دۆلىتىنىڭ تۇنجى پايتەختى. ئومۇمەن مەككەگە بېرىپ ھەج قىلىدىغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى مەدىنەگە چوقۇم بارىدۇ. ھەر يىلىدىكى ھەج قىلىش مەزگىلىدە، ھەج مۇراسىمى باشلىنىشتىن بۇرۇن ۋەيا كېيىن مەدىنە شەھرىگە بېرىپ زىيارەت قىلىدۇ.

ئىسمى ھەققىدە[تەھرىرلەش]

ئېتىمولوگىيىسى ئەرەبچە كەلىمە بولمىش "المدينة"نىڭ مەنىسى "شەھەر" دېگەنلىكتۇر. ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئىسمى "يەسرىب" ([ˈjaθrib]; يثرب). يەسرىب ئىسمى قۇرئاندا سۇرە ئەھزابنىڭ 13- ئايەتىدە تىلغا ئېلىنغان. شۇنداقلا بۇ شەھەرگە تاييىبە ([ˈtˤajba]; طيبة) ھەم دېيىلىدۇ. باشقا ئىسىملىرى بولسا مەدىنەتۇل مۇنەۋۋەرە (نۇرلانغان شەھەر)، مەدىنەتۇننەبىي (پەيغەمبەر شەھىرى) ئېرۇر. مەدىنەنىڭ: تابە، ئاسىمە، دارۇل ئىمان، دارۇسسۇننە، بەررەھ، بەيتۇررۇسۇل، ھەبىبە، مەھبۇبە، دارۇل ئەبرار، دارۇل ھىجرە، دارۇسسەلامە، دارۇل ڧەتىھ، مەھڧۇزە، ھەرەمى رەسۇل، مەدىنەتۇررەسۇل قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئىسىملەرى بار. ئىسلام تارىخچىلىرىدىن مەسئۇدى، "ۋەڧا" ناملىق ئەسىرىدە، "ئىسىمنىڭ كۆپلىكى، ئىسىم ئىگىسىنىڭ شەرەڧلىكلىكىگە دالالەتتۇر" دېگەندىن سوڭرە، تۈرلۈك مەنبئەلەرگە تايىنىپ تۇرۇپ مەدىنەئى مۇنەۋۋەرەنىڭ 94 ئىسمىنى ساناپ چىققان ۋە بۇلار ھەققىدە كەڭ تۈشەندۈرۈشلەر بەرگەن[1].

شەھەر ھەققىدە[تەھرىرلەش]

مەدىنە، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان مۇھىم شەھەر. ئىسلام دىنىنىڭ مەركىزى. 622-يىلى مۇھەممەد پەيغەمبەر ئۈممەتلىرىدىن ھەزرەتى ئەبۇبەكر بىلەن بىللە ھىجرەت مەككىدىن بۇ جايغا كېلىپ ئورۇنلاشقان، مۇھەممەد س.ئە.ۋ 632-يىلى شۇ جايدا ۋاپات بولغان. شەھەردە مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ قەبرىسى، مەشھۇر پەيغەمبەر مەسچىتى بار. م بۇ شەھەر جايلاشقان ئورۇن دېڭىز يۈزىدىن 610 مېتىر ئېگىز كېلىدۇ، ئاھالىسى 1 مىلىيون 300 مىڭدىن ئاشىدۇ، مەدىنە شەھىرى بىلەن مەككە شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 450 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. ئىككى شەھەرنى تاشيوللار بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. مەدىنە شەھىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مۇھىم سودا مەركەزلىرىنىڭ بىرى، شەھەر ئەتراپىدا نۇرغۇن دېھقانچىلىق مەيدانلىرى بولۇپ، خورما، بۇغداي، ئارپا، كۆكتات، مېۋە ئۆستۈرۈلىدۇ. شەھەردە خورمىنى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى، خىش زاۋۇتى، گىلەمچىلىك فابرىكىسى قاتارلىق زاۋۇت-فابرىكىلار بار. ھاۋا يولى، تاشيوللار ئارقىلىق مەككە ھەم جىددە پورتلىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ.

جوغراڧىيە[تەھرىرلەش]

مەدىنە مەككىنىڭ 450 كىلومېتىر شىمالىغا جايلاشقان، ئۈچ تەرىپىنى تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ، سۈيى ئەلۋەك، يېرى مۇنبەت ۋە مۇنبەت تۇپراق، ئەتراپى مۇنبەت ئېتىز ۋە باغ، ئىقتىسادى تەرەققىي تاپقان، قاتناش قۇلايلىق. مەدىنە، مەمۇرىي جەھەتتە، مەدىنە رايونىنىڭ مەركىزى، مەككە ئۇنىڭ شەرقىي جەنۇبى 450 كىلومېتر نېرىسىغا جايلاشقان، جىددە ئۇنىڭ ئۇدۇل 240 كىلومېتر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. 1 -ئايدىكى تېمپېراتۇرىسى °11.6 ~°22.9 سېلىتسىيە گىرادۇس، 8- ئاي مەزگىلىدىكى ئەڭ يوقىرى ھاۋا تېمپۇراتۇرىسى °28.5 ~ °42.5 ياز كۈنلىرى تومۇز ئىسسىق.

تارىخچەئى مەدىنە[تەھرىرلەش]

ئىسلام پەيغەمبەرى ھەزرەتى مۇھەممەد س.ئە.ۋ 622 - يىلى قۇرەيىش كاتتىلىرىنىڭ قىستىشى ۋە مەككە خەلقىنىڭ زىيانكەشلىكى، ئەڭ مۇھىمى اللەنىڭ رۇخسىتى ۋە ئەمرى بىلەن مەككىدىن مەدىنەگە كۆچۈپ كېلىشتىن ئالدىن ئىسمى "يەسرىب" ئىدى. ھەزرەتى مۇھەممەد بۇ يەردە ئىسلام ھاكىمىيىتىنى قۇرغان، مەدىنە ئسلام دۆلىتىنىڭ ئىلك پايتەختى بولغان (622-661). مەدىنە شەھرى يالغۇز پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭلا ئەمەس بەلكى ئۇ زاتتىن كېيىنكى تۆت خەلىپە دەۋرىدىمۇ ئىسلام دىنىنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت مەركىزى بولغاندۇر. شۇ بائىس ئىسلام تارىخىدىكى ئورنى ڧەۋقۇلئادە مۇھىم تۇرىدۇ، مۇسۇلمانلار ئىلگىرى «يۇرۇتۇلغان شەھەر»، «تىنچلىق شەھىرى»، « غەلىبە شەھرى» قاتارلىق چىرايلىق ناملار بىلەن ياد ئەتكەن.

سۇلتان مەلىكشەھ دەۋرىدە (1072-1092) سەلجۇقىيلارغا تابىئىي بولىشى بىرلە تۈركلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەن مەدىنە، كېيىنچە پۈتۈن ھىجاز رايونى بىلەن بىرگە ئەييۇبىي ۋە مەملۇك دەۋلەتلىرىنىڭ توپراقلىرىغىمۇ قوشۇلغان. 1517- يىلى ياۋۇز سۇلتان سەلىمنىڭ مەملۇك ئورۇسىنى رىدانىيە ئۇرۇشىدا مەغلۇب قىلىشى بىلەن پۈتۈن ھىجاز رايونى بىلەن بىرگە مەدىنە ھەم ئوسمانلى دەۋلەتىنىڭ توپراقلىرىغا قوشۇلدى. ئوسمانلى دەۋرىدە سۇلتان ئابدۇلھەمىد II تەرىپىدىن مەدىنەغە قەدەر تۆمۈريول لېنىيىسى قۇرۇلغان. ئىستانبۇل شەھرىنىڭ ئاسيا تەرىپىگە جايلاشقان ھەيدەرپاشا پويىز ئىستاسيونىدىن پويىز بىلەن مەدىنەگە 3 كۈن ئىچىدە بارغىلى بولاتتى.

1924 - يىلى، مەدىنە يىلى ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىپ نەچچە ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن، ئىبنى سەئۇد ەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان، كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالدى.

1. دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، 1916- يىلى باشلانغان ئەرەب ئىسيانى مەزگىلىدە پۈتۈن ئەتراڧ شەھەرلەر ئىسيانچىلارنىڭ قولىغا ئۆتكەندە، مەدىنە قەلئەسى كېينچە "مەدىنە مۇداڧىئى" ئۇنۋانىنى ئالغۇچى ڧەخرىددىن پاشانىڭ قۇماندانلىقىدىكى تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ قىيىن شارائىتقا قارىماي قەھرەمانە تىركىشىشى بىلەن ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانغە قەدەر ئوسمانلى دەۋلەتىنىڭ قولىدا قالغان. 1918- يىلى 30- ئوغۇز\ئۆكتەبىر ئىمزالانغان موندروس ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغاندىمۇ ڧەخرىددىن پاشا شەھەرنى تاپشۇرمىغان. 1919- يىلى 20- قەھرىتان ئوسمانلى پايتەختىدىن كەلگەن بۇيرۇق بىلەن بۇ يەردىكى بىرلىك تەسلىم بولدى ۋە مەدىنەدىكى تۈرك ھۆكۈمرانلىقى نىھايەت تاپتى.

1925- يىلى قۇرۇلغان سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەجياد قەلئەسى كەبى تارىخى ئوسمانلى قەلئەلىرىنى يوقىتىش سىياسىتى نەتىجەسىدە مەدىنەدە تۈرك ئىزنالىرى بولمىش بىرلا ئەمبەرىيە مەسجىدى ۋە ئەل مۇئەززەم پويىز ئىستانسى قالغان.

مۇھىم جايلار[تەھرىرلەش]

ھەر ھەج پەسلىدە مەككە ۋە مەدىنە شەھەرلىرى مىلىيونلىغان ھاجى تەرىپىدىن زىيارەت قىلىنىدۇ. مەدىنە شەھرىدە زىيارەت قىلىنغۇسى جايلار كۆپ بولۇپ، مۇھىملىرى تۆۋەندىكىچە:

پەيغەمبەر مەسجىدى[تەھرىرلەش]

مەسجىدى ھەرەمنىڭ كۈن پېتىش ۋاقتىدىكى كۆرۈنىشى

مەنبئەلەر[تەھرىرلەش]

  1. http://www.ehlisunnetbuyukleri.com/Islam-Tarihi-Ansiklopedisi/Detay/MEDINE-I-MUNEVVERE/493