Jump to content

ھىجاز

ئورنى Wikipedia
ھىجاز رايونى     1916-1923 چىگراسى     بۇگۈنكى چىگراسى

ھىجاز (ئەرەبچە:  اَلْحِجاز)، ئەرەب يېرىم ئارالىدا، كۈنىمىز سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ غەربىگە جايلاشقان بىر بۆلگە. ھىجاز كەلىمەسى ئەرەبچە "توسۇق، دامبا" دېگەنلىك بولىدۇ. قىزىل دېڭىزنى بويلاپ شىمالدىكى ئىئوردانىيەدىن جەنۇبتىكى ئەسر رايونىغىچە ئۇزايدۇ. ھىجاز بۆلگىسى، مۇقەددەس شەھەرلەر بولمىس مەككە ۋە مەدىنە شەھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن ئىسلام ئالەمىدە مۇھىم يەر تۇتىدۇ.

تارىخچەئى ھىجاز

[تەھرىرلەش]

تېخى مىلادىدىن 6 يۈز يىل بۇرۇن، بابىلنىڭ كالدەلى شاھلارى تايمانى يازلىق پايتەخت سۈپىتىدە قوللانغان. ھىجاز كېيىنچە مەركىزى مەدائىن سالىھ بولغان نەباتى قراللىقىغا (م.ب. 100 - م.ك. 200) باغلاندى.

كېيىنچە ئابباسىلەرنىڭ، 1258- يىلى مىسىردىكى مەملۇكىيلەرنىڭ كونترولى ئاستىدا بولدى. 1517- يىلى ئوسمانلىلارنىڭ قولىغا ئۆتتى ۋە مەركىزى مەككە بولغان مەدىنە ۋە جىددە بىلەن بىرگە ھىجازغا قوشۇلۇپ 3 تۇغلۇق بىر ئۆلكە ھالىغا كەلدى. ئۆلكىنىڭ باشقۇرۇشى، كۆرۈنۈشتە مەككە شەرىڧلىرىنىڭ قولىدا ئىدى. ئەمما 19. ئەسنىڭ باشلىرىدىكى دىننىي ئىسىيانلار بىلەن بۇ ئەھۋال ئۆزگەردى. مۇقەددەس شەھەرلەر بولمىش مەككە ۋە مەدىنە، ۋەھھابىيلەرنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچار بولدى. ئوسمانلىلار 1845 تىن كېيىن ھىجازنى بىۋاستە باشقۇرۇشقا باشلىدى ۋە توپراقلىرىنى بىرلەشتۈرمەك مەقسىدى بىلەن 1900-1908 ئارىسى شامنى مەدىنەگە باغلايدۇرغان ھىجاز تۆمۈر يولىنى قۇردى.

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە. 1915- يىلى، ئىسلام پەيغەمبەرى ھەزرەتى مۇھەممەد س.ئە.ۋنىڭ پۇشتىدىن بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى شەرىڧ ھۇسەيىن بىن ئەلى، ئوسمانلى ئىدارەسىگە ئىسىيان چىقىرىپ تۆمۈريولنىڭ بىر قىسمىنى بۇزدى ۋە ئۆزىنى ھىجاز قىرالى دەپ ئېلان قىلدى. ھۈسەيىن، ۋەھھابىيلەرنىڭ ئىسيانى بىلەن 1924- يىلى تەختتىن تۈشتى. ئورنىغا چىققان ئوغلى ئەلى بولسا 1925- يىلى ئوخشاش سەبەبدىن تەختتىن چېكىنىپ چەتئەلگە قاچتى.

تۇنجى سەئۇدىي دۆلىتى، ھىجاز رايونىدىمۇ ھۆكۈمران ئىدى. نەجد سۇلتانە ئابدۇلئەزىز II يىل 1926 دە ھىجاز قىرالى ئۇنۋانىنى ئالدى. 1932- يىلى ھىجاز، نەجد ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى باشقا رايونلارنى بىرلەشتۈرۈپ سەئۇدىي ئەرەبىستان پادىشاھلىقىنى قۇردى.

بۇگۈنكى ھىجاز

[تەھرىرلەش]

بۇ رايوننىڭ بىر زامانلاردىكى ئالتۇن كانىغا تايانغان ئىقتىسادىي كىرىمىنىڭ ئاساسىنى بۇگۈن ھەج كىرىملىرى، بولۇپمۇ جىددەگە مەركەزلەشكەن يېنىك سانائى، تىجارەت، چەكلىك خۇرما ۋە ئاشلىق ئىشلەپچىرىشى ۋە ئەرەبىستاننىڭ شەرقىدىكى نېڧىت زاپاسلىرىدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن بايلىقلار تەشكىل قىلماقتا. مەككە ۋە مەدىنەدىن قالسا چوڭ شەھەرلەردىن قىزىل دېڭىزنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى جىددە، بىر يازلىق بولغان تائىڧ ۋە مەدىنەنىڭ پورتى بولغان يانبۇ قاتارلىقلار بار.