مۇسۇلمانلار

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى مۇسۇلمان)
دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەڭ مۇقەددەس قىبلىگاھى كەئبە

مۇسۇلمانلار، ئىسلام دىنىغا مەنسۇب كىشىلەر[1]، سۇننىي ۋە شىئە مەزھەب ئىتىقادىغا كۆرە، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ بىرلىك بارلىقىغا، ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگە كىمسە مۇسۇلمان دەپ ئاتىلىدۇ. مۇسۇلمان كەلىمىسى بولسا "ئىتائەت قىلغۇچى" دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

مۇسۇلمانلار ئاللاھ قۇرئاننى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرگەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولسا ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر دەپ چۈشىنىدۇ. ئەھلى سۇننە ۋەلجامائە قۇرئان بىلەن مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ سۈننەتى ئىسلامنىڭ ئاساسى مەنبەسى دەپ قارىلىدۇ. مۇسۇلمانلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى دىننىڭ ياراتقۇچىسى ئەمەس بەلكى ئادەم ئەلەيھىسسالام، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قاتارلىق باشقا پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن دىنلارنىڭ بۇرمىلانغان (مەسىلەن، يەھۇدى دىنى، خىرىستىيان دىنى دېگەندەك) مەنىسىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرگۈچىسى دەپ چۈشىنىدۇ.

ئىسلامنىڭ شەرتلىرى[تەھرىرلەش]

كەلىمەئى شاھادەت ۋە زاكاتتىن باشقا، ئىسلامنىڭ شەرتلىرىدە ھەم سۇننىي ۋە شىئە مەزھەبلىرى ئارىسىدا ئوخشىماسلىقلار باردۇر. بۇنىڭ ئاساسىي سەبەبى، ئىسلامىيەتنىڭ سىياسىي ئايرىلىش دەۋرىدە سۇننىي ۋە شىئە دىن ئالىملىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىدۇر.

سۇننىي مەزھىبىگە كۆرە[تەھرىرلەش]

32 پەرز: ئىماننىڭ شەرتلىرى: 6؛ ئىسلامنىڭ شەرتلىرى: 5؛ نامازنىڭ پەرزلىرى: 12؛ تاھارەتنىڭ پەرزلىرى: 4؛ غۇسۇلنىڭ پەرزلىرى: 3؛ تەييەمۇمنىڭ پەرزلىرى: 2

مۇسۇلمانلارنىڭ ئورۇنداشقا تىگىشلىك پەرزلىرى 32 ئىكەنلىكى مۆئمىنلەرنىڭ تۇتىۋېلىشىغا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ئالىملار تەرىپىدىن ئۇمۇملاشتۇرۇپ ئېيتىلغان. ئادەتتە 32 پەرز دەپ بىلىنىدۇ. بۇ پەرزلەرنىڭ تەڧسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

مۇسۇلمان نۇپۇسىنىڭ يەر يۈزىگە تارقىلىشى
  • ئىماننىڭ شەرتلىرى:
  1. ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئىمان ئېيتىش؛
  2. ڧەرىشتىلەرگە ئىمان ئېيتىش؛
  3. كىتابلارغا ئىمان ئېيتىش؛
  4. پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتىش؛
  5. ئاخىرەت ھاياتىغا ئىمان ئېيتىش؛
  6. تەقدىرنىڭ، ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئاللاھتىن كەلگەنلىكىگە ئىمان ئېيتىش.
  • ئىسلامنىڭ شەرتلىرى:
  1. كەلىمەئى شاھادەت كەلتۈرۈش؛
  2. ناماز ئوقۇش؛
  3. روزا تۇتۇش؛
  4. زاكات بېرىش؛
  5. ھەجگە بېرىش.
  • ناماز سىرتىدىكى پەرزلەر:
  1. ھادەستەن تاھارەت؛
  2. نىجاسەتتىن تاھارەت؛
  3. سەترى ئەۋرەت؛
  4. ئىستىقبالى قىبلە؛
  5. ۋاقت؛
  6. نىيەت.
  • نامازنىڭ ئىچىدىكى پەرزلەر:
  1. تەكبىر
  2. قىيام
  3. قىرائەت
  4. رۇكۇ
  5. سەجدە
  6. قائىدەئى ئاخىرە
  • تاھارەتنىڭ پەرزلىرى:
  1. يۈزنى يۇيۇش؛
  2. قولىنى جەينەككىچە يۇيۇش؛
  3. باشقا مەسىھ قىلىش؛
  4. پۇتنى ھۇشۇق بىلەن قوشۇپ يۇيۇش.
  • غۇسۇلنىڭ پەرزلىرى:
  1. ئاغزىغا سۇ ئېلىش؛
  2. بۇرنىغا سۇ ئېلىش؛
  3. پۈتۈن بەدەننى يۇيۇش.
  • تەييەمۇمنىڭ پەرزلىرى:
  1. نىيەت قىلىش؛
  2. ئىككى ئالقىنىنى پاكىزە توپىغا سۈرۈپ يۈزىنىڭ تامامىغا مەسىھ قىلىش، قايتا قوللىرىنىڭ پاكىزە توپىغا ئۇرۇپ، ئاۋۋال ئوڭ ۋە كېيىن سول قولىغا مەسىھ قىلىش.

شىئە مەزھىبىگە كۆرە[تەھرىرلەش]

كۈنىمىزدە شىئە مەزھىبى؛ "زەيىدىييە" (بەشچىلەر)، "ئىمامىيەئى ئىسنائەشەرىييە (ئون ئىككىچىلىك\ئون ئىككى ئىمامچىلىق) ۋە "ئىسمائىلىيە" (يەتتىچىلىك) قاتارلىق ئۈچ ئاساسلىق مەزھەبكە ئايرىلىدۇ.

ڧۇرۇئەددىن 10 شەرت (ئىمامىيەئى ئىسنائەشەرىييە)

  • ناماز
  • روزا
  • ھەج
  • زاكات
  • ھۇمۇس
  • جىھاد
  • ئەمر-مەئرۇڧ
  • نەھىي-مۇنكەر
  • تەۋەللا
  • تەبەررا

(ۋەجىھىددىن 7 شەرت ئىسمائىلىييە)

ئىماننىڭ شەرتلىرى[تەھرىرلەش]

ئانا تېما: ئىماننىڭ شەرتلىرى

سۈننىي مەزھىبىگە كۆرە[تەھرىرلەش]

شىئە مەزھىبىگە كۆرە[تەھرىرلەش]

ئىسنائەشئەرىيە

  • تەۋھىد
  • ئادالەت
  • نۇبۇۋۋەت
  • ئىمامەت
  • مەئاد (قىيامەت)

قاراڭ[تەھرىرلەش]

  1. Oxford Dictionary of English 2e, Oxford University Press, 2003, Muslim