تاھارەت

ئورنى Wikipedia

تاھارەت (ئەرەبچە:الوضوء؛ پارسچە: آبدست ؛ ئوردۇچە: وضوء؛ تۈركچە: abdest)، مۇسۇلمانلارنىڭ، ناماز دېگەندەك مەلۇم ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بىر تەرتىپ ئىچىدە بەئزى ئورگانلارنى يۇيۇپ بەزىلىرىنى مەسھ قىلىش يولى بىلەن قىلىنغان پاكلانىش ۋە تازىلىقتۇر. قۇرئانغا كۆرە ھەر نامازنىڭ يېنىدا بەدەنىي تازىلىق مەقسىدى بىلەن مەلۇم ئورگانلارنى يۇيۇش (غۇسۇل) ۋە مەسھ (مسح) قىلىش شەكلىدە ئاڭلىتىلىدۇ. سۇنىڭ تاھارەتكە ئۇيغۇن بولىشى مۇھىمدۇر. سۇ تەمى، تۇمانلىقى ۋە پۇرىقىنىڭ نورماللىقى بىلەن ئۇيغۇن بولماقتا.

تاھارەت پەرزلىرى:
1) يۈزىنى باشنىڭ چاچ چىققان يېرىدىن باشلاپ، ئىككى قۇلاق بىلەن قوشۇپ، ئىڭەكنىڭ ئاستىغىچە يۇيۇش؛
2) ئىككى قولىنى جەينىكى بىلەن قوشۇپ يۇيۇش؛
3) باشنىڭ تۆتتىن بىرىگە مەسھى قىلىش، يەنى باشنىڭ تۆتتىن بىرىنى نەم بارماقلىرى بىلەن سىلاش؛
4) ئىككى پۇتىنى ئوشۇقى بىلەن قوشۇپ يۇيۇش.

تاھارەت سۈننەتلىرى:
1) نىيەت قىلىش؛
2) بىسمىللاھ دەپ باشلاش؛
3) ئىككى قولىنى ئۈچ قېتىم بېغىشىغىچە يۇيۇش؛
4) ئاغزىنى ئۈچ قېتىم چايقاش؛
5) بۇرنىنى ئۈچ قېتىم چايقاش؛
6) ئەرلەر ساقىلىغا خىلال قىلىش، يەنى قولىنى نەم قىلىپ بارماقلىرى بىلەن ساقىلىنى تاراش؛
7) قول-پۇتنىڭ ئارىسىغا خىلال قىلىش؛
8) ھەر ئەزانى ئۈچ قېتىمدىن يۇيۇش؛
9) باشنىڭ ھەممە يېرىگە مەسھى قىلىش، يەنى باشنى نەم بارماقلار بىلەن سىلاش؛
10) قۇلىقىغا مەسھى قىلىش؛
11) گەدەننى مەسھى قىلىش؛
12) تاھارەتنى تەرتىپى بىلەن ئېلىش؛
13) پۈتۈن تاھارەتنى ئۈزۈپ قويماي بىر قېتىمدىلا ئېلىپ بولۇش.

سۇ بولمىغان ياكى سۇ تەگسە سالامەتلىككە زىيان يېتىدىغان ئەھۋالدا تەيەممۇم قىلسا بولىدۇ.