جۈمە نامىزى

ئورنى Wikipedia

جۈمە نامىزى ياكى جۈمئە نامىزى (ئەرەبچە:صلاة الجمعة)، مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ھەر ھەپتىنىڭ جۈمئە كۈنى پېشىن ۋاقتى بىلەن جامائەت بىلەن قىلىنىشى پەرز بولغان، 2 رەكئەت پەرز ناماز.

ئۆتمۈشى[تەھرىرلەش]

جۇمئە نامىزى، ئادەتتە سۇرە جۇمئە نازىل بولىشى بىلەن ھىجرەت ئەسناسىدا پەرز قىلىنغان بىر ئىبادەتتۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، مەدىنەگە يېقىن بىر يەر بولغان سەلىم بىن ئەۋڧنىڭ يۇرتىدىكى رەنۇنە دېيىلگەن ۋادى ئىچىدە بەنى سەلىم مەسجىدىدە تۇنجى جۈمئە خۇتبىسى ئوقۇلغان ۋە تۇنجى جۈمئە نامىزىنى ئوقۇتقان.

مۇھىملىقى[تەھرىرلەش]

جۈمئە، مۇسۇلمانلارچە مۇھىم جەم بولۇش دەپ قارىلىدۇ. بۇ كۈندە مۇسۇلمانلار مەسجىدلەرگە توپلىنىدۇ، ئوقۇلغان خۇتبىلەرنى ئاڭلايدۇ ۋە بىرلىكتە جۇمئە نامىزىنى ئادا قىلۇرلار. سوڭرە ھەم بىر-بىرىلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ ياكى كۈنلۈك ئىشلىرىغا جۆنىشىدۇ.

بىر ھەدىستە: "ئۈستىدە قۇياش توغۇلغان ئەڭ خەيرلىك كۈن، جۈمئە كۈنىدۇر. ئادەم ئۇ كۈن جەننەتكە قويۇلغان، ئۇ كۈن جەننەتتىن چىقارىلغان. قىيامەت ھەم ئۇ كۈن قايىم بولىدۇ." دېيىلگەن.

جۇمئەنىڭ شەرتلىرىنى ھازىرلىغان قەۋىملەر ئۈچۈن ناماز ئوقۇيالايدىغان ئەرلەر ئۈچۈن ئىككى رەكئەت جۈمئە نامىزى "ڧەرز ئەين" دۇر.

ۋاقتى ۋە ئوقۇلىشى[تەھرىرلەش]

جۇمئە نامىزىنىڭ ۋاقتى پېشىننىڭ ۋاقتىدۇر. ئەنئەنە بويىچە جۈمئە ئۈچۈن ئەزان ئوقۇلغىنىدا مەسچىتلەرگە بېرىپ پېشىن نامىزىدا بولغىنىدەك، 4 رەكئەت سۈننەت نامىزى ئوقۇلىدۇ. ئۇندىن كېيىن مەسچىت ئىچىدە بىر قېتىم ئەزان ئوقۇلىدۇ. مۇنبەردە جامائەتكە قاراپ بىر خۇتبە ئوقۇلىدۇ. بۇ خۇتبىدىن سوڭرە قامەت كەلتۈرۈلۈپ جۈمەنىڭ ئىككى رەكئەت پەرزى جامائەت بىلەن بىرگە قىرائەت بىلەن ئوقۇلىدۇ. كېيىن يەنە 4 رەكئەت ئاخىرىقى سۈننەت ئوقۇلىدۇ.

جۈمەنىڭ شەرتلىرى[تەھرىرلەش]

ڧەقىھچىلەر تەرىپىدىن جۈمە نامىزىنىڭ پەرز بولىشى ياكى بىر كىشىنىڭ بۇ نامازغا قوشۇلىشىنىڭ كېرەكلىك بولىشىنىڭ بەئزى شەرتلىرى بارلىقى ئىپادە قىلىنىدۇ. جۈمە نامىزىنىڭ باشقا نامازلاردىن باشقا ئۆزىگە خاس 12 شەرتى بار. بۇلارنىڭ ئالتىسى پەرز بولۇشىنىڭ، قالغان ئالتىسى ئادا قىلىنىشىنىڭ شەرتلىرى:

  • ھۆر بولۇشى، ئەسر ياكى زىنداندا بولماسلىقى؛
  • مۇقىم بولىشى، يولۇچى بولماسلىقى؛
  • سالامەت بولىشى، نامازغا بارالمىغۇدەك دەرىجىدە كېسەل بولماسلىقى؛
  • قارغو بولماسلىقى؛
  • پۇتلىرى ساغلام بولىشى؛
  • نامازغا بېرىشىگە دەخلىسى ۋە بارماسلىققا مۇباھ بىر ئۆزۈرى بولماسلىق (دۈشمەن قورقۇنچى، قاتتىق يامغۇر، پاتقاق دېگەندەك)؛
  • جۈمە نامىزى ئوقۇلىدىغان يەرنىڭ شەھەر بولىشى، (رۇخسەت قىلىنغان يېزىلاردىمۇ بولىدۇ.)؛
  • نامىزنى ئەمىر ياكى ۋەكىلىنىڭ ئوقۇتۇشى؛
  • پېشىن نامىزى ۋاقتىدا ئوقۇلىشى؛
  • جامائەتنىڭ ھۇزۇرىدا خۇتبە ئوقۇلىشى؛
  • ئىمامدىن باشقا كەمىدە 3 كىشى بولىشى؛
  • جۈمە نامىزى ئوقۇلغان جاينىڭ ھەممە ئادەمگە ئوچۇق يەر بولۇشى كېرەك.

قاراڭ[تەھرىرلەش]

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. ^ [1] Arif Tekin, Sümerlerden İslam'a Kutsal Kitaplar ve Dinler
  2. ^ http://www.dinibilgiler.info/2012/.../cuma-namaz-kac-rekattr-nasl-klnr.htm
  3. ^ http://www.fetva.net/yazili-fetvalar/cuma-namazi-kac-rekattir.html
  4. ^ Namaz zamanı
  5. ^ http://www.sabah.com.tr/Yasam/2013/01/07/neden-cuma-namazi-kilmadigini-acikladi