جىنازە نامىزى

ئورنى Wikipedia

جىنازە نامىزى : « نىيەت قىلدىم ئۆتەرمەن ئۇشبۇ مېيت نامىزىنى، 4 تەكبىرلىرى بىلەن، ساناسى ئاللاھقا، دۇرۇدى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ساۋابى ئۇشبۇ مېيتكە، ئىقتىدا قىلدىم ھازىر ئىمامغا، خالىسەن لىللاھى تەئالا، ئاللاھۇ ئەكبەر.» دەپ قۇلىقىنى تۇتۇپ قولىنى قوۋىشتۇرۇپ سۈبىھانى كالانى ئوقۇپ، يەنە بىر تەكبىر ئېيتىپ، « ئاللاھۇممە سەلى ئەلا ئاللاھۇممە بارەك ئالا» دەپ ئوقۇلۇپ، يەنە بىر تەكبىر ئېيتىپ مۇنۇ دۇئا ئوقۇلىدۇ: « ئاللاھۇممە مەغفىرلى ھەيينىنا ۋە مەييىتىنا ۋە شاھىدىنا ۋە غائىبنا ۋە سەغىرىنا ۋە كەبىرىنا ۋە زەكىرىنا ۋە ئۇنسانا. ئاللاھۇممە مەن ئەھيەيىتەھۇ مىننا فەئەھىيھى ئەلەل ئىسلام ۋە مەن تەۋەففەيتەھۇ مىننا فەتەۋەفىفە ئەلەل ئىيمان ئاللاھۇممە ئىنىن كانە مۇئىسنەن فەزەرفى ئىھسانىھى ۋە ئىن كانە مۇسئېئەن فەتەجاۋەزئەنھۇ ئاللاھۇ ئەكبەر.» دەپ سالام بېىرىلىدۇ. ئاۋۋالقى ئەكبەردىن باشقىسىدا قول كۆتۈرۈلمەيدۇ. ئەگەر مېيىت نارەسىدە ئوغۇل- قىزياكى ئەقلى-ھوشى جايىدا ئەمەس بولسا مۇنۇ دۇئا ئوقۇلىدۇ: «ئاللاھۇممە ئەجىئەلەھۇلەنا ئەجرەن ۋە ۇخرەن ۋە ئەجىئەلەھۇ لانە شافىئەن تەن ۋە مىن شەفىفە ئەتەن بىرەھمەتىكە فائەر ھەمەرراھمىن ئاللاھۇ ئەكبەر.» دەپ ئېيتىلىپ سالام بېرىلىدۇ