سامىي تىل ئائىلىسى

ئورنى Wikipedia
سامىي تىللارنىڭ تەخمىنىي تارىخى تارقىلىشى

سامىي تىل ئائىلىسى ياكى سەمىتىك تىللار، ئاڧرو-ئاسياتىك تىل سېستىمىسىغا تەۋە بىر تىل ئائىلىسى. ئوتتۇرا شەرققە كەڭ تارقالغان قەدىم تىللارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەرەبچە، ئىبرانىيچە ۋە ئارامىچە ئەڭ كۆپ قوللىنىلغان سامىي تىللاردىندۇر. بۇندىن باشقا ڧېنىكەچە ۋە ئەقەدچە ھەم سامىي تىل ئائىلىسىنىڭ مەنسۇبىدۇر. ئەمما بۇ ئىككى تىل بۇگۈن قوللىنىلمايۋاتىدۇ. ئىبرانىيچە، ئەرەبچە، ئارامىچەنىڭ شىۋىلىرىدىن بولمىش سۈريانىچە ھەم رايوندا ئىشلىتىلىدىغان سامىي تىللارغا مىسال قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

سامىي ئىسمى ھەزرىتى نۇھنىڭ ئوغلى سامدىن كەلمەكتە.

سامى ياكى سەمىتىك تەئبىرى بۇگۈن كۆپراق ئىبرانىي ۋە ئەرەبلەرنى كۆرسەتمەكتە. شۇنداقلا ئانتى-سەمىتىك كەلىمىسى يەھۇديلەرگە قارشى دۇشمانلىق ۋەيا نەپرەتلىنىدىغان كىشىلەرنى ئىپادىلەشتە قوللىنىلماقتا.

Kaynakça[تەھرىرلەش]

  • Oxford ئىنگىلىزچە سۆزلۈك, semitic