قازاق مىللىتى

ئورنى Wikipedia
قازاق مىللىتى
نوپۇسى
توردىكى ئەڭ يېڭى مەلۇماتقا قارىغاندا، 2011-يىلى

7-ئايدىكى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە قازاقىستان

نوپۇسى 15,522,373 بولۇپ، قازاقلارنىڭ سانى

10مىليوندىن ئارتۇق(2010-يىللىق تەكشۈرۈش).

ئېنىقسىز مەلۇماتلارغاقارىغاندا، دۇنيادىكى(28دۆلەتكە

تارقالغان) قازاقلارنىڭ ئومۇمىي سانى 16مىليوندىن ئارتۇق .

ياشايدىغان يەرلىرى
قازاقىستان جۇمھۇرىيتى دائىرىسىدە بولۇپ،ئۇندىن

تاشقىرى  ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، 

جۇڭگو، موڭغۇلىيە، رۇسىيە

تىلى
قازاق تىلى،رۇس تىلى
دىنىي ئېتىقادى
ئىسلام
مۇناسىۋەتلىك مىللەتلەر

AbaiPainting.jpgAbylai khan.jpgKasteev.jpg
Baitursynov.jpgToktarAwbakirov.jpgNursultan Nazarbayev 27092007.jpg Tokaev.jpg Assan Bazayev.jpg Muhtar Shaxan Kazak poet.jpg Yussupova.jpg

قازاق مىللىتى - قازاق تىلىدا سۆزلەيدىغان خەلق.


تىل[تەھرىر]

تارىخ[تەھرىر]

تارىخىي ماتېرىياللاردا «قازاق» دېگەن سۆز مىلادى 15-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كۆرۈلۈشكەباشلىغان. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ھەققىدە بۈگۈنكى كۈنگىچە ھەرخىل قاراشلار بار. قازاق خەلقى ئارىسىدا «قازاق» دېگەن سۆزنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە بىر گۈزەل رىۋايەت تارقالغان... (رىۋايەت قالدۇرۇلدى)

بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا بۇ سۆز مىلادىدىن بۇرۇنقى 1-8 ئەسىرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھازىرقى قازاقىستان زىمىنىدا ياشىغان ساك قەبىلىلىرىنىڭ نامى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر مىلادى 4-5ئەسىرلەردە تۈركىي تىلىدىكى" قاسار» ياكى «قازار» قەبىلىسىنىڭ نامى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ. ئەينى زاماندا بۇ قەبىلە ھازىرقى غەربىي قازاقىستان،كاسپىي دېڭىزىنىڭ ئەتراپىدا ياشايتتى. ئەرەب تارىخلىرىدا كاسپىي دېڭىزىنىڭ « خەزەركۆلى» دېگەن نام بىلەن ئاتىلىشى دەل ئەنە شۇ «قاسار»، «قازار» دېگەن نام بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يەنە بەزىلەر بولسا، بۇ سۆز مىلادى 15-ئەسىردە ئاق ئورداخانىلىقىنىڭ (ئۆزبېك خانلىقىنىڭ) خانى ئەبۇلخەيىرخاندىن ئايرىلىپ چىقىپ، كېرەي سۇلتان بىلەن جانىبەك سۇلتان رەھبەرلىكىدە موغۇلىستان خانلىقىنىڭ يەتتەسۇ رايونىغاكۆچۈپ كەلگەن تۈركىي قەبىلىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ. 

بىزنىڭ قارىشىمىزچە  قازاق مىللىتى ئوتتۇرا ئاسىياۋە تەڭرىتاغ ئەتراپىدا ياشايدىغان ئەڭ قەدىمكى قەبىلىلەرنىڭ بىرى. ئۇلارنىڭ «قازاق» دېگەن نامى ئالدى بىلەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 8-ئەسىردە ناھايىتى كۈچىيىپ،قەدىمكى يۇنان ۋە ئىرانغا ئېغىر خەۋپ تۇغدۇرغان ساك قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ نامى ۋە مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردىن باشلاپ، مىلادى 6-ئەسىرلەردە، ھەتتا ئۇنىڭدىن  كېيىنمۇ كۈچەيگەن قاسار قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ نامى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى مىلادى 15-ئەسىردە، ئالاھىدە كۈچلۈك بىر ئېتنىك تىپ بولغان قازاقلار دەل شۇقەدىمكى قاسار قەبىلە ئىتتىپاقى ياشايدىغان زېمىنلاردا شەكىللەنگەن.

قاسار ياكى قازار سۆزى دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمكى خەنزۇچە تارىخى « سۈينامە.تۆلەسلەر (تېلىلەر)تەزكىرىسى» دە تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىنغان. بۇ كىتابدا « كانگا (سەمەرقەنت) نىڭ شىمالى ۋە ئېدىل (ۋولگا) دەريا ۋادىلىرىدا ئېتىل، قاسار، بۇلغار، پېچېنىك، چوغاي،قىپچاق، قىيات، سۇۋان، يەمەك(ياغما)، قازار قاتارلىق قەبىلىلەر ياشايدۇ.» دەپ بايان قىلىنغان. دېمەككى، ئۇلار ئەڭ دەسلەپتە ئاق ئوردا خانلىقى (13-14ئەسىردە)شەكىللەنگەن دەر دەرياسىنىڭ شىمالىدىن باشلاپ، شىمالدا غەربىي سىبىرىيە، غەربتەئېدىل دەريا ۋادىلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ياشايتتى. مىلادىيە 2-4ئەسىرلەرئارىلىقىدا غەربىي ھونلار بۇ جايلارنى بېسىۋالدى ۋە يېڭىدىن يەنە بىر ھون دۆلىتىنى قۇردى، بۇ چاغدا قاسارلار شۇ ھون دۆلىتىنىڭ تارمىقىغا كىرگەن.  

يەنە شۇ«سۈينامە. تۆلەسلەر تەزكىرىسى» گە قارىغاندا، « قاسارلارنىڭ ئالتاي تاغلىرىنىڭ غەربىي ۋە غەربىي جەنۇبىدا ياشايدىغان سىر-تاردۇش، چارۇق، جالايىر، توخسى قەبىلىلىرى بىلەن ئالاقىسى ناھايىتى قويۇق »  بولۇپ،تىل، ئۆرپ-ئادەت ۋە ئىجتىمائىي ئىگىلىك جەھەتتىن ئانچە زور پەرقلەنمەيتتى. ئەينى زاماندا مەيدانغا كەلگەن تۆلەس قەبىلە ئىتتىپاقى ۋە مىلادى 552-يىلى مەيدانغاكەلگەن كۆكتۈرك خاقانلىقى دەۋىردە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قاسار،قىپچاق، سۇۋان،جالايىر قاتارلىق قەبىلىلەر، دەل ئەنە شۇ قەبىلە ئىتتىپاقى ۋە خانلىقىنىڭ تەركىبىگە كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئىچكى مۇناسىۋەتلىرى تېخىمۇ كۈچىيىپ، قازاقلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئېتنىك گۇرۇپىلىرىنى شەكىللەندۈردى. دېمەك، قاسار(قازار) لار ھازىرقى قازاق مىللىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاساسلىق ئەجدادلىرىدىن بىرىدۇر...  مىلادىيە 14-15. ئەسىرلەردە يەتتە سۇ رايونى بىلەن ئاق ئوردا رايونىدىكى قەبىلىلەر ئاساسىي جەھەتتىن بىرلىشىپ، يېڭى ئېتنىك گۇرۇھلارنى شەكىللەندۈردى. قاراشلاردا، قازاقلارمۇ شۇلار ئىچىدە باردۇر. شۇنداق خۇلاسىگە كېلىش مۇمكىنكى، قازاق مىللىتى مىلادىدىن بۇرۇنقى بىر قانچە ئەسىرئىلگىرى ياشىغان ساكلار، مىلادىنىڭ ئالدى كەينىدە ياشىغان قاسارلار(قازارلار)،ئالانلار، قاڭلىلار، ئۇيسۇنلار ۋە كېيىنكى جالايىر، كېرەي، نايمان قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ ئۆزئارا بىرلىشىشدىن پەيدا بولغان. بۇ مىللەتنىڭ شەكىللىنىشى،بولۇپمۇ چىڭگىزخان ئىستىلاسىدىن باشلاپ، مىلادى 15-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا يېڭى بىر باسقۇچقا كىرگەن بولۇپ، ئومۇمەن « قازاق» دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان.  

قازاق خانلىقى، مىلادى 1224-يىلى شەكىللەنگەن جۇچى ئۇلۇسى ۋە جۇچىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى باتۇخان تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ دائىرىسىدە مەيدانغا كەلگەن.باتۇخان خانلىق قۇرغاندىن كېيىن غەربتە ئۇرال دەرياسى،ئۇلار تاغلىرىدىن، شەرقتەئېرىتىش دەرياسىغىچە بولغان كەڭ زېمىننى ئىنىسى شايبانخانغا سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن. بۇ زېمىن كېيىنچە «ئاق ئوردا» دەپ ئاتالغان.

(شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى ــ ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنسا سىدىق)

1380-يىلىغا كەلگەندە، ئۇلارنىڭ (ئالتۇن ئورداخانلىقى) ئۇلۇسى جەنۇبىي روسىيە يايلىقىغا يۆتكەلدى. 1391-يىلى ئەمىرتىمۇر ئالاتاۋيايلىقىدىن ئۆتكىنىدە، بۇ جاي تۈركىي ۋە موڭغۇل قاتارلىق ئوخشىمىغان قوۋىملاردىن تەشكىللەنگەن شايبانىلار خاندانلىقىغا قاراشلىق قەبىلىلەر تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانىدى. بۇ قەبىلىلەرنىڭ ھەممىسى تۈركىي تىلىدا سۆزلىشەتتى ھەمدە ئەينى ۋاقىتتىلا «ئۆزبېك» دېگەن ئورتاق نامغا ئىگە بولۇپ بولغانىدى. 15-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، بۇ كۆچمەن قەبىلىلەر ھازىرقى قازاقىستان يايلاقلىرىنى ئىگىلىدى. 1428-يىلى شايبانى ئەۋلادلىرىدىن ئابۇلخەيرى خان ئۇرال دەرياسى، سىردەرياسى، موغۇلىستان ھەمدە توبۇل دەرياسى ئارلىقىدىكى بارلىق كۆچمەن قەبىلىلەرنى مۇ ۋەپپەقىيەتلىك بىرلەشتۈرۈپ شايبانى خاندانلىقىنى قۇرۇپ چىقتى (ئۆزبېك خانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ). 

ئابۇلخەيرى ئۆز ھاكىمىيتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشتۈرۈلگەن تۈزۈمگە ئوخشاپ كېتدىغان بىر ھاكىميەتنى قۇرۇپ چىقماقچى بولدى. بىراق پۈتۈنلەي كۆچمەن تۇرمۇشتىكى جەميەتكە بۇ خىل تۈزۈمنى يولغاقويۇشقا ئۇرۇنۇش مەغلۇبىيەتكە باراۋەر ئىدى. جۇچى ئەۋلادلىرىدىن بولغان كېرەي ۋە جانىبېكتىن ئىبارەت ئىككى شاھزادە كۆپ ساندىكى قەبىلىنى باشلاپ، خاندانلىقتىن بۆلۈنۈپ چىقىپ كەتتى ھەمدە موغۇلىستاندىكى چاغاتاي خانى ئېسەن بۇقادىن پاناھلىق تىلىدى. بۇ ئۆكتىچى قەبىلىلەر « قازاق» نامىنى قوبۇل قىلدى.  

1456-1457-يىللىرى ئويراتلار قازاق يايلىقىغا ئىچكىرلەپ كىرىپ، ئابۇلخەيرىگە ھالاكەتلىك زەربە بەردى،ئۆزبېكلەر  چوڭ زىيانغا ئۇچىرىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، كېرەي بىلەن جانىبېك پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قازاق قەبىلىلىرىنى باشلاپ قازاق يايلىقىغا قايتىپ كەلدى. 1468-يىلى بىر قېتىملىق جەڭدە قازاقلارئابۇلخەيىرىنى ئۆلتۈرىۋەتتى ھەمدە سىر دەرياسىنڭ شىمىالىي قىرغىقىغىچە يېتىپ باردى. ( 1500-يىلى ئابۇلخەيرىنىڭ نەۋرىسى مۇھەممەد شايبانى ماۋەرائۇننەھىرگە بېسىپ كىردى، ئۆزبېك خانلىقىنى قۇرۇپ چىقتى. ئۆزبېك خانلىقى قازاقلار ئۈچۈن ئەڭ يامان رەقىبكە ئايلاندى.)  

كېرەينىڭ ئوغلى بۇرۇندۇق ، بولۇپمۇ جانىبېك ئوغلى قاسىم ھۆكۈمرانلىق قىلغان (1509-1518)مەزگىلدە قازاق قەبىلىلىرى تېزدىن كېڭىيىپ، ئۆزبېك خانلىقى زېمىنىغا ئىچكىرلەپ كىرىشكە باشلىدى. مانا شۇندىن باشلاپ « قازاق» ۋە «ئۆزبېك» ئاتالغۇلىرى يېڭى مەزمۇنلارغا ئىگە بولۇشقا باشلىدى. «قازاق» دېيىلگەنلەر يەنىلا سىر دەرياسىنىڭ شىمالىدا تۇرىۋاتقان قەبىلىلەرنى كۆرسەتسە، «ئۆزبېك» دېيىلگەنلەر مۇھەممەد شايبانغا ئەگىشىپ، سىر دەرياسىنىڭ جەنۇبىدا ئۆز ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ چىققان قەبىلىلەرنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. 

1728-يىلى چىمكەنىتكە يېقىن جايدىكى قەبىلىلەرنىڭ بىرلەشمە قۇرۇلتېيىدا قازاقلار ئورتا يۈزخانى ئابۇلخەيىرىنى قازاقلارنىڭ ئالىي سەردارىلىقىغا سايلىدى. 

1731،1740،1742-يىللىرى ئۈچ جۈز ئايرىم-ئايرىم ھالدا روسىيىنىڭ ھامىلىقىنى قوبۇل قىلدى. 

1771-يىلى ئورتا يۈز خانى ئابلاي   مەنچىڭ خانغا ئۆز ساداقىتنى بىلدۈرۈپ، مەجبۇرىي ھالدا ۋاسسالغا ئايلاندى. 

... (ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى تېزىسلىرى ـــ گاۋىن ھامبلى . ئامېرىكا) 


يېقىنقى تارىخى: [تەھرىر]

1925-يىلى4-ئاينىڭ 19-كۈنى قازاقىستان سوۋىت سوتسىيالىستىك ئاپتونومىيە جۇمھۇرىيتى قۇرۇلدى( روسىيەگە قاراشلىق). 

1936-يىلى12-ئاينىڭ 5-كۈنى سوۋىت ئىتتىپاقى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىگە ئايلاندى. 

1990-يىلى10-ئاينىڭ 25-كۈنى ئىگىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ماقۇللاندى . 

1991-يىلى12-ئاينىڭ 16-كۈنى قازاقىستان جۇمھۇرىيتى رەسمىي مۇستەقىللىق ئېلان قىلدى.  

بۆلۈش[تەھرىر]

قاراڭ[تەھرىر]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىر]

http://bbs.anatuprak.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=19378