خۇيزۇ مىللىتى

ئورنى Wikipedia

UYGHURCHE, [[{{{2}}}|УЙҒУРЧӘ]]

header 1
توپلام نۇپۇسى
ياشايدىغان يەرلىرى
تىلى
دىنىي ئېتىقادى
مۇناسىۋەتلىك مىللەتلەر
خۇيزۇ مىللىتى

خۇيزۇ مىللىتى - خۇيزۇ تىلىدا سۆزلەيدىغان ھەلىق.

خۇيزۇلارنىڭ مىللەت نامى ۋە مەنبەسى[تەھرىرلەش]

خۇيزۇلارنىڭ مىللەت نامى ۋە مەنبەسى


شىنجاڭ- شەرققە كۆچكەن مۇسۇلمان ئەجداتلىرىنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى مۇقەررەر ئۆتەر يولى، شۇڭا بۇ يەردە ناھايىتى بۇرۇنلا خويزۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ئولتوراقلىشىپ قالغان.

مۇڭغۇللار غەربىي يۇرتنى ئىستىلا قىلغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئىران قاتارلىق جايلاردىن يىغىۋالغان كۆچمەنلەرنى زور تۈركۈمدە تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىي باغرىدىكى ئېدىرلىقلارغا كۆچۈرۈپ كېلىپ، ئاتلىق تىڭتىڭچى قوشۇنغا ياكى ھەرقايسى قوش(كۈرە)لارغا قوشۇۋەتكەن، سۇڭ سۇلالىسى پادىشاھى گاۋزۇڭنىڭ شيەنچۇنچۇن 9-يىلى(1273-يىلى)، يۇەن سۇلالىسى تۇنجى خانى قۇبلاي مۇسۇلمان ئاھالىلىرىنى «ئۇدۇل كەلگەن يەردە جامائەگە قوشۇلۇپ، چېگرا ئاھالىسى بىلەن باراۋەر ياشاش»قا بۇيرىدى. شۇنىڭ بىلەن زور تۈركۈمدىكى مۇسۇلمانلار بېشبالىقنىڭ شەرقىي ياكى غەربىدىكى ھەرقايسى ھەربىي پونكىتلىرىنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇراقلىشىپ، دەسلەپكى مۇسۇلمان بوز يەر ئىگىلىگۈچىلەردىن بولۇپ قالدى. «يۈەن سۇلالىسى تارىخى.شىزۇنىڭ تەرجىمىھالى»دا خاتىرىلىنىشىچە: يۇەن سۇلالىسى يىللىرىدىن كېيىن(1264~1294)غا كەلگەندە، شىنجاڭ تېڭجيېر(ھازىرقى فۇكاڭ)دا 3000 ئائىلىلىك بوز يەر ئىگىلىگۈچى مۇسۇلمان بارلىققا كەلگەن. مىڭ سۇلالىسىنىڭ يۇڭلې، شۇەندې يىللىرى، ئەرەبىستاندىن كەلگەن سودىگەرلەر قۇمۇلدا ئولتۇراقلاشقان.


مىڭ سۇلالىسىنىڭ ۋەنلى 20-يىلى(1592)، شىنىڭلىق خۇيزۇلارنىڭ ئاخۇنى نۇرشى مەككىگە بېرىپ سەييارىي ئوقۇپ قايتىپ كەلگەندە، 800دىن ئارتۇق مۇخلىسنى باشلاپ قومۇلغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان.

چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، ئەسكەر تۇرغۇزۇپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش يولغا قويۇلغانلىقتىن، شەنشى، گەنشۇ، نىڭشيا، چىڭخەي ئۆلكىلىرىدىكى خۇيزۇ ئاھالىلىرى شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭدىكى خۇيزۇ ئاھالىلىرىنىڭ نوپۇسىنى تېز كۆپەيتىۋەتتى. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە شەنشى، گەنسۇلاردىكى خۇيزۇلار كۆپ قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن، تۈركۈم-تۈركۈملەپ شىنجاڭغا چېكىنىپ كېلىپ ئولتۇراقلاشتى.

چىڭخەينىڭ خۇاڭجۇڭ ناھىيىسىدىكى خۇيزۇلارنىڭ قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن، 6000دىن ئارتۇق ئادەم ئىمزالانغان بۇيرۇققا ئاساسەن لوپنۇرغا سۈرگۈن قىلىندى. كېيىن بۇ ئادەملەر قارا شەھەرگە كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، ھازىرقى قارا شەھەردىكى شىنىڭ شېۋىسىدە سۆزلىشىدىغان خۇيزۇلارنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالدى.

19-ئەسىرگە كەلگەندە دىخۇا(ئۈرۈمچى) شەھىرىدىكى خۇيزۇ ئاھالىسىنىڭ نوپۇسى مانجۇ-خەنزۇ مىللەتلىرى نوپۇسىنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپ كەتتى. ئىلى، ماناس ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقانلار تېخىمۇ كۆپ بولدى.

رۇسىيىلىكلەرنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ياقۇپ بەگ توپىلاڭ كۆتۈرگەن مەزگىلدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خۇيزۇ ئەسكەرلەرنىڭ توي قىلغانلىرى 1500 ئىكەن. بۇنىڭدىن ئەينى چاغدا خۇيزۇلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا خېلى ئومۇميۈزلۈك تارقالغانلىقىنى كۆرۇۋېلىشقا بولىدۇ. مىنگونىڭ 5-يىلى(1916-يىلى)دىكى شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ ئىستاتستىكا ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭدىكى خۇيزۇلارنىڭ سانى 250000غا يېتىپ، پۈتۈن شىنجاڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ ٪15 تىنى ئىگىلىگەن.

خۇيزۇلار ئۆزلىرىنى «خۇيخۇي»(回回)، «خۇيزۇ ئاھالىسى»(回民)، «مۇسۇلمان ئاھالىسى»(穆民)دەپ ئاتايدۇ. جۇڭگودىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئۇيغۇر، قازاق، قىزغىز، ئۆزبېك، تاجىك، تاتار قاتارلىقلار خۇيزۇلارنى يەنە «تۇنگان» دەپمۇ ئاتايدۇ؛ زاڭزۇلار «كاسىي» دەپ ئاتايدۇ؛ يىزۇلار «ماجا» دەپ ئاتايدۇ؛ دەيزۇ ۋە ۋازۇلار «پاشى» دەپ ئاتايدۇ.

خۇيزۇلار دۆلىتىمىزدىكى قەدىمكى زاماندا چەتتىن كەلگەن مىللەتلەرنى ئاساسلىق مىللەت مەنبەسى قىلىپ، كۆچمەن بولۇپ يۆتكىلىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن بىر مىللىي ئورتاق گەۋدە.

خۇيزۇلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەنبەسى تاڭ ۋە سۇڭ سۇلالىسى دەۋرلىرىدە جۇڭگوغا سودا قىلغىلى كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان مۇسۇلمان «ياقا يۇرتلۇقلار»نىڭ پۇشتىغا ئۇلىشىدۇ؛

ئاساسلىق مەنبەسى سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرى موڭغۇللار غەربىي يۇرتنى ئىستىلا قىلغان چاغدا، ھەمدە يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدە ھەرخىل سالاھىيەتلەر بىلەن پېرسىيە، ئوتتورا ئاسىيا ۋە ئەرەبىستانلاردىن بۇيرۇق بويىچە ياكى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن شەرققە كۆچۈپ كەلگەن ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە ئۇلار 100 نەچچە مىڭ ياكى بىر قانچە 100 مىڭ ئادەم؛ بۇنىڭدىن باشقا، خۇيزۇلار شەكىللىنىش ۋە تەرەققىيات تارىخىي جەريانىدا، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايلاردىكى خەنزۇ، ئۇيغۇر، مۇڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ قىسمەن تەركىبلىرىنى قوبۇل قىلغان.

«خۇيخۇي»(回回) سۆزى مىللەت توپىنىڭ نامى سۈپىتىدە ئەڭ دەسلەپ شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان شېن كونىڭ «مېڭشى باغچىسى سۆھبەت خاتىرىلىرى» ناملىق ئەسىرىدە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدا «كوچا قوشاقلىرىدىكى قوپال سۆزلەر» ئارقىلىق يېزىلغان بەش قەسىدە بار بولۇپ، تۆتىنچىسىدە مۇنداق دېيىلگەن:

«تۇغ-ئەلەملەرنى لەپىلدىتىپ،

قار شىۋىرغانلاردا كۆكرەك كېرىپ،

توقاي سۈردى خۇيخۇيلارنى.

تازىلاپ غەربنى تىنجىتىش يۇلىنى،

كۈتتى دەريا بېشىدا ئات سۇغۇرۇشنى».

بۇ شىئىردىكى «خۇيخۇي»(回回) سۆزى «ئۇيغۇر»(回鹘،回纥) سۆزىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى ياكى بۇ سۆزنىڭ ئاددىيلاشتۇرۇپ يېزىلىشىدىن ئىبارەت. جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە «خۇيخۇي»(回回) سۆزى ھۆكۈمەت خەت ئالاقىسى ۋە شەخىسلەرنىڭ قول يازمىلىرىدا كۆپلەپ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، كۆكئارت(پامىر)نىڭ ئىچى-سىرتىدىكى كەڭ زېمىندا ياشىغۇچى ھەر مىللەت ئاھالىسىنى، جۈملىدىن بۇ جايلاردىكى مۇسۇلمان ۋە غەيرىي مۇسۇلمان مىللەتلىرىنى ئۇمۇملاشتۇرۇپ كۆرسەتكەن.

يۈەن سۇلالىسى دەۋردە، «خۇيخۇي»(回回) سۆزى ئاساسى جەھەتتىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئەرەب رايۇنلىرىدىن شەرققە كەلگەن ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. كېيىن خۇيزۇ مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ، «خۇيخۇي»(回回) سۆزى تەدرىجىي ھالدا خۇيزۇلارنىڭ خاس نامىغا ئايلانغان.

تاڭ سۇلالىسىدىن يۈەن سۇلالسىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولغان دەۋر خۇيخۇيلارنىڭ ئەجداتلىرى تەدرىجىي ھالدا جۇڭگوغا كۆپلەپ كۆچۈپ كىرگەن ھەمدە مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن دەۋردۇر.

تاڭ سۇلالىسىنىڭ يۇڭخۇي ئىككىنچى يىلى(651-يىلى) ئەرەپ يېرىم ئارىلىدا يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىسلام دۆلىتى «تازىك» شەرقتىكى چاڭئەنگە ئەلچى ئەۋەتىپ، جۇڭگو بىلەن دوستانە بىرىش-كىلىش قىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭدىن تارتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە پىرسىيە رايۇنىدىكى مۇسۇلمانلار پادىشاھقا سوغا تەقدىم قىلىش، سودا قىلىش، ساياھەت قىلىش، پاناھلىنىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن قورۇقلۇق ياكى دېڭىزدىكى يىپەك يولىنى بويلاپ مېڭىپ ئۆزلۈكسىز ھالدا جۇڭگوغا كەلدى. ئۇلار «غۇزلار»، «ياقا يۇرتلۇقلار»، «غۇز سودىگىرى»، «ۋاسساللار» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالدى.

تاڭ سۇلالىسىنىڭ جېنيۈەن 3-يىلى(787-يىلى) تاڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەكشۈرۈش ئارقىلىق پەقەت چاڭئەن ئەتراپىدىكى غوزلارنىڭلا 4000دىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلگەن. بۇ ئادەملەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىپ قالغانلىقىغا نەچچە ئون يىل بولغان بولۇپ، كۆپىنچىسىنىڭ تېرىلغۇ يىرى ۋە ئۆي-ماكانى بار ئىكەن، ئۇلار جۇڭگونىڭ تۇرمۇشىغا كۆنۈپ قالغانلىقتىن غەربىي يۇرۇتقا قايتىشنى خالىمىغان، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن خىسلەتلىك 2-قوشۇنغا تەۋە بولغان. ئوخشاش بىر مەزگىلدە گۇاڭجۇ، ياڭجۇ، چۇەنجۇدىن ئىبارەت ئۈچ جايدىكى ئەرەپ، پارسلار كۆپىيىپ سان-ساناقسىز بولۇپ كەتكەن.

«ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر»دە خاتىرىلىنىشىچم ئۇلارنىڭ «بايلىقى كۆپىيىپ ساراي ئاچقان، دۇكانلىرى كۆركەم ھەم ئاۋاتلاشقان».

9-ئەسىردىن 12-ئەسىرلەرگىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قىسىم تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋە شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز بويىدىكى جايلارغا كىرىپ، شىمالىي ۋە جەنۇبىي سۇڭ، قىتان، جىن، تاڭغىت دۆلەتلىرى تەۋەسىدە پائالىيەت قىلدى. ئۇلار شەھەرلەردە ئولتۇراقلىشىپلا قالماستىن، يەنە يىزا بازارلاردا ئىگىلىك تىكلەپ ئولتۇراقلاشتى. ئوخشاش بىر مەزگىلدە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەر ئسىلاملاشقانلىقى ھەمدە سۇڭ سۇلالىسىنىڭ بۇ دۆلەت ياكى رايۇنلار بىلەن بولغان دېڭىز قاتنىشى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغانلىقى ئۈچۈن، نۇرغۇن كىشلەر دېڭىز يولى ئارقىلىق جۇڭگوغا كەلدى. بۇ كىشىلەر «جەنۇب خۇيخۇيلىرى» دەپ ئاتالدى. 13-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، چىڭگىزخان مۇڭغۇل ئېگىزلىكىدە باش كۆتۈرۈپ چىقتى. يۇەن سۇلالىسىنىڭ تەيزۇ 14-يىلدىن جۇڭتۇڭ 1-يىلغىچە(1219-1260) بولغان ئارىلىقتا، موڭغۇللار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە قارىتا كۆپ قېتىم ھۇجۇم قوزغاپ، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ، كۆكئارت(پامىر)نىڭ غەربى ۋە قارا دېڭىزنىڭ شەرقىدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغان مىللەتلەرنى بويسۇندۇردى. ھەر قېتىملىق ئۇرۇشتىكى غەلىبىگە ئەگىشىپ، مۇڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى زور تۈركۈمدىكى خۇيخۇي كاسىپلارنى ۋە بويسۇنۇشنى خالايدىغان سانغۇن، لەشكەرلەرنى جۇڭگوغا ئېلىپ كەلدى. خۇيخۇيلارنىڭ زور تۈركۈمدىكى سودىگەر، كاسىپ، ئالىم، دېھقان-چارۋىچىلىرىمۇ كەينى-كەينىدىن شەرققە كەلدى. بۇ ئادەملەر يۇەن سولالىسى ھۆكۇمىتى تەرىپىدىن ئاتالمىش «غەربىي يۇرتلۇقلار»(色目人)نىڭ بىر خىلى دەپ قارىلىپ، خەنزۇ، مۇڭغۇل، ئۇيغۇر، قىتان قاتارلىق مىللەتلەردىن پەرقلەندۈرۈلدى.

ئالاقىدار تارىخىي ماتېرىياللاردىكى تەخمىنەن سىتاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇلارنىڭ سانى 138000 بولۇپ، بۇنىڭغا تاڭ ۋە سۇڭ سۇلالىسىدىن بۇيان جۇڭگودا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ياقا يۇرتلۇقلارنىڭ نەسلىدىن بولغان «خۇيخۇي ياقا يۇرتلۇقلار»نى قوشقاندا ئومۇمى سانى تەخمىنەن 200000 ئەتراپىدا.

بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بۇيرۇق بىلەن كۆچۈرۈلگەن خۇيخۇي سانغۇن لەشكەرلىرى ۋە كاسىپلىرىنىڭ كۆپۈنچىسى «ئاتلىق تىڭتىڭچى قوشۇن»غا قوشۇۋىتىلىپ، مۇڭغۇللارنىڭ جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇرۇشىغا قاتناشتۇرۇلدى.

يۇەن سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، «ئاتلىق تىڭتىڭچى قوشۇن» ھازىرقى گەنسۇ خېشى، شىنجاڭ، نىڭشيا، خېنەن، خېبېي، شەندۇڭ، يۈننەن قاتارلىق جايلارنى مۇداپىئە قىلىپ تۇردى ۋە بوز يەر ئۆزلەشتۈردى،

«ئات ئۇستىدە بولدى ئۇرۇشقا تەييار،

ئاتتىن چۇشكەندە باقتى چارۋا مال».

يۇەن سۇلالىسىنىڭ 10-يىلى(1273-يىلى) يۈەن شىزۇ «ئاتلىق تىڭتىڭچى قوشۇن ئۇدۇل كەلگەن يەردە جامائەگە قوشۇلۇپ، نوپۇسلۇق پۇقرالار بىلەن باراۋەر ياشاش» بۇيرۇقىنى چۈشۈردى.

شۇنىڭدىن تارتىپ زور تۈركۈمدىكى سانغۇن ۋە لەشكەرلەر «جامائە» نوپۇسى ئىچىدە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاددىي دېھقانچىلىق سالاھىيىتىگە ئىرىشتى. «ئاتلىق تىڭتڭچى قوشۇن» ھەم لەشكەر ھەم دېھقانلىق تورمۇشىنى كەچۈردى، يەنى «تېرىقچىلىق قىلغاچ قاراۋۇللۇق قىلغۇچى» ئائىلىلەرنى قۇردى. «تېرىقچىلىق قىلغاچ قاراۋۇللۇق قىلغۇچى» ئائىلىلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشتى. «جامائەگە قوشۇلۇپ نۇپۇسلۇق پۇقرا بولغانلار» توپلىشىپ ئولتۇراقلاشسىمۇ، باشقا مىللەتلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشسىمۇ بولاتتى.

ئۇلارنىڭ يېزىلاردىكى توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىشىنى ھازىرقى خۇيزۇلار توپلىشىپ ئولتۇرقلاشقان يېزا-قىشلاقلارنىڭ باشلىنىشى دېيىشكە بولىدۇ. خۇيخۇي سودىگەرلىرى شەھەر قۇۋۇقلىرى ۋە قاتناش تۈگۈنلىرىدە ئولتۇرقلىشىپ، دېڭىز كېمىسى، ئۈنچە-مەرۋايىت، خۇشپۇراق دورا، يات جىسىم، مۇسۇلمانلار يېمەكلىكى قاتارلىقلارنى ئېلىپ-سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللاندى. خۇيخۇيلارنىڭ ھۈنەرۋەن-كاسىپلىرى ھەربىيلەر تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ، پرسىيە ئالتۇن كەشتىلىك كىمخابى ۋە ھەربىي قورال-ياراق ياسىدى ياكى بولمىسا ھەرقايسى جايلاردىكى مەھكىملەرنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا ئوردا ئىچىملىكى ، قۇمشېكەر، سىركە ئىشلەپ چىقاردى ھەمدە بىناكارلىق بىلەن شۇغۇلاندى.

سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىدىن يۇەن سۇلالىسىغىچىلىك بولغان 100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا، خۇيخۇيلار جۇڭگودا بىرقەدەر يۇقىرى ئىجىتىمائىي ئورۇنغا ئېرىشىپ، ئۆزلىرى تارقالغان جايلاردا كۆلىمى ۋە پاسۇنى ھەرخىل بولغان مەسچىتلەرنى بەرپا قىلدى. ئۆزلىرى مەسچىتنى چۆرىدەپ ئولتۇرقلىشىپ، مەسچىتنى مەركەز قىلغان نۇرغۇن مەھەللىلەرنى شەكىللەندۈردى، ھەمدە سەييارە سودىگەرلىك قىلىش، دىنىي ئۆلىمالار دىن تارقىتىش، چەت جايلارغا بېرىپ ئەمەل تۇتۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ھەرقايسى جايلارغا كەڭ تارقالغان بۇ مەسچىتلەرنى ئۆز ئارا زىچ باغلىنىشلىق بولغان ئورتاق جايغا ئايلاندۇردى.

خۇيخۇيلار خەنزۇلار بىلەن بولغان ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئالاقىسى جەريانىدا، تەدرىجىي ھالدا خەنزۇ تىلىنى ئۆزلىرىنىڭ ئالاقە قورالىغا ئايلاندۇردى. يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىش، قوشۇمچە چارۋىچىلىق ۋە قول-ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىش، سودىغا ماھىر بولۇشتەك ئورتاق ئىقتىسادىي ئالاھىدىلىكنى شەكىللەندۈردى.

خۇيخۇيلارنىڭ يۇەن سۇلالىسى نوپۇسلۇق پۇقراسىغا ئايلىنىشى خۇيزۇلار ئەجدادىنىڭ «ياقا يۇرتلۇق» بۇلۇش ئورنى ئاخىرلاشقانلىقىدىن دىرەك بەردى. شۇنىڭ بىلەن خۇيخۇيلار جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنىڭ يېڭى ئەزاسىغا ئايلاندى. تۈپ ئىتىقادتىن چەتنەپ كەتمەسلىك پرىنسىپى ئاستىدا خۇيخۇيلار جۇڭگو ئەنئەنۋىي مەدەنىيىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلىرىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۆزلەشتۈردى. خۇيخۇي جەمەتىدىكىلەر 2-، 3-ئەۋلاتتىن باشلاپ تەدرىجىي ھالدا خەنزۇ مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلدى.

مىڭ سۇلالىسىنىڭ تەيزۇ 24-يىلى(1391-يىلى)، مىڭ سۇلالىسىنىڭ تەيزۇ خانى جۇيۈەنجاڭ گەنسۇ تۇتۇق بېگى ليۇجىن قاتارلىقلارنى لەشكەر باشلاپ بېرىپ قۇمۇل شەھىرىنى ئىشغال قىلىشقا بۇيرۇدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن قۇمۇل رايونى مىڭ سۇلالىسىگە تەۋە بولدى. يۇڭلې 2-يىلى(1404-يىلى)، مىڭ سۇلالىسى چېڭزۇ خانى جۇدى قۇمۇللۇق ئەنىق تېمۇرنى سادىق ئىتائەتمەن ۋاڭ قىلىپ تەيىنلىدى. قۇمۇلدا «ئەمەلىيەتتە سىياسىي ھوقۇق ئۇيغۇرلار، خۇيخۇيلار ۋە قارا خۇيلاردىن ئىبارەت ئۈچ قۇۋۇمنىڭ چوڭ ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قولىدا ئىدى»، ئۇنىڭ ئۈچ خىل قۇۋۇمدىكى كاتتىبېشىنىڭ بىرى بولغان دۇيخۇشەن خۇيخۇي ئىدى.

تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، يۇڭلېنىڭ يۇەندې يىللىرى(1403-1435)دىن باشلاپ، «خۇيخۇي نەسىللىرى جەنۇپ ۋە شىماللارغا تارقالدى... ئەمما بىر تۈركۈمى قۇمۇل شەھىرىدە تۇرۇپ قالدى، ئۇلار ناھايىتى جاسارەتلىك بۇلۇپ، ھەمىشە قۇمۇلدىن كەلگەنلەر بىلەن بىللە تارتۇق ئېلىپ كېلەتتى».

كېيىن مىڭ سۇلالىسى خاندانلىقى بىلەن تۇرپاننىڭ مۇناسىۋىتى يامانلاشقانلىقى سەۋەبىدىن بېسىمغا ئۇچرىغان قۇمۇل خۇيخۇيلىرى تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئوتتورا تۈزلەڭلىككە بېقىندى بولۇپ، ئوتتورا تۈزلەڭلىكنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئورۇنلاشتى. ھەمدە تەرەققىي قىلىپ خۇيزۇ مىللىتىگە ئايلاندى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي، ئۆلكىلىرىدىكى خۇيزۇ ئاھالىسى ئارقا-ئارقىلاپ شىنجاڭغا كۆچۈپ كېلىپ، خۇيزۇ ئاھالىلىرىنىڭ نۇپۇسىنى سىجىل ئاشۇردى. ھەمدە شىنجاڭدىكى نوپۇسى كۆپ مىللەتلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ كەلدى. ھازىر شىنجاڭدىكى خۇيزۇلارنىڭ ئاھالىسى 895000(2005-يىلغا قەدەر) بۇلۇپ، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ئۇمۇمىي ئاھالىنىڭ ٪4.4نى ئىگىلەيدۇ، پۇتۇن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايونلىرىدىكى خۇيزۇ ئاھالىلىرى ئىچىدە، نىڭشيا، گەنسۇ، خېنەندىن قالسىلا 4-ئورۇندا تۇرىدۇ؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدىكى ھەر قايسى مىللەت ئاھالىلىرى ئىچىدىمۇ ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاقلاردىن قالسىلا 4-ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاھالىسى ئاساسەن شىمالىي شىنجاڭ رايۇنىغا مەركەزلەشكەن.

خۇيزۇلارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى[تەھرىرلەش]

خۇيزۇلارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى


شىنجاڭ خۇيزۇلىرىنىڭ ئېغىز ئەدەبىياتى ئىجادىيىتى ئىنتايىن مول.

خەلق ئەدەبىياتى چەت ياقا جايلاردا ئولتۇراقلاشقان، مەدەنىيەت مائارىپى بىرقەدەر ئارقىدا قالغان شىنجاڭ خۇيزۇ خەلقىنىڭ ئاساسلىق كۆڭۈل ئېچىش قورالى بولۇپ، ئۇ خۇيزۇلارنىڭ مەنىۋىي دونياسى ۋە ئىدىيىۋى قىياپىتىنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. خۇيزۇلار خەلق ئەدەبىياتىنى ئىجاد قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ قەلب دونياسىنى ئىپادىلەيدۇ، ئۆزلىرىنىڭ ھاياتقا بولغان تونۇشىنى نامايەن قىلىدۇ، تارىخىي ۋە رېئال تۇرمۇشتىكى ناھەق ئىشلارنى تەنقىق قىلىدۇ.

ھازىر شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تارقىلىپ يۈرگەن خۇيزۇ خەلق قوشاقلىرى، ئاساسلىقى خۇائېر، خەلق قوشاقلىرى ۋە زىياپەت كۈيى دەپ ئۈچ تۈرگە بۈلىنىدۇ.

خۇائېر. «خۇائېر(گۈل)» ناخشىسى.[تەھرىرلەش]

يەنە «ئۆسمۈرلەر ناخشىسى»، «تاغ ناخشىسى»، «سەھرا ناخشىسى»، «مۇھەببەت ناخشىسى»، «گۈل قوشىقى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي، شىنجاڭ قاتارلىق تۆت ئۆلكە-ئاپتونوم رايوندا تارقالغان بىر تۈرلۈك تاغ ناخشىسى.

«خۇائېر»نىڭ ناخشا تېكىستىدە كۆپىنچە «مۇدەن» قاتارلىق گۈللەر ناخشا ئيتقۇچى ياخشى كۆرىدىغان شەخىسكە ئوخشتىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئۇ «خۇائېر»(گۈل)دەپ ئاتالغان. «خۇئېر»دا ئومۇمەن قىز-يىگىتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سۆيگۈ ۋە يېقىن دوستلار ئوتتۇرىسىدىكى سېغىنىش كۆپرەك ئىپادىلىندۇ، ئۇنى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئادەم روبرۇ تۇرۇپ بىرلىكتە ئېيتىدۇ. «خۇائېر»نىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئالاھدىلىكى شۇكى، ئۇ ياڭراق، جاراڭلىق، سىلىق ۋە يېقىملىق بۇلۇپ، ئېيتقان چاغدىكى ئاۋازى بىرقەدەر يۇقىرى، تەسىرچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك. ئۇزاق مۇددەت ئېيتىلىپ تارقىلىش جەريانىدا، ئىككى ئادەم روبرو تۇرۇپ ئېىيتىشتىن تەرەققىي قىلىپ، كۆپ ئادەم روبرو تۇرۇپ ئيىتىلىدىغان ھەمدە تۈرلۈك شەكىلدىكى يىغىلىشلاردا ئېيتىلدىغان بولدى. ئېيتلىدىغان سورۇنلار بارغانسېرى زورايدى، ناخشىچىلار بارغانسېرى كۆپەيدى، ئۇ خەلق ئارىسىدا «گۈل ئولتۇرۇشى» دەپ ئاتىلدىغان بولدى.

شىنجاڭدىكى خۇيزۇلارنىڭ «خۇائېر» كۈيىنىڭ مەنبەسى گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆزىگە خاس روشەن ئۇسلۇبقا ئىگە. ئۇنىڭ بىرقىسمىدا ئىچكى جايلاردىكى«خۇائېر»نىڭ ئالاھىدىلىكى ساقلاپ قېلىنغان، يەنە بىر قىسىمىغا بولسا، باشقا قۇشاقلار بىرلەشتۈرۈلۈپ قوشاق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە قىلىنغان. ھەم ئىچكى جايلاردىكى «خۇائېر»نىڭ ياڭراق، جاراڭلىق، سۈزۈك، قاپىيىداشلىق، ئېيتىشقا قولايلىق بولۇشتەك ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىنغان، ھەم ئۇزۇن، لەرزان، سىلىق، رىتىملىق، سۆز-ئىبارىلىرى ئېنىق، ئىخچام بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە قىلىنغان. ھازىر خەلق ئىچىدىن رەتلەپ چىقىلغان نوتىلار 100 خىلدىن ئاشىدۇ، شىنجاڭدا كەڭ تارقالغانلىرى 40 خىلدىن ئاشىدۇ. مەسىلەن، «تۇلپار كۈيى»، «ئاقمۇدەن كۈيى»، «قارا كۆز كۈيى»، «قەمەر كۈيى» قاتارلىقلار ئاساسىي جەھەتتىن ھەربىر كۇبلىتى 4 جۇملىلىك ۋە 6 جۈملىلىك بولۇشتەك ئىككى خىل شەكىلگە ئىگە. تاۋمېننىڭكىگە ئوخشاش 3 ۋە 8 جۈملىلىك «خۇائېر»لار بىر قەدەر ئاز ئۇچىرايدۇ. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تارقالغان «خۇائېر»لار ئىچكى جايلاردىكى شېۋىلەرنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا قاراپ پەرقلىنىدۇ. مەسلەن، سانجى، قۇمۇل، تۇرپان، قاراشەھەر قاتارلىق جايلاردا گەنسۇدىن كەلگەن كۆچمەنلەر كۆپرەك بولغانلىقتىن بۇ جايلاردا تارقالغان «خۇائېر»لار قۇيۇق گەنسۇ شېۋىسى تەلەپپۇزىدا ئېيتىلىدۇ؛ ئىلى رايۇنىدا چىڭخەيدىن كەلگەن بىر قىسىم كۆچمەنلەر ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئۇ جايلاردا تارقالغان «خۇائېر»لار قۇيۇق چىڭخەي شېۋىسى تەلەپپۇزىدا ئېيتىلىدۇ.


خەلق قوشاقلىرى[تەھرىرلەش]

شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تارقالغان خۇيزۇ خەلق قوشاقلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئىچكى جايلاردىن كەلگەن. ئۇلارنىڭ بەزىسى ئوخشاش بولمىغان جايلاردىكى خۇيزۇ خەلق ناخشىلىرىنىڭ غەربكە تارقىلىشىدىن بارلىققا كەلگەن. يەنە بەزىسى غەرپكە تارقالغان خەنزۇ ياكى باشقا مىللەت ناخشىلىرىنى خۇيزۇ ناخشىچىلىرىنىڭ ئۆزگەرتىپ ئېيتىشى ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن. بۇ قوشاقلارغا ئەسلىدىكى قوشاقلار ئاساسىدا شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىكىلى سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، يېڭى خەلق قوشاقلىرىغا ئايلانغان.

شىنجاڭغا تارقالغان خەلق قوشاقلىرى ئاساسلىقى ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ.

بىرىنچىسى، ئىلى رايۇنىدا تارقالغان شەنشى ئۇسلۇبىدىكى خەلق قوشاقلىرى. بۇ تۈردىكى قوشاقلارنى ئاساسلىقى بەي يەنخۇغا ئەگىشىپ شىنجاڭغا كىرگەن شەنشىلىك خۇيزۇلار ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ شەنشىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تارقالغان خەلق ناخشىلىرى، خەلق قوشاقلىرى، مىيخۇشى تىياتىرى، ۋەنۋەنچياڭ تىياتىرى قاتارلىقلاردىن تاللاپ ئېلىنغان پارچىلاردىن ئىبارەت. بۇ تۈردىكى خەلق قوشاقلىرى شەنشى شېۋىسىدە ئېيتىلىدۇ. ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىكلىرىدىن «لەگلەك ئۇچۇرۇش»، «5-جىڭدا ئەگىم يولدىن ئۆتۈش»، «پادىچى ۋاڭ ئاكا»، «ئۆيدىن ئايرىلغانلار» قاتارلىقلار بار.

ئىككىنچىسى، ئاساسلىقى گەنسۇدىن كىرگەن خەلق قوشاقلىرى بولۇپ، گەنسۇ شېۋىسىدە ئېيتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەسلىدىكى ئېيتىلىشىنى خېشى كارىدۇرىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئاڭلاشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىكلىرىدىن «جاھاندا نامراتلار كۆپ»، «غەربيي ئېغىزدىن ئۆتۈش»، «قاپچۇق كەشتىلەش» قاتارلىقلار بار.

ئۈچىنچىسى، ھەرخىل خەلق قوشاقلىرى ئاساسىدا يەنە «خوائېر»نىڭ بەزى خام ماتېرىيال ۋە شەكىللىرىنى قوشۇش ئارقىلىق شەكىللەنگەن يېڭى خەلق قوشاقلىرىدىن ئىبارەت. ئۇ ئاساسلىقى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا تارقالغان بولۇپ ۋەكىل خاراكتېرلىكلىرىدىن«خۇاخۇا سىڭىلچاق»، «ئاي چىقتى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

2005-يىلى شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئىلتىماس قىلغان «شىنجاڭ خۇيزۇ قوشاقلىرى» تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. ئۇنى قوغداش خىزمىتى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.

زىياپەت قوشاقلىرى.[تەھرىرلەش]

«تۇڭگان»سۆزىنىڭ مەنىسى ۋە مەنبەسى ھەققىدە[تەھرىرلەش]

«تۇڭگان»سۆزىنىڭ مەنىسى ۋە مەنبەسى ھەققىدە

ئابدۇۋەلى ئايۇپ


قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە «تۇڭگان» سۆزىنىڭ 东岸 دىن كەلگەنلىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق قائىدىللىرى ئارقىلىق شەرھىلىنىش بىلەن بىللە، «تۇڭگان»سۆزىنىڭ ئەسلىدىكى جۇغراپىيىلىك ئۇقۇمدىن مىللەت نامىغا قانداق ئۆزگەرگەنلىكى يازما مەنبەلەر ۋە تىل ئەمەلىيىتى ئارقىلىق مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

«تۇڭگان» سۆزى دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللاردا مەملىكىتىمىز ئىچى ۋە سىرتىدا ياشايدىغان خەنزۇ تىللىق مۇسۇلمانلارنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، قىرغىزستان ئۆزبېكستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە «تۇڭگان» بىر مىللەت نامى سۈپىتىدە قوللىنىلسىمۇ، مەملىكىتىمىزدە ئۇلار«خۇيزۇ»(مۇسۇلمان مىللەت) دەپ ئاتىلىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ كۈچۈيىشىگە ئەگىشىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى «تۇڭگان»مىللىتىنىڭ زادى ئايرىم مىللەت ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە مۇنازىرە قىززىپ كەتتى. تەبىئىيكى، «تۇڭگان»دېگەن نامنىڭ ئېتىمولوگىيىسى بۇ مۇنازىرىنىڭ مەركىزى نۇقتىسى ئىدى.

تەتقىقاتلاردا «تۇڭگان»سۆزىنىڭ مەنبەسى تۆۋەندىكىچە 6خىل ئىزاھلانغان: بىرىنچى، «گەنسۇنىڭ شەرقى دېگەن مەنىدىكى 东甘 دىن» ياكى «دۇنخۇاڭ(敦皇 )دېگەن يەر نامىدىن كەلگەن»دېگەنقاراش؛ ئىككىنچى،«شەنشى(陕西) دىكى (潼关)دىن كەلگەن»دېگەن قاراش؛ ئۈچۈنچى، ئۇيغۇرچىدىكى «<تۇرغان>، <تۇرۇپ قالغان>، دېگەن سۆزدىن كەلگەن» دېگەن قاراش؛ تۆتىنچى، «屯垦(بوز ئاچماق)دېگەن سۆزدىن كەلگەن» دېگەن قاراش؛ بەشىنچى، «تۈركىيە تۈرۈكچىسىدىكى «(يانغان، قايتقان)دىن كەلگەن»دېگەن قاراش. ئالتىنچى، تۇڭگان تەتقىقاتچىللىرى تەشەببۇس قىلغان »يەرلىك(ئوتتۇرا ئاسىيالىق)تۇڭگانلار قوللىنىدىغان 东岸 ، 东岸子دىن كەلگەن» دېگەن قاراشلاردىن ئىبارەت. مېنىڭچە، بۇ قاراشلارنىڭ ئۆزىگە خاس داۋلىسى بولسىمۇ، لېكىن، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قوللىنىلغانلىقىغا سەل قارالغان.

تەتقىقاتلارغا ۋە ئۇيغۇر يازما ماتىرياللىرىغا نەزەر سالساق،«تۇڭگان»سۆزىنىڭ ئەڭ بۇرۇن ئۇيغۇر يازما مەنبەلىرىدە كۆرۈلگەنلىكى ۋە ئۇيغۇر تىلىدىن رۇسچىغا كىرگەنلىكى نامايان بولىدۇ. شۇڭا، بۇ سۆزنىڭ مەنبەسىنى ۋە مەنىسىنى تەتقىق قىلغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ قائىدە-قانۇنيەتلەرىگە تايىنىش لازىم. تۆۋەندە مەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونىتىكىلىق قائىدىسى بويىچە يۇقۇرقى ئالتە خىل قاراشقا باھا بېرىپ ئۆتىمەن.

بىرىنچى قاراشقا قارىساق، 东甘سۆزى ھازىرغىچە ئىشلىتىلگەن يەر نامى ئەمەس، يەنى گەنسۇنىڭ شەرقىي ھىچقاچان 东甘دىيىلمەيدۇ. «دۇنخۇاڭ»سۆزىنىڭمۇ «تۇڭگان»غا ئۆزگۈرىشى مۈمكىن ئەمەس چۈنكى، ئۇيغۇر تىلىدا«خ»ـفۋۇشخ بخلگن «گ»تاۋۇشى بىربىرىگە نۆۋەتلەشمەيدۇ. ئىككىنچى خىل قاراشتىكى 潼关شەنشىدىكى بىر يەر نامى بولۇپ، 1862-يىلى بىر بۆلۈك خۇيزۇلار بۇ يەردە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. بىراق بىز ئىزدىنىۋاتقان تۇڭگانلار يالغۇز بۇ يەردىنلا ئەمەس، بەلكى شەنشىنىڭ باشقا جايلىرىدىن ۋە سىچۇەن، گەنسۇ، چىڭخەي قاتارلىق يەرلەردىنمۇ كەلگەن. شۇڭا، 潼关ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭغا كەلگەن تۇڭگانلارغا ئورتاق نام بولالمايدۇ. تىل نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرسەك، 潼关دېگەن سۆزدىكى گۇەن ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەندىن كېيىن فونىتىكىلىق ئۆزگۈرىش ياساپ گۇۋېن ياكى گا: ن بولىدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇر تىلىدا بىر بوغۇمدا ئىككى سوزۇق تاۋۇش كېلەلمەيدۇ. ئۈچۈنچى قاراشتىكى «تۇرۇپ قالغان، تۇرغان» سۆزلىرىنىڭ«تۇڭگان» سۆزىگە ئايلىنالمايدىغانلىقى ئۇيغۇر تىلىدىن خەۋىرى بارلىكى كىشىگە ئايدىڭ. شۇڭا، بۇ ھەقتە توختالمايمەن. تۆتىنچى قاراشتىكى 屯垦(بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش) سۆزى«تۇڭگان» دىن تەلەپپۇزدا كۆپ پەرىقلىنىدۇ. ئەگەر 屯垦سۆزى ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن تەقدىردىمۇ تۈنكىڭ ياكى تۈڭكىڭ بولۇدىكى ھەرگىزمۇ «تۇڭگان» بولۇپ قالمايدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇر تىلىدا «ئۈ»بىلەن «ئۇ»، «ئې»بىلەن «ئا» تىل ئورنى جەھەتتە كۆپ پەرىقلىق. مەسىلەن: خەنزۇ تىلىدىكى «真 »سۆزى ئۇيغۇر تىلىدا جىڭ دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ ۋە قوللىنىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن «تۇنكېن» دىكى« كېن» سۆزى« كىڭ» غا ئۆزگۈرىدۇكى، ھەرگىزمۇ «كاڭ»ياكى «گان» بولۇپ ئۆزگەرمەيدۇ. بەشىنچى قاراشتىكى «دونگاندىن كەلگەن» دېگۈچىلەر ئاساسلىقى تۈركىيە تەتقىقاتچىلىرى بولۇپ، ئۇلار تۇڭگان سۆزىنىڭ رۇسچىدا (دۇنگان)قىلىپ يېزىلغانلىقىغا قاراپلا، تۈركىيەتۈرۈكچىسىدىكى «دونگېن(قايتقانلار، يانغانلار)»غا ئوخشىتىۋالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار خۇيزۇلارنى «ئىسلام دىنىغا كىرگەن خەنزۇلار»دەپ قاراپ «ئۇلار ئىسلامغا قايتقان»دېگەن تونۇش بويىچە ئۆز خۇلاسىسىنى دەلىللىگەن. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئۇيغۇرچىدىكى «تۇڭگان »سۆزى رۇسچىغا كىرگەندە، رۇسچىدا «ڭ»تاۋۇشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن «ن»بىلەن يېزىلغان، ئۇيغۇرچىدىكى «ت» ھەرىپى رۇسچىدا «د» ھەرىپى بىلەن ئىپادىلەنگەن. شۇڭا رۇسچىدىكى تەلەپپۇزنى ئاساس قىلىپ ئۇنىڭ تۈرۈكچە تەڭدىشىنى تېپىپ چىقىش ئىلمىي ئەمەس. ئالتىنچى قاراشتىكى «<تۇڭگان> سۆزى 东 岸دىن كەلگەن» دېگۈچىلەرنىڭ دەلىللىرى خېلى كۈچلىكتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇلار «ئۆز نامىمىز» دەپ قارايدىغان دوڭئەن بىلەن «تۇڭگان» ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئېنىق چۈشەندۈرىپ بېرەلمەيدۇ ھەمدە جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم بولغان دوڭئەن(شەرق تەرەپ) نىڭ قانداق بولۇپ مىللەت نامىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنىمۇ ئېنىقلىيالمايدۇ.

مېنىڭچە، «تۇڭگان» سۆزى ئالتىنچى قاراشتا دېيىلگەندەك دوڭئەن دىن كەلگەن. ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق قائىدىسى بويىچە دوڭئەن بىلەن تۇڭگان ئوتتۇرسىدىكى فونېتىكىلىق ئۆزگۈرىش تۆۋەندىكىچە بولۇشى مۈمكىن:

ئۇيغۇر تىلىدىكى كۆپ بوغۇملىق سۆزلەردە بىرىنچى بوغۇم سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانسۇن ياكى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانسۇن، كېيىنكى بوغۇم چوقۇم ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلىنىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى چەت تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ بۇ قائىدىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىرى فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ياسايدۇ. مەسىلەن، «سوئال، تەبىئەت،<قۇرئان>، پائالىيەت، بىئولوگىيە» قاتارلىق سۆزلەر كىرمە سۆزلەر بولۇپ ھەممىسىنىڭ ئىككىنچى بوغۇمى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن باشلانغان. بۇ سۆزلەر بىز تىلغا ئالغان يۇقۇرقى فونېتىكىلىق قائىدىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىقى ئۈچۈن، جانلىق تىل تەلەپپۇزىمىزدا بىر تاۋۇش چۈشۈپ قېلىش ياكى بىر تاۋۇش قوشۇلۇپ قېلىش ياكى ئەسلىدىكى بوغۇم تۈزۈلىشى ئۆزگىرىش قاتارلىق فونېتىكىلىق ھادىسىلەر كۆرۈلىدۇ. مەسىلە، سوۋال(قوشۇلۇپ قېلىش)، پا: لىيەت(چۈشۈپ قېلىش) «قۇران» بوغۇم تۈزۈلىشى ئۆزگىرىش).

东岸 سۆزىمۇ تۇڭگانلار ۋاستىسى بىلەن ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەندىن كېيىن، جانلىق تىلدا يۇقۇرقى فونېتىكىلىق قائىدىگە بويسۇنۇپ، بوغۇم تۈزۈلىشىدە ئۆزگۈرىش يۈز بېرىپ، (دوڭ ئەن) دېگەن خەنزۇچە بوغۇم ھالىتىدىن «دوڭ ئەن» شەكىلدىكى ئۇيغۇرچە بوغۇمغا ئايلىنىدۇ. ئىككىنچى بوغۇم بېشىدىكى «ڭ» تاۋۇشى تەلەپپۇزدا بىقولاي بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر تىلىدا بۇنداق سۆزلەرنىڭ ئارىسىغا بىر «گ» تاۋۇشى قوشۇپ تەلەپپۇز قىلىش ئادىتى بويىچە، «ڭ» بىرىنچى بوغۇمنىڭ ئاخىرقى تاۋۇشىغا، «گ» ئىككىنچى بوغۇمنىڭ بىرىنچى تاۋۇشىغا ئايلىنىدۇ. مەسىلەن، ماڭا-ماڭغا، مۈڭگۈز- مۈڭگۈز، ساڭا-ساڭغا، توڭۇز-توڭگۇز. بۇ خىل ھادىسە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىلا مەۋجۇت بولماستىن، بەلكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىمۇ كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن:

كىشى مەڭۈ بولماز بۇ مەڭۈ ئاتى.

ئانىن مەڭۈ قالدى بۇ ئەدگۈ ئاتى. (يۈسۈپ خاس ھاجىپ) بۇ بىيىتتىكى «مەڭۈ» سۆزى بەزى يادىكارلىقلاردا «مەڭۈ»، يەنە بەزى يادىكارلىقلاردا «مەڭگۈ» دەپ ئوقۇلىدۇ. ئەمدى «دوڭ ئەن»نىڭ «توڭگەن»بولماي «تۇڭگان» بولۇپ قالغىنىغا كەلسەك، شەنشى ۋە گەنسۇلاردىن تۇڭگانلار «گان،ئەن» بوغۇملىرىدىكى «ئا»نى ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئا» غا ئازراق يېقىن تەلەپپۇز قىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇر تىلىغا تۇڭگانلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن كىرگەن 干饭(گاڭپەن) سۆزىدىكى «گەن » ئۇيغۇرچىغا «گاڭ» بولۇپ ئۆزلەشكەن. ئۇيغۇر تىلىدا يەنە «د» بىلەن «ت»نىڭ «ئو» بىلەن «ئۇ»نىڭ نۆۋەتلىشىشى مەۋجۇت بولغاچقا، «دوڭ ئەن» سۆزى «دوڭگان»غا، «دوڭگان» بولسا «تۇڭگان»غا ئۆزگەرگەن.

«تۇڭگان»سۆزىنىڭ مەنىسىگە كەلسەك، بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ 东岸 نى «جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم» دەپ قارىغانلىقى دىققىتىمىزنى تارتىدۇ. ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرشىچە، 岸شەنشى شېۋىسىدە «تەرەپ» دېگەن مەنىدە كېلىدىكەن. مۇشۇنداق بولغاندا،东岸 «شەرق تەرەپ، شەرق» مەنىسىنى بېرىدىكەن.

لېكىن، مەزكۇر تەتقىقاتچىلار جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم بولغان 东岸 نىڭ قانداقسىگە مىللەت نامى بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن. تەكشۈرشىمىزچە«تۇڭگان» سۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەنبەلىرىدە كۆرۈلىشى 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلانغان. موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپ (1822-1900) يازغان «غازات دەر مۈلكى چىن» دە: ئەمىر ئەيدى «ئەي ئەھلى تۇنگانىلار گىرىفتار مېھنەت دىل ئەفكارىلار» دەپ يېزىلغىنىدەك، بۇ سۆز باشتىن-ئاخىر «تۇنگانى» شەكلىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، شۇ دەۋىردە يېزىلغان«شەرھى شىكەستە»،«زەفەرنامە» قاتارلىق تارىخىي مەنبەلەردە ۋە ئۇلۇغ تارىخچى، ئالىم موللا مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخىي ھەمىدى» ناملىق شاھانە ئەسىرىدىمۇ يۇقۇرقىدەك «تۇنگان» دەپ يېزىلغان. بۇ يەردە «تۇنگانى»بىلەن «تۇڭگان»ئوخشاش بولۇپ، ئۇيغۇرچىنىڭ فونېتىكىلىق قائىدىسى بويىچە «ن» تاۋۇشى بىلەن «ڭ» تاۋۇشى نۆۋەتلەشكەن.

«تۇنگانى»دەپ يېزىلىشىغا كەلسەك، ئۇيغۇر تىلىدا «ى»قوشۇمچىسى يەر ناملىرىنىڭ كەينىگە قوشۇلۇپ كېلىپ «لىق، لىك» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ قوشۇمچە ئەدەبىي ئەسەرلەردە كۆپرەك قوللىنىلسىمۇ ئاۋام تىلىدا كۆپ قوللىنىلمايدۇ. مەسىلە،«مەھمۇد كاشخەرى، موللا يۇنۇس ياركەندى، موللا ئەلەم شاھيارى»، بۇلار «قەشقەرلىك مەھمۇد، ياركەنتلىك يۇنۇس، شاھيارلىق موللا ئەلەم» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈردۇ. ئۇيغۇر ئاۋام تىلىدا كىشى ئىسمىنىڭ كەينىگە يۇرتىنى قوشۇپ ئاتايدىغان ئادەت بار. لېكىن «لىق،لىك» مەنىسىدىكى «ى» قۇشۇلمىغاچقا «كېرەم ئاتۇش، ئابلىز خوتەن، تۇرسۇن شاڭخەي، غەيرەت ئوپال، ئالىم تۇرپان» دېگەن ئىسىملارنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.

مۇشۇ قائىدە بويىچە 东岸 جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم بولغاچقا ئۇنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى «تۇڭگان»نىڭ كەينىگە ئەدەبىي ئەسەرلەردە «ى»قوشۇلۇپ يېزىلغان. خەلق تىلىدا بولسا «ى» قوشۇلماي «تۇڭگان» دېيىلگەن. مەنىسى ئوخشاشلا «شەرىق تەرەپتىن كەلگەنلەر، شەرىقلىقلەر» دېگەنلىك بولىدۇ. تۇڭگانلار ياشىغان جۇغراپىيىلىك ئورۇنمۇ ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ شەرقىدە بولغانلىقى بۇ پىكىرنى قۇۋەتلەيدۇ. خۇلاسىلىگەندە، 东岸 سۆزى تۇڭگانلارنىڭ ئۇيغۇر يۇرىتلىرىغا كەلگەندە ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان نامى بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىغا كىرمە سۆز سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق قائىدىسىگە بوي سۇنۇپ «تۇڭگان» ھالىتىگە كەلگەن. ئۇيغۇر يازما مەنبەلىرىدە «تۇڭگانى» دەپ خاتىرلىنىپ ئۇنىڭ ئەسلى يەر-تەرەپ نامى ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بېرىلگەن. ئۇنىڭ مەنىسى«شەرىقتىن كەلگەنلەر ياكى شەرىقلىقلەر» دېگننى بىلدۈردۇ.

پايدىلانمىلار:

[1] ۋاڭ گوجيى: »تۇڭگانلارنىڭ شەكىللىنىش ۋە تەرەققىيات تارىخى». شەنشى: شەنشى خەلق نەشىرياتى،1997.

[2] خەي فىڭ:«تۇڭگان ”屯垦“ دىن كەلگەن». «غەربىي-شىمال مىللەتلەر تەتقىقاتى» 2005-1.

[3] «غازات دەرمۈلكى چىن»،« شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» ژورنىلى، 1995.2-3-4-سانلار.

[4] «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر». ئۈرۈمچى: شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى،1981.

مەنبە:«تىل ۋە تەرجىمە» ژورنىلى 2007-يىل 2-سانىدىن.

ئاپتور:غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىدىن.