تاتار مىللىتى

ئورنى Wikipedia
header 1
توپلام نۇپۇسى
ياشايدىغان يەرلىرى
تىلى
دىنىي ئېتىقادى
مۇناسىۋەتلىك مىللەتلەر



ھۆججەت:Bronson 1973.jpg

تاتار مىللىتى - تاتار تىلىدا سۆزلەيدىغان ھەلىق.

تەربىيە[تەھرىرلەش]

تىل[تەھرىرلەش]

تارىخ[تەھرىرلەش]

تاتارلار خەلقئارادا روسسىيەفېدىراتسىيىسىنىڭ تاتارىستان جۇمھۇريىتى،غەربىي سىبىر،ئاستىراخان،ئوكرائىنانىڭ قىرىم قاتارلىق جايلىرىغا مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقاندىن سىرت ئوتتۇرائاسىيا  ئەللىرى،شەرقى   ياۋرۇپا   ئەللىرى،تۈركىيە،گېرمانىيە،فىرانسىيە،ئاۋىستىرالىيە،ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى،ياپۇنىيە ۋە ئىلىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىغا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. دۇنيادىكى ئومۇمىى نوپۇسى تەخمىنەن سەككىز مىلىيۇندىن ئارتۇق.ئىلىمىزدىكى نوپۇسى تەخمىنەن بەشمىڭدىن ئارتۇق .       تاتارلار كېلىپ چىقىش جەھەتتىن باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە ئوخشاش قەدىمقى ساك ۋەھونلارغا باغلىنىدۇ.ياۋرۇپا ھون ئىمپىريىسى يىمىرلىگەندىن كېيىن ،ھون ئىتتىپاقىدىكى ئۇتىغۇر ۋەقۇتىغۇرقەبىلىلىېرى يېڭى دۆلەتلەرقاتارىدا دوناي بۇلغار دۆلىتى(584-1018)نى قۇردى.مىلادى 7-ئەسىرگە كەلگەندە دوناي بۇلغار دۆلىتىمىزگە تەۋەتۈركىي قەبىلىلەردىن ئۇتىغۇرقەبىلىسى ئازۇف دېڭىزى بويىدىن ئىدىل(ۋولگا) قاما دەريا بويلىرىغىچە كېلىپ ئىدىل بۇلغار  خانلىقى(مىلادىيە770—1400 -يىللار)نى قۇردى.خەلقى"بۇلغارلار"دەپ ئاتالدى.                  

مىلادىيە 5-ئەسىردەخازارلار ئامۇ دەريا بويلىرىدىن داغىستان،شىمالىي كاۋكاز،ئاستىراخان،قىرىم ۋەقارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغاقلىرىغا كۆچۈپ كېلىپ خازار خانلىقى(468-965)نى قۇردى.مىلادىيە965-يىلىغا كەلگەندە خازار خانلىقى سىلاۋيانلار تەرىپىدىن ھالاكەتكە ئۇچىردى.خازارلارنىڭ بىر قىسمى سىلاۋيانلىشىپ كاتتى. بىر قىسمى بۇلغارلارغا قوشۇلۇپ كەتتى. بۇلغارلار ئېدىل بويىداتەدىرىجى ئولتۇراق دېھقانچىلىق تۇرمۇشىغا ئۆتتى.دېھقانچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ، قول ھۈنەرۋەنچىلىك،ئىچكى-تاشقى سودا تەرەققى قىلدى.بولغار،بىيلەر،سۇۋار قاتارلىق شەھەرلەر بارلىققا كېلىپ تەرەققى قىلدى.بۇلغار شەھىرى(ھازىرقى روسسسىيە فىدىراتسىيىسى تاتارىستان جۇمھۇيىتىنى مەركىزى قازان شەھىرىنىڭ ئەتىراپىدا)بۇلغارلارنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي،مەدەنىيەت مەركىزى ئىدى.بۇلغارلار ۋىزانتىيە،شەرقىي سىلاۋيانلار،ئەرەپ، پارىس،ئوتتۇرا ئاسىيا،ھىندى ۋە جۇڭگۇ بىلەن سودا مۇناسىۋىتىدە بولغان. بۇلغارلارنىڭ سۇ قاتنىشى تەرەققىي قىلغان.شۇ دەۋىرلەردە كاسپىي دېڭىزى ئەرەپلەر تەرىپىدىن"بۇلغار دېڭىزى"دەپ ئاتالغان. تاتارلارنىڭ ئانا تىلى تۈركىي تىلى بولۇپ،دەسلەپ تۈرك رونىك يېزىقىنى،كېيىن ئەرەپ يېزىقىنى قوللانغان. مۇڭغۇل ئىستىلاسىدىن ئىلىگىرى مىلادىيە9- ئەسىرنى ئاخىرلىرىدا مۇڭغۇل ئىگىزلىكىدە،تۈركىي قەبىلىلەردىن تاتارلار باش كۆتەردى، تاتارلار تاڭ سولالىسى(618-907)دەۋرىدىكى تارىخي بايان دەپ خاتىرلەنگەن.鞑旦،"دادا"达达،بەيدا"白达)،"دادا"达怛"دادەن"(达旦خاتىرلەردە "دادەن" كۆك تۈرك مەڭگۈ تاشلىرىدا«توققۇز تاتار»،«ئوتتۇز تاتار»،«تاتار» دىگەن ناملار بىلەن ئاتالغان.«تۈرك خانلىقى دەۋرىدە تاتارلار تۈركلەرنىڭ شەرقىگە،كىدانلارنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ،تۈركلەرنىڭ ھۆكۈمىرانلىقى ئاستىدىكى قەبىلە ئىدى. تۈركلەر يىمىرىلگەندىن كېيىن،ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەرگەقوشۇلۇپ كەتتى»،«لىياۋ،جىن سولالىرى دەۋرىدە تاتار قەبلىسىدىن باشقا،قۇملۇقنىڭ شىمالىدىكى مۇڭغۇللار قەبىلىسى"قارا تاتار"، قۇملۇقنىڭ جەنۇبىدىكى ئونغۇت قەبىلىسى"ئاق تاتار"،ئورمان قەبىلىلىرى "يات تاتار" دەپ ئاتالغان بولۇپ"تاتار" دىگەن نام تەدىرىجى تۈردە مۇڭغۇل ئىگىزلىكىدىكى كۆپلىگەن قەبىلىلەرنىڭ ئورتاق نامى بولۇپ قالغان.». («مىللەتلەر لوغىتى»شاڭخەي لوغەت نەشىرياتى 1987-يىلى خەنزۇچە نەشىرى.1197-بەت) 9-،13-ئەسىرلەردەئىلىمىزنىڭ شىمالىدىكى خەلقلەرنىڭ تۈركىي،ئەرەپ،پارس ۋە ياۋرۇپا ئەللىرى تەرىپىدىن"تاتار"دەپ ئاتىغانىلىقى تارىخي خاتىرلەردە خاتىرلەنگەن. ئەبۇلغازى باھادىرخان ئۆزنىڭ«شەجەرەئى تۈرك» ناملىق ئەسىرىدە تاتارلارنىڭ كىلىپ چىقىشى،ياشىغان جايلىرى ۋەتارىخي تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق بىررىۋايەتنى يەنى«توپان بالاسىدىن كېيىن،نوھ پەيغەمبەر ۋە ئاياللىرى ھەمدە ھام، سام،يافەس دىگەن ئۈچ ئوغلى بىلەن كېلىنلىرىلا قالدى.يافەس ئاتىسىنىڭ ھۆكۈمى بىلەن جۇد تېغىدىن ئايرىلىپ،ئادىل(ئېتىل)ۋە يايىق سۈيىنىڭ ياقىسىغا باردى. شۇ يەردە تاكى 250 يىل تۇرۇپ ۋاپات بولدى.سەككىز ئوغلى بار ئىدى،تۈرك،فەرەز،ساقلاب،روس،مىڭ،چىن،كەمەرى،تارىخ. يافەس ئۆلەر ئالدىداچوڭ ئوغلى تۈركنى ئۆز ئورنىغا ئولتۇرغۇزدى.....تۈركنىڭ تۆت ئوغلى بار ئىدى،چوڭى تۈتەك،ئىككىنجىسى چىڭگىل،ئۈچىنچىسى بەرسەجەر،تۆتىنجىسى ئىملاق.تۈرك ئۆلەر ئالدىدا تۈتەكىنى ئۆز ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ، قايىتماس سەپەرگە كەتتى. تۈتەك 240 يىل ئۆمۈر كۆرگەندىن كېيىن ئورنىغا ئوغلى ئەبلەجەنخاننى ئولتاغۇزۇپ كەلمەسكە كەتتى. ئەبلەجەنخان ئۆلەر ۋاقتىدا ئورنىغا ئوغلى دىبا قۇيخاننى ئولتۇرغۇزدى. دىبا قۇيخان ئورنىغا كۈيۈكخاننى ئولتۇرغۇزدى. كۈيۈكخان ئۆلەر ۋاقتىدا ئوغلى ئەلەنجاخاننى ئورنىغا ئولتۇرغۇزۇپ،كەلمەسكە كەتتى. ئەلەنجاخاننىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىدى چوڭىنىڭ ئىسمى تاتار،كىچىكىنىڭ ئىسمى موغۇل ئىدى. ئەلەنجاخان قېرىغاندىن كېيىن ئەلنى ئىككىگە بۆلۈپ،ئىككى ئوغلىغا بەردى، بۇ ئىككىسى بىر- بىرى بىلەن يامانلىق قىلماي،ياخشىلىق بىلەن دەۋران سۈرۈپ ئۆمۈر ئۆتكۈزدى. تاتارخاننىڭ نەسلىدىن سەككىز ئەۋلاد خان بولغانلىقى »تەپسلى يېزىپ قالدۇرغان.(شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى2002-يىلى ئۇيغۇرچە نەشىرى7-8-بەتلەر) 1206-يىلى چىڭگىزخان مۇڭغۇل ئېگىزلىكىنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن،ئەتىراپقا يۈرۈش قىلدى.....1243-يىلى ئىدىل(ۋولگا)دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى ساراي شەھىرىنى مەركەز قىلىپ ئالتۇن ئوردا خاندانلىقىنى(1243-1502-يىللار)نى قۇرۇپ چىقتى. بۇخاندانلىق تارىختا«ئالتۇن ئوردا خانلىقى" ،«دەشتى قىپچاق»،«تاتار خانلىقى»دىگەن ناملار بىلەن ئاتالدى.ئالتۇن ئوردا خانلىقى يىمىرىلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ زىمىنىدا قازان خانلىقى،سىبىر خانلىقى،ئاستىراخان خانلىقى،قىرىم خانلىقى قاتارلىق تۆت خانلىق قۇرۇلدى.بۇ خانلىقلار ئالتۇن ئوردا خانلىقنىڭ شاھزادىلىرى ياكى چوڭ ئاقسۆڭەكلىرى قۇرغانلىقى ئۈچۈن بۇ خانلار ۋە خانلىقلار سىلاۋيانلار ۋە ياۋرۇپالىقلار تەرىپىدىن تاتار خانلىقى ۋە يۇقۇرقى تۆت خانلىق تاتار خانلىقى، بۇ خانلىقلار تەۋەسىدىكى خەلقلەر تاتارلار دەپ ئاتالغان.يىغىنچاقلىغاندا قەدىمقى بۇلغارلار ،خازارلار،قىپچاقلار، ئىدىل،قاما دەريا بويلىرىدىكى قەدىمقى فىن قەبىلىلىرى ۋە مۇڭغۇل ئېگىزلىكىىدىن كەلگەن تاتار نامىدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۇزۇن تارىخي تەرەققىيات جەريانىدا ئۆز-ئارا قوشىۇلۇشىش نەتىجسدە ھازىرقى زامان تاتار مىللىتى تارىخ سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

بۆلۈش[تەھرىرلەش]

قاراڭ[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىرلەش]