خەنزۇ مىللىتى
خەنزۇلار
汉族人/漢族人 |
![]() خەنچە كىيىنگەن مىڭ سۇلالىسى (1368 - 1662) دەۋرىدىكى ئەمەلدارلار |
نۇپۇسى |
تەخمىنەن 1 مىليارت 400 مىليون
دۇنيا نۇپۇسىنىڭ 18.1%[1] |
تارقالغان ئەل ۋە رايونلار |
1. جۇڭگو (چوڭ قورۇقلۇق) 1,370,000,000 (91.37% ى)
شياڭگاڭ 7,330,000 (93.00% ى) |
تىلى |
خەنزۇچە (ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلى ۋە خەنزۇ تىلىنىڭ شىۋىلىرى) چەتئەلدە ياشايدىغان خەنزۇلار شۇ جاينىڭ يەرلىك تىلىنىمۇ قوللىنىدۇ. |
دىنى ئېتىقادى |
كۆپ تەڭرىلىك يەرلىك خۇراپلەر، تويىنىزم، خىتاي بۇددىزمى، ئاتېزم |
خەنزۇلار (خەنچە: 汉族人/漢族人؛ پىنيىن: Hànzú rén)- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ۋە سىگاپۇر قاتارلىق ئەل ۋە رايونلاردا ياشايدىغان، ئانا ۋەتىنى بولمىش شەرقىي ئاسىيانىڭ شۇنداقلا كۈنىمىز دۇنياسىنىڭ ئەڭ كۆپ نۇپۇسلۇق مىللىتىدۇر. يالپى نۇپۇسى 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئاشىدىغان بولۇپ، دۇنيا نۇپۇسىنىڭ تەخمىنەن 17.5% ~ 18% نى تەشكىل قىلىدۇ. بۈگۈنكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نۇپۇسىنىڭ تەخمىنەن 91,37% ىسىنى، تەيۋەن ئاھالىسىنىڭ 97% ىنى تەشكىل قىلىدۇ. خەنزۇلار يەنە تايلاند، مالايسىيا ۋە ھىندونېوزىيە قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى مۇھىم دىئاسپورا گۇرۇپپىسىدۇر. سىنگاپور خەنزۇ نۇپۇسى دۆلەت نوپۇسىنىڭ 75% نى تەشكىل قىلىدۇ.
خەنزۇلار ئۇزۇن تارىخقا ئىگە خەلق بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىش ۋە تەرەققىياتىدا ئاساسلىق رول ئوينىدى. خەنزۇلارنىڭ ئانا ۋەتىنى بۈگۈنكى جوڭگونىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونى بولۇپ، ئەجدادىنى سېرى دەريا بىلەن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىنلىرىنى بويلاپ ياشىغۇچى تېرىمچى خۇاشيا مىللىتىگە باغلايدۇ.
چىن (مىلادىدىن بۇرۇنقى 221 - 206) ۋە خەن (مىلادىدىن بۇرۇنقى 202 - مىلاد، خەنزۇ بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ئەسىرلەر بويى جۇڭگو تارىخىدىكى ھەر قايسى نۇقتىلاردا سۈمۈرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. خەنزۇلار تاڭ ۋە سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە قەدەر جۇڭگونىڭ جەنۇبىدىكى مۇنبەت تۈزلەڭلىك ۋە شەھەرلەرنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى بولۇپ قالدى.
كىملىك
[تەھرىرلەش]«خەن» ئاتالغۇسى مەلۇم بىر مىللىي كوللىكتىپنىلا ئەمەس، بەلكى ئورتاق ئەجداد، تارىخ ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. «خۇاشيا» دېگەن بۇ سۆزنى قەدىمكى جۇڭگو پەيلاسوپى كۇڭزىنىڭ زامانداشلىرى يېغىلىق دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، بارلىق جۇڭگولۇقلارنىڭ ئورتاق مىللىي ئاتنى شەكىللەندۈرگەن. جۇڭگولۇقلار ئۆزىنى خۇا رېن دەپ ئاتىدى. خىتايلارنىڭ ئۆزىنى خۇاشيا (مەنىسى بىلەن «گۈزەل ھەيۋەت») دەپ ئاتىشى جۇ سۇلالىسى يېغىلىق دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىققان: خۇا - يى پەرقى ئاستىدا، «خۇا» مەدەنىيىتى (دائىم «مەدەنىيەتلىك» دەپ تەرجىمە قىلىنغان) ئەتراپتىكى ياشايدىغان خەلقلەرنى «يى» (دائىم « ۋەھشىي » دەپ تەرجىمە قىلىنغان) دەپ ئاتاپ پەرقلەندۈرگەن.
مائارىپ
[تەھرىرلەش]تىل
[تەھرىرلەش]تارىخ
[تەھرىرلەش]بۆلۈش
[تەھرىرلەش]قاراڭ
[تەھرىرلەش]سىرتقى ئۇلاش
[تەھرىرلەش]مەنبەلەر
[تەھرىرلەش]- ↑ Minahan, James B. (2014). Ethnic Groups of North, East, and Central Asia: An Encyclopedia. ABC-CLIO. pp. 89–95. ISBN 978-1-610-69018-8. Archived from the original on 7 June 2020. Retrieved 21 May 2020.
جۇڭگودىكى مىللەتلەر |
---|
ئاچاڭلار - بەيلەر - بونانلار - بولاڭلار - بويىلار - كورىيان - داغۇرلار - دەيلەر - دېئاڭلار - دوۇشىياڭلار - دوڭلار - دولۇڭلار - خىتاي رۇسلىرى - ئېلېنچۈنلەر - ئېۋېنكىيلەر - گېلاۋلار - خانىيلار - قازاقلار - خېجىلار - تۇنگانلار - گاۋشەنلەر - خەنزۇلار - كىنولار - جىڭزۇلار - جىڭپولار - قىرغىزلار - لاخۇلار - لىزۇرلار - لىسۇلار - لوبالار - مانجۇلار - ماۋنەنلەر - مىنالار - موڭغوللار - مىياۋلار - مولاۋلار - ناشىلار - نولار - پومىلار - چىياڭلار - سالارلار - شېلار - شۈيلەر - تاجىكلەر - تاتارلار - تۇجيالار - تۇلار - ۋالار - ئۇيغۇرلار - ئۆزبېكلەر - شىبەلەر - ياۋلار - يىلار - سېرىق ئۇيغۇرلار - تىبەتلەر - جۇاڭلار |