مۇسا ئەلەيھىسسالام

ئورنى Wikipedia

UYGHURCHE, [[{{{2}}}|УЙҒУРЧӘ]]

ئىسلام

قۇرئاندا زىكىر قىلىنغان پەيغەمبەرلەر

ئادەمئىدرىس

نۇھھۇدسالىھ

ئىبراھىملۇت

ئىسمائىلئىسھاق

يەئقۇبيۇسۇڧ

ئەييۇبشۇئەيب

مۇساھارۇن

داۋۇدسۇلايمان

زۇلكېڧىليۇنۇسئىلياس

ئەليەسەزەكەرىيا

يەھيائىسا

مۇھەممەد بىن ئابدۇللاھ

ھەزرىتى مۇسا (ئەرەبچە: موسى، ئىبرانىيچە: מֹשֶׁה Móše )، قۇرئاندا زىكىر قىلىنغان 25 پەيغەمبەردىن بىرى. ئىبراھىمىي دىنلەرنىڭ ھەممىسىدە پەيغەمبەر، م.ب. 13. ئەسردە خەلقىنى مىسر ئېلىدىكى ئاسارەتتىن قۇتقۇزغاندۇر.

ھەزرىتى مۇسانىڭ ئاتىسى ئىمران بولۇپ، ئۇ يەئقۇب ئەلەيسھىسسالامنىڭ نەبىرەسى لاۋىنىڭ نەسلىدىن ئىدى. ئاكىسى ھارۇن ئەلەيھىسسالام، ئاچىسىنىڭ ئىسمى مىريامدۇر. ۋەلىد ئىبنى مۇسئەبنىڭ دەۋرىدە توغۇلغان.

ھەزرىتى مۇسا ئسلامىيەتكە كۆرە مۇقەددەس كىتاب بېرىلگەن پەيغەمبەرلەردىندۇر. كېكەچ بولغانلىقى ئۈچۈن ئاكىسى ھارۇن بىلەن بىللە ۋەزىپىلەندۈرۈلگەن. فىرئەۋىنگە ئون بەلا كۆرسەتكەن، قىزىل دېڭىز مۇئجىزە بىر شەكىلدە ھاسسى بىلەن يېرىپ بەنى ئىسرائىلنى مىسىردىن چىقارغان. فىرئەۋىن ۋە ئوردۇسى بەنى ئىسرائىلنىڭ پېشىدىن قوغلاپ كېلىۋاتقاندا قىزىل دېڭىزدا بولغۇلغانلار. شۇنداقلا ئاساسەن چۆلدە بەنى ئىسرائىل ئۈچۈن تاشتىن 12 بۇلاق ئېتىلىپ چىققان.

ئىتىقاد قىلىنىدۇكى، تەۋرات، ئاللاھ تەرىپىدىن مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان، سىنا يېرىم ئارىلىدا، ئەيمەن ۋادىسىدا، تۇر تېغىدا قەۋمىگە "ئون ئەمىر" نامى ئاستىدا ئاللاھنىڭ شەرىئەتىنى بىلدۈرگەن.

ھەزرىتى مۇسانىڭ قىسسىسى سۇرە بەقەرە، سۇرە قەسەس، سۇرە ئەئراف، سۇرە شۇئەرا ۋە سۇرە كەھفلەردە بايان قىلىنغان.

مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسى ۋە ئۇنىڭدىن يەكۈنلەنگەن مۇھىم ساۋاقلار[تەھرىرلەش]

[1]ڧىرئەۋن مىسىردا زۇلۇم - زومىگەرلىكتە ھەددىدىن ئېشىپ، مىسىر خەلقىنى بۆلەكلەرگە بۆلۈپ، ئۇلارنى ئۆزىگە قارشى چىقالمىغۇدەك تەدبىرلەرنى ئالغاندىن كېيىن، ئۇلاردىن بەنى ئىسرائىلنى بوزەك قىلىپ، ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىزلىرىنى خىزمەتكە سېلىش ئۈچۈن تىرىك قالدۇرىدۇ. ئۇ، خەلق ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سالغۇچى، پىتنە - پاسات پەيدا قىلغۇچى بۇزغۇنچىلاردىن ئىدى.

ئۇستاز مۇھەممەد تاھىر رەھىمەھۇللاھ[2] پىرئەۋننىڭ بۇزغۇنچىلىقىنى چوڭچىلىق قىلىش؛ ئادالەتسىزلىك قىلىش؛ بەنى ئىسرائىلنى پۈتۈن ئىنسانىي ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇلارنى ھاكىمىيەت دائىرلىرىنىڭ خالىغانچە ئىشلىتىدىغان قۇللىرى قىلىۋېلىش؛ ئۇلارنىڭ يەر يۈزىدە كۈچ - قۇۋۋىتى ۋە نوپۇزىنى پۈتۈنلەي يوقىتىش ئۈچۈن ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈش؛ بەنى ئىسرائىلنىڭ تىرىك قالدۇرۇلغان قىزلىرىنى يا ئۆزلىرى خوتۇنلۇققا ئالماي ۋەياكى ئۆز مىللىتىگە ياتلىق بولغىلى قويماي پاھىشە ئاياللاردىن بولۇشقا مەجبۇرلاش قاتارلىق بەش ئاساسى نۇقتىغا يىغىنچاقلايدۇ.[3]

ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالا بەنى ئىسرائىلغا پىرئەۋندىن ئىبارەت زالىم پادىشاھنى مۇسەللەت قىلغان بولۇپ، پىرئەۋن ئۇلارنى كېچە - كۈندۈز ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنى كۆزگە ئىلمىغانلىقتىن ۋە ئۇلاردىن تۇغۇلىدىغان بىر ئوغۇلنىڭ قولى ئارقىلىق پادىشاھلىقىنىڭ ۋەيران بولىشىدىن قورققانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىزلىرىنى تىرىك قالدۇرغانىدى. چۈنكى مىسىرنىڭ زالىم پادىشاھى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى سارەنى تۇتۇۋېلىپ قۇل قىلماقچى بولغاندا، ئاللاھ تائالا ئۆز قۇدرىتى بىلەن ئۇنى زالىمنىڭ قولىدىن سالامەت قۇتۇلدۇرغانلىق مۇناسىۋەت بىلەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بەنى ئىسرائىلدىن پەرئەۋنىيلەرنىڭ ھالاكىتىگە سەۋەب بولىدىغان بىر ئوغۇلنىڭ تۇغۇلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇلارغا بېشارەت بەرگەن بولۇپ، بۇ بېشارەتتىن خەۋەر تاپقان قىبتىيلەر ئۇنى دەرھال پىرئەۋنگە يەتكۈزگەندىن كېيىن، پىرئەۋن بەنى ئىسرائىلدىن تۇغۇلغان بارلىق ئوغۇللارنى ئۆلتۈرۈش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەنىدى. لېكىن ئۇنىڭ قوللانغان بۇ ئۇسۇلى ئۇنى ھالاكەتتىن ساقلاپ قالالمىدى. ئاللاھ تائالا پىرئەۋننىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىدا ھالاك بولۇشىدىن ئىبارەت ئەزەلدە پۈتكەن ھۆكمىنى ئىجرا قىلدى. ئاللاھ تائالا پىرئەۋن قورققان بۇ ئوغۇلنى ئۇنىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ تائاملىرىنى يېگۈزۈپ، كىيىم - كېچەكلىرىنى كىيگۈزۈپ چوڭ قىلىپ، ئاخىرى پىرئەۋنىڭ ھالاكىتىنى بۇ ئوغۇلنىڭ قولىدا قىلىش بىلەن، ئۆزىنىڭ كۈچلۈك، غالىب ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى زات ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى.[4]

شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا مىسىردا بوزەك قىلىنغان بەنى ئىسرائىلغا مەرھەمەت قىلىشنى، ئۇلارنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ مۈلكىگە ۋارىس قىلىشنى، بەنى ئىسرائىلنى مىسىردا كۈچ - قۇۋۋەتكە ئىگە قىلىشنى، پىرئەۋنىيلەرگە بەنى ئىسرائىلنى مىسىرغا ھۆكۈمران قىلىشتىن ئىبارەت ئۇلار قورققان نەرسىنى كۆرسىتىپ قۇيۇشنى ئىرادە قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى ئىرادە قىلغان ھەرقانداق بىر ئىشنى بىراقلا ئەمەس، تەدرىجىي ۋۇجۇدقا چىقىرىشى ئۇ زاتنىڭ خەلقلەر، جەمئىيەتلەر ۋە دۆلەتلەردە جارى بولۇۋاتقان قانۇنىيەتلىرىنىڭ جۈملىسىدىندۇر. زۇلۇم ئەڭ چېكىگە يەتكەن ۋاقىت، بوزەك قىلىش ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن نۇقتا بەنى ئىسرائىلنى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈرۈشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولغان بولۇپ، بۇ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈرۈش باسقۇچى بەنى ئىسرائىلدىن تۇغۇلغان بوۋاققا ئەھمىيەت بېرىشتىن باشلىنىدۇ. مۇسانىڭ ئانىسىغا ئىلھام بىلەن بىلدۈردۇقكى: مۇسانى ئېمىتكىن، ئۇنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدىن قورقساڭ، ئۇنى (ساندۇققا سېلىپ) دەرياغا (يەنى نىل دەرياسىغا) تاشلىغىن، ئۇنى (ھالاك بولارمىكىن دەپ) قورقمىغىن، (ئۇنىڭ پىراقىدىن) قايغۇرمىغىن، ئۇنى ساڭا چوقۇم قايتۇرىمىز ۋە ئۇنى پەيغەمبەرلەردىن قىلىمىز.[5]

بۇ ئايەتتە، ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىغا ئوغلىنىڭ ھالاك بولۇشىدىن قورقماسلىقى، پىراقىدىن قايغۇرماسلىقى، ئۇنى چوقۇم قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقى ۋە پەيغەمبەرلەردىن قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئىلھام قىلىش ئارقىلىق مەرھەمەت قىلغانلىقىنى كۆرىمىز. ئاللاھ تائالانىڭ ئەۋلىيا بەندلىرىگە بولغان مەرھەمەتلىرىنى بەزىدە ئەقىل تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ ۋە تىل ئىپادىيەلمەيدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ بېشارىتىنىڭ قانداق ھاسىل بولغانلىقىغا قارايلى. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىنىڭ ئوغلىنى ئوچۇق - ئاشكارە ئېمىتىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇنى قايتا ئالدىغا ئەكىلىپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قەلبى ئارام تاپتى ۋە ئىمانى كۈچەيدى.[6]

بۇ ئايەتتىن، ئىنسان قازا ۋە قەدەرنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلگەن ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسىنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا چىن دىلىدىن ئىشەنگەن تەقدىردىمۇ، چوقۇم سەۋەب قىلىشقا سەل قارىماسلىق لازىملىقىدىن ئىبارەت مۇھىم بىر دەرسنى ئۆگىنىمىز. مۇئمىن نىشانغا يېتىش ئۈچۈن چوقۇم تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ۋە قولىدىن كېلىدىغان سەۋەبلەرنى قىلىشى لازىم. تىرىشچانلىق ئاز بولسىمۇ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا بەرىكەت بېرىدۇ ۋە ئۈنۈملۈك سەۋەبلەرنى ھازىرلاپ بېرىدۇ.

ئوغلىنى ئاللاھ تائالانىڭ چوقۇم قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىغا چىن دىلىدىن ئىشەنگەن بۇ ئايال ئوغلىنى ساندۇققا سېلىپ، نىل دەرياسىغا تاشلىغاندىن كېيىن، پىرئەۋننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى ئاقىۋەت ئۆزلىرىگە دۈشمەن، ۋە خاپىلىقنىڭ مەنبەسى قىلىش ئۈچۈن (نىل دەرياسىدىن) سۈزۈۋالىدۇ.[7] پىرئەۋننىڭ ئايالى: (بۇ بالا) ماڭا ۋە ساڭا كۆزنۇرى، (يەنى خۇشاللىق) بولسۇن، ئۇنى ئۆلتۈرمەڭلار، بەلكى ئۇ بىزگە پايدا يەتكۈزەر ياكى ئۇنى ئوغۇل قىلىۋالارمىز، دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار (پىرئەۋننىڭ ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ ھالاكىتىنىڭ مۇسانىڭ قولىدا بولىدىغانلىقىنى) ئۇقمايتتى.[8]

مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى ئوغلىنى ئاللاھ تائالانىڭ قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى ۋەدىسىگە چىن دىلىدىن ئىشەنگەن بولسىمۇ، ئوغلىنىڭ پىرئەۋن خاندانىدىكىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئوغلىنى قۇتقۇزۇشنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە جىددى ئىزدەندى، ئوغلىنىڭ ئاچىسىنى خەۋەر ئىگىلەشكە ۋە ھالنىڭ تەقەززاسىغا ئۇيغۇن سەۋەبلەرنى قىلىشقا ئەۋەتتى.[9] ئانىسى مۇسانىڭ ئاچىسىغا: (خەۋەرنى ئۇقۇش ئۈچۈن) مۇساغا ئەگەشكىن دېدى. ئاچىسى مۇسانى يىراقتىن كۆرۈپ تۇردى. ھالبۇكى، ئۇلار (ئۇنى) تونۇمايتتى.[10]

بۇ ئايەت، سەۋەبلەرگە رىئايە قىلىشنىڭ ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىگە ئىشارەت قىلىدۇ. سەۋەبلەرگە رىئايە قىلىش ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىش زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئۈممەت ئۈچۈن تېخىمۇ زۆرۈر. بىخەتەرلىك غەلىبىسى خەلقىنى زالىم ھاكىملەرنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلارنىڭ غەلىبە قىلىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ ئايەت بىزگە، بوزەك قىلىنغان ئۈممەت ھەرقانچە ئاجىز بولغان تەقدىردىمۇ، ھەق - ھوقۇقلىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتە قەتئىي ھورۇنلۇق قىلماسلىقنىڭ ۋە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلەيدىغانلىقىدىن ھەرگىز ئۈمىتسىزلەنمەسلىكنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئۆگىتىدۇ. ئاللاھ تائالا ئاجىز ۋە بوزەك قىلىنغان بەنى ئىسرائىلنى پىرئەۋننىڭ زۇلۇمىدىن قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈرگەندەك، ئاجىز بولسىمۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تىرىشقان ئۈممەتنى چوقۇم زالىملارنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتقۇزىدۇ ۋە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈرىدۇ.[9]

مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئانىسى كېلىشتىن ئىلگىرى ئاللاھ تائالا ئۇنى ئىنىكئانىلارنىڭ ئېمىتىشىنى قوبۇل قىلىشىدىن توسىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاچىسى: سىلەرگە مۇسانى باقىدىغان ئوبدان بىر ئائىلىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟ ئۇلار مۇسانى ئىخلاس بىلەن باقىدۇ[11] دەيدۇ. ئانىسىنىڭ خۇشال بولۇشى، قايغۇرماسلىقى ۋە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بۇ ئوغۇلنى ئانىسىغا قايتۇرىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ياخشى يېتىلىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇنى پىرئەۋننىڭ قەسرىسىدە شاھزادىلەردەك باياشات ئىچىدە چوڭ بولۇشنى مۇيەسسەر قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قەلبىدىن پادىشاھ ۋە بايلاردىن ئەيمىنىش دېگەنلەرگە ئورۇن قالمايدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۆسۈپ يېتىلگەندە ۋە ئەقلى توشقاندا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئىلىم - ھېكمەت ۋە پەيغەمبەرلىكنى ئاتا قىلىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى شەھەرگە كىرىپ، ئىككى كىشىنىڭ ئۇرۇشۇۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇرۇشۇۋاتقانلاردىن بىرى ئۆز قەۋمىدىن بولسا، يەنە بىرى ئۇنىڭ دۈشمىنى ئىدى. ئۆز قەۋمىدىن بولغان ئادەم دۈشمىنىگە قارشى ئۇنىڭدىن ياردەم تىلەيدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇنى بىر مۇشت ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ. بۇ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ كۈچ - قۇۋۋىتىگە، پىرئەۋنىيلەرنىڭ بەنى ئىسرائىلغا سالغان زۇلۇملىرى ئۈچۈن غەزەپ - نەپرىتى تېشىپ تۇرغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. لېكىن مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئۆلتۈرۋېتىشنى مەقسەت قىلمىغانىدى. شۇڭا ئۇ بۇ ئىشقا قاتتىق پۇشايمان قىلىپ مۇنداق دېگەنىدى: بۇ شەيتاننىڭ ئىشىدۇر، شەيتان ئازدۇرغۇچى ئاشكارا دۈشمەندۇر. پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم. ماڭا مەغپىرەت قىلغىن[12] ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلغاندىن كېيىن ئۇ: پەرۋەردىگارىم! (ماڭا مەغپىرەت قىلغانلىق) نېمىتىڭ سەۋەبى بىلەن مەن ھەرگىز گۇناھكارلارغا ياردەمچى بولمايمەن[13] دەپ ئاللاھقا ۋەدە بېرىپ، ئەتىسى ئەتىگەندە قورقۇنچ ئىچىدە ئەتراپىغا قاراپ شەھەر ئارىلاپ يۈرگەندە، ئاۋۋال ئۇنىڭدىن ياردەم تىلىگەن ئادەم بىر قىبتى بىلەن ئۇرۇشۇپ تۇرغان ھالدا مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن يەنە ياردەم تىلەيدۇ، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: سەن ھەقىقەتەن ئاشكارا گۇمراھ ئىكەنسەن[14] دەيدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئىككىسىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى بولغان ئادەمگە قول ئۇزاتماقچى بولغاندا، ياردەم تىلىگەن ئادەم: ئى مۇسا! سەن تۈنۈگۈن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگەندەك مېنى ئۆلتۈرمەكچىمۇ؟، سەن زېمىندا تۈزىگۈچىلەردىن بولۇشنى خالىماي، پەقەت زومىگەر بولۇشنىلا خالايسەن[15] دەيدۇ.

بۇنداق غايە - نىشانسىز ئۇرۇش - جىدەللەرنىڭ قەۋمىگە پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلگەن مۇسا ئەلەيھىسسالام قەۋمىدىن ئۇرۇش چىقارغان ئادەمگە: سەن ھەقىقەتەن ئاشكارا گۇمراھ ئىكەنسەن دېگەنىدى. چۈنكى بۇ ئۇرۇشنىڭ بىر پۈتۈن ئىنقىلاپ قۇزغاشتىن ۋە نەتىجىلىك ئۇرۇش باشلاشتىن ئاجىز كېلىۋاتقان بەنى ئىسرائىلغا قارشى پىرئەۋنىيلەرنى قوزغاپ قۇيۇشتىن باشقا نەتىجىسى بولمايتتى.[16]

بۇ، ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈۋاتقانلارغا مۇھىم دەرستۇر. ئىمان يۇلتۇزى ئۈستۈن بولۇپ، كۇپرى بايراقلىرى ئاغدۇرۇلىدىغان سائەت ئۈچۈن بۇنىڭغا ئوخشىغان غايە - نىشانسىز ئۇرۇش - جىدەللەردىن يىراق تۇرۇپ، كۈچ - قۇۋۋەت يىغىش ئىنتايىن زۆرۈر.

مىسىردا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر قىبتىنى ئۆلتۈرۋەتلىكى ھەققىدە خەۋەر تارقىلىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇنى ئىسياننىڭ ۋە ئازاتلىق ئۇرۇشى باشلىنىشنىڭ ئىشارىتى دەپ چۈشەنگەن پىرئەۋنىيلەر مۇسا ئەلەيھىسسالامنى دەرھال تۇتۇش ھەققىدە قارار چىقىرىدۇ.

بۇ يەردە، مۇسا ئەلەيھىسسالامدىكى ھەق ۋە ئادالەتكە ھېسداشلىق قىلغان ئادەمنىڭ رول ئالىدىغان ۋاقتى كېلىدۇ، مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا بۇ مۇھىم قارارنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن شەھەرنىڭ يىراق يېرىدىن ئالدىراپ كەلگەن بۇ ئادەم مۇنداق دەيدۇ : ئى مۇسا! شۈبھىسىزكى، كاتتىلار سېنى ئۆلتۈرۈشكە مەسلىھەت قىلىشىۋاتىدۇ، (شەھەردىن دەرھال) چىقىپ كەتكىن، مەن ئەلۋەتتە ساڭا سادىق كىشىلەردىنمەن.[17]

بۇ ئايەتتە، زالىملارنىڭ مۇئەسسەسەلىرى ئىچىدە دەۋەتچىلەرنىڭ مۇبارەك ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن مۇھىم مەلۇماتلارنى يەتكۈزۈپ تۇرىدىغان ئادەملەرنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىگە ئىشارەت بار.

ئۆزىنىڭ ھاياتىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بۇ مۇھىم مەلۇماتقا ئېرىشكەن مۇسا ئەلەيھىسسالام پىرئەۋنىيلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى مىسىرنى تاشلاپ ھىجرەت قىلىشنى قارار قىلىدۇ، قورقۇنچ ئىچىدە شەھەردىن چىقىدۇ ۋە مۇنداق دۇئا قىلىدۇ: ئى پەرۋەردىگارىم! مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغىن.[18]

بۇ، ناھەق ئۆلتۈرۈلۈشتىن قورققان كىشى ئۈچۈن مۇھىم تەلىمدۇر. مۇئمىن قاراپ تۇرۇپ ئۆزىنى ھالاكەتكە تاشلىماسلىقى، بەلكى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش ئىش تۇتۇپ، ئۇنداق يەردىن دەرھال كېتىشى لازىم.[19]

ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى پەرئەۋننىڭ قەسرىسىدە نازۇ - نېمەتلەر ئىچىدە چوڭ قىلىپ جىسمانىي جەھەتتىن يىتىلدۈرگەندەك، ئەمدى ئۇنى بۇ نازۇ - نېمەتلەر ۋە ئېسىل قۇنالغۇلاردىن ئايرىپ، چۆل - باياۋانلارنى كەزدۈرۈپ، ئاددى - ساددا ياشايدىغانلار بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ روھى جەھەتتىن يىتىلدۈدۈشنى ئىرادە قىلىدۇ. ئىنساننى تەربىيلەشتە كىتاب، گېزىت - ژۇرناللارنى ئوقۇشتىن، جاپا - مۇشەققەتلەردىن خالى بولغان دەرس ۋە يىغىنلارغا قاتنىشىشتىن ئەمەلىي تەجرىبە ئەلۋەتتە ئۈنۈملۈك ۋە پايدىلىقتۇر.

مۇسا ئەلەيھىسسالام چۆل - باياۋانلارنى كېزىپ، شۇئەيب ئەلەيھىسسالامىنىڭ يۇرتى بولغان مەديەن شەھىرىگە يېتىپ كىلىدۇ ۋە بىر بۇلاقنىڭ ئەتراپىدا قويلىرىنى سۇدىن توسۇپ تۇرغان ئىككى ئايالنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ قويلىرىنى سۇغۇرۇپ بېرىپ، بىر دەرەخنىڭ سايىسىگە بېرىپ ئولتۇرغاندا، ئۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: (قويلىرىمىزنى) سۇغۇرۇپ بەرگەنلىكىڭنىڭ ھەققىنى بېرىش ئۈچۈن ئاتام سېنى چاقىرىدۇ دەيدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ (يەنى شۇئەيبنىڭ) قېشىغا كېلىپ ئەھۋالنى ھېكايە قىلىپ بەرگەندە، شۇئەيب: قورقمىغىن، زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇڭ[20] دەپ ئۇنى خاتىرجەم قىلىدۇ ۋە سەككىز يىل ياكى ئون يىل قوي بېقىپ بېرىش بەدىلىگە ئىككى قىزىنىڭ بىرىنى نىكاھلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، مۇسا ئەلەيھىسسالام بۇ تەكلىپكە مەمنۇنلۇق بىلەن قوشۇلىدۇ. ئۇ، شۇئەيب ئەلەيىھسسالام بىلەن كېلىشكەن مۇددەتنى توشقۇزغاندىن كېيىن ئايالىنى ئېلىپ مىسىرغا قاراپ يولغا چىقىدۇ ۋە تۇر تېغى تەرىپىدە ئوتنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەندە ئۇنىڭ ئوت ئەمەس، نۇر ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ۋە بىر دەرەخ تەرەپتىن مۇنداق بىر نىدانى ئاڭلايدۇ: ئى مۇسا، (ساڭا سۆز قىلىۋاتقان) مەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھمەن. قولۇڭدىكى ھاساڭنى تاشلىغىن.[21] ھاسىسىنىڭ گويا ئەجدىھادەك تېز ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن مۇسا ئەلەيھىسسالام ئارقىسىغا بۇرۇلىشىغا يەنە مۇنداق بىر نىدا كېلىدۇ: ئى مۇسا! ئالدىڭغا ماڭغىن، قورقمىغىن، سەن ھەقىقەتەن (قۇرقۇنچتىن) ئەمىن بولغۇچىلاردىنسەن. قولۇڭنى قوينۇڭغا سالغىن، ئۇ ھېچقانداق ئىللەتسىز (بىر پارچە ئايدەك پارلاپ) ئاپئاق بولۇپ چىقىدۇ، قورقۇنچنى دەپئى قىلىش ئۈچۈن، قولۇڭنى يىغىۋالغىن (يەنى قوينۇڭغا سېلىۋالغىن)، بۇ ئىككىسى پىرئەۋنگە (ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ) چوڭلىرىغا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن كەلگەن پاكىتتۇر.[22]

ئاللاھ تائالا بۇ مۆجىزىلەر بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆز زامانىسىدىكى ئەك زالىم، ئەڭ مۇستەبىت ۋە ئەڭ كۈچلۈك پادىشاھ پىرئەۋننىڭ ئالدىغا بېرىشقا، ئۇنى ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتىشقا ۋە بەنى ئىسرائىلغا زۇلۇم قىلىشنى توختىتىشقا چاقىرىشقا تەكلىپ قىلغانىدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈشىدىن قورقىدىغانلىقىنى ۋە قېرىندىشى ھارۇننىڭ تىلى راۋان بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ياردەمچى قىلىپ بېرىشنى ئاللاھ تائالادىن سورايدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ تىلىگىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنىڭغا قېرىندىشى ھارۇننى ياردەمچى قىلىپ بېرىدۇ. قېرىندىشىڭ ئارقىلىق سېنى كۈچەيتىمىز، ئىككىڭلارنى غالىب قىلىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئىككىڭلارغا زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ، سىلەر ئىككىڭلار ۋە ئىككىڭلارغا ئەگەشكەنلەر بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئارقىلىق غەلىبە قىلىسىلەر.[23]

مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ روشەن مۆجىزىلىرىنى ئېلىپ كەلگەندە، ئۇلار: بۇ ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان سېھىردۇر[24] دەيدۇ. پىرئەۋن تەكەببۇرلۇق بىلەن ئەتراپىدىكىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ئى كاتتىلار! مەن ئۆزۈمدىن باشقا يەنە بىر ئىلاھنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن. ئى ھامان، مېنىڭ ئۈچۈن پىششىق خىش پىشۇرۇپ ئېگىز بىر بىنا سالغىن، مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرۈشۈم مۇمكىن، مەن ھەقىقەتەن ئۇنى (ئاسماندا بىر پەرۋەردىگار بار دېگەن دەۋاسىدا) يالغانچىلاردىن گۇمان قىلىمەن.[24]

پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى قىيامەت، قايتا تىرىلىش، ھېساب - كىتاب، جازا - مۇكاپات دېگەنلەرگە ئىنكار قىلىپ، ئىمان ئېيتىشقا بويۇنتاۋلىق قىلىدۇ ۋە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بەنى ئىسرائىلغا ئەركىنلىك بېرىش تەلىپىنىمۇ رەت قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ، ئالەملەرنىڭ رەببىگە ئىمان ئېيتىش بىلەن تاغۇتلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ پۇتتىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ياخشى بىلەتتى. شۇڭا ئۇ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسىگە قايىل بولۇپ، ئىمان ئېيتىپ سەجدىگە يىقىلغان بارلىق سېھرىگەرلەرنى قاتتىق جالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەنىدى: سىلەر مەن رۇخسەت قىلماي تۇرۇپ مۇساغا ئىمان ئېيتتىڭلار، بۇ چوقۇم سىلەرنىڭ (مىسىر) شەھىرىدىكى چېغىڭلاردا ئاھالىنى شەھەردىن ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن (مۇسا بىلەن بىرلىشىپ) ئالدىن پىلانلىغان ھىيلەڭلاردۇر (سىلەرنى قانداق جازالايدىغانلىقىمنى) ئۇزاققا قالماي بىلىسىلەر. سىلەرنىڭ قولۇڭلارنى، پۇتۇڭلارنى چوقۇم ئوڭ ـ چەپ قىلىپ كېسىمەن، ئاندىن ھەممىڭلارنى چوقۇم دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرىمەن.[25]

ئاللاھ تائالا پىرئەۋنىيلەرگە ھەرخىل مۆجىزىلەر ۋە تۈرلۈك سىگناللار بىلەن تەكرار ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولسىمۇ، ئۇلار ئازغۇنلىقىدا چىڭ تۇرۇپ تېخىمۇ ئەسەبىيلەشكەندىن كېيىن، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى باغلىرىدىن، بۇلاقلىرىدىن، خەزىنىلىرىدىن ۋە ئېسىل قەسىرلىرىدىن ئايرىپ، يىراق يەرگە ئېلىپ چىقىپ، سۇدا تۇنجۇقتۇرۇپ جازالايدۇ، ئۇلارنىڭ بارلىق تەئەللۇقاتلىرىنى بەنى ئىسرائىلغا مىراس قىلىپ بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: بىز مۇساغا: ھاساڭ بىلەن دەرياغا ئۇرغىن، دەپ ۋەھيى قىلدۇق، (مۇسا ھاسىسى بىلەن ئۇرۇۋېدى) دەريا يېرىلدى، (ھەر بىر يېرىلغان) قىسمى چوڭ تاغدەك بولۇپ قالدى. ئىككىنچى بىر گۇرۇھنى بۇ يەرگە يېقىنلاشتۇردۇق (يەنى پىرئەۋن بىلەن قوشۇنىنى بەنى ئىسرائىلنىڭ ئارقىسىدىن دەرياغا كىرگۈزدۇق). مۇسا بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى پۈتۈنلەي قۇتقۇزدۇق. ئاندىن ئىككىنچى گۇرۇھنى (يەنى پىرئەۋن بىلەن قەۋمىنى) غەرق قىلدۇق. بۇنىڭدا (يەنى پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ غەرق بولۇشىدا) ئەلۋەتتە (چوڭ) ئىبرەت بار.[26]

بۇ ئايەتلەر بىزگە، ئاللاھ تائالانىڭ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن بولسىمۇ، ھامان كاپىرلارنى ھالاك قىلىپ، مۇئمىنلەرنى غەلىبىگە ئېرىشتۈردىغانلىقىدىن ئىبارەت خەلقلەر، جەمئىيەتلەر ۋە دۆلەتلەردە جارى بولۇۋاتقان قانۇنىيەتلىرىنى روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدۇ.

زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلاردىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن چوقۇم ئاز بولسىمۇ، قولىدىن كېلىشچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ۋە دۇئا قىلىشتۇر. شۇنداق بولغاندا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا بەرىكەت بېرىدۇ ۋە زالىملارنى ھالاك قىلىپ، مۇئمىنلارنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرىدۇ. يۇقىرىدىكى قىسسىلەر بۇنىڭغا ئوچۇق پاكىتتۇر، تارىخ ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشى شاھىتتۇر.

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. "ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى، مەرىپەت ژۇرنىلى، 2016- يلى، 3- سان". Archived from the original on 2017-01-08. Retrieved 2017-01-13.
  2. هو محمد الطاهر بن عاشور ولد بتونس 1879هـ وكان من كبار علماء الزيتونة له مؤلفات كثيرة من أشهرها التحرير والتنوير.
  3. التحرير والتنوير (20/68-70).
  4. تفسير ابن كثير (3/392). هو الحافظ المؤرخ الفقيه المفسر إسماعيل بن عمر بن كثير بن درع القرشي الدمشقي أبو الفداء، ولد سنة 701هـ.
  5. سۈرە قەسەس 7- ئايەت.
  6. تفسير السعدي (8/366).
  7. سۈرە قەسەس 8- ئايەت.
  8. سۈرە قەسەس 9- ئايەت.
  9. 9.0 9.1 تفسير السعدي (8/367، 368)
  10. سۈرە قەسەس 11- ئايەت.
  11. سۈرە قەسەس 12- ئايەت.
  12. سۈرە قەسەس 15- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
  13. سۈرە قەسەس 17- ئايەت.
  14. سۈرە قەسەس 18- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
  15. سۈرە قەسەس 19- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
  16. قصص الرحمن في ظلال القرآن، لأحمد فائز (3/64).
  17. سۈرە قەسەس 20- ئايەت.
  18. سۈرە قەسەس 21- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
  19. تفسير السعدي (8/638).
  20. سۇرە قىساس، 25- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
  21. سۈرە قەسەس 30- ئايەتنىڭ بىر قىسمى
  22. سۈرە قەسەس 31-، 32- ئايەتلەر.
  23. سۈرە قەسەس 35- ئايەت.
  24. 24.0 24.1 سۈرە قەسەس 38- ئايەت.
  25. سۈرە ئەئراف 123-، 124- ئايەتلەر.
  26. سۈرە شۇئارا 63-67 ئايەتلەر.