ھۇد ئەلەيھىسسالام

ئورنى Wikipedia

UYGHURCHE, [[{{{2}}}|УЙҒУРЧӘ]]


ھۇد ئەلەيھىسسالام

ھەزرىتى ھۇد ۋە قەۋمى

ھەزرىتى ھۇد (ئەرەبچە: ھود) قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان پەيغەمبەرلەردىندۇر. كونا ئەھدتە ئابەر (ئىبرانىچە: עבר) دەپ ئاتالغان پەيغەمبەر بىلەن ھەز. ھۇد بىر كىشى دەپ تەخمىن قىلىنماقتا. تەخمىنەن م.ب. 2443 - 2293 ئارىسىدا 150 يىل ئۆمۈر كۆرگەن ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەجەرىسى ھەققىدە ئىسلام مەنبەلىرىدە ئوخشاش بولمىغان مەلۇماتلار مەۋجۇت. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي بەزى شەرقشۇناسلار، ئىسلام مەنبەلىرىدە ھۇد كەلىمىسىنىڭ ھەم پەيغەمبەر ھەمدە يەھۇدىيلار ھەققىدە ئىشلىتىلگەنلىكىگە قاراپ، ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ جەددى ئابىر ئىبنى شالىھ ئىبنى ئارفەشىد بىلەن ئەينى كىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. يەنە بەزى تارىخ مەنبەلىرى، قۇرئاندا قەيت قىلىنغان ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ، يەھۇدىيلارنىڭ بوۋىسى ئابەر ئىكەنلىكى ياكى بولمىغاندا بۇ كەلىمە بىر كىشىگە تەۋە ئىسىم بولماستىن ئەرەب يۇرتلىرىدىن بىرى بولغان يەمەن سەھرالىرىدىكى ئەھقاف شەھىرىگە ئورۇنلاشقان بىر يەھۇدىي قەۋمىنىڭ ئىسمى ئىكەنلىكى ئۈستىدە توختالماقتا.
قۇرئان كەرىم ئوتتۇرىغا قويغان كەسكىن مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ھۇد، ئاد قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ تەيىنلەنگەن بىر كىشىنىڭ ئىسمى. تارىخ مەنبەلىرىدە ئاد قەۋمى ھەققىدە ئىنتايىن ئاز مەلۇمات مەۋجۇت. بۇ مەلۇماتلارنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك بولغانلىرى يەنە قۇرئانغا تايىنىدۇ. ئۇنىڭ سىرتىدىكى رىۋايەتلەر، تەۋرات ۋە بەزى يەھۇدىي كۈلتۈرىگە دائىر رىۋايەتلەرگە تۇتىشىدۇ.
ئاد، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىلىرىدىن ئاۋسنىڭ ئوغلى بولىدۇ. ئاۋسنىڭ دادىسى بولسا، ئىرەم بولۇپ، ئىرەمنىڭ دادىسى نۇھ ئەلەيھىسالامنىڭ ئوغلى سام دەپ قارىلىدۇ. تارىخ مەنبەلىرىدە ئاد دەۋرى بىرىنچى ئاد دەۋرى ۋە ئىككىنچى ئاد دەۋرى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگىنى بولسا، بىرىنچى ئاد دەۋرى ھېسابلىنىدۇ. قۇرئاندا نەجىم سۈرىسىنىڭ 50 - ئايىتىدە «ئاللاھ ئىلگىرى ئۆتكەن ئادنىمۇ ھالاك قىلدى» دېيىلىدۇ. شۇنىڭدىن قارىغاندا، قۇرئاندا ئۆتكەن ھۇد ۋە ئاد ئورتاق تىلغا ئېلىنغان ئايەتلەرنىڭ ھەممىسى بىرىنچى ھۇد دەۋرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئاد قەۋمىنىڭ ئىچىدىن ھالاكەتتىن قۇتۇلۇپ قالغانلارنىڭ نەسلىدىن كەلگەنلەر ئىككىنچى ئاد دەۋرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. لېكىن قۇرئاندا بۇ دەۋر ھەققىدە مەلۇمات يوق.

ئىسلام

قۇرئاندا زىكىر قىلىنغان پەيغەمبەرلەر

ئادەمئىدرىس

نۇھھۇدسالىھ

ئىبراھىملۇت

ئىسمائىلئىسھاق

يەئقۇبيۇسۇڧ

ئەييۇبشۇئەيب

مۇساھارۇن

داۋۇدسۇلايمان

زۇلكېڧىليۇنۇسئىلياس

ئەليەسەزەكەرىيا

يەھيائىسا

مۇھەممەد بىن ئابدۇللاھ

ئاد قەۋمى، ياشىغان رايونلاردا يەر شارائىتى جەھەتتىن ئېگىز يەرلەرگە مۇنارلار ياسىغان، سارايلار سېلىپ ئەبەدىي ياشاش ئۈمىدى بىلەن چىداملىق ئۆي-ۋاقلار، باغ- باغچىلار بىنا قىلغان. مال- مۈلۈكلەرگە ئىگە بولغان. مال- مۈلۈك ۋە كۈچ قۇدرەتلىرىگە ئىشىنىپ ھەددىدىن ئارتۇق تەكەببۇرلىشىپ كەتكەن. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنىڭ كۆپلىگەن يېرىدە نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى ھەققىدىكى مەلۇماتلارغا ئۇلاپ ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ. يۇقىرىدىكى مەزمۇن ھەققىدە قۇرئاندا ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى ئارقىلىق ئاد قەۋمىگە مۇنداق دېيىلىدۇ:
«سىلەر ھەر كۆرگەن ئېگىز يەرلەرگە ھەشەمەتلىك سارايلار سېلىپ ئويۇن - تاماشا قىلامسىلەر؟ دۇنيادا مەڭگۈ قېلىشنى ئۈمىد قىلىپ پۇختا سارايلار سالامسىلەر؟ سىلەر بىركىمنى جازالىساڭلار زالىملارچە جازالايسىلەر. سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار. ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. سىلەرگە، سىلەر بىلىدىغان نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار. ئۇ سىلەرگە ئوغۇل پەرزەنتلەر، چارۋا ماللار، باغ- بوستانلىقلار ۋە سىلەر كۆرۈپ تۇرغان شۇ نېمەتلەرنى ئاتا قىلدى. مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ كاتتا كۈننىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇشۇڭلاردىن قورقىمەن.» ھۇد ئەلەيھىسسالام مانا مۇشۇنداق ياخشى سۆزلەر بىلەن نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن قەۋمى بۇ خىتابلارغا قۇلاق سالمىدى ۋە «سەن نەسىھەت قىلامسەن، قىلمامسەن بىزگە بەرىبىر ئوخشاش. بۇ بۇرۇنقىلارنىڭ ئادىتى. بىزگە ھەرگىز ئازاپ قىلىنمايدۇ» دېگەندەك سەپسەتىلەر بىلەن قارشىلىق بىلدۈرۈشتى.
يۇقىرىدىكى ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، ئاد قەۋمى ئىجتىمائىي جەھەتتىن قاتتىق چىرىكلىشىپ كەتكەندەك ئېتىقادىي جەھەتتىنمۇ ئىنسان قىلىپىدىن چىقىپ بۇتپەرست بولۇپ كەتكەن ئىدى. مانا مۇشۇ سەۋەبتىن ھۇد ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى بىر ئاللاھ چۈشەنچىسىگە چاقىرغان. خاتا ئېتىقادتىن يېنىپ، بىر ئاللاھقا قۇللۇق قىلىشقا چاقىرغان. لېكىن بۇ قەۋم خاتا يولدىن يېنىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھۇد ئەلەيھىسسالامنى ئەقىلسىزلىق ۋە يالغانچىلىق بىلەن ئەيىبلىگەن. «ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتىمىغان چوڭلىرى: بىز سېىنى ھەقىقەتەن ئەخمەق ھېسابلايمىز. سېنى ئەلۋەتتە يالغانچى دەپ قارايمىز» دەپ ھاقارەتلىگەن. ئۇلار، بۇ يەردە ئۆز قوللىرى بىلەن ياساپ چىققان بۇتلارنىڭ چەكسىز كۈچ - قۇدرەت ئىگىسى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىشنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ ئەخمەقلىق ئىكەنلىكىنى ئويلىشىپ باقمىغان.
ئەسلىدە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىن بىر كىشىنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشىگە ھەيران قېلىشقان. ئىنسان نەسلىدىن بىرىنىڭ پەيغەمبەر بولۇپ كېلىشىگە ئىشىنىشنى خالىمىغان. گەرچە بۇ، بارلىق پەيغەمبەرلەرگە قەۋمى ئىچىدىن قارشى چىققۇچىلارنىڭ ئورتاق باھانىلىرى ئىدى. بۇ مەسىلىنى بايان قىلىپ ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ: «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ۋەھىيسىنىڭ سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ئىچىڭلاردىن بىر كىشى ئارقىلىق كەلگەنلىكىدىن ھەيران قىلىۋاتامسىلەر؟ ئۆز ۋاقتىدا نۇھنىڭ قەۋمى ھالاك بولغاندىن كېيىن، ئاللاھنىڭ سىلەرنى ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئىز باسار قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىنى، سىلەرنى قامەتلىك قىلغانلىقىنى ئەسلەپ بېقىڭلار. بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار.» لېكىن، تارىختا بۇنىڭ ئىسپاتلىرى ناھايىتى كۆپ ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىدىن چىققان بىر پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق، ئۇزاق ئۆتمۈشتىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر تارىخىي ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىشقان ئىدى.
ھۇد ئەلەيھسسالام ئۇلارنىڭ خىلمۇ-خىل ھاقارەت ۋە تۆھمەتلىرىگە پىسەنت قىلماي ئۆزىنىڭ ئۇلارغا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارغا ئاللاھ ۋەھى ئارقىلىق ئۆگەتكەن نەرسىلەرنىڭ سىرتىدا بىر نەرسە سۆزلىمەيۋاتقانلىقىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئېلان قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان. خاتا يولدىن قايتماي چوڭچىلىق ۋە ھاكاۋۇرلۇق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى، شۇنداقلا پۈتمەس-تۈگىمەس كۈچ- قۇدرەتنىڭ ئۇنىڭغا ئائىت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىسا، ئاقىۋەتلىرىنىڭ يامان بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. لېكىن ئۇلار ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ چاقرىقلىرىغا قەتئىي قۇلاق سېلىشمىغان. بارغانسېرى ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن. تېخىمۇ جاھىللىق قىلىپ: «ئى ھۇد! سەن بىزگە ھېچقانداق روشەن دەلىل كەلتۈرمىدىڭ، بىز سېنىڭ سۆزۈڭگە كىرىپ ئىلاھلىرىمىزنى تاشلىمايمىز.
پەيغەمبەرلىكىڭگىمۇ ئىشەنمەيمىز. بىز پەقەت سېنى بىزنىڭ ئىلاھلىرىمىزنىڭ بەزىلىرى ساراڭ قىلىپ قويۇپتۇ، دەپ قارايمىز» دېگەن. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ھۇدنى يالغانچى، دېدى. شۇ سەۋەبتىن بىز ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق. بۇنىڭدا ئەلۋەتتە بىر ئىبرەت بار. چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئىمان ئېيتمىدى. ئەسلىدە سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ناھايىتى غالىپ، ناھايىتى مېھرىبان.» ئاخىرىدا ھۇد ئەلەيھىسسالام، دەۋەتكە پەرۋا قىلمىغان قەۋمىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن ئىدى. شۇڭا ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھەمىمىڭلار ماڭا سۈيىقەست قىلساڭلار قىلىۋېرىڭلار، ماڭا ئاراممۇ بەرمەڭلار. شۈبھىسىزكى، مەن مېىنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلدىم. ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدا بولمىغان بىرمۇ مەخلۇق يوق. ئەلۋەتتە توغرا يول، پەرۋەردىگارىمنىڭ يولى. ئەگەر سىلەر يۈز ئۆرۈسەڭلار ئۈرۈۋېرىڭلار. مەن سىلەرگە پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزدۈم. پەرۋەردىگارىم سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. سىلەر ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر. پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن بارلىق مەۋجۇداتنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ.» بۇ ئايەتلەر ئاد قەۋمىنىڭ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى، ئېتىقادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن زالىملىقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇۋېلىشلىرى، ئۇلارنىڭ ھالاك قىلىنىشىدا ئاساسلىق ئامىل بولغان.
ئاد قەۋمى زېمىندا ئورۇنسىز بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلدى. كۈچ - قۇۋەتتە بىزدىن ئېشىپ كېتەلەيدىغان بىرى بارمۇ؟ دەپ داۋراڭ سالدى. ئۇلار مۇشۇنداق سۆزلەر بىلەن ئۆزلىرىنى ياراتقان ئاللاھنىڭ كۈچ - قۇۋۋەتتە ھەممىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىدى. ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرىنى ئىنكار قىلىشتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا بۇ دۇنيادا خار قىلغۇچى ئازاپنى تېتىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا قاتتىق سوغۇق شامالنى ئەۋەتتى. ھالبۇكى ئۇلار ئىنكار قىلىۋاتقان ئاخىرەت ئازابى بۇنىڭدىن تېخىمۇ قاتتىق بولىدىغانلىقىنى ئويلاشمىدى. مانا شۇ ۋەجىدىن ئاد قەۋمى ئىچىدىكى ئىمانسىزلارنىڭ نەسلى قۇرۇتۇلدى.
ئاللاھ ھالاكەت پەرمانى چۈشۈرگەندە رەھىم قىلىپ ھۇدنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنى قۇتقۇزدى. ئۇلارنى قاتتىق ئازاپتىن خالاس قىلدى. ئاد قەۋمى پەرۋەردىگارىنىڭ مۆجىزىلىرىنى ئىنكار قىلىش، پەيغەمبەرلىرىگە ئاسىيلىق قىلىش ۋە ئۇچىغا چىققان تەرسا شەپقەتسىزلىكنىڭ ئازابىنى تېتىدى. دېمەك، زالىملارنىڭ ئاقىۋىتى ئەنە شۇنداق بولىدۇ.