شۇئەيب ئەلەيھىسسالام

ئورنى Wikipedia

UYGHURCHE, [[{{{2}}}|УЙҒУРЧӘ]]

ئىسلام

قۇرئاندا زىكىر قىلىنغان پەيغەمبەرلەر

ئادەم﵇ • ئىدرىس

نۇھ﵇ • ھۇد﵇ • سالىھ

ئىبراھىم﵇ • لۇت

ئىسمائىل﵇ • ئىسھاق

يەئقۇب﵇ • يۇسۇڧ

ئەييۇب﵇ • شۇئەيب

مۇسا﵇ • ھارۇن

داۋۇد﵇ • سۇلايمان

زۇلكېڧىل﵇ • يۇنۇس﵇ • ئىلياس

ئەليەسە﵇ • زەكەرىيا

يەھيا﵇ • ئىسا

مۇھەممەد بىن ئابدۇللاھ

ھەزرىتى شۇئەيب (ئەرەبچە: شعيب، ئىبرانىيچە:יִתְרוֹ\Yitro)، تەۋرات ۋە قۇرئاندا زىكىر قىلىنغان پەيغەمبەرلەردىن بىرى. شۇئەيب ئىسمى "توغرا يولنى كۆرسەتكۈچى" دېگەن مەنىدە.

دىنىي مەنبئەلەردە[تەھرىرلەش]

قۇرئانغا كۆرە مەديەن خەلقىنىڭ پەيغەمبىرى بولغان شۇئەيب، ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ پۇشتىدىندۇر. مۇسا ئەلەيھىسسلام مىسىردىن قېچىپ چىققاندىن كېيىن مەديەن ئېلىدە ھەزرىتى شۇئەيبنىڭ قىزغا ئۆيلەنگەن. شۇئەيب مەديەن خەلقىغە ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئىشىنىشكە، ئۆلچەم ۋە تارازىدا ئادىل بولۇشقا ۋە مۇناڧىقىلىقتىن يىراق تۇرۇشقا چاقىردى. ئۇلار بۇ نەسىھەتلەرگە رىئايە قىلمىغاچقا ئاللاھ تەرىپىدىن لەنەتلەندىلەر، يەر تەۋرەش ۋە ئوت يامغۇرى بىلەن يوق قىلىندى. (سۇرە ئەئراڧ: 85، سۇرە ھۇد: 84، سۇرە شۇئەرا: 186) مەديەن خەلقى تەۋراتتا مىدىئالىقلار (ئىنگ:Midianites) دەپ زىكىر قىلىنغان قەۋىمدۇر. بۇگۈنكى سۇرىيەنىڭ جەنۇبى بىلەن ئىئوردانىيە ۋە ھىجازنىڭ شىمالىغا توغرا كېلىدىغان بىر يەردە ياشىغان. تەۋراتقا كۆرە ھەزرىتى مۇسا مىسىردىن قاچقاندىن كېيىن مىدىئان خالقىغە سىغىندى، 40 يىل ئۇلار بىلەن ياشىدى. باش راھىب يېترونىڭ قىزى بىلەن توي قىلدى. بەنى ئىسرائىل ھەزرىتى مۇسانىڭ يولباشچىلىقىدا مىسىردىن ئايرىلغىنىدا ھەم مىدىئانلىقلاردىن ياردەم ئالدى. لېكىن كېيىنچە مىدىئان خەلقى ئۇلار بىلەن دۈشمەنلىشىپ ئاللاھنىڭ غەزىبىگە دۇچار بولدى. تامام شەھەرلىرى ئوت ئىچرە يوق بولدى. تەۋرات مىدىئان خەلقىنىڭ ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ پۇشتىدىن كەلگەنلىكى ئىپادە قىلىنغان. مىسىئانلىلارنىڭ ئاسسۇر ۋە ھىتىت مەنبئەلىرىدە تىلغا ئېلىنغان ۋە ھارران رايونىدا ئولتۇراق ھايات كەچۈرگەنلىكى بايان قىلىنغان مىتاننىلەر بىلەن بىر خەلق بولۇپ بولمىغانلىقى ئېنىقلىنالمىدى.