لۇت ئەلەيھىسسالام

ئورنى Wikipedia

UYGHURCHE, [[{{{2}}}|УЙҒУРЧӘ]]


لۇت ئەلەيھىسسالام

سەدۇم چوققىسى ڧەلەستىن

ھەزرىتى لۇت (ئەرەبچە: لوط، ئىبرانىيچە : לוֹט) ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر تۇغقىنى ھارۇننىڭ ئوغلى ئىدى. لۇت ئە.س ئىبراھىم ئە.س غا ئىمان ئېيتقانىدى. ئۇ ئىبراھىم ئە.س بىلەن بارلىق سەڧەرلەردە بىللە بۇلاتتى. اللە تائالا لۇت ئە.سنى بۇگۈنكى ئىسرائىل بىلەن ئىئوردانىيە چىگرىسىدا ياشىغۇچى سەدۇم\لۇت قەۋمىگە ئىبەرىلگەن بىر پەيغەمبەر. سەدۇم ئاھالىسى تولىمۇ ئەخلاقسىز خەلق بولۇپ، يامان ئىشلارنى ئاشكارە قىلاتتى، ئۇيالماستىن بەچچىۋازلىق قىلاتتى. لۇت ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا پەند نەسىھەت قىلىپ ئۇلارنى يامان ئاقىۋەتكە قېلىشتىن ئاگاھلاندۇردى، لېكىن ئۇلار ئاسىيلىق قىلىپ يامان ئىشلاردىن يانىمىدى.
تەۋراتتا ئۇنىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ جىيەنى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ. مەزكۇر مەنبەدىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ئانا يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ ھارران رايونىدا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن چوڭ دادىسى ۋاپات بولغان. لۇت ئەلەيھىسسالام تاغىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن بۇ يەردىن ئايرىلىپ كەنئان دىيارىغا، يەنى ئىيوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربىدىكى قەدىمقى پەلەستىن رايونىغا كۆچۈپ كېتىدۇ. لۇت پەيغەمبەر، كېيىنكى ھاياتىدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مىسىر سەپىرىگە ئىشتىراك قىلىدۇ. ھەتتا مىسردا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىسى سۈپىتىدە فىرئەۋننىڭ ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ.

ئىسلام

قۇرئاندا زىكىر قىلىنغان پەيغەمبەرلەر

ئادەمئىدرىس

نۇھھۇدسالىھ

ئىبراھىملۇت

ئىسمائىلئىسھاق

يەئقۇبيۇسۇڧ

ئەييۇبشۇئەيب

مۇساھارۇن

داۋۇدسۇلايمان

زۇلكېڧىليۇنۇسئىلياس

ئەليەسەزەكەرىيا

يەھيائىسا

مۇھەممەد بىن ئابدۇللاھ

بۇ يەردە شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، يەھۇدىي مەنبەلىرى، كەنئان رايونىغا ئورۇنلاشقان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن لۇت ئەلەيھسسالامنىڭ كۆپ مىقداردا قوي ۋە كالىسى بارلىقىنى، لېكىن ئۇ يەردە سۇ قىس بولغانلىقتىن يېقىن تۇغقانلار ئوتتۇرىسدا مەيدانغا چىققان كۆڭۈلسىزلىكلەر سەۋەبىدىن لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ يەردىن ئۆلۈك دېڭىز ئەتراپىغا كۆچۈپ كەتكەنلىكىنى يازىدۇ. لېكىن، قۇرئان كەرىم ئۇنداق دېمەيدۇ. قۇرئاننىڭ ئىپادىسى بويىچە، لۇت ئەلەيھىسسالام، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ تەبلىغىنى ئەڭ دەسلەپتە قوبۇل قىلغان كىشى ئىدى. شۇنىڭدەك ئاللاھ ئۇنى پەيغەمبەر قىلىپ تاللىغان. ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان بەرەكەتلىك بىر جايغا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، لۇت ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن بىر قەۋمگە پەيغەمبەر قىلىپ تەيىنلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ بۇ يەردە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن ئايرىلغان. لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ دەرىجىسىمۇ باشقا پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش ئۈستۈن قىلىنغان. ئۇنىڭغىمۇ ھاكىمىيەت ۋە ئىلىم بېرىلگەن. تەۋراتتا ئېيتىلغاندەك تاغىسى ئىبراھىمنىڭ پادىچىلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ پادىچىلىرى ئوتتۇرىسىدا مەيدانغا كەلگەن بىر كېلىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن مەخسۇس پەيغەمبەر قىلىپ ۋەزىپىگە تەيىنلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆلۈك دېڭىز رايونىغا كۆچۈپ كەتكەن.
زامان ئىلگىرىلەپ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام دەۋرىگە كەلگەندە لۇت كۆلى ئەتراپىدا بىر قەۋم شەكىللەندى. بۇ خەلق دىنىي جەھەتتىن پۈتۈنلەي خاتا ئەقىدىدە ئىدى. ئەدەپ- ئەخلاق، شەرمى – ھايا ۋە ئار- نومۇس دەيدىغان نەرسىلەر قالمىغان ئىدى. بۇلار، ئىلگىرى مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەخلاقسىز قىلىقلار ئىدى. بۇنىڭغا قارشى چىققۇچىلارغا ئېغىز ئاچقۇزۇلمىغان ئىدى. ئىپپەت- نومۇس ۋە ھايا پۈتۈنلەي ئۇنتۇلغان ئىدى. قانۇنسىز جىنسىي مۇناسىۋەتلەر ئۇ چاغنىڭ ئادىتىگە، ھەتتا قىممەتلىك مەدەنىيەت بايلىقىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. مانا مۇشۇنداق شارائىتتا، لۇت ئەلەيھىسسالام بۇ قەۋمنى ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىغا قارشى چىقىشتىن توسۇپ، ئاللاھقا بويسۇنۇشقا چاقىرغان. ئاياللارنى قويۇپ، ئەرلەرنىڭ ئەرلەر بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشىگە ئوخشاش يامان ئىشلارنى قەتئىي چەكلىگەن، بۇنداق قىلمىشلارنىڭ بەك چوڭ ئەخلاقسىزلىق، ئەدەپسىزلىك ۋە گۇناھ ئىكەنلكى ھەققىدە خەلقنى ئاگاھلاندۇرغان.
لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق يولىدىكى بارلىق مەشغۇلىيتى نەتىجىسىز قالغان ئىدى. جەمئىيەت ئەخلاقى جەھەتتە ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن بۇ ئىنسانلار، لۇت ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر ھەققىدە : «ئۇلارنى شەھەردىن چىقىرىۋېتىڭلار. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنى بەك پاكىزە تۇتىدىغان قەۋم ئىكەن» دەپ دۈشمەنلىك قىلىشقا باشلىدى. دەۋىتى ئازغۇن كىشلەرگە تەسىر قىلمىغاندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇلارنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىۋېتىشنى ئىرادە قىلدى. بۇ ئىشقا مەسئۇل پەرىشتىلەر ئالدى بىلەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل پەرزەنت بېرىلىدىغانلقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى بەرگەندىن كېيىن، لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغان قەۋمنى ھالاك قىلىش ھەقىقىدىكى ئاللاھنىڭ ئىرادىسىنى بايان قىلدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ مەزكۇر ئىنسانلار بىلەن بىللە تۇرىدىغانلقىنى بايان قىلىپ، پەرىشىتىلەردىن ھالاكەتنىڭ بىر ئاز كېچىكتۈرۈلۈشىنى ۋە ئىمان ئېيتقان كىشىلەرنىڭ قۇتۇلدۇرۇلۇۋېلشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. پەرىشتىلەر، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن لۇت ئەلەيھىسسالام ۋە ئائىلىسىنىڭ ھالاك بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
پەرىشتىلەر لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىشتى. لۇت ئەلەيھىسسالام قەۋمىنىڭ پەرىشتىلەرگە يامانلىق يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيتتى. ئۆيىگە مېھمان بولۇپ كەلگەن بۇ كىشىلەرنى پەقەت كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇلار ناتونۇش كىشىلەر ھېسابلىناتتى. بۇ ئەسنادا قەۋم ئۇنىڭ ئۆيىنى قورشاپ، كەلگەن مېھمانلارنى ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىشقا باشلىدى. بۇ ئەھۋالدىن لۇت ئەلەيھىسسالام بەك قورقۇپ كەتكەن ئىدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن پەرىشتىلەر لۇت ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئادەتتىكى ئىنسان ئەمەس، ئاللاھ تەرىپدىن ئۇ ئازغۇن قەۋمنى يەر يۈزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن پەرىشتىلەر ئىكەنلىكىنى، ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىگە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ كېچىدە شەھەردىن چىقىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى، سەھەر ۋاقتى لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى بىلەن بىرلىكتە گۇناھكارلارنىڭ ھالاك قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ.
لۇت ئەلەيھىسسالام كېچىدە شەھەردىن چىقىپ كېتىدۇ. سەھەر ۋاقتى شەھەر ئاستىن – ئۈستۈن بولۇپ كېتىدۇ. ئەدەپسىز قەۋمنىڭ ئۈستىگە ئاسماندىن تاش ياغدۇرۇلىدۇ. بۇ ئەسنادا، لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالىمۇ ھالاك بولغان ئىدى. قۇرئاندا لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالىنىڭ ھالاك قىلىنغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ ھالاك بولۇش سەۋەبى بايان قىلىنمايدۇ. پەقەت تالاق سۈرىسىنىڭ 10- ئايىتىدە نۇھ بىلەن لۇتنىڭ خوتۇنىنىڭ ئەرلىرىگە خىيانەت قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. بۇ يەردىكى خىيانەتنىڭ قانداق خىيانەت ئىكەنلىكىنى ساھابىلەردىن ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس ئىزاھلاپ، بۇ ئىككى ئايالنىڭ خىيانىتىنىڭ، ئېرىنى ئالداش تۈرىدىكى خىيانەت ئەمەس، كۇپۇرلۇق ۋە ئىنكارچىلىق خىيانىتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. باشقا رىۋايەتلەردە، لۇتنىڭ ئايالى قەۋمنىڭ ئەخلاقسىزلىقلىرىغا ياردەم بېرىش ۋە ئۆيىگە مېھمان كەلگەنلىكىنى ئەخلاقسىز قەۋمگە خەۋەر قىلىپ قويۇش ئارقىلىق خىيانەت قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. لېكىن، تەۋراتتا لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالىنىڭ شەھەردىن چىقىپ كېتىۋېتىپ ئارقىسىغا قاراپ سالغانلىقى ئۈچۈن قەۋمى بىلەن بىللە ھالاك بولۇپ كەتكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ....
خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، لۇت ئەلەيھىسسالاممۇ ئىگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش ئاللاھ تائالا تەرىپدىن تاللانغان پەيغەمبەر ئىدى. شەھەر خەلقىنى ئېتىقادىي جەھەتتىكى خاتا قىلمىشلارغا قارشى ئاگاھلاندۇرۇشتىن سىرت، تارىختا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەرلەر بىلەن ئەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى يولسىز ۋە ئەدەپسىز جىنسىي مۇناسىۋەتتىن توسۇش بىلەن مەشغۇل بولغان. لېكىن بۇ شەھەر خەلقى ئىلگىرى ھالاك بولغان قەۋملەرگە ئوخشاش، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمايلا قالماستىن، ئۇنى شەھەردىن قوغلاپ چىقىرىشقا ئۇرۇندى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تەرىپىدىن ھالاك قىلىندى. ئىمان ئېيتمىغان ۋە قەۋمنىڭ بۇزۇق ئىشلىرىغا ياردەم بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن لۇت پەيغەمبەرنىڭ ئايالىمۇ ھالاك قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرنىڭ ئايالى تۇرۇپ، ئىمان ئېيتمىغان ۋە گۇناھ ئىشلاردا ئىنسانلار بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى سەۋەبىدىن، كەلگۈسى نەسىل ئۈچۈن ئىبرەت ئېلىشقا تېگىشلىك يامان ئاياللارغا مىسال بولۇپ قالدى[1].


مەنبئەلەر[تەھرىرلەش]

  1. 2016- يىلى 4-ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى ئۇلىنىش ،www.trt.net.tr/uyghur/