يۇسۇڧ ئەلەيھىسسالام

ئورنى Wikipedia

UYGHURCHE, [[{{{2}}}|УЙҒУРЧӘ]]

ئىسلام

قۇرئاندا زىكىر قىلىنغان پەيغەمبەرلەر

ئادەمئىدرىس

نۇھھۇدسالىھ

ئىبراھىملۇت

ئىسمائىلئىسھاق

يەئقۇبيۇسۇڧ

ئەييۇبشۇئەيب

مۇساھارۇن

داۋۇدسۇلايمان

زۇلكېڧىليۇنۇسئىلياس

ئەليەسەزەكەرىيا

يەھيائىسا

مۇھەممەد بىن ئابدۇللاھ

ھەزرىتى يۇسۇف ياكى يۈسۈپ (ئەرەبچە:يوسف\Yusuf،ئىبرانىيچە:יוֹסֵף\Yosef)، يەئقۇب پەيغەمبەرنىڭ 12 ئوغلىنىڭ 11.سى ۋە بۇنيامىننىڭ ئاكىسى. بەنى ئىسرائىلنى تەشكىل قىلغان 12 بوي (ئۇرۇق) نىڭ بىرىنىڭ ئاتىسى. بوۋىسى ھەزرىتى ئىسھاق، چوڭ بوۋىسى ھەزرىتى ئىبراھىمدۇر. ھەزرىتى يەئقۇب پەيغەمبەرنىڭ ئەڭ سۆيگەن ئايالىدىن بولغان ئىككى ئوغلىدىن بىرى دەپ قارىلىدۇ. يەھۇدىي كىتابلىرىدىن تاناھتا دېيىلىشىچە ھەزرىتى يەئقۇب پەيغەمبەر ئوغلى يۇسۇڧكە رەڭگارەڭ بىر لىباس ھەدىيە قىلىدۇ. يۇسۇڧ پەيغەمبەرگە تۈش تەبىرى بېرىش قابىلىيىتى بېرىلگەن. قىزغانچۇق ئاكىلىرى تەرىپىدىن قۇدۇققا ئېتىلغان. كېيىن مىسىرغا قۇل سۈڧەتىدە ساتىلغان.
يەھۇدىي ۋە ئىسلام مەنبئەلىرى ھەزرىتى يۇسۇڧ ھەققىدە خېلىلا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. خرىستىيانلاردىكى يوسېڧ ھەققىدىكى مەزمۇنلار يەھۇدىلارنىڭكى بىلەن ئەينەن ئوخشاشتۇر. تاناھ بىلەن كونا ئەھدنىڭ يارىتىلىش (تەكۋىن) قىسمى بىلەن قۇرئاندىكى يۇسۇڧ سۈرىسىدە ھەزرىتى يۇسۇڧنىڭ ھاياتى بايان قىلىنىدۇ. ئىسلامىيەتكە كۆرە ھەزرىتى يۇسۇڧ بىر پەيغەمبەردۇر