فىرئەۋىن

ئورنى Wikipedia
قەدىم مىسىر ھۆكۈمدارى ڧىرئەۋىننىڭ ئەنئەنىۋىي تەسۋىرى

فىرئەۋىن ياكى پىرئەۋىن (ئەرەبچە: فِرْعَوْن، ئىبرانىچە: פַּרְעֹה)، قەدىمى مىسىر پادىشاھلىرىنىڭ ئورتاق نامىدۇر. مۇسا ئەلەيھىسسالام قىسسىدە تىلغا ئېلىنغان فىرئەۋىننىڭ ئىسمى ۋەلىد ئىبن مۇسئەب ئىدى. ئۇ قېرىنىدىشى قابۇس ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولغان.

قەدىم مىسىردا ڧىرئەۋىنلەر تەڭرى ھورۇسنىڭ يەر يۈزىدىكى يەر يۈزىدىكى سېموۋۇلى ۋە قۇياش تەڭرىسى رانىڭ ئوغلى دەپ قەبۇل قىلىناتتى.

بۈيۈك "ئۆي" مەناسىدىكى بۇ سۆز كېيىنچە ھۆكۈمدارنى كۆرسىتىدىغان ھالغا كەلدى.

ڧىرئەۋىن بولماق ئۈچۈن ئانا تەرەڧتىن ئاقسۆڭەك نەسلى بولىشى بەكراق مۇھىم ئىدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق ئىچىدىن بەئزى ئەركەكلەر ھەقىيقى ئاقسۆڭەك ئاياللار بىلەن توي قىلىپ تەىتكە چىقالىغاندۇر. ڧىرئەۋىنلەرنىڭ مۇقەددەس ۋە سىرلىق قەبۇل قىلىنغان نۇرغۇن ئىسمىلەرى باردۇر. بۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىقىسىنى تەختكە چىققان ۋاقتلىرىدا ئالاتتى ۋە ئادەتتە بۇ ئات، ئۇ ڧىرئەۋىن يۈرگۈزگۇسى سىياسەتنىڭ بىر بىشارەتچىسى دەپ قارىلاتتى. مەسىلەن، ئۇرۇش تەڭرىسى مانتۇنىڭ ئاتىنى قوللىنىپ مانتۇھوتەپ (مانتو گۈزەل) ئاتىنى ئالغان بىر ڧىرئەۋىن ئەسكەرىي يۈرۈشلەر قىلادۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولاتتى.

ڧىرئەۋىنلەر ئۆلگۈنچە ھۆكۈمدارلىق قىلاتتى. بىلىنگەن ئەڭ ئۇزۇن ھۆكۈم سۈرگۈچى ڧىرئەۋن 92 يىل بىلەن كونا قراللىق دەۋرىنىڭ ئاخىرىقى ھۆكۈمدارى پەپى II نەڧەركارە ئېرۇر. ئۇزۇن ۋاقت تەختتە ئولتۇرۇش ئۈچۈن ھەر 30 يىلدا بىر قېتىم سېھىرلىك مۇراسىم بولغان ياشلىشىش مۇراسىمى (ھەب-سەت) ئىجرا قىلىناتتى. ڧىرئەۋن ئۆلگەندە جەسەدى مۇميالىنىدۇ. 70 كۈنلۈك ماتەمدىن سوڭرە تىرىلگەندە قوللانىشى ئۈچۈن، شەخسى ئەشيالارى بىرلە بىر لەھەتكە قويۇلاتتى ۋە مازارى ئېتىلەتتى.

ڧىرئەۋىننىڭ قۇرئاندا زىكىر قىلىنىشى[تەھرىرلەش]

"ڧىرئەۋن"\"فرعون" ئىسمى قۇرئاندا 27 ئايەتتە 71 مەرتە زىكىر قىلىنغان:[1]

  1. قۇرئان كەرىم