2
قۇربان ھېيت — ئۇيغۇر ، قازاق ، خۇيزۇ ، قىرغىز ، تاجىك ، ئۆزبېك ، تاتار ، دۇڭشياڭ ، سالا ، باۋئەن قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەڭ تەنتەنىلىك ھېيىتى . قۇربان ئەرەب تىلىدىن ئېلىنغان سۆز بولۇپ ،‹‹ قۇربانلىق قىلىش›› مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ . قۇربان ھېيت بىلەن روزى ھېيت ئىسلام دىنىنىڭ ئىككى چوڭ ھېيىتى ھېسابلىنىدۇ . ئىسلام كالېندارى بويىچە ھەر يىلى 12–ئاينىڭ 10– كۈنى قۇربان ھېيت بولىدۇ . ئىسلام شەرىئىتىدە ئىسلام كالېندارى بويىچە ھەر يىلى 12– ئاينىڭ باشلىرى دىن مۇخلىسلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دىنىي پەرىزىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن مەككە مۇھەررەمگە بېرىپ تاۋاپ قىلىش ۋاقتى قىلىپ بەلگىلەنگەن . ئەڭ ئاخىرقى كۈنى ( يەنى 12–ئاينىڭ 10–كۈنى ) قوي ، كالا سويۇلۇپ ، ھېيت تەبرىكلىنىدۇ . بۇ دەل روزى ھېيتتىن كېيىنكى 70– كۈنگە توغرا كېلىدۇ . قۇربان ھېيتتا مال سويۇپ ، قۇربانلىق قىلىش ئەسلىي ئەرەبلەرنىڭ ئادىتى ئىدى . رىۋايەت قىلىنىشىچە ، بىر كۈنى پەيغەمبەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىگە ئاللاھ تائالاھ زاھىر بوپتۇ ، ئاللاھ ئۇنىڭغا مىلاد تېغى جىلغىسىغا بېرىپ ، ئوغلى ئىسمايىلنى ئۆز قولى بىلەن ئولتۈرۈپ ، ئاللاھ يولىدا قۇربانلىق قىلىشنى بۇيرۇپتۇ .ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنۇپ ، ئارزۇلۇق ئوغلىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا ، ئاللاھ پەرىشتىلەر ئارقىلىق ئۇنىڭغا بىر كۆك قوچقارنى ئەۋەتىپ ، ئاللاھ سېنىڭ ئاللاھغا بولغان ساداقىتىڭنى مەقبۇل كۆردى ، ئەمدى كۆك قوچقارنى ئۇنىڭ ئورنىغا قۇربانلىق قىلغىن ، دەپتۇ . مۇشۇ رىۋايەتكە ئاساسەن ، ئەرەبلەر ئارىسىدا ھەر يىلى مال سويۇپ قۇربانلىق قىلىدىغان ئادەت بارلىققا كەلگەن . كېيىنچە ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ھېيتىغا ئايلانغان .