ئايەت

ئورنى Wikipedia

ئايەت ياكى ئايەتى كەرىمە (ئەرەبچەآية ياكى آية كريمةقۇرئان كەرىم سۇرەلەرىنى تەشكىل قىلغان ھەرڧ، كەلىمە ياكى جۈملىلەردۇر.

ئايەت ئەرەبچەدە دەلىل، ئوچۇق ئالامەت، ئۇچۇر ياكى ئىشارەت دېگەندەك مەنىلەرگە ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇرچەدە ئايەت دېيىش ئۇمۇملاشقاندۇر. قۇرئاندا جۈملە ئىچىدە كەلگەن مەنىلىرى مۇئجىزە (بەقەرە: 211)، ئالامەت (بەقەرە: 248)، ئىبرەت (نەھل: 11)، ئاجايىب ئىش(مۇئمىنۇن: 50)، دەلىل (ئىسرا: 12) ۋە قۇرئان ئايەتى (نەھل: 101) دېگەن مەنىلەردە قوللىنىلغان.

قۇرئاندىكى ئايەتلەرنىڭ ئۇزۇنلۇقلارى، مۇسھەڧتە دەل بىر بەت بىلەن بىر ياكى بىر نەچچە ھەرڧتىن ئىبارەت "كېسىك ھەرڧلەر" ياكى ھۇرۇڧۇ مۇقەتتا ئارىسىدا ئوخشاشمايدۇ.

ئايەت، ئۇيغۇرلاردا ئايال كىشى ئىسمى سۈپىتىدە ھەم قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن: ئايەتگۈل، ئايەتخان.



مەنبئەلەر[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى