Jump to content

ئۇيغۇر تىلى

ئورنى Wikipedia

UYGHURCHE, УЙҒУРЧӘ

ئۇيغۇر تىلى‎
ئۇيغۇرچە‎ / ئۇيغۇر تىلى‎

Uyghurche / Uyghur tili

Uyƣurqə / Uyƣur tili

Уйғурчә / Уйғур тили

قوللىندىغان دۆلەتلەر
قوللىندىغان كىشى سانى 25 مىليۇن
دۇنيادىكى تەرتىپى 60~70. ئەتراپىدا
تىل سېستىمىسى ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى
رەسمى ئەھۋالى
رەسمى تىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئورگان
تىل كودلىرى
ISO 639-1 ug
ISO 639-2 uig
ISO 639-3 uig
ئىزاھات

ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئېيتقان بىر تۈركىي تىلى. ئۇ ئۇزاق ئەسىرلىك تەرەققىيات داۋامىدا قەدىمكى تۈركىي تىللار دەۋرى، ئورخۇن ئۇيغۇر تىلى دەۋرى، ئىدىقۇت-خاقانىيە ئۇيغۇر تىلى دەۋرى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەۋرىنى بېسىپ ئۆتكەن. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر تىلى ئورخۇن-يېنسەي يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، بىراخما يېزىقى، مانى يېزىقى، ، ئەرەب يېزىقى قاتارلىق يېزىقلار بىلەن خاتىرىلەنگەن (بەئزى يېزىقلار ئومۇميۈزلۈك، بەزى يېزىقلار قىسمەن قوللىنىلغان)، شۇنداقلا سانسىكرىتچە، ساكچە، تۇخارچە، سوغدچە، ئەرەبچە، پارسچە، موڭغۇلچە، خىتايچە قاتارلىق نۇرغۇرن تىللار بىلەن ئۇچرىشىپ ھەم ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشكەن ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرىگە كىرگەن.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدىن باشلاپ ئاۋۋال چەتئەللىك ئالىملار، ئاندىن ئېلىمىز ئالىملىرى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنغان. بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئاساسەن ئەنئەنىۋى تىلشۇناسلىق بويىچە، قوشۇمچە قۇرۇلمىچىلىق تىلشۇناسلىقى، ئايلاندۇرما-تۇغدۇرما تىلشۇناسلىقى قاتارلىق نەزەرىيىلەر بويىچە تەتقىق قىلىنىپ، خېلى سىستېمىلىق تەسۋىرلەنگەن ھەم ئايشەم شەمىيېۋا، ئەمىر نەجىپ، غۇجىئەھمەد سەيدىۋاقاسوف، ئىبراھىم مۇتىئى، ئىمىن تۇرسۇن، خەمىت تۆمۈر، مىرسۇلتان ئوسمانوف، تۇردى ئەھمەد، نەسرۇللا يولبۇلدى، ئەنسەردىن مۇسا قاتارلىق تىلشۇناسلىرىمىز ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد تىلچىلىرىمىزنىڭ ھەرقايسى دەۋرلەرگە، مېتودلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەسەرلىرى مەيدانغا كېلىپ ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى

ھازىقى زامان ئۇيغۇر تىلى يېزىقى

قوللىنىلىش دائىرىسى (تېرىتورىيىسى)

[تەھرىرلەش]

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ياكى (چىن)نىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي قىسىملىرى، ئۆزبەكىستان جۇمھۇرىيىتى،پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەت ۋە رايۇنلاردا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ۋە بەئزى يېقىن ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بەئزى مىللەتلەر تەرىپىدىن ئاغىزاكى ۋە يازما تىلىدا قوللىنىلىدۇ.

بۇ تىلنى قوللانغۇچىلار ئاھالە نوپۇسى

[تەھرىرلەش]

ج خ ج تېرىتورىيىسى ئىچىدە ياشىغۇچى غەيرى رەسمىي سانلىق مەئلۇماتلارغا كۆرە 18 مىليون ئۇيغۇر ۋە ئاھالىي نوپۇسى ئېنىق بولمىغان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپادا ياشىغۇچى باشقا ئۇيغۇرلار.

تىلنىڭ تەۋەلىكى

[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى، تۈركىي تىللار ئائىلىسى، شەرقىي تۈرك تىلى تارمىقى، ئۇيغۇر-قارلۇق تىلى توپلىمى ،ئۇيغۇر تىلى بولۇپ تۈركىي تىللاردىن ئۆزبەك تىلى ئەڭ يېقىن تىل بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئىككىلىسى چاغاتاي تۈركچىسىنىڭ ۋارىسلىرى بولۇپ بەزى ئالىملار تەرىپىدىن ئەينەن بىر تىل دەپ قارىلىدۇ.

دىئالېكت ۋە شىۋەلەر

[تەھرىرلەش]

چوڭ جەھەتتىن مەركىزىي دېئالىكىت، خوتەن دېئالىكتى ۋە لوپنۇر دېئالىكتى قاتارلىق ئۈچ ۋارىيانتى بار. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى تەۋەسىدە بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ئاساسلىق مەركىزىي دىئالىكىتتىن مەنبە ئالىدۇ. كىتابىي تىل ياكى يېزىق تىلى ئاغزاكىي تىل ياكى خەلق تىلى بىلەن ئاساسەن يېقىن ياكى بىر ئاز پەرىقلىق، خالاس. مەتبۇئات، خەت -چەك ئالاقە، كىنۇ - فىلىم، سەھنە ياكى ئۇچۇر-ئاخباراتلاردا ئەدەبىي تىل قوللىنىلىدۇ ۋە قوللىنىلىشى شەرت.ئەرەب ھەرىپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقى قانۇنىي يېزىق بولۇپ،ئۆزگەرتىش ياكى قىسقارتىپ يېزىشقا بولمايدۇ. مەركىزىي دېئالىكىت: ئۈرۈمچى، تۇرپان، قۇمۇل،غۇلجا،ئاقسۇ،ئاتۇش،قەشقەر، گۇما، كورلا شىۋىلىرى

خوتەن دېئالىكتى: خوتەن شىۋىسى

لوپنۇر دېئالىكتى: لوپنۇر شىۋىسى

يېزىق

[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرلار تارىختا قاچاندىن باشلاپ يېزىق قوللىنىشقا باشلىغانلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن بىرلىككە كەلگەن قاراش يوق. ئۆزبەكىستان ۋە قازاقىستان قاتارلىق تېرىتورىيىلەردە سىلاۋيان يېزىقىدا، تۈركىيە ۋە ياۋرۇپا ئەللىرىدە تۈرك يېزىقىدا، جۇڭگو/چىن مەملىكىتىدە ئەرەب يېزىقى، لاتىن يېزىقى ۋە خەنزۇچە/خىتايچە/چىنچە يېزىقلاردا خاتىرىلىنىدۇ. تىلشۇناسلار كۆپىنچە ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا خاتىرىلىنىدىغان ئۇيغۇر يېزىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.

No ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى يېڭى يېزىق ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى كرىل ئۇيغۇر يېزىقى IPA
01 ئا a A,a А,а a
02 ئە ə E,e Ә,ә ɛ
03 ب b B,b Б,б b
04 پ p P,p П,п
05 ت t T,t Т,т
06 ج j J,j Җ,җ ʤ
07 چ q Ch,ch Ч,ч ʧʼ
08 خ h X,x Х,х x~χ
09 د d D,d Д,д d
10 ر r R,r Р,р r
11 ز z Z,z З,з z
12 ژ ʐ Jh,jh Ж,ж ʒ
13 س s S,s С,с s
14 ش x Sh,sh Ш,ш ʃ
15 غ ƣ Gh,gh Ғ,ғ ɣ~ʁ
16 ف f F,f Ф,ф f
17 ق Q,q Қ,қ
18 ك k K,k К,к k
19 گ g G,g Г,г ɡ
20 ڭ ng Ng,ng Ң,ң ŋ
21 ل l L,l Л,л l
22 م m M,m М,м m
23 ن n N,n Н,н n
24 ه‍ H,h Һ,һ h‍
25 ئو o O,o О,о o
26 ئۇ u U,u У,у u
27 ئۆ ɵ Ö,ö Ө,ө ø
28 ئۈ ü Ü,ü Ү,ү y
29 ۋ v V,v В,в v
30 ئې e É,é Е,е e
31 ئى i I,i И,и i
32 ي y Y,y Й,й j

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى پەقەت تور قاتارلىق بەئزى ساھەلەردە ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقىغا يانداش قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ.

Hemme adem zatidinla erkin, izzet-hörmet we hoquqta babbarawer bolup tughulghan. ular eqilghe we wijdan'gha ige hemde bir-birige qérindashliq munasiwitige xas roh bilen muamile qilishi kérek ھەممە ئادەم زاتىدىنلا ئەركىن، ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ھوقۇقتا باپباراۋەر بولۇپ تۇغۇلغان. ئۇلار ئەقىلگە ۋە ۋىجدانغا ئىگە ھەمدە بىر-بىرىگە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىگە خاس روھ بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك

يېزىق ئۆتمۈشى

[تەھرىرلەش]
ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئۆزگىرىشى

ئۇيغۇرلار ئۆتمۈشتىن بۇيان يېزىق قوللىنىپ كەلگەن ئەڭ قەدىمىي خەلقلەردىن بىرى بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 13 خىل يېزىق ئالماشتۇرۇش ۋە ئىسلاھ قىلىش تارىخىنى باشتىن كەچۈرگەن. قەدىمدىن ھازىرغىچە ئىشلىتىلگەن يېزىقلار:

ھازىرقى رەسمى ئىشلىتىلىۋاتقان يېزىق: ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى

ئۇيغۇر تىلىدىكى تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىنىلىشى

[تەھرىرلەش]

1. تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بېكىتىلىش پرىنسىپى

[تەھرىرلەش]

تىنىش بەلگىلىرى – ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئوي- پىكىرنى توغرا، تولۇق ئىپادىلەش ئۈچۈن يېزىق تىلىدا يېزىقنىڭ قوشۇمچە ۋاسىتىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان بەلگىلەردۇر. ئۇ يېزىق تەرەققىياتىنىڭ مەلۇم باسقۇچىدا تەدرىجىي مەيدانغا كەلگەن ھەم تىل ۋە تەپەككۇرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىپ، مۇكەممەللىشىپ، ئۆزىنىڭ بىر پۈتۈن سىستېمىسىنى تەشكىل قىلغان.

ئۇيغۇر تىلىدىكى تىنىش بەلگىلىرىنىڭ تەرەققىياتىمۇ مۇشۇنداق تەرەققىيات جەريانىدىن مۇستەسنا ئەمەس.ئالايلى، ئورقۇن يېزىق يادىكارلىقلىرىدا جۈملىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان قوش چېكىت (:) تىن باشقا تىنىش بەلگىسى ئۇچرىمايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر يېزىقىدا دۇنيادىكى ھەرقايسى يېزىقلاردا قوللىنىلىدىغانبەلگىلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشايدىغان 12 خىل تىنىش بەلگىسى قوللىنىلىدىغان بولدى. ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆزىگە خاس گرامماتىكىلىق خۇسۇسىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكى ئۆزىگە خاس بىر قىسىم تىنىش بەلگىلىرىنى شەرت قىلىدىغان بولغاچقا، باشقا يېزىقلارنىڭ تىنىش بەلگىلىرىدىن مەلۇم جەھەتتە پەرقلىنىدۇ. ئالايلى، كۆپ چېكىت خەنزۇچىدا (......) بىلەن ئىپادىلەنسە، ئۇيغۇرچىدا (...) بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ، يەنى خەنزۇچىدا چېكىتنىڭ سانى ئالتە، ئۇيغۇرچىدا بولسا ئۈچ. خەنزۇچىدا قوش پەش (” “) قوللىنىلسا، ئۇيغۇرچىدا پەقەت قوش تىرناق («»)لا قوللىنىلىدىغان بولۇپ قېلىپلاشتۇرۇلدى. ئەپسۇسكى، ھازىر بەزى نەشرىيات ۋە مەتبۇئات ئورۇنلىرى ھەم شەخسلەر يۇقىرىقى تىنىش بەلگىلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ قوللىنىپ، تىنىش بەلگىلىرىنىڭ بىرلىككە كېلىشىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كومپيۇتېرنىڭ تېز ئومۇملىشىشى، ئۇيغۇر تىلىدىكى كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىلىرىنىڭ ھەر خىل بولۇشى، ئىقتىدارىنىڭ تەكشىسىزلىكى تىنىش بەلگىلىرىنىڭ قوللىنىلىشىدا بەزى ئوخشىماسلىقلارنى، ھەتتا بەزى قالايمىقانچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

تىنىش بەلگىلىرى يېزىق تىلىدىكى ئالاقە ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلگەن ۋە يېزىقنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان بولغاچقا، ئۇنىڭ بىرلىككە كېلىپ تۇراقلىشىشى ۋە ئىشلىتىلىشى خۇددى يېزىقنىڭ قوللىنىلىشى قائىدىلىك بولغىنىغا ئوخشاشلا قائىدە- قانۇنىيەتلىك بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، ئۇ ئۆزىنىڭ قوشۇمچە ۋاسىتىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدۇ، ئومۇمىي خەلق تەرىپىدىن ئورتاق ئېتىراپ قىلىنىپ، مۇئەييەن ئىجتىمائىيلىققا ئىگە بولالايدۇ. تىلدا تىنىش بەلگىلىرىنى قوللىنىش، بىر جەھەتتىن ئالغاندا، ئىلمىي مەسىلە؛ يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا، ئادەت مەسىلىسى. ئادەت مەسىلىسىنى بىر يولىلا ئۆزگەرتىش، بىرلىككە كەلتۈرۈش، بىر سىستېمىغا سېلىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. لېكىن تىلىمىزنى ھازىرقى تەرەققىيات قەدىمىگە ماس ھالدا ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش، ھازىرقى ئۈچ مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىمىزدا ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ئۇنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش نۇقتىسىدىن ئالغاندا، تىنىش بەلگىلىرىنىڭ بىر سىستېمىغا چۈشۈرۈلۈشى، ئىلمىي ئاساستا بېكىتىلىشى ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

«تىنىش بەلگىسى» دېگەن بۇ ئاتالغۇ گەرچە «تىنىش» دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان بولسىمۇ، ئۇنى نۇتۇقتا تىنغان ياكى تىنىش بولغان ئورۇنغىلا قويۇلىدىغان بەلگە دەپ قارىۋالساق يېتەرلىك بولمايدۇ. چۈنكى كىشىلەرنىڭ نۇتۇقتا تىنىش ئەھۋالىنىڭ ئۆزئارا ئوخشىشىپ كەتمەسلىكى، شۇنىڭدەك جانلىق تىلدا تىنىش بولمىغان ئورۇنلاردىمۇ قۇرۇلما ۋە مەنە ئېھتىياجىدىن تىنىش بەلگىسى ئىشلىتىش زۆرۈر بولغانلىقى تۈپەيلىدىن مۇنداق تونۇش يېزىق تىلىدىكى تىنىش بەلگىلىرى توغرىسىدا سىستېمىلىق قائىدە- قانۇنلارنىڭ چىقىرىلىشىغا ۋە ئۇنىڭ ئومۇملىشىشىغا توسالغۇ بولىدۇ، تىنىش بەلگىلىرىنىڭ قالايمىقان قوللىنىلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ، نەتىجىدە ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ راۋانلىقىغا، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر تىل- يېزىقىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. تىنىش بەلگىلىرى توغرىسىدىكى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۇنى قوللىنىشتىكى قالايمىقانچىلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن تىنىش بەلگىلىرىنى ۋە ئۇلارنىقوللىنىش قائىدىسىنى بېكىتىشتە تىلىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكى نەزەردە تۇتۇلۇپ، قۇرۇلما پرىنسىپى (سىسنتاكسىسلىقپرىنسىپ) ۋە مەنە پرىنسىپى ئاساس قىلىنغان.

سىنتاكسىسلىق پرىنسىپ – مەلۇم بىر تىنىش بەلگىسىنىڭ قويۇلۇش- قويۇلماسلىقىنى سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ بەلگىلەش، يەنى جانلىق تىلدىكى تىنىشنىڭ قۇرۇلما بىلەن مەنە جەھەتتە مۇناسىۋىتى بار ياكى يوقلۇقىغا قاراپ بەلگىلەش پرىنسىپىدۇر. ئەمەلىيەتتە، جۈملە قۇرۇلمىسى شۇ جۈملىدىكى تىنىشنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنى، تىنىش بەلگىسىنىڭ ھاجەت ياكى ھاجەت ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. مەنە پرىنسىپى – مەلۇم سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىنىڭ ياكى مەلۇم سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىدا كەلگەن ئايرىم سۆز- ئىبارىلەرنىڭ مەنە ۋە رول جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆزدە تۇتۇشقا قارىتىلغان. بۇنىڭدىن باشقا «ئىنتوناتسىيە (پۈتۈن بىر سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىنىڭ تەلەپپۇزدىكى ئالاھىدىلىكى) پرىنسىپى» دېگەن پرىنسىپنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئوخشاش بىر قۇرۇلمىدىكى جۈملىنىڭ ھەر خىل ئىنتوناتسىيىدە تەلەپپۇز قىلىنىشى نەتىجىسىدە قۇرۇلمىنىڭ ئىپادىلىگەن مەنىسىدە ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن:

بازارغا باردىم. (بايان ئىنتوناتسىيە، بايان جۈملە)

بازارغا باردىم؟ (سوئال ئىنتوناتسىيە، سوئال جۈملە)

ئىنتوناتسىيە پۈتۈن بىر جۈملە قۇرۇلمىسى بىلەن ئالاقىدار ھادىسە. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ھەرقانداق جۈملە قۇرۇلمىسىنىڭ ئىنتوناتسىيىسى بايان، سوئال، تەنە، ئۈندەش ياكى چاقىرىق قاتارلىق بىرنەچچە خىلدىن ھالقىپ كەتمەيدۇ. بۇنداق ھادىسە يالغۇز ئۇيغۇر تىلىدىلا مەۋجۇت بولۇپ قالماستىن، باشقا تىللارغىمۇ ئورتاق بولغان ھادىسە. نۇتۇق مەلۇم سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىغا ئاساسلىنىدۇ. شۇڭا ئىنتوناتسىيە مەلۇم سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىنىڭ نۇتۇقتىكى ئەمەلىي ئىپادىسى. مەلۇم بىر سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىغا ئاساسلانمىغان نۇتۇق ۋە ئىنتوناتسىيىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، ئىنتوناتسىيە پەقەت مەلۇم سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىنىڭ نۇتۇقتىكى تەركىبىي قىسمى، خالاس.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا قوللىنىلىۋاتقان تىنىش بەلگىلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

  1. چېكىت (.)
  2. سوئال (؟)
  3. ئۈندەش (!)
  4. چېكىتلىك پەش (؛)
  5. پەش (،)
  6. تىرناق (())
  7. قوش تىرناق («»)
  8. يالاڭ تىرناق (‹›)
  9. سىزىقچە (ـ)
  10. سىزىق (–)
  11. قوش چېكىت (:)
  12. كۆپ چېكىت (...)

تىنىش بەلگىلىرى گەرچە جۈملىدە مۇستەقىل بىر بىرلىك سۈپىتىدە قوللىنىلسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئالدىدا كەلگەن سۆز، سۆز بىرىكمىسى ياكى جۈملىنىڭ خاراكتېرىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان بولغاچقا، ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ ئالدىدىكى سۆزگە بېقىنىدۇ. ھازىر كومپيۇتېردا قوللىنىلىۋاتقان ئۇيغۇرچە بەزى مەشغۇلات سىستېمىلىرى تېخى مۇكەممەللىشىپ كېتەلمىگەچكە، نەشرىيات، مەتبۇئات ئورۇنلىرى تىنىش بەلگىلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بىر تەرەپ قىلالماي كېلىۋاتىدۇ. ئالايلى، بىر قىسىم مەشغۇلات سىستېمىلىرى ھازىرغىچە قۇر ئايرىيالمايدۇ ياكى بوغۇم كۆچۈرۈش ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغان شۇڭا، ئۇلار سۆزنى بىرلىك قىلىپ ياكى بوش ئورۇننى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ قۇر ئايرىيدۇ. مۇنداق بولغاندا، بەزى سۆزلەر ئۇزۇنراق بولۇپ كەتسە، شۇ سۆزنى پۈتۈن پېتى يېڭى قۇرغا كۆچۈرۈپ، ئالدىنقى قۇرنىڭ زىچ- كەڭلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ. بۇ خىل ھادىسە مەتبۇئات بۇيۇملىرىنىڭ كۆركەم چىقىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. تىنىش بەلگىلىرى ئالدىنقى سۆزدىن بوش ئورۇن ئارقىلىق ئايرىۋېتىلسە، كومپيۇتېر ئۇنى ئايرىم سۆز سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىپ، باش قۇرنىڭ بېشىغا كۆچۈرۈپ قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ خىل ئەھۋالنى نەزەردە تۇتۇپ، تىنىش بەلگىلىرىنى ئالدىنقى سۆز بىلەن بىر سۆز سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىش ھازىرقى ئەمەلىيىتىمىزگە نىسبەتەن ئەڭ ئاقىلانە چارە، يەنى تىنىش بەلگىلىرى سۆز، سۆز بىرىكمىسى ياكى جۈملىنىڭ ئاخىرىدا كەلگەندە، ئالدىنقى سۆز بىلەن ئارىلىق (بوش ئورۇن) تاشلىماي قوشۇپ يېزىلسا، كومپيۇتېر ئۇنى ئالدىنقى بىر سۆز بىلەن بىللە بىر تەرەپ قىلىدۇ- دة، بەزىبىر تېخنىكىلىق سەۋەنلىكلەردىن خالىي بولىمىز. چۈنكى بىزنىڭ ئىملا قائىدىمىزدە قۇر كۆچۈرگەندە، چوقۇم بوغۇمنى ئاساس قىلىمىز، تىنىش بەلگىلىرى ئالدىنقى سۆزنىڭ ئاخىرقى بوغۇمى بىلەن قوشۇپ كۆچۈرىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. يۇقىرىقى تەرەپلەر كۆزدە تۇتۇلۇپ، تىنىش بەلگىلىرى بىلەن ئالدىنقى سۆزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بوش ئورۇننى چىقىرىۋەتسەك، ھازىرقى شارائىتىمىزدا ئىملا قائىدىسىگە بويسۇنۇپ، تېخنىكىلىق خاتالىقلارغا يول قويمىغان بولىمىز.

2. تىنىش بەلگىلىرىنىڭ قوللىنىلىشى

[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇر تىلىدىكى تىنىش بەلگىلىرىنىڭ سانى كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن قوللىنىلىش جەھەتتە ئۆزىگە خاس قائىدىسى بار. بۇ قائىدىلەردىن خەۋەردار بولۇش مەتبۇئات ئورۇنلىرىنىڭلا مەجبۇرىيىتى بولۇپ قالماستىن، پۈتكۈل جەمئىيەتتىكى مۇشۇ تىل- يېزىقنى ئالاقە ۋاسىتىسى قىلغان مىللەتلەر ئۈچۈنمۇ زۆرۈر. شۇڭا تىنىش بەلگىلىرىنى ئۆز جايىدا، توغرا قوللىنىش مەتبۇئات، نەشرىيات، ئوقۇش- ئوقۇتۇش ھەم ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ئۈچۈنمۇ بىلىشكە تېگىشلىك مۇھىم ساۋاتلارنىڭ بىرى.

1. چېكىت
[تەھرىرلەش]

بۇ بەلگە ئوي- پىكىرنىڭ بايان تەرزىدە تولۇق ئاياغلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ تۆۋەندىكىدەك ئورۇنلارغا قويۇلىدۇ:

  • بايان جۈملىدىن كېيىن (مەيلى ئىگە، خەۋىرى تولۇق جۈملە بولسۇن، مەيلى ئاتاش جۈملە بولسۇن) قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

△ مەن بۈگۈن كۇتۇبخانىغا باردىم.

△ 1961- يىلى، قىش كۈنلىرىنىڭ بىرى.

  • بۇيرۇق ۋە ئۈندەش ئاھاڭىدا ئېيتىلماي، بايان ئاھاڭىدا ئېيتىلغان بۇيرۇق، ئۈندەش جۈملىلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

△ بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما.

△ خوش، ئامان بولۇڭلار.

  • رەقەم بىلەن يېزىلغان، رەت تەرتىپنى بىلدۈرىدىغان سانلار ياكى باش ماۋزۇ بىلەن تارماق ماۋزۇنىڭ رېتىنى بىلدۈرىدىغان سانلاردىن كېيىن (رىم رەقەملىرى مۇستەسنا) قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

△Ⅲقۇمۇل شېۋىسىنىڭ گرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى

1. ئىسىملاردا كېلىش قوشۇمچىلىرى

2. ئىسىملاردا تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى

  • قىسقارتىپ يېزىلغان ئىسىم بىلەن فامىلە ئارىسىغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

△ ل. مۇتەللىپ

△ ئا. س. پۇشكىن

  • يىل، ئاي، كۈنلەر رەقەم بىلەن ئىپادىلەنسە، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

△ 1966.9.21

  • ئونلۇق كەسىردىكى پۈتۈن سان بىلەن كەسىر سان ئارىسىغا، جۈملىدىن سائەت بىلەن مىنۇت تەڭ كۆرسىتىلگەندە، سائەت بىلەن مىنۇت ئارىسىغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

△ 1.5 (بىر پۈتۈن ئوندىن بەش)

△ سائەت 3.20 دە (سائەت ئۈچتىن يىگىرمە مىنۇت ئۆتكەندە)

2. سوئال بەلگىسى

[تەھرىرلەش]

بۇ بەلگە ئوي- پىكىرنىڭ سوراق تەرزىدە ئاياغلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ تۆۋەندىكىدەك ئورۇنلارغا قويۇلىدۇ.

  • ھەر خىل سوئال جۈملىدىن كېيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

△ سەن كىم؟

△ تېخى تۈنۈگۈن كەلدىڭىز؟

  • كەينى- كەينىدىن ئۇلىنىپ كەلگەن سوئاللارنىڭ پەقەت كەينىدىكىسىگىلا قويۇلىدۇ، ئالدىنقىلىرىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

△ بۇ ئىشنى ئۇ ئۇقامدۇ، ئۇقمامدۇ؟

△ سەن زادى كومپارتىيە ئەزاسىمۇ، ئەمەسمۇ؟

  • جۈملىدە ئاپتورغا نامەلۇم بولغان ياكى ئاپتور گمان بىلەن قارىغان تەركىبلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

△ شۇ چاغدا ئۇلار پېتىنىپ (تىترىشىپ؟) ئۇنىڭ يېنىغا يېقىن باردى.

△ سەلەي چاققان (؟-1905) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داڭلىق لەتىپىچىلىرىدىن بىرى.

  • ئەگەر جۈملە ھەم سوئال، ھەم ئۈندەش تەرزىدە ئېيتىلسا، ئاۋۋال سوئال بەلگىسى، ئاندىن ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

△ ھوي، بۇ سېسىق گەپنى نەدىن ئۆگەندىڭ؟!

3. ئۈندەش بەلگىسى

[تەھرىرلەش]

بۇ بەلگە ئوي- پىكىرنىڭ ئۈندەش ۋە بۇيرۇق تەرزىدە ئاياغلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ تۆۋەندىكى ئورۇنلارغا قويۇلىدۇ.

  • ئۈندەش جۈملىلەر ۋە بۇيرۇق ئاھاڭىدا ئېيتىلغان بۇيرۇق جۈملىدىن كېيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

△ بۇ ۋەزىپىنى ۋاقتىدا ئورۇنداڭ! (بۇيرۇق)

△ ياشىسۇن تىنچلىق! (ئۈندەش)

  • ئۈندەش ئاھاڭىدا ئېيتىلغان ئۈندەش سۆزلەر ۋە قاراتما سۆزلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

△ توۋا! سەن بۇلارنىڭ سېتىۋالغان قۇلىمىدىڭ؟

△ يولداشلار! غەيرەت قىلىڭلار!

شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان جۈملىنىڭ سوئال، ئۈندەش بەلگىلىرى بۇ جۈملىنىڭ قانداق قۇرۇلمىدا كېلىشىدىن قەتئىينەزەر قويۇلىدۇ. تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان جۈملىنىڭ چېكىتى قويۇلمايدۇ.

4. چېكىتلىك پەش

[تەھرىرلەش]

بۇ بەلگە تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان، تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىشتىكى رولى پەشكە قارىغاندا ئۈستۈنرەك تۇرىدىغان تىنىش بەلگىسى. تەڭداش تەركىبلەرنىڭ ھەرقايسىسى ياكى ئۇلارنىڭ بىرى يەنە بىرقانچە تەڭداش تەركىبلەرنى ئېلىپ كەلگەن بولسا، ئۇلارنىڭ قاتلاملىق مۇناسىۋىتىنى ئېنىق ئايرىش ئۈچۈنئۈستۈنكى قاتلامدىكى تەڭداش تەركىبلەر ئارىسىغا چېكىتلىك پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

△ كىمكى مېنى چېلىشىپ يېڭەلىسە، شۇ كىشىگە قىزىمنى بېرىمەن؛ ئەگەر يېڭەلمىسە، جېنىنى تېنىدىن جۇدا قىلىمەن.

△ بۇرادىرىم دەيدۇكى، ئىككى ئۆينىڭ قۇرغۇنىنى قوشسا، بىر قازان ئاش بولىدۇ؛ قىسمەت ئاكام مەسۇدىخان ئايلام بىلەن باش قوشسا، كارامەت بەلەن توي بولىدۇ.

بۇ بەلگە ئاساسەن تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان، تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىشتىكى رولى چېكىتلىك پەشكە قارىغاندا تۆۋەنرەك بولغان تىنىش بەلگىسى. ئۇ تۆۋەندىكىدەك ئورۇنلارغا قويۇلىدۇ.

  • ئاددىي جۈملىلەردە

ئاددىي جۈملىنىڭ تەڭداش بۆلەكلىرى (بۇ سۆزلەر مەيلى بىر سۆزلا بولسۇن، مەيلى سۆز بىرىكمىسى بولسۇن) ئارىسىغا قويۇلىدۇ.

△ ئۇنىڭ سېكىلەكلىرى، تال- تال ئۆرۈلگەن چاچلىرى، چېچىغا ئېسىۋالغان چاچ چاتقۇچ، چاچ تۇمارلىرى بەلمۇ ياراشقانىدى.

△ قىز يىراقتىن قولىنى چېكىسىگە قويۇپ، ئوتلاۋاتقان ئاتلارغا، ئۆزىگە تونۇش بولمىغان كىشىلەرگە ھەيرانلىق بىلەن قاراۋاتاتتى.

△ ئۇ ھەم تەتقىقاتچى، ھەم شائىر.

  • قوشما جۈملىلەردە

تەڭداش تارماق جۈملىلەردىن ھاسىل بولغان قوشما جۈملىلەرنىڭ ھەر بىر تارماق جۈملىلىرى ئارىسىغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

△ كىشىنىڭ تۈگمىدەك ئەيىبى كۆرۈنەر، ئۆزىنىڭ تۆگىدەك ئەيىبى كۆرۈنمەس. (ماقال)

  • بېقىنىش - بېقىندۇرۇش مۇناسىۋىتىدىكى قوشما جۈملىلەردە باش جۈملە بىلەن بېقىندى جۈملە ئارىسىغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

△ شۇنى بىلىپ قويغىنكى، مەن سېنىڭ دېگىنىڭدەك قىلالمايمەن.

△ سەن بارىدىكەنسەن، مەنمۇ بارىمەن.

△ تاڭ ئاتسىلا، ئىش ئاسان

△ مىسالى، تۇرسۇننى ئالساق، ئۇ ياسىنىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ.

شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش كېرەككى، «-سا// -سة» قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلەنگەن «بولماق» پېئىلى جۈملىنىڭ خەۋىرىگە باغلانماي، ئۆزىنىڭ ئالدىدا كەلگەن باشقا جۈملە بۆلەكلىرىدىن مەلۇم بىرىنى تەكىتلەپ كەلسە؛ «-سا// -سە» قوشۇمچىسى قوشۇلغان پېئىل «بولماق» پېئىلى ياكى باشقا سۆزلەر بىلەن بىرىكىپ، تۇراقلىق بىرىكمە ھاسىل قىلسا؛ «-سا// -سە» فورمىسىدا كەلگەن پېئىل جۈملىنىڭ خەۋىرىگە ئەمەس، بەلكى جۈملىنىڭ باشقا بىرەر بۆلىكىگە باغلانغان بولسا؛ ئاددىي جۈملىنىڭ خەۋىرى ئوخشاشلا بىر پېئىل يىلتىزى (ياكى ئۆزىكى) نىڭ ھەم «-سا// -سە» فورمىسى بىلەن تۈرلىنىشى ھەم بۇيرۇق- تەلەپ رايى ياكى خەۋەر رايىدا كېلىشى ئارقىلىق ھاسىل بولسا، مەنىدىكى ئالاھىدىلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، «-سا// -سە» فورمىسىدىن كېيىن پەش قويۇلمايدۇ. مەسىلەن:

△ئاچىسى بولسا سەرسان بولۇپ چىقىپ كەتتى.

△ سىز رەسمىيەتلىرىڭىزنى ئۆتەشكە ماڭسىڭىز بولدى.

△ بۇ ئاداشنىڭ چەكمىسە تۇرالمايدىغان خۇيى بار ئىكەن

△ مەن بارسام باراي.

لېكىن بۇنداق خەۋەرلەر كېڭەيسە، يەنىلا ئارىسىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

△ بىز بارساق، بىللە بارايلى.

  • ھالەت بېقىندى جۈملىلەرنىڭ رەۋىشداش ۋە سۈپەتداش بىرىكمىلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن بىرىكمىلەر قوشما جۈملىلەر (باغلانغان قوشما جۈملىلەر، بېقىنىش- بېقىندۇرۇش مۇناسىۋىتىدىكى قوشما جۈملىلەر) دە بەزى تارماق جۈملىنىڭ خەۋەرلىك فورمىسى تولۇق بولمىغان خەۋىرى بولۇپ كەلسە، بەزى ئاددىي ياكى تارماق جۈملىلەردە راي فورمىسىدىكى پېئىلدىن ئىپادىلەنگەن خەۋەرلەرگە نىسبەتەن ھالەتلىك رول ئوينايدۇ. شۇڭا پرىنسىپ جەھەتتىن ئۇنىڭ خەۋەرلىك رول ئوينىغان ئورنىغا پەش قويۇلۇشى، ھالەتلىك رول ئوينىغان ئورنىغا پەش قويۇلماسلىقى كېرەك.
  • «-پ، -ئىپ// -ئۇپ، -ئۈپ»، «-ماي// -مەي» رەۋىشداشلىرى ۋە «-ماستىن// -مەستىن» فورمىسى جۈملىدە «قانداق، قانداق قىلىپ، قاچان، نېمىشقا» قاتارلىق سوئاللارغا جاۋاب بولمىسا، خەۋەرلىك فورمىسى تولۇق بولمىغان خەۋەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ بىرىكمىدىكى پېئىلنى شۇ جۈملىدە خەۋەر رايىدا كەلگەن پېئىل بىلەن ئوخشاش رايغا ئۆزگەرتىش مۇمكىن. كەينىگە پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

△ ئاندىن ئىشكاپنى ئېچىپ، ئۇ يەردىن قېتىپ كەتكەن ئىككى نان بىلەن چايداننى ئالدى.

△ مەن بىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر بىلەن سۆزلىشىپ، ھەممىنى پۈتكۈزۈپ قويدۇم.

ئەگەر بۇ بىرىكمىلەر ئىككى «ھەم» باغلىغۇچىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كېلىپ قالسا، يەنىلا خەۋەرلىك فورمىسى تولۇق بولمىغان خەۋەر ھېسابلىنىپ، كەينىدىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

△ ھەم جېنىغا قەست قىلىپ، ھەم ئەھۋالنى سوراپتىمىشمەن. 2.5.2 بۇ بىرىمىلەر جۈملىدە خەۋەرلىك رولدىلا كەلمەي، بەزىدە پېئىلدىن ياكى باشقا سۆز تۈركۈمىدىن بولغان ئىگە، ھالەت، ئېنىقلىغۇچى قاتارلىق جۈملە بۆلەكلىرى بىلەن تەڭداش بولۇپ كەلسە، بۇ بىرىكمىنى ھاسىل قىلغان رەۋىشداش فورمىسىنىڭ تەڭداشلىق رولى كۆزدە تۇتۇلۇپ، كەينىدىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

△ لېكىن، مېھىر- شەپقەت كۆرسىتىپ (كۆرسىتىدىغانلار)، ئىچ ئاغرىتىدىغانلار نەدە؟

  • بۇ بىرىكمىلەر ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق خەۋەرگە نىسبەتەن ھالەتلىك رول ئويناپ كەلسە، ئۇنىڭ بىرلا خەۋەرگە باغلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كەينىدىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

△ ئۇ ھېچنەرسە دېمەستىن، قولىنى چىقىرىۋېلىپ، يۈگۈرگىنىچە پەلەمپەيدىن چۈشۈپ كەتتى.

  • «-پ، -ئىپ// -ئۇپ، -ئۈپ» رەۋىشدىشىدىن ياسالغان قىستۇرما تەركىبلەردىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

△ مەرھەمەت قىلىپ، بۇنى نەگە ئاپىرىدىغانلىقىمنى دەپ بېرەمسىز، ئەپەندىم؟

  • «-پ، -ئىپ// -ئۇپ، -ئۈپ» بىلەن تۈرلەنگەن «بولماق» پېئىلى تۇرغۇن سۆزلەرنىڭ كەينىدىن كېلىپ، تۇرغۇن سۆزلەرگە خەۋەرلىك تۈس بەرسە، كەينىدىن پەش قويۇلىدۇ، ئەگگر ئادەتتىكى ھالەتلىك رولدا كەلسە، پەش قويۇلمايدۇ. مەسىلەن:

△ ئۇ كىشى ئەڭ زور دىندار بولۇپ، كارامەت كۆرسىتىدۇ.

△كۆزىگە دۇنيا قاراڭغۇ بولۇپ كۆرۈنۈپتۇ.

  • «-غاچقا، -قاچقا// - گەچكە، -كەچكە» رەۋىشداشلىرىدىكى پېئىلنىڭ ئىشلىگۈچىسىبىلەن جۈملىنىڭ ئىگسى ئايرىم- ئايرىم بولۇشى ياكى جۈملىنىڭ ئىگىسى بىلەن بىر شەخس بولۇشى مۇمكىن. ھەر ئىككى خىل ئەھۋالدا كەينىدىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

△ يەكشەنبە بولغاچقا، ئۇ ئورنىدىن ۋاقچىراق تۇردى.

ئەگەر بۇ رەۋىشداش بىرىكمىسى خەۋەرگە يانداش كەلسە، كەينىدىن پەش قويۇلمايدۇ. مەسىلەن:

△ مەن بارمىغاچقا كۆرەلمىدىم.

  • «-غۇچە، -قۇچە// -گۈچە، كۈچە» قوشۇمچىلىرى ئارقىلىق تۈزۈلگەن بىرىكمىلەردە مۇشۇ قوشۇمچىلار بىلەن تۈرلەنگەن پېئىلنىڭ ئىشلىگۈچىسى بىلەن جۈملىنىڭ ئىگىسى بىر بولمىسا ھەم مۇنداق بىرىكمە ئاساسىي جۈملىنىڭ بېشىدا كەلسە، كەينىدىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

△ پاراخوت قوزغالغۇچە، پاراخوت ئۈستىدىكى بىر بۇرجەكتە ئولتۇردۇق.

ئەگەر بۇ بىرىكمە ئاساسىي پېئىلنىڭ ئىگىسى بىلەن خەۋىرىنىڭ ئارىسىدا كەلسە، ياكى بۇ بىرىكمىدىكى پېئىلنىڭ ئىشلىگۈچىسى بىلەن جۈملە خەۋىرىنىڭ ئىشلىگۈچىسى بىر بولسا، ياكى بۇ بىرىكمىنىڭ ئىشلىگۈچىسىبولماي، خەۋەرگە ياندىشىپ كەلسە، كەينىدىن پەش قويۇلمايدۇ. مەسىلەن:

△ سىزمۇ جاۋا كەلگۈچە سەۋر قىلىپ تۇرىسىز-دة.

△ بۇنى يازغۇچە بىر ئاي باش قاتۇردۇم.

  • پۈتكەن سۈپەتداش قوشۇمچىسى «-غان، -قان// -گەن، كەن» بىلەن تۈزۈلگەن بىرىكمىلەر قوشما جۈملىلەر تەركىبىدە كۆپىنچە ھالەت بېقكىندى تارماق جۈملىلىك رول ئوينايدۇ. بۇنداق بىرىكمىلەرنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولسىقمۇ، ئۇنىڭ بېقىندى تارماق جۈملىلىك رولى ئېتىبارغا ئېلىنىپ، كۆپ ھاللاردا كەينىدىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

△ مەن يەرنى ئاغدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، گۈل تېرىيسەن.

△ قاراڭغۇ چۈشكەندىلا، ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى.

△ تىغ بىلەن يۇرت سورىغاندىن كېيىن، ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ.

ئەگەر بۇ بىرىكمىلەر جۈملىنىڭ خەۋىرىگە يانداش كەلسە، كەينىدىن پەش قويۇلمايدۇ. مەسىلەن:

△ نەگە بېرىشىمنى پەقەت كوچىغا چىققاندىن كېيىنلا ئويلىدىم.

  • مۇستەقىل تەركىبلەردە

مۇستەقىل تەركىبلەر جۈملىنىڭ بېشىدا بولسا، ئاخىرىدىن، ئوتتۇرىسىدا بولسا، ئىككى چېتىدىن، ئاخىرىدا بولسا، پەش بىلەن ئاجرىتىلىدۇ.

△ نەچچە زامانلار بولدى، بىرەر قېتىم كۆرۈپ كېتەيمۇ دېمىدىڭ، بالام.

△ سەپەرقۇلنىڭ ساناق نۆۋىتى، نېمىشقىدۇر، ھەممىدىن كېيىنكى قاتارغا قويۇلغانىدى.

△ مەيلى، كۆپچىلىكنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ھەرقانداق زىيان تارتىشقا تەييارمەن!...

  • باغلىغۇچىلاردا

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا باغلىغۇچى بولۇپ كېلىدىغان تىل تەركىبلىرىنىڭ سانى كۆپ ئەمەس. لېكىنئۇلارنىڭ مەنە جەھەتتىن ئۆتەيدىغان ۋەزىپىلىرى خىلمۇ خىل. بەزى باغلىغۇچىلار ھەتتا رەۋىشلەر بىلەن، قىستۇرما سۆزلەر بىلەن، تىركەلمىلەر بىلەن تۇتىشىپ كېتىدۇ. بىز ئاساسلىق پەش قويۇشتا قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىۋاتقان بىرقانچە باغلىغۇچى ئۈستىدىلا توختىلىمىز.

1) بىرىكتۈرگۈچى باغلىغۇچىلار «ۋە، ھەم، ھەمدە، بىلەن» لەرنىڭ ئالدى كەينىگە پەش قويۇلمايدۇ. مەسىلەن:

△ ئۇلار گەپ- سۆزسىزلا پىيالىنى بوشىتىشتى ۋە قازان كاۋىپىنى ئىشتىھا بىلەن يېيىشتى.

ئەگەر «ھەم» باغلىغۇچىسى تەكىتلەش يۈزىسىدىن باغلىنىدىغان ئىككى تەركىبنىڭ ئالدىدا تەكرارلانسا، كېيىنكى «ھەم» نىڭ ئالدىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

△ بۇ مەنسۇرنىڭ ھەم تەكلىپى، ھەم بۇيرۇقى، بۇنى ئولتۇرغانلار ياخشى بىلىدۇ.

2) «بىراق، ئەمما، لېكىن، ئەكسىچە، ۋەھالەنكى، شۇنداقتىمۇ» قاتارلىق قارىمۇ قارشى باغلىغۇچىلار چېكىت قويۇپ ئاياغلاشتۇرۇلغان ئىككى جۈملىنى ياكى ئۆزئارا ئالاقىدار ئىككى ئابزاسنى باغلاپ كەلسە، كەينىدىن پەش قويۇلىدۇ؛ بولمىسا، پەش قويۇلمايدۇ. مەسىلەن:

△ لېكىن، مەن دوستلىرىمنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قولۇمدىن كەلگەن ھەممىنى قىلىشقا بەل باغلىدىم.

△ ئۇلارنىڭ ئۈستىبېشى لايغا مىلەنگەن، لېكىن نېمىگىدۇر خۇشال ئىدى.

3) «شۇڭا، شۇنىڭ ئۈچۈن، شۇڭلاشقا، چۈنكى، شۇ سەۋەبتىن» قاتارلىق سەۋەب باغلىغۇچىلىرىنىڭ پەش قويۇلۇش ئەھۋالىمۇ يۇقىرىدىكى (2.5.4.2) گە ئوخشاش.

4) كۈچەيتكۈچى باغلىغۇچى «ھەتتا، بەلكى، تاكى، يەنە كېلىپ، دېگەنبىلەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھېلىغۇ» قاتارلىقلاردىن كېيىن ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا پەش قويۇلمايدۇ. مەسىلەن:

△ ئۆزىڭىز كەلمەيلا قالماستىن، بەلكى باشقىلارنىڭ كېلىشىگىمۇ توسالغۇ بولدىڭىز.

△ لېكىن، كامالدىن ئۈن چىقمىدى، ھەتتا مىدىرمۇ قىلمىدى.

ئەسكەرتىش: «بەلكىم» سۆزى باغلىغۇچى ئەمەس، قىستۇرما تەركىب، شۇڭا مۇستەقىل تەركىبلەر قاتارىدا كەينىدىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

△ بەلكىم، بۇ يەردە باشقا سىر باردۇر؟

5) تاللىغۇچى باغلىغۇچى «يا، ياكى، نە، گاھ، خاھ، مەيلى» قاتارلىقلاردىن كېيىن ياكى ئالدىن پەش قويۇلمايدۇ. مەسىلەن:

△ يوشۇرايمۇ ياكى خاتالىقلىرىمنى ئۈستۈمگە ئېلىپ ئەپۇ سورايمۇ؟

ئەگەر بۇ باغلىغۇچى باغلىنىدىغان ئىككى تەڭداش تەركىبنىڭ ئالدىدا تەكىتلەش يۈزىسىدىن تەكرار كەلسە، ئىككىنچى قاتاردىكىسىنىڭ ئالدىدىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

△ يا ئۇنداق، يا مۇنداق پىكىرلەرنىڭ بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

6) ئوخشىتىش باغلىغۇچىسى «شۇنداقلا، شۇنىڭدەك» تەڭداش جۈملىلەر ياكى جۈملىنىڭ تەڭداش تەركىبلىرىنى باغلاپ كېلىدۇ. كەينىدىن پەش قويۇلمايدۇ. مەسىلەن:

△ ئوقۇش، شۇنىڭدەك ئوقۇغاننى ئەمەلدە ئىشلىتىش ئاسان ئەمەس.

7) ئىزاھ باغلىغۇچى «يەنى» مەيلى ئىككى جۈملە ئارىسىدا كەلسۇن، مەيلى ئىككى سۆز ئارىسىدا كەلسۇن، كەينىدىن پەش قويۇلمايدۇ. ئىزاھ باغلىغۇچى «مەسىلەن» ئومۇملاشتۇرغۇچى سۆز، ئىزاھلانغۇچى سۆز ياكى ئاھاڭ جەھەتتىن تولۇق ئاياغلاشماي، پەش بىلەن ئايرىلغان جۈملىلەردىن كېيىن كەلسە، كەينىدىن پەش قويۇلمايدۇ. ئەگەر چېكىت بىلەن ئاياغلاشقان جۈملىلەردىن كېيىن كەلسە، كەينىدىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

△ ئۇنداق بولسا، پۇلنىڭ بۇ كۆپەيگەن سوممىسى، يەنى قوشۇمچە قىممەت نەدىن كېلىدۇ؟

△ دۇنيا ئەللىرىنىڭ تارىخىدا نۇرغۇن تاۋارلار – مەسىلەن سەدەپ، گەزمال... قاتارلىقلار پۇل ئورنىدا ئىشلىتىلگەن.

△ ئۇلارنىڭ ئىستېمال قىممىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، كىيىم- كېچەك بەدەننى ئىسسىتىدۇ...

8) شەرت باغلىغۇچىسى «ئەگەر، ناۋادا، ئۇنداقتا» ئايرىغۇچى باغلىغۇچى «پەقەت، جۈملىدىن»، ئىمكانىيەت باغلىغۇچىسى «ئاندىن»، تەكىت باغلىغۇچىسى «تېخى، بولۇپمۇ، خۇسۇسەن»، سەۋەب- نەتىجە باغلىغۇچىسى «شۇنىڭ بىلەن، نەتىجىدە»، ئاشۇرما باغلىغۇچى «يەنە، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا» قاتارلىق باغلىغۇچىلاردىن كېيىن پەش قويۇلمايدۇ. مەسىلەن:

△ تېخى بەزىلەر «مەنسۇرنى، ئەكبەرنى» يىقىتىمىز» دېيىشىدۇ.

△ ...جان باقىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىدۇ، نەتىجىدە نۇرغۇنلىغان ئىشچىلار ئىشسىز قالىدۇ.

  • باشقىلاردا

1) بىر تۇتاش ئېلىنماي، بۆلۈپ ئېلىنغان دىئالوگلاردا بۆلۈنگەن قىسىم بىلەن ئاپتور سۆزىنىڭ ئارىسىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

△ تازا چاتاق بولدى، دەپ گېپىنى باشلىدى دادام. 2.5.5.2 كۆپ خانىلىق سانلار تۈركۈمگە ئايرىلغاندا، ھەرقايسى تۈركۈملەر ئارىسىغا ساننىڭ يېزىلىش يۆنىلىشى بويىچە پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

△ 13،500 1،000،000 2.5.5.3 تەكرار كەلگەن سوئال خەۋەرلەرنىڭ ئارىسىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

△ سەن بارامسەن، يوق؟

2) جۈملىدىكىAبۆلەكنىڭ ئۆزىنىڭ كەينىدىن كەلگەن تۆۋەن قاتلامدىكىBبۆلەككە باغلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش زۆرۈر بولغاندا،Aبۆلەك پەش بىلەن ئايرىلىدۇ. مەسىلەن:

△ ئۇزاق ئۆتمەيلا، يۇقىرىغا ئۆرلەۋاتقان تۈتۈننى كۆرۈپ قالدىم.

پەش ھازىر مەتبۇئاتلىرىمىزدا ئەڭ كۆپ خاتا قوللىنىلىدىغان تىنىش بەلگىلىرىنىڭ بىرى، كومپيۇتېردا چېكىت، سوئال بەلگىسى، ئۈندەش بەلگىسى، پەش قاتارلىقلار ئالدىدا كەلگەن سۆزگە قوشۇپ، كەينىدىكى سۆزدىن بوش ئورۇن ئارقىلىق ئايرىپ قويۇلىدۇ. مۇنداق بولغاندا، يۇقىرىقى تىنىش بەلگىلەر بىلەن ئالدىنقى سۆزنىڭ (سۆز بىرىكمىسىنىڭ، جۈملىنىڭ) بىر گەۋدە ئىكەنلىكى ئېنىق ئىپادىلىنىدۇ. ناۋادا يۇقىرىقى تىنىش بەلگىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئالدىدا كەلگەن سۆز بوش ئورۇن ئارقىلىق ئايرىۋېتىلسە، قۇر ئايرىغاندا يۇقىرىقى تىنىش بەلگىلىرىنى كومپيۇتېر ئاپتوماتىك ئۇسۇلدا ئالدىدا كەلگەن سۆزلەردىن ئايرىۋېتىپ، ئىملا خاتالىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6. يالاڭ تىرناق

[تەھرىرلەش]

يالاڭ تىرناق قوش تىرناققا نىسبەتەن رولى كىچىكرەك بولغان تىنىش بەلگىسى. جۈملىدە قوش تىرناق ئىچىدە كەلگەن كۆچۈرمە تەركىبلەر يالاڭ تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. بۇ خۇددى پەش بىلەن چېكىتلىك پەشنىڭ قاتلام مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلىگىنىگە ئوخشاش، كۆچۈرمە تەركىبلەرنىڭ قاتلام مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن:

△ مەن «‹تۈن تىۋىشلىرى» نىڭ تىل ئالاھىدىلىكى» دېگەن ماقالىنى 2000- يىلى يازغان.

7. قوش تىرناق

[تەھرىرلەش]

قوش تىرناق كۆچۈرمە تەركىبلەرنى ئاپتور سۆزىدىن ئايرىپ كۆرسىتىدىغان بەلگە. ئۇنىڭ رولى يالاڭ تىرناقتىن چوڭراق. جۈملىدە كەلگەن بارلىق كۆچۈرمە تەركىبلەر، جۈملىدىن كىتاب، گېزىت- ژۇرنال ناملىرى، ماۋزۇ... قاتارلىقلار قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. 2.7.1 «دېمەك» پېئىلى ئارقىلىق تۈزۈلگەن بىرىكمىلەردە قوش تىرناق مۇنداق قوللىنىلىدۇ. 2.7.1.1 راي فورمىسىدا كەلگەن «دېمەك» پېئىلىنىڭ ئالدىدىكى تەركىب دائىم قوش تىرناققا ئېلىنىدۇ. مەسىلەن: △ ... چۈشەندۈرۈپ، «قانۇنغا خىلاپ كېلىدىغان ھەرقانداق تەدبىرنى قوللانمىسىڭىز!» دېدىم. 2.7.1.2 ئەگەر «دېمەك» پېئىلى «-پ» قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلىنىپ، رەۋىشداش بىرىكمىسىنى ھاسىل قىلسا، مەيلىق كۆچۈرمە تەركىبلىكى ئېنىق نەقىل بولسۇن، مەيلى تەخمىنىي كۆچۈرمە بولسۇن، ئوخشاشلا قوش تىرناققا ئېلىنىدۇ. مەسىلەن: △ «ھوقۇق قولىمىزدا» دەپ شاپائەت بىلەن ئاداۋەتنى ئارىلاشتۇرۇۋەتمەيلى. مەيلى راي فورمىسىدا كەلگەن «دېمەك» پېئىلىنىڭ ئالدىدىكى كۆچۈرمە تەركىب بولسۇن، مەيلى «دەپ» رەۋىشدىشى ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان كۆچۈرمە تەركىب بولسۇن، دىئالوگ سۈپىتىدە ئېلىنغان بولسا، قوش تىرناققا ئېلىنمايدۇ، كۆچۈرمە تەركىبتىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن: △ – ئۆتكەندە يازغان دوكلاتىڭىزنى زادى كىمگە بەرگەنىدىڭىز، دەپ سورىغىنىمدا، بىچارە خوتۇننىڭ كۆزلىرىگە ياش كەلدى. 2.7.1.3 «دېگەن» سۈپەتدىشى جۈملىدە تەكىتلەش مەنىسىدە كەلمىسە، ئۇنىڭ ئالدىدىكى كۆچۈرمە تەركىب قوش تىرناققا ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:

△ ئۇيقۇلۇقتا دەسلەپ مېڭەمگە «ئوت كەتكەن ئوخشايدۇ» دېگەن ئوي كەلدى.

ئەگەر «دەپ» رەۋىشدىشى بىلەن «دېگەن» سۈپەتدىشىنىڭ ئالدىدا كەلگەن كۆچۈرمە تەركىبنىڭ خەۋىرى ئالدىدا چۈشۈم كېلىشتە كەلگەن سۆز بولسا، مۇنداق كۆچۈرمە تەركىب قوش تىرناققا ئېلىنمايدۇ. چۈنكى، چۈشۈم كېلىشتە كەلگەن سۆز ئەمەلىيەتتە كۆچۈرمە تەركىبتىكى خەۋەرنىڭ ئىگىسى بولۇپ، مۇنداق كۆچۈرمە تەركىب بىر پۈتۈنلۈكى بۇزۇلغان كۆچۈرمە تەركىب ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن:

△ يېقىن ئەتراپتىكى دېھقانلار سادىقنى كەپتۇ دەپ ئاڭلاپ...

△ مەن سېنى ئادەتتىكلى بىر مۇئەللىم دەپ يۈرۈپتىمەن. 2.7.1.4 «دەپ»، «دېگەن» سۆزلىرىنىڭ ئالدىدا كەلگەن خاس ئىسىم، ئۈندەش سۆز، قاراتما سۆز قاتارلىق ئاتاش كۆچۈرمىلەر قوش تىرناققا ئېلىنىدۇ. مەسىلەن: △ «ئارتىس» دېسىلا «ئەخلاقى يامان» دەپ قارىساق بولمايدۇ. 2.7.1.5 قاتلاملىق كۆچۈرمىلەردە «دېمەك» پېئىلى ئارقىلىق تۈزۈلگەن بىرىكمىنىڭ تۆۋەن قاتلامدىكىسى يالاڭ تىرناققا، يۇقىرى قاتلامدىكىسى قوش تىرناققا ئېلىنىدۇ. مەسىلەن: △ ئۇ «بىلىمگە بېرىلىڭ، لېكىن ئۆزىڭىزنى چەبدەس تۇتۇڭ، ناپولېئوننىڭ ‹پاسكىنا كىيىمىڭنى ئۆيگە مۆكۈنىۋېلىپ يۇغىن› دېگەن سۆزى ‹ئۆز ئەيىبىڭنى سازايى قىلما› دېگەن مەنىدە ئېيتىلغان» دېگەنىدى. 2.7.1.6 «سۆزلەش»، «ئېيتىش»، «كۆزدە تۇتۇش» مەنىلىرىدىكى «دەپ» رەېىشدىشىنىڭ ئالدىدا كەلگەن يۆنىلىش كېلىش ۋە چۈشۈم كېلىش بىلەن تۈرلەنگەن سۆز بىرىكمىلىرى قوش تىرناققا ئېلىنمايدۇ. مەسىلەن:

△ سىزمۇ مېنى دەپ خاپىلىق تارتتىڭىز.

△ بۇنى رەھبەرلىككە دەپ بېقىش كېرەك.

  • تۈس مەنىسىدە كەلگەن «دېمەك» پېئىلىدىن ئالدىنقى تەركىبلەر قوش تىرناققا ئېلىنمايدۇ. مەسىلەن:

△ قىرىق ياشقا كىرىپ قالاي دېدىم.

  • «دېمەك» پېئىلى ئارقىلىىق تۈزۈلگەن تۇراقلىق بىرىكمىلەر ياكى ئەسلى مەنىسىدىن يۆتكەلگەن «دېمەك» پېئىلىنىڭ ئالدىدا كەلگەن تەركىبلەر قوش تىرناققا ئېلىنمايدۇ. مەسىلەن:

△ ئەتە ئۆيدىكىلەرگە نېمە دەپ تېلېفۇن بېرىشنى بىلمەيتتىم.

  • جۈملىدە ئاتاپ كۆرسىتىلگەن ۋە ئەسلى مەنىسىدە ئىشلىتىلمىگەن تەركىبلەر قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:

△ پەقەت «سذ» سۆزىگىلا ئۈچىنچى شەخستە «سع» قوشۇلماي «يع» قوشۇلىدۇ.

  • جۈملىدىكى مۇھىم ھۆججەت، ئەسەرلەر، ماقالە، گېزىت- ژۇرنال ناملىرى قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:

△ قۇرۇلتايدا «مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.

  • ئىدارە، جەمئىيەت، زاۋۇت، كان، كارخانا، سودا دۇكانلىرى، يول، تاۋار ماركىلىرى قاتارلىقلاردا ئاتاپ قويۇلغان ناملار كۆچۈرمە تەركىب ھېسابلىنىپ، قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:

△ «ئارمان» شىركىتى

△ «دوستلۇق» سودا سارىيى

ئاخىرىدىكى تەركىبلەرگە نىسبەتەن ئېنىقلىغۇچىلىقى ئېنىق بولغان تەركىبلەر قوش تىرناققا ئېلىنمايدۇ. مەسىلەن:

△ دۆڭكۆۋرۈك بازىرى

  • تارىخىي ۋەقە، بايرام، مۇھىم مەجلىس ياكى يىغىلىشلارغا قويۇلغان ناملار قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:

△«1- ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى

8. تىرناق
[تەھرىرلەش]

تىرناق ئىزاھ بەلگىسىدۇر. ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى مۇنداق:

  • جۈملىدە مەلۇم جۈملە بۆلىكىنى تولۇقلاش، ئىزاھلاش ياكى شەرھلەش مەنىسىدە كەلگەن تەركىبلەر تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:

△ ئۇ يەتتە گەز (نەش مېترغا يېقىن) رەخت سېتىۋالدى.

△ ل. مۇتەللىپ (1922 – 1945) تالانتلىق شائىر.

  • سەھنە ئەسەرلىرىدە ئاپتورنىڭ پېرسۇناژلارنىڭ ھەرىكىتى، كەيپىياتى توغرىسىدا بەرگگن ئىلاۋىلىرى تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:

△ زورىخان: (ئاڭلىماسقا سېلىپ) نۇرۇم، چاي قاينىدىمىكىن، چىقىپ باققىنا. (نۇرۇم باغقا چىقىدۇ)

  • نەقىل كەلتۈرۈلگەن مىسالغا ئۇلاپلا ئۇنىڭ ئېلىنغان جايىنى كۆرسەتكەندەە، ئاپتور ۋە كىتاب نامى تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:

△ يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاھلاپ كۈلمە.

(ل. مۇتەللىپ: «يىللارغا جاۋاب»)

قوش تىرناق، يالاڭ تىرناق ۋە تىرناق كومپيۇتېردا تىرناق سىرتىدىكى سۆزلەردىن بوش ئورۇن ئارقىلىق ئايرىلىپ، تىرناق ئىچىدىكى سۆزلەر بىلەن قوشۇپ يېزىلىدۇ. مۇنداق بولغاندا تىرناق بىلەن سۆزلەرنىڭ بىر گەۋدە سۈپىتىدە كۆچۈرۈلۈشىگە قولايلىق بولىدۇ.

9. سىزىقچە

[تەھرىرلەش]

سىزىقچە ئاساسەن يېرىم قوشۇپ يېزىش بەلگىسىدۇر. ئۇنىڭ قويۇلىدىغان ئورنى مۇنداق:

  • جۈپ سۆزلەرنىڭ ئارىسىغا ۋە سۆزلەرگە قوشۇلۇپ يېزىلمايدىغان ئۇلارنمىلارنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

△ بالا- قازا، پۇت- قول، ئېگىز- پەس

△ تازا ۋاقتىدا كەلدىڭ- دە.

  • سۆزلەر قۇردىن قۇرغا بوغۇمدىن ئايرىپ كۆچۈرۈلگەندە، ئايرىلغان بوغۇمدىن كېيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

△ تىرﺸ- تەرەﻗﻘﯩﻴ-

ﭽﺎنلىق پەرۋەر

  • رەقەم بىلەن ئىپادىلەنگەن دەرىجە سانلاردىن كېيىن قويۇلىدۇ. بۇ سىزىقچە دەرىجە سان قوشۇمچىسى «-نچى، //-ىنچى» نىڭ رولىنى ئۆتەيدۇ. مەسىلەن:

△ قىزىم 6- سىنىپتا ئوقۇيدۇ.

  • تىلشۇناسلىققا دائىر تېكىستلاردا پېئىلنىڭ بۇيرۇق شەكلى، قوشۇمچىلار كۆرسىتىلگەندە، پېئىلنىڭ بۇيرۇق شەكلى (يەنى يىلتىز ياكى تومۇر) دىن كېيىن، سۆز ئارقا قوشۇمچىلارنىڭ ئالدىدىن، سۆز ئالدى قوشۇمچىلارنىڭ كەينىدىن قويۇلىدۇ. بۇ تىلشۇناسلىقتىكى بىر شەرتلىك بەلگە. مەسىلەن:

△ كەﻟ- -چان -لىق ﺑﯩ- بەﺗ- نا-

كومپيۇتېردا سىزىقچە ئالدىدىكى سۆزگە قوشۇپ يېزىلىدۇ، جۈپ سۆزلەرگە قويۇلغاندىمۇ، ئالدىدىكى سۆز بىلەن بىر گەۋدە قىلىنىپ، ئارقىدىكى سۆز بىلەن بوش ئورۇن ئارقىلىق ئايرىلىپ قويۇلىدۇ.

10. سىزىق
[تەھرىرلەش]

سىزىقنىڭ رولى ئاساسەن تىرناققا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇ كۆپىنچە ئىزاھ، بايان، چەك مەنىلىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ. سىزىق ئىشلىتىلىدىغان ئورنى مۇنداق.

  • جۈملىدە بىر خىل گرامماتىكىلىق شەكىلدە كەلگەن ئىزاھلىغۇچى بىەن ئىزاھلانغۇچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

△ بۇ مەكتەپتە – شىنجاڭ ئۇنۇۋېرسىتېتىدا 20 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بار.

  • ئومۇملاشتۇرغۇچى سۆز بىلەن ئومۇملاشتۇرۇلغان تەڭداش تەركىبلەر ئارىسىغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

△ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ھەر خىل پائالىيەتلەر – يۈگۈرۈش، سەكرەش، گىمناستىكا، توپ تۈرلىرى قاتارلىقلار بار.

  • زامان ۋە ماكان مەنىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان ئىككى سۆز (ياكى سان)نىڭ ئارىسىغا قويۇلۇپ، «ؤة»، «ھەم» مەنىلىرىنى، شۇنىڭدەك، «...دىن، ...تىن» مەنىلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن:

△ مەن 1985 – 1990- يىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇغان.

  • ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى دىئالوگلارنىڭ ئالدى ۋە كەينىگە قويۇلىدۇ (بەزى ھاللاردا ئالدىغىلا قويۇلۇپ، ئاپتور سۆزى بىلەن دىئالوگ ئارىسىغا پەش قويۇلىدۇ). مەسىلەن:

△ – بۈگۈنكىدەك ئىىسىق بولسا ئۆرۈك تازا پىشىدۇ، – دېدى ئۇ.

△ – بىراق كۈننىڭ شۇنچە تەپتىدە سىز تېخىچە غورا ئىكەنسىز، ـــ دېدى باھار كۈلۈپ.

سىزىق كومپيۇتېردا ئالدىدىكى ۋە كەينىدىكى سۆزلەردىن بوش ئورۇن ئارقىلىق ئايرىپ قويۇلسا، تېخىمۇ كۆركەم چىقىدۇ.

11. قوش چېكىت

[تەھرىرلەش]

قوش چېكىت ئاساسەن بايان بەلگىسىدۇر. ئۇ تۆۋەندىكى ئورۇنلاردا قوللىنىلىدۇ.

  • مۇستەقىل سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىلارنىڭ كېيىنكى قىسمى ئالدىنقى قىسمىنىڭ پۈتۈن مەزمۇنىنى ياكى بىرەر تەركىبىنى تولۇقلاپ، شەرھلەپ كەلسە، ئالدىنقى قىسمىدىن كېيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

△ ئۇ ئالدىرىماي ھېكايىسىنى باشلىدى: سىنتەبىرنىڭ ھاۋا ئوچۇق بىر كۈنى ئىدى...

  • ھۆرمەت تەرقىسىدە ئېيتىلغان قاراتما سۆزدىن كېيىن قويۇلىدۇ، مۇنداق قاراتما سۆز كۆپىنچە خەت- ئالاقىلەردە، تەكلىپنامىلەردە ئۇچرايدۇ. مەسىلەن:

△ ھۆرمەتلىك مىرزا جالال:

سىزنى شەنبە كەچتە «سەردار» رېستۇرانىغا چايغا تەكلىپ قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن: ××× (چېسلا)

  • سەھنە ئەسەرلىرىدە دىئالوگلارنىڭ ئالدىدا كەلگەن پېرسۇناژلارنىڭ ئىسمى ياكى ئىسمى ئورنىدا كەلگەن سۆزلەرنىدىن كېيىن قويۇلىدۇ. بۇمۇ بايان مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن:

△ ئىدارە باشلىقى: ھەممە تەييارلىقلار پۈتتىمۇ؟

  • بىرەر مەسىلىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قۇر بېشىدىن ئېلىنغان جۈملىلەرنىڭ ئالدىدا كەلگەن «مەسىلەن» سۆزى ياكى ئۇنىڭ قىسقارتىلمىسىدىن كېيىن قويۇلىدۇ. (مىسال قىسقارتىلدى)
  • ئاپتورنىڭ ئىسىم- فامىلىسى بىلەن ئەسىرى بىللە كۆرسىتىلگەندە، ئىسىم- فامىلىدىن كېيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

△ زوردۇن سابىر: «ئانا يۇرت»

تۈرلۈك ئۇسۇل ھالەتلىرىدىن كېيىنكى جۈملە دىئالوگ سۈپىتىدە قۇر بېشىدىن باشلانسا، ياكى قۇر بېشىدىن باشلانمىسىمۇ، قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنسا، مەزكۇر ھالەتلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

△ خوشياقمىغان ھالدا:

– بوپتۇ، مەيلىڭىز – دېدى.

△ ئاتىسى رازىلىق بەرمەي: «سەۋر قىل، كېلەر يىلى ئۆزۈم مەككىگە بارىمەن، شۇ چاغدا سېنىمۇ بىللە ئېلىپ باراي» دەپتۇ.

12. كۆپ چېكىت

[تەھرىرلەش]

كۆپ چېكىت قىسقارتىش بەلگىسىدۇر. ئۇيغۇر تىلىدا كۆپ چېكىت ئۈچ چېكىتنى قاتار قويۇش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭ قوللىنىلىش ئورنى مۇنداق:

  • جۈملىدە قىسقارتىلغان تەركىبلەر ئورنىغا، نۇتۇقتا سۈكۈت ئىپادىلەنگەن ئورۇنغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

△ ئىككىسى چاي ئىچكەچ پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى... (قىسقارتىلغان تەركىب ئورنىدا)

△ پاتەمخان: ... (سۈكۈت ئورنىدا)

  • نۇتۇقتا سۆزنىڭ ئۈزۈلۈپ- ئۈزۈلۈپ تەلەپپۇز قىلىنغانلىقىنى ياكى مەلۇم سوزۇق تاۋۇشنىڭ ئادەتتىكىدىن سوزۇپراق تەلەپپۇز قىلىنغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

△ ئامانقۇل سەپەرقۇلغا قاراپ: «را... زع... بول... ئاكا!» دېدى- دة، كۆزىنى يۇمدى.

△ رۇستە... م، ھەي، رۇستە... م، مەيەرگە كەل.

قوش چېكىت ۋە كۆپ چېكىت كومپيۇتېردا ئالدىدىكى سۆزگە قوشۇپ يېزىلىدۇ ۋە ئارقىدىكى سۆزدىن بوش ئورۇن ئارقىلىق ئايرىلىدۇ.


ئويغان!

ئاپتورى: ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

1921-يىل، تۇرپان


ھەي، پېقىر ئۇيغۇر، ئويغان، ئۇيقۇڭ يېتەر،

سەندە مال يوق، ئەمدى كەتسە جان كېتەر.

بۇ ئۆلۈمدىن ئۆزەڭنى قۇتقازمىساڭ،

ئاھ، سېنىڭ ھالىڭ خەتەر، ھالىڭ خەتەر.


قوپ! دېدىم، بېشىڭ كۆتەر، ئۇيقۇڭنى ئاچ!

رەقىبنىڭ بىشىنى كەس، قانىنى چاچ!

كۆز ئېچىپ ئەتراپقا ئوبدان باقمىساڭ،

ئۆلىسەن ئارماندا، بىر كۈن يوق ئىلاج.


ھېلىمۇ جانسىزغا ئوخشايدۇ تېنىڭ،

شۇڭا يوقمۇ ئانچە ئۆلۈمدىن غېمىڭ؟

چاقىرسام قىمىرلىمايلا ياتىسەن،

ئويغانماي ئۆلمەكچىمۇ سەن شۇ پېتىڭ؟


كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ ئەتراپقا باق،

ئۆز ئىستىقبالىڭ ھەققىدە ئويلان ئۇزاق.

كەتسە قولدىن بۇ غەنىمەت، پۇرسىتى،

كىلەچەك ئىشىڭ چاتاق، ئىشىڭ چاتاق.


ئېچىنار كۆڭلۈم ساڭا، ھەي ئۇيغۇرۇم،

سەبدىشىم، قىرىندىشىم، بىر تۇققۇنۇم.

كۆيۈنۈپ ھالىڭغا ئويغاتسام سېنى،

ئاڭلىمايسەن زادى، نېمە بولغىنىڭ؟!


كېلىدۇ بىر كۈن پۇشايمان قىلىسەن،

تەكتىگە گەپنىڭ شۇ چاغدا يېتىسەن.

«خەپ» دېسەڭ شۇ چاغدا ئۈلگۈرمەي قالۇر،

شۇندا، ئۇيغۇر، سۆزىگە تەن بېرىسەن.]]


رەسمى بولمىغان، ئەمما توردا كىشىلەر تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقان يېزىق:ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

[[Oyghan

Aptori : Abduxaliq Uyghur

1921-Yil, Turpan



Hey, péqir uyghur, oyghan, uyqung yéter,

Sende mal yoq, emdi ketse jan kéter.

Bu ölümdin özengni qutqazmisang,

Ah, séning haling xeter, haling xeter.


Qop! dédim, béshing köter, uyqungni ach!

Reqibning bishini kes, qanini chach!

Köz échip etrapqa obdan baqmisang,

Ölisen armanda, bir kün yoq ilaj.


Hélimu jansizgha oxshaydu téning,

Shunga yoqmu anche ölümdin ghéming?

Chaqirsam qimirlimayla yatisen,

Oyghanmay ölmekchimu sen shu péting?


Közüngni yoghan échip etrapqa baq,

Öz istiqbaling heqqide oylan uzaq.

Ketse qoldin bu ghenimet, pursiti,

Kilechek ishing chataq, ishing chataq.


Échinar könglüm sanga, hey uyghurum,

Sebdishim, qirindishim, bir tuqqunum.

Köyünüp halinggha oyghatsam séni,

Anglimaysen zadi, néme bolghining?!


Kélidu bir kün pushayman qilisen,

Tektige gepning shu chaghda yétisen.

"Xep" déseng shu chaghda ülgürmey qalur,

Shunda, uyghur, sözige ten bérisen.]]


قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندا ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىتىۋاتقان رەسمى يېزىقى:ئۇيغۇر سىلاۋىيان يېزىقى


[[Ойған!
Автори : Абдухалиқ Уйғур
1921 – жил, Турпан.

Һәй, пеқир уйғур, ойған, уйқуң йетәр,
Сәндә мал йоқ, әмди кәтсә жан кетәр.
Бу өлүмдин өзәңни қутқазмисаң,
Аһ, сениң һалиң хәтәр, һалиң хәтәр.

Қоп! дедим, бешиң көтәр, уйқуңни ач!
Рәқипниң бешини кәс, қанини чач!
Көз ечип әтрапқа обдан бақмисаң,
Өлисән арманда, бир күн йоқ илаж,.

Һелиму жансизға охшайду тениң,
Шуңа йоқму анчә өлүмдин ғемиң?
Чақирсам қимирлимайла йатисән,
Ойғанмай өлмәкчиму сән шу петиң?

Көзүңни йоған ечип әтрапқа бақ ,
Өз истиқбалиң һәққидә ойлан узақ .
Кәтсә қолдин бу ғенимәт пурсити,
Киләчәк ишиң чатақ, ишиң чатақ .

Ечинар көңлүм саңа, һәй Уйғурум,
Сәбдишим, қериндишим, бир туққунум.
Көйүнүп һалиңға ойғатсам сени,
Аңлимайсән зади, немә болғиниң?!

Келиду бир күн пушайман қилисән.
Тәктигә гәпниң шу чағда йетисән.
“Хәп” десәң шу чағда үлгүрмәй қалур,
Шунда, Уйғур, сөзигә тән берисән.]]

قاراڭ

[تەھرىرلەش]

پايدىلانغان مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]

     。